يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
بايلىقنىڭ تەمىنى ئۇقتۇر ھەممىگە،
قاراقۇيۇق تىزىپ ئوخشاش پەللىگە.
زامان قەرىزمۇ گاداينىڭ كېمىگە؟
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
گاداينى كىم ياۋاش بولسۇن دەپتۇ؟
بوۋىسىنى غەپلەتكە تولسۇن دەپتۇ؟
ساختىپەز،يۈزسىز بولمىسۇن دەپتۇ؟
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
يوقالسۇن نامراتلار،پۇتلاشماي كۆزگە،
كاماردا ياشىسۇن چىقمىسۇن تۈزگە.
يامىنىنىڭ ئاغزىغا چىشلەت ئېمىزگە،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
يوقالسۇن نامراتلار، سۆيۈش بايلارنىڭ،
مۇھەببەت،ھەقىقەت،كۆيۈش بايلارنىڭ.
بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش بايلارنىڭ،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
دۆت قىزلار گادايغا ئېزىپ يۈرمىسۇن،
نامراتنىڭ يېنىدا تېزىپ يۈرمىسۇن.
گاس-گاچا بولسىمۇ بايلا سۆزلىسۇن،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
بەخىتسىز گادايغا لايىقتۇر سايلىق،
جاھاننىڭ قىزلىرى بايغىلا لايىق.
قىزىڭنى بايغىلا «ساتقىن»خالايىق!
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!
بايلىقتا گۇناھ يوق،ئەيىپكار ئەمەس،
يۇرت ئۈچۈن يول ئېچىپ پۇل تېپىش بەك تەس!
كۆر،روھى نامراتتا ئەۋج دوراش- ھەۋەس،
(ئۆزىگە باقماستىن كۆزلىرى ئەلەس)
يوقالسۇن نامراتلار—كۆك پىت گادايلار!
2012-يىلى ئاپرېل،ئۈرۈمچى.
