كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 35

ھاراقكەشلەر بۇنى ئوقۇپ بېقىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
66
تۆھپە
7
UID
5204
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 02:29:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاراقنىڭ بايانى
(ساتىرا)
ئەخمەت  ئابلەت تاشقىن


سۈرۈشتۈرسەك ئەجدادىممۇ ئەسلىدە ئاشلىق،
ئەزەلدىنلا ئۆزۈم ئاچچىق، ئەمەسمەن تاتلىق.
مېنى ئىچسەڭ چىرماپ ئالار سېنىلا شاتلىق،
مامۇقتىنمۇ يۇمشاق ئاڭا ياتساڭمۇ تاشلىق.
ئىچىم پەقەت ئاغرىمايدۇ باغرىم بەك قاتتىق،
بىر كۈن سېنى ئۇدۇنياغا قىلىمەن ياتلىق.

ئىچە دوستلار قېنى مېنى تەننى قاندۇرۇپ،
قانماي قالساڭ مېنى ئىچكىن يەنە ياندۇرۇپ.
شاش قىلىمەن ھەتتا سېنى، ئىشتان سالدۇرۇپ،
«باتۇر» قىلىپ قوللىرىڭغا پىچاق ئالدۇرۇپ.
رەسۋا قىلىپ ئەل ئالدىدا دەردكە قالدۇرۇپ،
دوست بولىمەن سېنىڭ بىلەن ھايات-ماماتلىق.

خىيال قىلماي ئىچىۋەرگىن خوتۇن بالاڭنى،
بالاڭ باقسۇن ئۆيدە قالغان قوي ۋە كالاڭنى.
ھەممە ئادەم بىلىپ قالسۇن سېنىڭ ئالاڭنى،
توسسا ھەتتا قۇيۇۋەتكىن خوتۇن« ساراڭ»نى.
مىنىڭ قەستىم بۇزۇۋېتىش ئۆي ۋە باراڭنى،
مىنىڭ بىلەن نىكاھ ئوقۇپ تاپقىن« ساۋابلىق»

ئېشەك ئىچمەس ئىچەر سۈيىگە قالسام  بىر تېمىپ،
«ساق» لار ئىچكىن ئەتىۋارلاپ توختىماي قېنىپ.
«ئوغۇل بالىلار» ئالدىدا سەن قالمىغىن چېنىپ،
ئىچىۋەرگىن سېنى باققان ئاتاڭدىن تېنىپ.
ئۆلمەي قالساڭ ئىچىۋەرگىن يېنىشلاپ يېنىپ،
ئۇ دۇنياغا ئۇدۇل بارىسەن بولۇپ قاناتلىق.


ئاپتۇر توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:
ئەخمەت ئابلەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
630
تۆھپە
544
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 20:00:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىلچە يىراق، ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بىر روماكا ھاراق.› دىگەنتى ئابدۇكېرىمكام.


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
374
تۆھپە
225
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:50:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى دەل جايىدا قاپىيەلەشتۈرۈپ،ئىنتايىن تەسىرلىك ياخشى يېزىپسىز،ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم،ھاراقخۇمار قىرىنداشلىرىمىز مانىسىنى چۈشۈنىپ،تېگىگە يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،سىزگە ئاپىرىن.


Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
244
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 21:50:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيتان بىر ئادەمنى يوقلاپ بارماقچى بولسا ھاراقنى ئالدى بىلەن ئەلچىلىككە ئەۋەتەرمىش . . . . .   


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئادىلجان
تىللا
124
تۆھپە
88
UID
9929
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 22:16:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق ئادەمنىڭ ۋىژدانىنى چىرتىدىغان چوڭ دۈشمەن ، ھەم ئاخىرەتكە ئىتتىكراق يول ئېلىشقا سېلىنغان كۆۋرۈك ..........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
610
تۆھپە
408
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:13:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ياخشى، مەزمۇنى مول شېىرى ئىكەن.ئاپىرىن سىزگە!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   skod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 23:13  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
153
تۆھپە
90
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:27:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق شۇ پوتۇلكا ئىچىدە جىم تۇرغىنى  بىلەن  شۇ قوساققا  كىرگەندىن كېيىن پۇت قوللىرى ئىتتىكلەپ  كېتىدىكەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
1087
تۆھپە
136
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:50:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گەرچە ھاراقكەش بولمىساممۇ ئوقۇۋەتتىم. تىل ئىشلىتىش ماھارىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم


Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
5
UID
11592
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 02:05:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ھاراق دېگەن نەرسىنى زادى ئازئىچكەن بولسا ئىچمىگەن ياىشى ، ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ...


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
16
UID
9970
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 08:55:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق بىلەن دوسلاشتۇق ،ئەقىل بىلەن خوشلاشتۇق(يىڭى ئەزا بولدۇم تورداشلارغا سالام!!!)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:34, Processed in 0.082230 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991