كۆرۈش: 492|ئىنكاس: 22

مەلىكە مەتتوختى: يۈرىكىم يىغلايدۇ (5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:40:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىم يىغلايدۇ



تۇرسۇن ئاكامنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،يەرگە قاراپ تۇراتتى،
-ھەي يارىماس ، سەن خارلىغاننى ئاز دەپ ، ئاشنىلىرىڭغا ئۇرغۇزغۇدەك سىڭلىم ساڭا نىمە قىلدى؟ بۇگۇن مەن ئاۋۇ جالىپىڭ بىلەن قۇشۇپ ،ئىككىڭنى بىر تۇپتىن دەرەخكە تەتۇر ئاسمىسام  ھىساپ ئەمەس -دەپلا ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى باشقا ئەرلەرمۇ ، ھەيۋە كورسۇتۇشكە باشلىدى ،ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى بىلىپ يەنىلا مەن ئوتۇرغا چىقتىم ، يالغاندىن يېتىۋالغىنىمنى، تاياق يىمىگىنىمنى دەپ ،جىدەلنىڭ چۇڭۇيۇپ كىتىشنى توستۇم ، كىم خەۋەر قىلدى بىلمىدىم، بىردەمدىلا ساخچىلار يېغىپ كەتتى قارىسام مەندىن ئەھۋال ئىگەلىگەن ساخچىلار ئىكەن ، ئۇلار پاتىمىنىڭ قېچىپ كەتكىننى، ئۇنى تاپمىغۇچە بۇ دىلونى ئىشلىگىلى بولمايدىغانلىغىنى، ئېيتىپ تۇققانلىرىمغا ، قېرىنداشلىرىمغا خىزمەت ئىشلىدى ،ئۇنىڭغىچە يەڭگىلىرىم، قېيىن ئاكىلىرىم بىر دەمدە كاۋاپ ، گوش گىردە، تۇخۇ  كاۋىپى ، مىۋە- چىۋىلەر بىلەن داستىخان راسلىدى ، تۇرسۇن ۋە قېيىن ئاتام ناماقۇل بولۇپ، ئۇلاردىن كەچۇرۇم سوراپ ،چاي تۇتتى ئاكىلىرىم بىزنى ئاجراشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ قېيىن ئاتام كوزلىرىگە  ياش ئېلىپ مەرھۇم ئاتا -ئانامنى تىلغا ئېلىپ ئەمدى بۇنداق ئىشنىڭ يۇز بەرمەيدىغانلىغىغا كىپىل بولۇپ مېنى سورىۋالدى ،قېرىنداشلىرىم، تۇققانلىرىم،ئاچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، بىزمۇ ئۇھ! دىدۇق،
ئەتىسى ئىدارەمدىكى بارلىق خەزمەتداشلىرىم مېنى يوقلاپ كەلدى ،مەن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ، ئدارەم مېنىڭ بۇ يۇتتا ھىچ نەرسەم يۇقلىغىنى كوزدە تۇتۇپ ، ماڭا ئىگە بولۇپ ، تۇرسۇن بىلەن پاتىمىنىڭ ئۇستىدىن ، باستۇرۇپ كىلىپ ئادەم ئۇرۇش ، ۋە تۇرسۇننىڭ قوش نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئۇستىدىن سوتقا ئەرىز بەرگەن ئىكەن ،لېكىن پاتىمە بولمىغاچقا ، ئىلگىرلەش بولماپتۇ،
شۇنداق قىلىپ كۇنلىرىم خېلى خاتىرجەم ئۇتكەندەك قىلدى، ،،،قىش كىتىپ باھار كەلدى ، بىركۇنى تۇيۇقسىز مېنى ج خ ئىدارىسىدىن چاقىرتتى ، بارسام ئۇلار ماڭا پاتىمىنىڭ تۇغۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگىنىنى ، بىراق قانۇندا بالا ئىمىتىۋاتقان ئايالارغا جازا ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغانلىغىنى، شۇڭا مېنىڭ بىر مەزگىل  بولدى قىلىشىمنى  ئېيتتى  مەن باشقا گەپ  قىلماي يېنىپ چىقتىم ، بىراق تۇرسۇن تۇرۇپلا
ئوزگۇرۋالدى ، ئۇ ئەمدى ئاجراشمىسام زادى بولمايدىغانلىغىنى ،بولمىسا پاتىمەنىڭ ئەرىز قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى
بىراق قېيىن ئاتام تۇرسۇننى سەت گەپلەر بىلەن تىلاپ ، ئاجىرشىشىمىزغا قەتتىئى قۇشۇلمىدى ،ئۇ يەنە پات-پات يۇقاپ كىتىدىغان ئادىتىنى تېپىۋالدى ، بىراق مەن ھەممىگە چىدىدىم مەنلا ئاجراشمىسام ھىچ نىمە قىلالماس  ، نىمىش قىلسا قىلسۇن ئېغىر بولاي دەپ قۇلۇغۇم پاڭ ، كۇزۇمنى كۇر قىلىپ ياشاۋەردىم ،،بىر كۇنى ئۇ جىبەرلىك قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتتى،مەنمۇ بالىلارنى ئۇخلىتىپ ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ تەيارلىغىنى قىلىپ قۇيۇپ ياتتىم ، بىر چاغدا تېلپۇنۇم توۋلاپ كەتتى ، قارىسام تۇرسۇننىڭ نۇمۇرى ، ئالسام  گەپ  قىلمايلا بېسىۋەتتى ، بىر دەمدىن كېيىن يەنە توۋلىدى تېلپۇننى ئېلىپ ۋەي دىسەم قۇلۇغۇمغا مەن ئۆمۇر بۇيى ئۇنتالمايدىغان ، ياتاق ئۇيۇمدە ئاڭلىغان ئاۋاز قايتا ئاڭلاندى ،،،،،، پۇت قولىرىمدا جان قالمىدى يۇرۇگۇم قاتتىق سېلىپ كەتتى،،،،،،،
ئەتىسى ئەتىگەن قېيىن ئاتامغا قەتئى ئاجىرشىدىغانلىغىمنى، ئېيتتىم ۋە تۇنجى قېتىم يۇرەكلىك ھالدا -دادا  .ئەمدى بولدى قىلايلى
مەنمۇ ھايۋان ئەمەسقۇ بۇنچە خارلانغىلى ، ماڭىمۇ ئىچىلىرى ئاغرىسۇن ، تۇرسۇنىمۇ ئوزى ياخشى كورگەن ئادىمى بىلەن ياشىغىلى ، قويسىلا ،دەپ يىغلاپ پۇتۇن تارتقان ئۇۋالچىلىقلىرىمنى دەپ پۇخادىن چىقتىم، ئاكام -ئاچاملار كەلدى ،چىرايلىق ئاجراشتۇق، شۇنداق قىلىپ 9يىل تۇتقان ئۇيۇمدىن  ، 2بالامنى يىتىلەپ چىقىپ كەتتىم قېيىن ئاتام ھەر ھالدا خەقنىڭ ئاغزىدىن قوقتىمۇ 10مىڭ يۇئەن پۇل بەردى ، ئاكام بىر دەمدىلابىر قۇرۇنى ئىجارىگە ئېلىپ بازادىن گىلەم ، سافا، يوتقان -كورپە-پەردە قاتارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇيۇمنى گۇلدەك ياساپ بېرىپ كەتتى ، قېيىن ،ئاتام بەرگەن پۇلدىن بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلغىلى قويماي ھەمىنى ئوزى قىلىپ بەردى ،
2بالام بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇردۇم ، ئارىدىن بىر يىل ئوتتى تۇرسۇننىڭ ھېلىقى قىزى (پاتىمە تۇققان بالا قىز ئىكەن)، 2ياشقا كىرگگندە ، ئۇلار قېيىن ئاتامنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي توي قىلدى، ۋە ئاران 5ئاي بىر ويدە ئولتۇرالىدى، مەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەمىسىنى ، نەۋرىلىرنى يوقلاپ كەلگن قېيىن ئاتامدىن ئاڭلاپ تۇراتتىم ، بىر كۇنى پاتىمەنى پالەچ بوپ قاپتۇ ، يولدىشى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەچ تاياق ئىچىگە ئۇتۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، ئەسلىدە پاتىمە قېيىن ئاتامنى تىلىغاچ قېيىن ئاتام ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ئىكەن ، ئۇ قېيىن ئاتامغا بىر چاڭگال تۇپا چېچىۋېتىپ قېچىپ كىتىپتۇ ، شۇڭا تۇرسۇن ئۇنى بەك قاتتىق ئۇرۇپتۇ ، كېيىن قېيىن ئاتام مەن رازى ئەمەس دەپ تۇرۋېلىپ ،ئاجىرشىپتۇ ، بىراق مەن تارتقان ئازاپلىرىمى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم ، ئارلىقتا  قېيىن ئاتا-ئانام داۋاملىق كىلىپ نەۋرىلىرنى يوقلاپ تۇردى، ،،،،،، ئارىدىن 6ئاي ئوتتى ،ئەتە قۇربان ھېييىت دىگن كۇنى مەن يۇتقا بېرىش ئۇچۇن تەيارلىق قىلىۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىزئىشىك چىكىلدى ، ئاچسام ناتۇنۇش كىشىلەر ئارىسىدا قېيىن ئاتاممۇ بار ، ئۇلارنى ئويگە باشلىدىم ، قېيىن ئاتام ماڭا  مەسچىتنىڭ ئىمامى باشلىق خوشنىلار ئىكەنلىگىنى ئېيتتى ،مەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتىم ئۇنىڭغىچە ئىمام تۇرسۇنغا تېلپۇن قىلىپ ، كەسكىن ھالدا دەرھال كىلىشنى ئېيتتى، تۇرسۇن كەلدى ، ئىمام بىزگە نۇرغۇن سوزلىدى ، تۇرسۇنغا خېلى قاتتىق گەپ قىلدى ۋە نەۋرىلىرىنى يىتىم قىلماسلىقنى دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەنلىگىنى، ھېيتتا بارلىق ئاداۋەتلەرنىڭ تۇگەيدىغانلىغىنى، ئېيتىپ بىزگە نىكاھ ئۇقۇيدىغانلىغىنى  ، بۇنىڭ قەتئى قارار ئىكەنلىگىنى ئېيتىپلا  دادادمغا قارىدى ، دادام يانچۇغىدىن كىچىكرەك بىر قۇتىنى چىقىرىپ بىر ئالتۇن ھالقىنى داستىخانغا قويدى ،،شۇنداق قىلىپ بىز يەنە بىر  ئوگە كىردۇق لېكىن تۇرسۇن نىكاھ قەغىزىنى پەقەت چاتقىلى ئۇنىمىدى ، مەن ئۇنىڭ يەنىلا ئوي تۇتقىسى يوقلىغىنى بىلدىم  بىراق ئۇنىڭغا پەقەت چاندۇرماي ، ھورمىتىنى ، خىزمىتىنى شۇنداق ياخشى قىلدىم داداملارمۇ ھەر ھالدا خاتىرجەم بولدى ، بىراق بىزنىڭ ياراشقىنىمىزنى ئاڭلىغان ئاكىلىرىم -ئاچىلىرىم مەندىن شۇنداق نارازى بولۇشتى ، بىزنى نىمە كۇرۇپ قاپتۇ ، ئىگىسى يوق كۇرۇپ قاپتىمۇ دەپ  مەندىن رەنجىپ يۇردى،
بىراق مەن تۇرسۇننىڭ پاتىمە بىلەن ئىزچىل يەنە ئالاقىلىشىپ يۇرۋاتقانلىغىنى بىلەتتىم، بىر كۇنى ئۇماڭا -سېنىڭچە بىر مۇشۇنداق بىر ئويدە ئۇلتۇرالامىزمۇ؟-دەپ سورىدى
مەن-سىز ھامان پاتىمەنىڭ يېنىغا كىتىسىز، بىراق سىز كەتكۇچە بىللە ئوتكەن كۇنلىرىمىزنى قەدىرلەيلى -دىدىم كوزلىرىمگە ياش ئېلىپ،شۇنداق قىلىپ چاندۇرماي ئوتتۇق ، ئۇ بەزىدە يەنە ئويگە كەلمەيتتى ، بىر ياراشقاندىن بېرى مەن ئىجارە ئالغان ئويدە تۇرۇۋاتاتتۇق
بىر كۇنى ئۇ تىلۋۇزۇر كۇرۇپ سافادا ياتاتتى، مەن ئاشخانا ئۇيگە كىرىپ-چىقىپ ئىش قىلىۋاتاتتىم ئۇ مېنى تىلۋۇزۇر كورگىلى قويمىدىڭ دەپ باھانە قىلىپ تىلاپلا كەتتى ، ۋە ئەتىسى كىلىپ كىيىم-كىچەكلىرىنى ئېلىپ گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى ، ئارانلا6ئاي بىر ئويدە ئولتۇرۇپتىمىز ، ئۇ كىيتىپ 2كۇندىن كىيىن قېيىن ئاتام ئويگە تېلپۇن قىلدى ۋە تۇرسۇننى سورىدى ، مەن ئۇنىڭ 2كۇن بۇرۇن كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ، بەلكىم پاتىمەنىڭ ئويىدە بولىشى مۇمكىنلىگىنى ئېيتتىم ، بىچارە ئادەم بىر ھازاغىچە گەپ قىلالماي -مەن ئادەم ئەمەس ھايۋان بېقىپتىمەن  بالام خاپا بولماي بالىلارنى بېقىپ  ئۇلتۇرغاچ تۇرۇڭ-دىدى،
بۇگۇن بىر ھەپتە بولدى ، بالىلىرىم بىلەن يەنە خۇشال- خۇرام  ياشاۋاتىمەن ، قىلچە ئازاپلانمىدىم ، ئاجىرشىپ ، ۋە ئارلىقتا بىزنى تاشلاپ كىتىپ ، بالىلارنىڭمۇ ئانچە مىھرى چۇشمىدىمۇ تاڭ بالىلارمۇ سوراپمۇ  قويمىدى
قەدىرلىك ئۇقۇرمەن مېنىڭ كەچۇرمىشلىرىم تۇگىدى ، بىراق ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئازاپ چەككەن بىچارىلارنىڭ تېخى تۇگىگىنى يوق ،ئىنساپسىز ، مەسۇليەتسىز ، ئەرلەر زىنادىن قورقۇپ  ، خۇتۇن ئۇستىگگە خۇتۇن ئېلىپ ، ئۇ ئىشلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بولالاماي ، نۇرغۇن ئائىلە  ،، ۋەيران بولدى ، بەلكىم بىزمۇ ئەرلىرىمىزنىڭ كۇتكەن يىرىدىن چىقالمىغان بولىشىمىز مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ياش بىر يەرگە بارغاندا  ، ئائىلىنى ، بالىلارنى ئويلاپ ، يۇكنى تەڭ كۇتۇرۇپ ، خاتىرجەم ياشىساق بولاتتى ، بىراق ئارىدا مىھرى -مۇھاببەت تۇگىسە ھەممىسى ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەن ،
ئاخىردا مېننى قوللاپ ، ماڭا مەدەت بەرگەن ، تەسەللى بەرگەن بارلىق دوسلىرىمنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت ، ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن
تۇگىدى


Rank: 6Rank: 6

تىللا
732
تۆھپە
459
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 04:50:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ناھايىتى 



    ئارىدا مىھرى -مۇھاببەت تۇگىسە ھەممىسى ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
369
تۆھپە
104
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 11:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1310
تۆھپە
909
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:44:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە، ئىگىمىز ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. بوپتۇ، ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ...اللا ئەجىرلىرىنى بېرەر.
ئامان بولغايلا!


شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
244
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:58:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ..................................................  نىمە دىگۈلۈك بۇ ئىشلارغا !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1225
تۆھپە
755
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 15:50:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەدەبىيي ئاخپارات بۇلۇپتۇ.ئۆزنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق.ئۆز تۇرمۇشنى قەدىرلمەيۋاتقانلارغا ئاچچىق ساۋاق بۇلىدىغان ياخشى تىما بۇلۇپتۇ. مەن يەنە دىسەم.ئاينىڭ15 يۇرۇق بۇلسا15 قاراڭغۇ بولىدۇ. ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ..


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
387
تۆھپە
233
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 17:18:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈمىتلىك بول

2012-3-4 10:43:57 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (23.44 KB)





كۈنلەر قوغلىشىپ ئۆتمەكتە شۇنداق،

قالدى سوۋغا بوپ ھەر كۈننىڭ نامى.

ئەسىرگە ئۇلاشتى ئاي يىللارمۇ ھەم،

ئىزلارنى قالدۇرۇپ بۇلۇپ ھەم باقى.



قارايمەن،ماڭغىنى شەپىسىز ۋاقىت،

باشلىنار ھەممە يەردە تەڭلا يېڭىلىق.

ھەردەقىقە  سوۋغىدۇر يېڭى ھاياتقا.

ئىنسانغا بۇلغۇسى  ئۇمىد غالىپلىق .



بىلگىنكى بۇ دۇنيا تولغان زىددىيەت،

قىلسەن تەرەققى زىددىيەت بىلەن.

نەدىكەن ئەجىرسىز مىۋە بىزلەرگە،

ئىشەن جاپانىڭ تىگى راھەت بىلەن .



تۇر دوستۇم ئورنۇڭدىنئاڭلا شاۋقۇننى،

بۇ جېنىڭ ئەمەستۇر ساڭىلا تالىق.

ئولتۇرۇپ قۇلاق سال ئاناڭ زارىغا .

رازىمۇ ئۇ سەندىن ھەتتا بىرتىنىق .



قاناتلانسۇن خىياللىرىڭ كۆكلەردە ،

پەرۋاز قىلدۇر سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن.

پۇركەنسۇن دىللىرىڭ ئېچىلغان گۈلگە،

مۇڭداشقىن ۋىچىرلاپ قۇش-قۇشلار بىلەن.



ئەجىردە ،مىھنەتتە چۆللەر بوستاندۇر،

تاغلارمۇ سۈپەتتە مەرمەر جۇلا ھەم.

ئېقىندىن سۈزگىنڭ ئۇنچە-مارجانلار،

پاھ! شۇنچە گۈزەل تۇرمۇش ھايات ھەم.



باسىسەن بەزىدە خاتامۇ قەدەم.

كۈلكىگە قالىسەن بەرھەق ئوخشاشلا .

ئەمماكى ئەركەكلار يانماس ئىزىدىن،

تىز پۈكمىگىن ئۇ شۇنچىكى شاماللا.


قەلىمىم





Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
387
تۆھپە
233
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 17:19:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈمىتلىك بول

2012-3-4 10:43:57 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (23.44 KB)





كۈنلەر قوغلىشىپ ئۆتمەكتە شۇنداق،

قالدى سوۋغا بوپ ھەر كۈننىڭ نامى.

ئەسىرگە ئۇلاشتى ئاي يىللارمۇ ھەم،

ئىزلارنى قالدۇرۇپ بۇلۇپ ھەم باقى.



قارايمەن،ماڭغىنى شەپىسىز ۋاقىت،

باشلىنار ھەممە يەردە تەڭلا يېڭىلىق.

ھەردەقىقە  سوۋغىدۇر يېڭى ھاياتقا.

ئىنسانغا بۇلغۇسى  ئۇمىد غالىپلىق .



بىلگىنكى بۇ دۇنيا تولغان زىددىيەت،

قىلسەن تەرەققى زىددىيەت بىلەن.

نەدىكەن ئەجىرسىز مىۋە بىزلەرگە،

ئىشەن جاپانىڭ تىگى راھەت بىلەن .



تۇر دوستۇم ئورنۇڭدىنئاڭلا شاۋقۇننى،

بۇ جېنىڭ ئەمەستۇر ساڭىلا تالىق.

ئولتۇرۇپ قۇلاق سال ئاناڭ زارىغا .

رازىمۇ ئۇ سەندىن ھەتتا بىرتىنىق .



قاناتلانسۇن خىياللىرىڭ كۆكلەردە ،

پەرۋاز قىلدۇر سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن.

پۇركەنسۇن دىللىرىڭ ئېچىلغان گۈلگە،

مۇڭداشقىن ۋىچىرلاپ قۇش-قۇشلار بىلەن.



ئەجىردە ،مىھنەتتە چۆللەر بوستاندۇر،

تاغلارمۇ سۈپەتتە مەرمەر جۇلا ھەم.

ئېقىندىن سۈزگىنڭ ئۇنچە-مارجانلار،

پاھ! شۇنچە گۈزەل تۇرمۇش ھايات ھەم.



باسىسەن بەزىدە خاتامۇ قەدەم.

كۈلكىگە قالىسەن بەرھەق ئوخشاشلا .

ئەمماكى ئەركەكلار يانماس ئىزىدىن،

تىز پۈكمىگىن ئۇ شۇنچىكى شاماللا.


قەلىمىم





Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
36
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:11:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە خانىم سىز ئۈزىڭىزنىڭ كەچۇرمىشلىرنى يىزىش ئارقىلىق .بارلىق تورداشلارغا ئىبرەتلىك كەچۈرمىشىڭىزنى دادىللىق بىلەن بايان قىلدىڭىز .ھەمدە جەمىيەتتىكى بارلىق ئاتا -ئانالارغا ئىبرەت قىلماقچى بولدىڭىز .بۇيازمىڭىزغا كۈپ رەخمەت،   سىزگە بىر ئىبرەتلىك سۈزنى تەقدىم ئەتمەكچى ‹‹ بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ›› كۈڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ .سىزگە نۇرغۇن پۇرسەتلەر كىلىدۇ.تۇرمىشىڭىزنى قايتا باشلىيالايسىز.سىزگە بىر سۈزۈم ‹‹ھەر قانداق باشلىنىش كىچىككەنلىك ھىسپلانمايدۇ››


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 18:20:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atlasqi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-22 18:11
مەلىكە خانىم سىز ئۈزىڭىزنىڭ كەچۇرمىشلىرنى يىزىش ئارقى ...

رەخمەت قېرىندىشىم، خېلى يىنىكلەپ قالدىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:40, Processed in 0.081432 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991