كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 12

شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورۇز پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
18
تۆھپە
16
UID
2793
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 11:46:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى 2012 - يىللىق نورۇز سەنئەت پائالىيىتى


     2012-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پەقەت شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ قالماستىن بەلكى شىئەندە ئوقۇۋاتقان بارلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بىر كۈن. بۇ كۈنى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىلىك نورۇز بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىككە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە شىئەندىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ، شۇنداقلا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. پائالىيەتكە 300 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، گەرچە نورۇز بايرىمى كۈنىدىن  كېچىپرەك ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ تەشنالىقىغا تەسىر يەتمىدى. كېچىلىكتە ئورۇنلانغان مول مەزمۇنلۇق رەڭدار نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پۈتكۈل پائالىيەت بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدە قىزغىن، جانلىق، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، بارلىق سورۇن ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نوزۇر بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى  ئىناقلىق ، ئۆملۈك يىغىلىشى بولۇپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن بېسىمنى يېنىكلىتىپ،  ئۇلارنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ،  ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، پائالىيەت كۈنى ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن كۆرۈشەلمىگەن يېقىن دوسلار ئۇچرىشىپ ھال مۇڭ بولىشىدۇ، يېڭى دوسلار ئۆز ئارا تونۇشىدۇ، سىردىشىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، مېھرىبانىلىق ۋە ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ. ھەممەيلەنىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئۇزۇن يىل داۋاملاشقۇسى ۋە شىئەندىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارقىن سەھنىسى بولۇپ قالغۇسى. تۆۋەندە پائالىيەتتىكى بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
Teklipname1.jpg


Ilyar2.jpg

jicson1.jpg


Riyasetqi.jpg


Ogulkiz.jpg


Kizlar.jpg


Ogullar.jpg


Rixat.jpg


Sama.jpg


Guljamal.jpg


Mayk.jpg



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:10:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۈزۈلمىگەي...ھارمىغايسىز.. قېرىندىشم..


Rank: 6Rank: 6

تىللا
883
تۆھپە
589
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن نورۇز ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت!


Rank: 2

ئىسىمى
ئەلى
تىللا
116
تۆھپە
14
UID
1360
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:25:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
161
تۆھپە
67
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:12:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 11:37:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى پائالىيەت بوپتۇ لېكىنزە نورۇز بايرىمىنى قاچان قانۇنلۇق بايرام قىلا ھە؟ مەن خېلى ئۇزۇن يىللار بولدى قاتنىشالمىدىم.....


Rank: 2

تىللا
104
تۆھپە
56
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:33:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ قىز سورۇننى خىلى قىزىتقاندەك قىلامدۇ نىمە!بىزغۇ شۇنداق ئۇسۇللارغا بارغانسىرى ئامراق بۇلۇپ كىتىپبارىمىز .ھەي.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1185
تۆھپە
999
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 12:57:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت تۈرۈكچە  نورۇز  پائالىيىتى بىلەن بىرلىشىپ كېتىپتۇدە،،،،،،،،،،،،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
766
تۆھپە
485
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 18:33:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قىززىق پائالىيەت بولغاندەك تۇرامدۇ-نېمە .
ئاۋۇ قىزنىڭ ئۇســــــــــــــــۇلى خېلى بولىدىكـــــــــــــەن -ھە .


Rank: 2

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
103
تۆھپە
34
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 23:05:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قالتىس بىر ئش بوپتۇ جۇمۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:44, Processed in 0.084959 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991