تور بەت ئارىلاۋېتىپ، مۇنۇ يازمىنى ئۇچرىتىپ قالغانىدىم. ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن. قېنى مەرھەمەت!
كورىيەلىك قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە يازغان خېتى
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر يىگىتى «تايانچىم بار » ياخشىمۇسىز:
شۇنداق قىلىپ قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق سىزگە بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم. ئۆزىڭىز بىلىسىز، مەن ئۆزۈم كورىيەدە تۇغۇلۇپ، كورىيەدە ئۆسكەن ساپ كورىيان قىزىمەن. كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى جەڭگىۋار تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىققانلىقىم تۈپەيلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش يولىنى تاللىۋالغانمەن. ھازىرقى تىل سەۋىيەمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەم يامان ئەمەس. مىللىتىڭىزلارنىڭ خېلى كۆپ ئادەملىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇم، پىكىرلەشتىم. لېكىن چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتقان بىر مەسىلە بار. مەن بۈگۈن مەخسۇس شۇ مەسىلە توغرىسىدا توختالماقچىمەن. بۇ باشقا مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ خاراكتېر قىزىققانلىق مەسىلىسى، شۇنداقلا قىزىققان نەرسىسىگە چوڭقۇر ئويلانماستىنلا پۈتۈنلەي ئۆزىنى بىغىشلاپلاۋېتىش مەسىلىسى. بۇ ئەھۋال كۈندىلىك پارچە-پۇرات ئىشلاردىلا ئەمەس، بەلكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىمۇ گەۋدىلىك كۆرىلىدىكەن ھەم كۆرۈلۈۋېتىپتۇ. مۇشۇ يېقىنقى 30 يىللىق تارىخىڭلارنىلا ۋاراقلاپ باقسام، بىرچاغلاردا بىر قىسىم قىزلىرىڭلار ھىندىستان، پاكىستان كىنولىرىنى كۆرۈۋېرىپ، ھىندى، ئوردۇ يىگىتلىرىگە مەستانە بولۇشۇپ ، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى ياتاق ئۆيلىرىگە چاپلاپ ياكى پۇل قاپچۇقلىرىغا سېلىۋېلىپ غايىبانە سىردىشىپ يۈرۈپتۇ. ھەتتا ھېلىقى شاھرۇلخان نامى بىلەن تونۇلغان ئارتىست يىگىتكە سۆيگۈ خېتى يېزىپ، جاۋاب كەلمىسە دۈم يېتىپ يىغلىغانلىرىمۇ بار ئىكەن تېخى. ھىندى، ئوردۇ يىگىتلىرىنىڭ قىزغىنلىقى سەل پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن بۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلاردا بىردىنلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم كېلىشكەن ناخشىچىلىرى ھاۋايى - ھەۋەس ئوتىدا كۆيگۈچى بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ روھىي سىردىشىغا ئايلىنىپتۇ. شاھزات، تاركان دەيدىغان ئىسىملار قىزلىرىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرىنىڭ نامىدىنمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولۇپتۇ. ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىڭلاردا «شاھزات ئۈرۈمچىگە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە بىر قىسىم قىزلار ئۇنى قۇچاقلاش، سۆيۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەبرىكلەۋېرىپ ھېچ ھالىنى قويماپتۇ. يەنە تېخى كەچلىكى ياتىدىغان ياتىقى ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، ئاراممۇ ئالغۇزماي بەكلا بىزار قىلىۋېتىپتۇ» دەيدىغان گەپلەر چىقىپتۇ. بۇ ئىشلار قەلىمى ئۆتكۈر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قاتتىق قامچىلانغاندىن كېيىن بىر پەس جىمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ شاھى بولغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تېلېۋىزورلار ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى بىلەن بۇ قىزلىرىڭلاردا يەنە ياۋروپا (بۇ يەردىكى ياۋروپا ماكان ئۇقۇمىنى بىلدۈرمەيدۇ) قىزغىنلىقى قوزغىلىپتۇ. پۇتبول مەيدانىدىكى تەلۋە يىگىتلەر بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ سۆيگۈ مەبۇدىسىغا ئايلىنىپتۇ. پۇتبولچى يىگىتلەرنىڭ ئىسمى چېقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىلغان پېتى، ئەتكىنى ئەتكەن پېتى قىلىپ قالىدىغان بولۇپتۇ. ئاتا _ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم قىزلار بىكخام، رونالدۇ، زىدانى قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىھالىنى قەۋىم - قېرىنداشلىرىغىچە ئەينى تەرجىمىھالى بىلەن يادلاپ بېرەلەيدىغان بولۇپتۇ. 21 - ئەسىردىكى قولايلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى بولغان ئىنتېرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن ھەتتا بىر قىسمى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ زىرىككەندىكى تور ئاشىنىسىغا ئايلىنىپتۇ. بۇ ئىشلارغا ھەيرانە - ھەس بولۇپ ئۈلگۈرگىچە، ئەمدىلەتىن ئالىي مەكتەپتىكى بىر قىسىم قىز ئىستۇدېنتلارنى ئاساس قىلىپ كورىيە قىزغىنلىقى قوزغىلىشقا باشلاپتۇ. ھەتتا بىر قىسىم قىز ئىستۇدېنتلىرىڭلار بىزنىڭ كورىيەلىك ئارتىست يىگىتلەرگە توي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئارتىستلىرىمىزدىن ھالقىپ، كۆزىگە ئىللىق كۆرۈنگەن ھەرقانداق بىر كورىيەلىك يىگىتكە يېپىشىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇ ئىستۇدېنت قىزلىرىڭلار خەت يازغان بىر قىسىم ئارتىستلىرىمىز ئاللىقاچان بالىلىق بولۇپ بولغان، تۇرمۇشى بار ئەرلەر ئىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى تونۇيدىغان بىرسىنىڭ ئايالى ماڭا : «سىڭلىم، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلغاچ ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولۇۋاتىسىز. ئۇلارنىڭ بىر قىسىم قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. يولدىشىمغا ئۇلارنىڭ يەڭگىل ھېسسىياتى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببىتىم كېرەك. شۇنداقلا ھەم بىزگە خاتىرجەم ئائىلە كېرەك. شۇڭا مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نەسىھەت قىلىپ قويسىڭىز، دەپ كەتتى قايناپ بوغۇلۇپ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ راستىنلا ھەيرانلىقىمنى ئىچىمگە يوشۇرالماي قىلىۋاتىمەن . سىلەر باشقىلارنى سۈيۈندۈرگىدەك ئېسىل مىجەزلىك، ئۆزگىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك ئەدەب - ئەخلاقلىق بىر مىللەت ئىدىڭلارغۇ ؟ سىلەردىن چىققان تۇمارىس، ئىپارخان، مايسىخان، نۇزۇگۇم، ئايخان ئانا، رىزۋانگۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق تارىخلارنى ياراتقان ئىدىغۇ؟ ھازىرمۇ ئىچىڭلاردا ئەدەب - ئەخلاق ئۇستازى بولغۇدەك نى-نى ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەم ئۇيغۇر قىزلىرى بارغۇ؟ «مېھرىبان ئانىلار» نامى بىلەن ئاتالغان ئاشۇ ئانىلار سىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىڭلارغىلا ئەمەس، باشقا مىللەت ئانىلىرىغىمۇ ئۈلگە بولغۇدەك داستانلارنى يېزىپ بېرىۋاتىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر يىگىتلىرىڭلارمۇ «مەن-مەن » دېگەن قەۋىم قىزلىرىنى ئۆزىگە قارىتالىغۇدەك دەرىجىدە بەستلىك، كېلىشكەن، شۇنداقلا يۈرىكىدە ۋەتەن، مىللەت ئوتى كۆيۈپ تۇرغان ۋىجدانلىق يېگىتلەردىغۇ؟ ئۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنى مۇشۇنداق ئېسىل سۈپەت يىگىتلەرنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ تاۋىقىنى يالاشقا زادى نېمە مەجبۇر قىلدى؟ سىلەرنىڭ شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارغا زادى كىمنىڭ كۆزى تەگدى؟
يەنە ئاڭلىشىمچە، ئىچكىرى ئۈلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قىز ئوقۇغۇچىلىرىڭلاردا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ، ئۇلار بىلەن ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق يېقىن ئۆتۈۋاتقان ، ھەتتا ئۇلارغا توي قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ يوق ئەمەسكەن. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ راستىنلا ھەيران قالدىم. ھېلىمۇ خېلى نۇرغۇن توربەتلىرىدە پۇلنى كۆزلەپ «ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېگەن باھانە بىلەن خەنزۇ پۇلدارلىرىنىڭ ۋە ئەرەب بايۋەتچىلىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىۋاتقان، يولدىن چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى توغرىلىق باشقا مىللەت تورداشلىرىنىڭ ھاقارەتلىك تېما - ئىنكاسلىرى يېزىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بۇزۇق قىزلارنىڭ بولۇشى ھېچقانداق بىر مىللەتتە يوق ئىش ئەمەس. بۇنداق بۇزۇق قىزلار بارلىق مىللەتلەردە يوقلۇقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان مەۋجۇد كېسەللىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ كېتىۋاتقان ئازساندىكى بۇزۇق قىزلار ئارقىلىق بىر مىللەت قىزلىرىغا باھا بېرىش تەپەككۇردىكى چولتىلىق ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ھەم تور بەتلەرنى ئاختۇرۇپ ماقالە ئوقۇپ ئولتۇرۇشى ناتايىن. شۇڭا بۇ خېتىمدە ئۇلار توغرىلىق توختىلىشنى ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى دەپ قارايمەن. مەن بۇ يەردە توختىلىۋاتقان مەسىلە جەمئىيىتىڭلاردىكى نېگىزلىك ئورنىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان، ھەتتا ئالدى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا - ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، مۇئەييەن مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بىر قىسىم قىزلار توغرىلىق بولۇۋاتىدۇ. ھازىر شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلاردا ئېنگلىز تىلى ئۈگىنىش باھانىسىدا ئېنگلىز تىلى بىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈيدىغان ئىشلار ئادەتتىكىچە ئىشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. سىلەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيەسى كۈچلۈك، شۇنداقلا ناشايان ئىشلاردىن كەسكىنلىك بىلەن توسقۇچى مۇكەممەل بىر دىنى بولغان ئېتىقادلىق بىر مىللەتنىڭ بىر قىسىم ئىستىقباللىق قىزلىرى شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بۇ كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىكەن. بۇ سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىگىمۇ ھاقارەتلىك ئىش ئەلۋەتتە. ئۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلار چىراي ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزلىرى قوغلىشىۋاتقان يات مىللەت يىگىتلىرىنى قارىتىۋېلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ، لېكىن ئۇ يىگىتلەردىن شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارغا ھامان ۋاپا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلار تەلپۈنۈۋاتقان شۇ ئەرلەرنىڭ مىللىتىدىكى قىزلارمۇ ئۇ ئەرلەرنى ئۆز ئەنئەنىسىنى ئۇنۇتقان شۇ قىزلىرىڭلارغا بەرمەيدۇ. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتىن كورىيە قىزلىرىنىڭ مەيدانى ئېنىق. ئۇلار «يىگىتلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ھەرگىزمۇ تارتقۇزۇپ قويمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەخلاقى بىلەن يىگىتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنتىلىشىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ بولدى.
خېتىمدە يېزىۋاتقانلىرىم مېنىڭ بىر قانچە يىللىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا يولۇقتۇرغان جەمئىيىتىڭلاردىكى بىر قىسىم رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەر. مەن خېتىمدە تىلغا ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى بولۇپ، گەرچە مىللىتىڭلارنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلالمىسىمۇ، لېكىن شۇ قىزلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى، شۇنداقلا ھەم ئىستىقباللىق قىزلىرى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار پۇلنىڭ ۋە ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، بارلىقىنى خەقلەرگە تەقدىم قىلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇلار تەرىپىدىن پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىلىپ، يەنە قايتىدىن ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ غۇرۇرى بىلەن ئوينىشىدىغان، كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا بولىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى. شۇڭا ئۆزۈم سۆيۈنىدىغان بىر مىللەتنىڭ بىر قىسىم قىزلىرى ئىدىيە جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقادىدىن چېكىنىپ، ئۆز شادلىقىنى ياشلىقىدىكى قىسمەن ئالۋۇن ھېسلاردىن ئىزدەپ، ئۆز قەدىر - قىممىتىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۈندىمەسلىكنى ۋىجدان ئازابى بىلدىم. بۇ جەھەتتىن سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. سىلەرمۇ بۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىدىن ياتلىشىشىغا بېشىڭلارنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئولتۇرۇۋالماي، بار بولغان ئىمكانىيەت ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا تەربىيە قىلىشىڭلار كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلەر قىز - ئاياللىرىنى خەقلەرگە تارتقۇزۇپ قويۇپ، شۇلارنىڭ ناشايان ئىشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرىدىغان يۇمشاقباش ئەرلەرگە ئايلىنىپ قالمامسىلەر؟ بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ئۈلۈمدىنمۇ قاتتىق ئىدىغۇ؟ ئۆزىڭىز سۆيىدىغان بىر ناتىۋان قىز سىزنى پارقىرىتىپ قويۇپ ، ئۆزگىلەرنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ كەتسە، كۆز ئالدىڭىزدىلا سىزنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى شاھ بىلسە بۇ سىزگە ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ قىز دوستىڭىز ئالدىڭىزدا «سىزنى كورىيەلىكلەرگە ياكى ھىندىستانلىققا ئوخشىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دەپ ئەركىلىسە، بۇ سىزگە بېسىم بولماسمۇ؟ شۇنداق دېگەن قىز بىر كۈنى ھەقىقى كورىيەلىك ياكى ھىندىستانلىقنى كۆرۈپ قالسا، ئىشلاردا قۇرقۇنچلۇق ئۆزگىرىش يۈز بېرەمدۇ قانداق؟ ئۇ قىز ئەسلى سىزنى ئۇيغۇرغا خاس قىياپىتىڭىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرغا خاس روھىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشى كېرەكتىغۇ؟ چۈنكى سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرى جەسۇرلۇققا تولغان روھىي گۈزەللىكنىڭلا ئەمەس، قاملاشقان بەدەن گۈزەللىكىنىڭمۇ ئۈلگىسى بولالايسىلەرغۇ؟ بۇنىڭغا بىزلەرمۇ قايىلغۇ؟ مەن بۇرۇن 90 - يىللاردا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن بىر خەنزۇ يازغۇچى قىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قاملاشقان بەدەن سۈپىتى ۋە سېھىرلىك قاش - كۆز ، يېقىشلىق قاڭشار تەسۋىرلىرىنى يېزىپ كېلىپ «دۇكاندىن نەرسە ئېلىۋاتقانتىم، ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇيغۇر يىگىتىگە سوقۇلۇپ كەتتىم، شۇئان بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتى» دېگەن جۈملىلىرىنى ئوقۇپلا سىلەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ كېلىشكەن تۇرقىغا قايىل بولغانتىم. ئەمدىلىكتە بۇ ئۈستۈنلۈكىڭلار ئۆز قىزلىرىڭلارنىمۇ قايىل قىلالماس بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ سىلەردىكى شۇ بىر قىسىم زەيپانە مىجەز يىگىتلەرنىڭ ئۆز قوۋم قىزلىرى ھەققىدىكى زامانىۋى قاراشلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. ئۇلارچە بولغاندا ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى مەسىلىمىش، ھەر قانداق بىر قىز-ئوغۇلنىڭ نېمىنى ئۆچ كۆرۈش، نېمىنى تاللاش ئەركىنلىكى دەخلى - تەرۇزسىزمىش؟ بۇ نېمىدىگەن كۈلكىلىك پەلسەپە - ھە ئەمدى؟ دۇنيادا نەدىمۇ مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۈد بولسۇن؟ ئەركىنلىك ئەخلاق ۋە ئادەتلەرنىڭ پەپىلىشى بىلەنلا جۇلالىنىپ تۇرالايدۇ. خەقلەر خاسلىقىنى تاپالماي ھەلەكچىلىكتە قېلىۋاتسا، سىلەرنىڭ خاسلىقىڭلارنى دوغا تىككىنىڭلار نېمىسى؟ ياپونىيەنىڭ تەرەققىياتتىكى ئوماقلىقىمۇ خاسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەمەسمىدى؟ مەدەنىيەتتىكى تەرەققىيات تېخىمۇ شۇنداق بۇلۇشى كىرەكتىغۇ؟ ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا، «غەربنىڭ تەسىرى» دەيدىكەنسىلەر. ھەممىلا نېمىنى غەربكە ئارتىۋېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى. مانا بىزمۇ غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلغاندىن سىرت يەنىلا شەرقنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى تىرىشىپ ساقلاۋاتىمىزغۇ؟ بۇ خىل ئەنئەنىگە بولغان يېپىشقاقلىقىمىز تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيا قىزىقىپ كۆرگەن «تىتانىك ناملىق پاراخوت» كىنوسىنىمۇ پۈتۈن دۆلەت بويىچە كۆرمەي قويدۇققۇ؟ سىلەر شۇ بىر قىسىم قىزلىرىڭلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە زادى نېمىشقا چوقان كۆتۈرمەيسىلەر؟ زادى نېمىشقا؟
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر يىگىتى «تايانچىم بار» ، كەچۈرۈڭ. قوپالراق ئىشلىتىپ قويغان سۆز - ئىبارىلىرىمنى كەچۈرۈڭ. بەلكىم ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقاندىمەن. قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈم ھۆرمەت قىلغان بىر مىللەت رېئاللىقىدىكى مەۋجۇت مەسىىلىلەر ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈش مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم دەپ قارىغانلىقىمدىن بۇ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ھېسسىياتىمنى توغرا چۈشىنەرسىز، ھە راست، سىز ئۆتكەندە ئەۋەتكەن ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان «ئىشتىن سىرتقى مودىللار پائالىيىتى» دە شۇ كىيىملەرنى كىيىشىمگە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن قوشۇلدى. ئۇ كىيىملەرنى كىيىپ كۆرۈۋېدىم، ئاپام «قىزىم، بەئەينى چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىلا بولدىڭىزغۇ» دېۋىدى، نېمىشقىدۇر يۈرىكىمنىڭ بىر يېرى «جىغغىدە» قىلىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ ئاپامغا چاندۇرمىدىم. بۇ مەندىكى زىيادە سىزىمىچانلىقتىن بولغان بولسا كېرەك ئەتىمالىم؟
تاغدىن-باغدىن سۆزلەپ خېتىم ئۇزىراپ كەتتى. كەچۈرگەيسىز.
سىزگە ئامانلىك تىلەپ كورىيەدىكى كەسىپدىشىڭىز:
مەنبە : ئەل-يۇرت مۇنازىرە مۇنبىرى