كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 33

تەڭرىتاغ ئەزىمەتلىرى شىئەندە....ھۇررا !...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
16
UID
2793
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:24:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈن يەنى 2012 - يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى شىئەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن  بىر قەدەر چوڭ دائىرىلىك  2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش. مەملىكەتلىك پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ 2012- يىللىق  ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ساھىبخان كوماندا شەنشى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:00 دە قەدەمىي شەھەر شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن شىئەندە ئوقۇۋاتقان ، بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، خىزمەت ۋە ساياھەتكە كەلگەن ھەم سودا قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە يەرلىك كىشىلەر بولۇپ جەمئى 5000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيدان مۇسابىقىنى كۆردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈسىتىگە كۆك رەڭلىك مايكا كېيىۋالغان بولۇپ، مەيدىسىگە ‹‹ ھۇررا، شىنجاڭ ›› دەپ چوڭ خەت بېسىلغان ئىدى. ئوڭ مەيدىسىگە ئېنگلىزچە 1927 - يىلى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچۇرى يېزىلغان بولۇپ، كەينىگە ئاتۇش ئېكساق دېھقانلار كوماندىسىنىڭ ئەنگلىيە كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن، شىۋىتسىيە كوماندىسىنى 7:0 نەتىجە بىلەن يېڭىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.


مۇسابىقە ھۇررا سادالىرى ئىچىدە باشلىنىپ  باشتىن - ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە جەريانىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش - سادالىرى ئۈزۈلمىدى، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىراش ، ئىسقىرتىشلىرى

پۈتۈن مەيداننى ئىنتايىن لەرزىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. بەزىلەرنىڭ ۋاقىراپ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزتوختاپ قالمىدى. ئۇلار خۇددى يېڭىلمەس زور بىر قوشۇندەك ئەزىمەتلىرىمىزگە توختىماستىن مەدەتلەرنى بەرمەكتە. بىزنىڭ تەنھەركەتچىلىرىمىزمۇ بىزنىڭ ۋە پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدىنى

يەردە قويماسلىق ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن جاپالىق ئېلىشتى.


ۋاقىت ئۆتۈۋەردى، مۇسابىقە جىددىي داۋاملاشماقتا. بۇ كەسكىن ئېلىشىش ۋە تىركىشىش ھەممەيلەننى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى.1- مەيدان 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. 2- مەيدان مۇسابىقىمۇ ئەندىشە ئىچىدە داۋاملاشماقتا، ئەزىمەتلىرىمىز ئۆز - ئارا ياخشى ماسلىشىپ، بارلىق تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەتتا يارىلىنىپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتسىمۇ، شۇنچە كۆپ توپ مەستانىلىرنىڭ مەدىتى بىلەن  ئۆزلىرىگە روھى كۈچ ئېلىۋاتقان ساھىبخان كوماندىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنىلا سۇندۇرالمايۋاتقان ئىدى. بىراق ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۈر - ھەيۋىسى يەنىلا ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ چۈشەتتى. بۇنىڭدىن ھاڭ - قالغان ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئالاھىدە ئالدىمىزغا كېلىپ، بۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى سىنغا ئېلىشتى ۋە سۈرەتكە تارتىشتى. مانا مۇشۇنداق ئۆز - ئارا قوللاش، مەدەت بېرىشنىڭ تەسىرى بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 3 مىنۇت قالغاندا مۇسابىقىدە جىددى ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. ئەزىمەتلىرىمىز چىريلىق پاسلىشىپ، بىردىنبىر ھالقىلىق غەلىبە  توپىنى ئۈسسۈپ كىرگۈزدى. مانا بۇ ئىناقلىق، ھەمكارلىق ، دوستلۇق ۋە ئۆملۈكنىڭ غايەت زور كۈچ - قۇدرىتى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئالقىش چۇقانلىرىمز تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ھۇررا- سادالىرىمىز شىئەن ئاسمىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقان قەدەمىي جەسەتلەرنىمۇ قورقۇتۇپ ئويغۇتىۋەتكۈدەك دەرجىدە يىراق - يىراقلارغا

تارقىلاتتى.


مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، بىز ئەزىمەتلىرىمىزدىن سۆيۈندۇق، پەخىرلەندۇق. ئۇلار ئالدىمىزغا ئۇچقاندەك  يۈگرەپ كېلىپ قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ،  بىزگە ھۆرمىتىنى، رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى.  ھەممەيلەن كۆزلىرىدە خوشاللىق، غەلىبە جىلۋىسى، ھەتتا بەزىلەر ھاياجاندىن يىغلاپ تاشىلىدى. بىز كۆرۈش سۇپىسى ئۈستىدە، ئەزىمەتلىرىمىز پەستە. بىر - بىرىمىزگە قانماي

بېقىشاتتۇق، توۋلىشاتتۇق، تەبرىكلىشەتتۇق. كۆڭلۇمىزدە نىمىلەرنىدۇر سىرداشقۇمىز كېلەتتى.  لېكىن بىزنىڭ نىشانىمىز، دۇئا - تېلەكلىرىمىز ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرىمىز ئۇخشاش ئوخشاش ئىدى.  بىز ئۇلارنى تونۇمايتتۇق، ئۇلارمۇ بىزنى تونۇمايتتى، بىراق بىزنىڭ يۈرۈكىمىز، كۆزلىرىمىز، غايىلىمىز، ئۈمىدلىرىمىز تونۇشاتتى.  يۇرت سۆيگۈسى، يۇرت مۇھەببىتى ۋە ئىستكلىرىمىز ، قىسمەتلىرىمىز بىزنى تونۇتتى. قەلبىمىزدە بىرلا سۆز ، ئۇ بولسىمۇ، ئۆملۈك، ئۆملۈك

يەنە ئۆملۈك !......


تۆۋەندە مۇسابىقىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا

سۇندۇق.




现场12.jpg

现场13.jpg



现场14.jpg

现场15.jpg
现场7.jpg
现场8.jpg
现场9.jpg
现场11.jpg
现场3.jpg
现场4.jpg
现场5.jpg
现场6.jpg
观众20.jpg
观众22.jpg
现场1.jpg
现场2.jpg
观众14.jpg
观众16.jpg
观众17.jpg
观众19.jpg
观众10.jpg
观众11.jpg
观众12.jpg
观众13.jpg
观众6.jpg
观众7.jpg
观众8.jpg
观众9.jpg
观众2.jpg
观众3.jpg
观众4.jpg
观众5.jpg
观众1.jpg


مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرى

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDM4OTg0/v.swf


قوشۇمچە: شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2012 - يىللىق نورۇز مەشرىپى خەۋەرلىرى.
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=6160
/forum.php?mod=viewthread&tid=11854
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=7833
http://bbs.misranim.com/thread-75540-1-1.html

باشقا مۇناسىۋەتلىك مىدىيەلەر تەھرىرلىنىۋاتىدۇ.....



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Castle + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
453
تۆھپە
260
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 13:59:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھەممىىمىز ئۇلارنىڭ غەيرەت شىجائىتىدىن پەخرلىنىمىز ...غەلبە ھەرۋاقىت تىرىشقۇچلارغا يار بولغاي


قەلەمىي بېلوگى

21 ئۇچۇر دۇنياسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:35:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ


Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
244
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:38:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشىڭلار بىزنىڭ چولپانلىرىمىز !


Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
7
UID
10826
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:45:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قالتىس ئىش بوپتۇ .............


Rank: 8Rank: 8

تىللا
2841
تۆھپە
789
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:53:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياجاندىن  كۆزلىرىمدىن ياش تۆكۈلۈپ كەتتى ، ئەزمەتلەر  بوشاشمىغايسىلەر!


Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
16
UID
2793
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:54:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[url=]مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق مىنۇتلىرىhttp://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDM4OTg0/v.swf[/url]
ئالدىنقى يېرىم مەيدان[url=]ئالدىنقى يېرىم مەيدان http://player.youku.com/player.php/sid/XMzg1MDU5NDAw/v.swf[/url]

كېينىكى يېرىم مەيدان
كېينكى يېرىم مەيدان
قوشۇمچە: شىئەن 2007 - يىللىق ‹‹ تەڭرىتاغ لوڭقىسى ›› پۇتبۇل مۇسابىقىسى
قوشۇمچە


Rank: 8Rank: 8

تىللا
2841
تۆھپە
789
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 14:58:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
217
تۆھپە
151
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:25:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:36:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئىش بوپتۇ...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:54, Processed in 0.095522 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991