كۆرۈش: 25041|ئىنكاس: 36

يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
215
تۆھپە
83
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 17:58:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

    مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

بايلىقنىڭ تەمىنى ئۇقتۇر ھەممىگە،
قاراقۇيۇق تىزىپ ئوخشاش پەللىگە.
زامان قەرىزمۇ گاداينىڭ كېمىگە؟
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

گاداينى كىم ياۋاش بولسۇن دەپتۇ؟
بوۋىسىنى غەپلەتكە تولسۇن دەپتۇ؟
ساختىپەز،يۈزسىز بولمىسۇن دەپتۇ؟
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

يوقالسۇن نامراتلار،پۇتلاشماي كۆزگە،
كاماردا ياشىسۇن چىقمىسۇن تۈزگە.
يامىنىنىڭ ئاغزىغا چىشلەت ئېمىزگە،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

يوقالسۇن نامراتلار، سۆيۈش بايلارنىڭ،
مۇھەببەت،ھەقىقەت،كۆيۈش بايلارنىڭ.
بەخىتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش بايلارنىڭ،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

دۆت قىزلار  گادايغا ئېزىپ يۈرمىسۇن،
نامراتنىڭ يېنىدا تېزىپ  يۈرمىسۇن.
گاس-گاچا بولسىمۇ بايلا سۆزلىسۇن،
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

بەخىتسىز گادايغا لايىقتۇر سايلىق،
جاھاننىڭ قىزلىرى بايغىلا لايىق.
قىزىڭنى بايغىلا «ساتقىن»خالايىق!
يوقالسۇن نامراتلار— كۆك پىت گادايلار!

بايلىقتا گۇناھ يوق،ئەيىپكار  ئەمەس،
يۇرت ئۈچۈن يول ئېچىپ پۇل تېپىش بەك تەس!
كۆر،روھى نامراتتا ئەۋج دوراش- ھەۋەس،
(ئۆزىگە باقماستىن كۆزلىرى ئەلەس)
يوقالسۇن نامراتلار—كۆك پىت گادايلار!

2012-يىلى ئاپرېل،ئۈرۈمچى.





شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
315
تۆھپە
201
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 02:04:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 10:55:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭ نامرات بولغۇسى بار دەيسىز


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
776
تۆھپە
483
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 13:07:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي، سىز قانچىلىك باي، سىز كىمنىڭ ئەۋلادى؟! بۇنداق شۇئار تۈسىنى 


Rank: 2

تىللا
164
تۆھپە
41
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 14:26:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ يۇقۇلارسىز ! كاتتا بايلارنىڭ ئالدىدا نامرات ھىساپلىنىسىز


Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
323
تۆھپە
154
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 14:58:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدىن باشلاپ ھەممىمىز يۇقالساق مۇنبەردە كىم قالىدۇ؟


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
5
UID
13956
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 19:30:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنڭ مەنىسىنى چۈشىنەيلى كۆپچىلىك ، كىنايە ، تەنە دىگەن ئەدەبىي ئەسەردىكى ئادەتتىكى ئىپادىلەش ۋاستىسىغۇ؟! ئىسسىت مىللىتىم. كىتاپنى كۆپرەك ئوقۇيلى.


Rank: 2

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
109
تۆھپە
36
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 22:12:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىرىڭىزدىن قارسام سىز روھى گادايكەنسىز جۇمۇ..........


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5668
تۆھپە
2887
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 22:36:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شېئىرنى  چۈشىنىڭلار  دوستلار! شائىر  ئەركيار نېمە  دېمەكچى؟ مېنىڭچە سىلەر  چۈشەنگەندەك  دېمەكچى  ئەمەس!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 2

تىللا
108
تۆھپە
32
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 23:30:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىسەڭلا ئالدىراپ ئىنكاس يازماڭلا.مىنىڭچە سىلەر كىنايىنى چۈشۈنەلەيسىلەر.ياخشى يېزىلغان شېىر ئكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 05:08, Processed in 0.079719 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991