يۈرىكىم يىغلايدۇ
تۇرسۇن ئاكامنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،يەرگە قاراپ تۇراتتى،
-ھەي يارىماس ، سەن خارلىغاننى ئاز دەپ ، ئاشنىلىرىڭغا ئۇرغۇزغۇدەك سىڭلىم ساڭا نىمە قىلدى؟ بۇگۇن مەن ئاۋۇ جالىپىڭ بىلەن قۇشۇپ ،ئىككىڭنى بىر تۇپتىن دەرەخكە تەتۇر ئاسمىسام ھىساپ ئەمەس -دەپلا ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى باشقا ئەرلەرمۇ ، ھەيۋە كورسۇتۇشكە باشلىدى ،ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى بىلىپ يەنىلا مەن ئوتۇرغا چىقتىم ، يالغاندىن يېتىۋالغىنىمنى، تاياق يىمىگىنىمنى دەپ ،جىدەلنىڭ چۇڭۇيۇپ كىتىشنى توستۇم ، كىم خەۋەر قىلدى بىلمىدىم، بىردەمدىلا ساخچىلار يېغىپ كەتتى قارىسام مەندىن ئەھۋال ئىگەلىگەن ساخچىلار ئىكەن ، ئۇلار پاتىمىنىڭ قېچىپ كەتكىننى، ئۇنى تاپمىغۇچە بۇ دىلونى ئىشلىگىلى بولمايدىغانلىغىنى، ئېيتىپ تۇققانلىرىمغا ، قېرىنداشلىرىمغا خىزمەت ئىشلىدى ،ئۇنىڭغىچە يەڭگىلىرىم، قېيىن ئاكىلىرىم بىر دەمدە كاۋاپ ، گوش گىردە، تۇخۇ كاۋىپى ، مىۋە- چىۋىلەر بىلەن داستىخان راسلىدى ، تۇرسۇن ۋە قېيىن ئاتام ناماقۇل بولۇپ، ئۇلاردىن كەچۇرۇم سوراپ ،چاي تۇتتى ئاكىلىرىم بىزنى ئاجراشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ قېيىن ئاتام كوزلىرىگە ياش ئېلىپ مەرھۇم ئاتا -ئانامنى تىلغا ئېلىپ ئەمدى بۇنداق ئىشنىڭ يۇز بەرمەيدىغانلىغىغا كىپىل بولۇپ مېنى سورىۋالدى ،قېرىنداشلىرىم، تۇققانلىرىم،ئاچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ قايتىشقا مەجبۇر بولدى ، بىزمۇ ئۇھ! دىدۇق،
ئەتىسى ئىدارەمدىكى بارلىق خەزمەتداشلىرىم مېنى يوقلاپ كەلدى ،مەن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ، ئدارەم مېنىڭ بۇ يۇتتا ھىچ نەرسەم يۇقلىغىنى كوزدە تۇتۇپ ، ماڭا ئىگە بولۇپ ، تۇرسۇن بىلەن پاتىمىنىڭ ئۇستىدىن ، باستۇرۇپ كىلىپ ئادەم ئۇرۇش ، ۋە تۇرسۇننىڭ قوش نىكاھلىنىش مەسىلىسى ئۇستىدىن سوتقا ئەرىز بەرگەن ئىكەن ،لېكىن پاتىمە بولمىغاچقا ، ئىلگىرلەش بولماپتۇ،
شۇنداق قىلىپ كۇنلىرىم خېلى خاتىرجەم ئۇتكەندەك قىلدى، ،،،قىش كىتىپ باھار كەلدى ، بىركۇنى تۇيۇقسىز مېنى ج خ ئىدارىسىدىن چاقىرتتى ، بارسام ئۇلار ماڭا پاتىمىنىڭ تۇغۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگىنىنى ، بىراق قانۇندا بالا ئىمىتىۋاتقان ئايالارغا جازا ئىجرا قىلىشقا بولمايدىغانلىغىنى، شۇڭا مېنىڭ بىر مەزگىل بولدى قىلىشىمنى ئېيتتى مەن باشقا گەپ قىلماي يېنىپ چىقتىم ، بىراق تۇرسۇن تۇرۇپلا
ئوزگۇرۋالدى ، ئۇ ئەمدى ئاجراشمىسام زادى بولمايدىغانلىغىنى ،بولمىسا پاتىمەنىڭ ئەرىز قىلىدىغانلىغىنى ئېيتتى
بىراق قېيىن ئاتام تۇرسۇننى سەت گەپلەر بىلەن تىلاپ ، ئاجىرشىشىمىزغا قەتتىئى قۇشۇلمىدى ،ئۇ يەنە پات-پات يۇقاپ كىتىدىغان ئادىتىنى تېپىۋالدى ، بىراق مەن ھەممىگە چىدىدىم مەنلا ئاجراشمىسام ھىچ نىمە قىلالماس ، نىمىش قىلسا قىلسۇن ئېغىر بولاي دەپ قۇلۇغۇم پاڭ ، كۇزۇمنى كۇر قىلىپ ياشاۋەردىم ،،بىر كۇنى ئۇ جىبەرلىك قىلىمەن دەپ چىقىپ كەتتى،مەنمۇ بالىلارنى ئۇخلىتىپ ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ تەيارلىغىنى قىلىپ قۇيۇپ ياتتىم ، بىر چاغدا تېلپۇنۇم توۋلاپ كەتتى ، قارىسام تۇرسۇننىڭ نۇمۇرى ، ئالسام گەپ قىلمايلا بېسىۋەتتى ، بىر دەمدىن كېيىن يەنە توۋلىدى تېلپۇننى ئېلىپ ۋەي دىسەم قۇلۇغۇمغا مەن ئۆمۇر بۇيى ئۇنتالمايدىغان ، ياتاق ئۇيۇمدە ئاڭلىغان ئاۋاز قايتا ئاڭلاندى ،،،،،، پۇت قولىرىمدا جان قالمىدى يۇرۇگۇم قاتتىق سېلىپ كەتتى،،،،،،،
ئەتىسى ئەتىگەن قېيىن ئاتامغا قەتئى ئاجىرشىدىغانلىغىمنى، ئېيتتىم ۋە تۇنجى قېتىم يۇرەكلىك ھالدا -دادا .ئەمدى بولدى قىلايلى
مەنمۇ ھايۋان ئەمەسقۇ بۇنچە خارلانغىلى ، ماڭىمۇ ئىچىلىرى ئاغرىسۇن ، تۇرسۇنىمۇ ئوزى ياخشى كورگەن ئادىمى بىلەن ياشىغىلى ، قويسىلا ،دەپ يىغلاپ پۇتۇن تارتقان ئۇۋالچىلىقلىرىمنى دەپ پۇخادىن چىقتىم، ئاكام -ئاچاملار كەلدى ،چىرايلىق ئاجراشتۇق، شۇنداق قىلىپ 9يىل تۇتقان ئۇيۇمدىن ، 2بالامنى يىتىلەپ چىقىپ كەتتىم قېيىن ئاتام ھەر ھالدا خەقنىڭ ئاغزىدىن قوقتىمۇ 10مىڭ يۇئەن پۇل بەردى ، ئاكام بىر دەمدىلابىر قۇرۇنى ئىجارىگە ئېلىپ بازادىن گىلەم ، سافا، يوتقان -كورپە-پەردە قاتارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇيۇمنى گۇلدەك ياساپ بېرىپ كەتتى ، قېيىن ،ئاتام بەرگەن پۇلدىن بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلغىلى قويماي ھەمىنى ئوزى قىلىپ بەردى ،
2بالام بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇردۇم ، ئارىدىن بىر يىل ئوتتى تۇرسۇننىڭ ھېلىقى قىزى (پاتىمە تۇققان بالا قىز ئىكەن)، 2ياشقا كىرگگندە ، ئۇلار قېيىن ئاتامنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي توي قىلدى، ۋە ئاران 5ئاي بىر ويدە ئولتۇرالىدى، مەن بۇ گەپلەرنىڭ ھەمىسىنى ، نەۋرىلىرنى يوقلاپ كەلگن قېيىن ئاتامدىن ئاڭلاپ تۇراتتىم ، بىر كۇنى پاتىمەنى پالەچ بوپ قاپتۇ ، يولدىشى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەچ تاياق ئىچىگە ئۇتۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، ئەسلىدە پاتىمە قېيىن ئاتامنى تىلىغاچ قېيىن ئاتام ئۇنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ئىكەن ، ئۇ قېيىن ئاتامغا بىر چاڭگال تۇپا چېچىۋېتىپ قېچىپ كىتىپتۇ ، شۇڭا تۇرسۇن ئۇنى بەك قاتتىق ئۇرۇپتۇ ، كېيىن قېيىن ئاتام مەن رازى ئەمەس دەپ تۇرۋېلىپ ،ئاجىرشىپتۇ ، بىراق مەن تارتقان ئازاپلىرىمى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم ، ئارلىقتا قېيىن ئاتا-ئانام داۋاملىق كىلىپ نەۋرىلىرنى يوقلاپ تۇردى، ،،،،،، ئارىدىن 6ئاي ئوتتى ،ئەتە قۇربان ھېييىت دىگن كۇنى مەن يۇتقا بېرىش ئۇچۇن تەيارلىق قىلىۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىزئىشىك چىكىلدى ، ئاچسام ناتۇنۇش كىشىلەر ئارىسىدا قېيىن ئاتاممۇ بار ، ئۇلارنى ئويگە باشلىدىم ، قېيىن ئاتام ماڭا مەسچىتنىڭ ئىمامى باشلىق خوشنىلار ئىكەنلىگىنى ئېيتتى ،مەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتىم ئۇنىڭغىچە ئىمام تۇرسۇنغا تېلپۇن قىلىپ ، كەسكىن ھالدا دەرھال كىلىشنى ئېيتتى، تۇرسۇن كەلدى ، ئىمام بىزگە نۇرغۇن سوزلىدى ، تۇرسۇنغا خېلى قاتتىق گەپ قىلدى ۋە نەۋرىلىرىنى يىتىم قىلماسلىقنى دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەنلىگىنى، ھېيتتا بارلىق ئاداۋەتلەرنىڭ تۇگەيدىغانلىغىنى، ئېيتىپ بىزگە نىكاھ ئۇقۇيدىغانلىغىنى ، بۇنىڭ قەتئى قارار ئىكەنلىگىنى ئېيتىپلا دادادمغا قارىدى ، دادام يانچۇغىدىن كىچىكرەك بىر قۇتىنى چىقىرىپ بىر ئالتۇن ھالقىنى داستىخانغا قويدى ،،شۇنداق قىلىپ بىز يەنە بىر ئوگە كىردۇق لېكىن تۇرسۇن نىكاھ قەغىزىنى پەقەت چاتقىلى ئۇنىمىدى ، مەن ئۇنىڭ يەنىلا ئوي تۇتقىسى يوقلىغىنى بىلدىم بىراق ئۇنىڭغا پەقەت چاندۇرماي ، ھورمىتىنى ، خىزمىتىنى شۇنداق ياخشى قىلدىم داداملارمۇ ھەر ھالدا خاتىرجەم بولدى ، بىراق بىزنىڭ ياراشقىنىمىزنى ئاڭلىغان ئاكىلىرىم -ئاچىلىرىم مەندىن شۇنداق نارازى بولۇشتى ، بىزنى نىمە كۇرۇپ قاپتۇ ، ئىگىسى يوق كۇرۇپ قاپتىمۇ دەپ مەندىن رەنجىپ يۇردى،
بىراق مەن تۇرسۇننىڭ پاتىمە بىلەن ئىزچىل يەنە ئالاقىلىشىپ يۇرۋاتقانلىغىنى بىلەتتىم، بىر كۇنى ئۇماڭا -سېنىڭچە بىر مۇشۇنداق بىر ئويدە ئۇلتۇرالامىزمۇ؟-دەپ سورىدى
مەن-سىز ھامان پاتىمەنىڭ يېنىغا كىتىسىز، بىراق سىز كەتكۇچە بىللە ئوتكەن كۇنلىرىمىزنى قەدىرلەيلى -دىدىم كوزلىرىمگە ياش ئېلىپ،شۇنداق قىلىپ چاندۇرماي ئوتتۇق ، ئۇ بەزىدە يەنە ئويگە كەلمەيتتى ، بىر ياراشقاندىن بېرى مەن ئىجارە ئالغان ئويدە تۇرۇۋاتاتتۇق
بىر كۇنى ئۇ تىلۋۇزۇر كۇرۇپ سافادا ياتاتتى، مەن ئاشخانا ئۇيگە كىرىپ-چىقىپ ئىش قىلىۋاتاتتىم ئۇ مېنى تىلۋۇزۇر كورگىلى قويمىدىڭ دەپ باھانە قىلىپ تىلاپلا كەتتى ، ۋە ئەتىسى كىلىپ كىيىم-كىچەكلىرىنى ئېلىپ گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى ، ئارانلا6ئاي بىر ئويدە ئولتۇرۇپتىمىز ، ئۇ كىيتىپ 2كۇندىن كىيىن قېيىن ئاتام ئويگە تېلپۇن قىلدى ۋە تۇرسۇننى سورىدى ، مەن ئۇنىڭ 2كۇن بۇرۇن كىيىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ، بەلكىم پاتىمەنىڭ ئويىدە بولىشى مۇمكىنلىگىنى ئېيتتىم ، بىچارە ئادەم بىر ھازاغىچە گەپ قىلالماي -مەن ئادەم ئەمەس ھايۋان بېقىپتىمەن بالام خاپا بولماي بالىلارنى بېقىپ ئۇلتۇرغاچ تۇرۇڭ-دىدى،
بۇگۇن بىر ھەپتە بولدى ، بالىلىرىم بىلەن يەنە خۇشال- خۇرام ياشاۋاتىمەن ، قىلچە ئازاپلانمىدىم ، ئاجىرشىپ ، ۋە ئارلىقتا بىزنى تاشلاپ كىتىپ ، بالىلارنىڭمۇ ئانچە مىھرى چۇشمىدىمۇ تاڭ بالىلارمۇ سوراپمۇ قويمىدى
قەدىرلىك ئۇقۇرمەن مېنىڭ كەچۇرمىشلىرىم تۇگىدى ، بىراق ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئازاپ چەككەن بىچارىلارنىڭ تېخى تۇگىگىنى يوق ،ئىنساپسىز ، مەسۇليەتسىز ، ئەرلەر زىنادىن قورقۇپ ، خۇتۇن ئۇستىگگە خۇتۇن ئېلىپ ، ئۇ ئىشلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بولالاماي ، نۇرغۇن ئائىلە ،، ۋەيران بولدى ، بەلكىم بىزمۇ ئەرلىرىمىزنىڭ كۇتكەن يىرىدىن چىقالمىغان بولىشىمىز مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ياش بىر يەرگە بارغاندا ، ئائىلىنى ، بالىلارنى ئويلاپ ، يۇكنى تەڭ كۇتۇرۇپ ، خاتىرجەم ياشىساق بولاتتى ، بىراق ئارىدا مىھرى -مۇھاببەت تۇگىسە ھەممىسى ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەن ،
ئاخىردا مېننى قوللاپ ، ماڭا مەدەت بەرگەن ، تەسەللى بەرگەن بارلىق دوسلىرىمنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت ، ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن
تۇگىدى