كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 18

مەلىكە مەتتوختى: يۈرىكىم يىغلايدۇ (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 13:20:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىم يىغلايدۇ


كۇنلىرىم بىر خىلدا ئۇتۇۋاتىدۇ ، ئۇكىلىدۇ  كىتىدۇ ،يېڭى تۇغۇتلۇق بولغىنىمغا قارىماي ،بالىغا بولسىمۇ مىھرى چۇشەرمىكىن دەپ 15كۇندىلا تۇرۇپ كەتتىم ،يۇرتۇمغا بېرىپ ياتاي دىسەم ،ئاتا-ئانام يوق، ئاچىلىرىنمىڭمۇ ئۇيى باشقا ،ھەم ئۇلار شۇنچە دىسىمۇ ئۇنۇمىدىم ،چۇنكى قېيىن ئاتام مۇشۇ يەردەتۇرۇڭ ،ئاتا -ئانىڭىز سىزنى ماڭا تاپشۇرغان دەپ تۇرىۋالدى، ئۇلار  ماڭا بەك ياخشى قارىدى ،بالام تۇغۇلۇپ ساق 16كۇن بولغاندا بالىنىڭ ئات توي مەرىكىسنى قىلدۇق ،ھىچكىم ماڭا ماۋۇ بالىنى سىز تۇغۇپسىز ، مۇبارەك بولسۇن دەپ بىرەر پايپاق،يا بىرەر ياغلىق ئارتىپ قويمىدى ،ئۇرۇق-تۇقانلىرىمغىمۇ خىەۋەر بەرگىلى قويمىدى،پەقەت يەڭگەم كىرىپ ،-ئوبدانراق ساقىيىپ  بولۇڭ ،ئاندىن بازارغا بېرىپ ياخشىراق كىيىملەردىن  ئېلىپ بېرەي-دەپ تەسەللى بەرگەن بولدى ،مەرىكە بولغان كۇنى كەچتە ،.ۇ مېنى ياتاق ئويگەچاقىرىپ ،بالىنىمۇ تۇغۇپ بولدۇڭ ،ئەمدى ئاجىرشايلى -دىدى، مەن يەنە نىمە قىلىشنى بىلمەي يىغلاشقا باشلىدىم ،جاھاندىكى ئەڭ ئۇز گەپلەر بىلەن يالۋۇردۇم ، ئۇ يەنە گەپ سوز قىلماي چىقىپ كەتتى ،ۋە ئويگە كەلمىدى،كىيىن ئاڭلىسام مەرىكىگە چۇشكەن 5مىڭ يۇئەندىن ئارتۇق پۇلنى ئېلىپلا چىقىپ كىتىپتۇ،نەچە كۇندىن كىيىن قېيىن ئاتامغا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى يىغلاپ تۇرۇپ دىدىم ،قېيىن ئاتام ماڭا تەسەللى قىلىپ چىقىپ كەتتى ، بىردەمدىنكىيىن، ئۇ قاپاقلىردىن مۇز ياغدۇرۇپ كىرىپ كەلدى،ۋە-ھەي قانجىق مېنى دادامغا چېقىشتۇرۇپ نىمە قىلاتتىڭ ،مانا ئەمدى چاقە _دەپلا ئۇرۇپ كەتتى قۇچۇغۇمدىكى بالام قىقىراپ يىغلاپ كەتتى ،ئۇستۇمگە چۇشۇۋاتقان مۇش ،تىپىك دەستىدىن خۇدۇمنى يۇقاتتىم ،،،،،كۇزۇمنى ئاچسام قېيىن ئاتام بىلەن قېيىن ئانام يېنىمدا بالىنى بەزلەۋېتىپتۇ ئاغرىق دەستىدىن ،كوزلىرىمنىمۇ ئاچالمىدىم ، ئۇ مېنى ئۇرۇپ ھارغاندا چىقىپ كىتىپتۇ ،2ئۆينىڭ ئارلىغى يېقىن بولغاچ خوشنىلار، دادامنى چاقىرىپ قويغان ئىكەن ،كەچتە قىزىم مەكتەپتىن كىلىپ تۇرقۇمغا قاراپ يۇزلىرىمنى سىلاپ يىغلاپ كەتتى ،ۋە ئەينەك ئەكەلدى ،قارىسام بۇرنۇمدىن باشقا ساق يېرىم قالماپتۇ، بىر كىچە كىرپىك قاقماي ئويلىنىپ ئاخىرى ئاجىرشىش قارارىغا كەلدىم ،ئەتىسى ئەتىگەن قىزىم مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا -ئانا  دادامنى تاشلىۋېتىپ بازاردىن باشقا بىر دادا ئالساق بولمامدۇ ؟-دىدى  بۇ گەپ بىلەن يۇرۇگۇم پارە -پارە بولدى ،-قىزىم دادا دىگەننى بازاردىن ئالغىلى بولمايدۇ  سىز كىچىك چۇشەنمەيسىز _دەپ بەزلىدىم سەلدىن كىيىن دادام -ئاپاملار تاماق ئېلىپ يوقلاپ كىردى ، مەن ئۇلارغا ئاجىرشىپ كىتىش قارارىغا كەلگىنىمنى دىدم ، بىراق قېيىن ئاتام -كۇزۇم مىدىرلاپلا تۇرىدىكەن نەۋرىلىرىمنى يىتىم قىلغۇزمايمەن -دەپلا گەپنى ئۇزدى ۋە -مەن ئۇنىڭ دادىسى گېپىمنى ئاڭلىمىسا مېنىڭ ئۇنداق بالام يوق-دىدى بۇ گەپ بىلەن مەن يەنە  بۇشىشىپ كەتتىم
چىداي ھامان ئۇڭشىلىپ يېنىمغا قايتىپ كىلىدۇ ، ئۆزەم تېخى يىتىم ، مۇساپىر تۇرسام باللىرىمنىمۇ يىتىم قىلسام ، ئازمايدىغان ئادەم يوق ، بىر كۇنى ئەقلىنى تاپار دەپ  شۇنداق قەيسەرلىك بىلەن ياشىدىم ئۇ كەلسە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلدىم ، پۇتلىرىنى يۇيۇپ ، بەدەنلىرىنى تۇتۇپ،ئورنىدىن تۇرۇپ بولغۇچە تاماق  تەيارلاپ،ئاياغلىرىنى مايلاپ ،بالا يىغلىسا ئوچ بولۇپ قالمىسۇن دەپ تالاغا ئاچىقاتتىم ،بىر كۇنى كەچ بالىنى ئىمىتىپ ياتاتتىم، ئۇ سىرىتتىن كىرىپ يېنىمدىلا كوزلىرىنى يۇمۇپ ياتتى ، بالا ئۇخلاپ بولغان بولۇپ، مەن تۇرۇپ كەتسەم ئۇيقىسى بۇزۇلسا تىللاپ كەتمىسۇن دەپ جىم ياتتىم تۇرۇپلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغىنىنى ئويلاىدىم تەخمىنەن ياتاق ئۇيۇمدە ئاشۇ قىز بىلەن ياتقاندىن بېرى بىر ياستۇققا باش قۇيۇپ باقمىغان ئىكەنمىز،مەن بىر خىل ئىنتىزارلىق  ئىچىدە ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قولىنى يۇزۇمگە ياقتىم ۋە كوزلىرىمنى يۇمدۇم، -بەك مازكەنسەن بالىلار تۇرسا -دىگىنىچە تۇرۇپ كەتتى ئۇ،
بۇرۇنلىرم يەنە بىر قېتىم نەملەشتى ،،،،،،
تۇغۇت دەم ئېلىشىم تۇشۇپ ئىشقا چۇشكىلى خېلى بولدى، ئارىدا يەنە 2قېتىم تاياق يەپ ئۇلگۇردۇم تاماق ۋاختىدا پىشمىدى ، بالا يىغلاپ ئۇيقۇمنى بۇزدى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ئۇردى بەلكىم قېيىن ئاتامنىڭ زەھەردەك گەپلىرىگە چىدىماي ئاچىغىنى مەندىن ئالغاندۇ ،ھەر ھالدا كىچىسى ئويگەكەلمەيدىغان ئادىتى قېپ قالدى ،
بىركۇنى ئوغلۇمغا كىرەكلىك نەرسە ئېلىش ئۇچۇن بىر تاللا بازىرىدا شۇنداق تۇنۇش بىر چىراينى كوردۇم . ئۇ ماڭا مىختەك قادىلىپ تۇراتتى نەدە كورگەن بوغىيدىم بۇ قىزنى دەپ ئەسكە ئالاماي تۇرغاندا ئۇقىز -قارايسەنغۇ پاسكىنا -دىدى بىردىنلا ئۇنى كارۋىتىىمدا كورگىنىم ئىسىمگە كەلدى-بەك سەتكەنسەن قاراپ قويدۇم -دىدىم ئوزىنى ىلمەيدىغان سەت تۇرسۇنغا بوشراق چاپلىشىپ ئوينى بىكارلا -دىدى ،-ھەي داپ يۇز مېنىڭ ئېرىمدىن باشقا ئادەم تېپىلمىدىمۇ ساڭا-دىدىم مەنمۇ ئاڭغىچە ئەتراپىمىزغا ئادەم ئولاشتى ،مەن خىجىل بولۇپ دوككاندىن ئىتتىك چىقىپ كىتتىم ئۇ مېنى تىللىغان پېتى قېپ قالدى
كەچتە ئويدە راسلا قىيامەت قايىم بولدى ،،،،
داۋامى بار


Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
355
تۆھپە
101
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 01:03:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز.


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

Rank: 4

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
248
تۆھپە
110
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 02:31:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ قەيسەر بۇلۇشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن
بەلكىم پىشانەڭگە پۈتۈلگىنىنى شۇ ئوخشايدۇ
ئۇلۇغ ئاللا سىنىڭمۇ ئەجرىڭنى بىرىدۇ...................


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
161
تۆھپە
67
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:32:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت بىشڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ بۇ ؟


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
369
تۆھپە
104
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:02:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋرىچان بۇلۇڭ.ئەجرىڭىز ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ يۇرتدىشىم !!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:28:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمرا يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 11:32
راسىت بىشڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ بۇ ؟

شۇنداق سىڭلىم ھەممىسى راس، ئاللا ھ ھىچقانداق ئايال بەندىسىگە بۇ كۇننى كورسەتمىسۇن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5462
تۆھپە
2363
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:51:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇنى بىر تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز ياخشى .


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1599
تۆھپە
902
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 12:53:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 12:51
مېنىڭچە بۇنى بىر تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز ياخ ...

ئەمدى بىر يولىلا تۇگىتىمەن سىلەرنىمۇ كوپ ئاۋارە قىلدىمغۇ دەيمەن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
387
تۆھپە
233
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 13:11:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا  بۇ تېمىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ  بىر تىما ھالىتىگە ئەپ كىلىپ قۇيۇلسا مۇكەممەل بۇلاتتى .
ھەدە بۇنىڭدىن كىيىنكى يوللىنىدىغىنىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاڭ شۇنىڭدا ئۇقۇرمەنلەر تېخىمۇ ياخشى مەنىۋى زوق ئالاليدۇ .ئەسەرنىڭمۇ پۈتۈنلىكى ئىشقا ئاشىدۇ .


Rank: 2

تىللا
125
تۆھپە
36
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 13:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكە خانىم مەن بۇ يازمىڭىزنى دەسلىۋىدە ھىكايەمىكىن دەپ ئازراق ئىنكاس يوللىغان ئىدىم .بۇ ھەققى ۋەقە بولسا مىنى كەچۇرۇڭ.داۋامىنى تىزراق يوللاڭ.{:154:


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:19, Processed in 0.092799 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991