روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2949|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [نەسىر] يانفونۇممۇ سايرىماس بولدى....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-8 10:23  
( h2 u5 x1 G7 n  W, B  S6 B. g7 m9 A1 c" y& N( o' D9 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«يانفونۇممۇ سايرىماس بولدى، مەن يادىڭدىن چىققان ئوخشايمەن»

' @9 C; k6 e; X2 b) \" iيانفون، ئەسلىدە بىزنىڭ ئالاقىمىزگە قۇلايلىق يارىتىدىغان قورال، ئەمدىلىكتە، ئەكسىچە، بىزگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. ھەر قېتىم يانفونۇمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ساڭا نومۇر بېسشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، توۋا!
; C1 A7 ?; Y" E' `$ v. Mيانفونۇمدىن نومۇرۇڭنى ئۆچۈرۈپلا قۇتۇلۇشاي دەيمەن، ئەمما، مېڭەمگە يېزىلغىنىنى قانداق ئۆچۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتىمەن، يۈرىكىمگە يېزىلغىنىغا تېخىمۇ ئامال يوق! قانداق قەلەمدە يېزىپ قويغانتىڭكىن-تاڭ؟! ھەجەپ ئۆچمەيدىكەن! ئۆچۈرگەنسېرى قېنىقلىشىۋېلىۋاتىدۇ!
' x3 f4 Y7 t' \& a, }$ @" o7 S6 Fقاچانكى ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنى يوقاتسام، شۇ كۈن سېنى ئۇنتۇغان كۈنۈمدۇر! شۇ سەۋەبتىن سېنى يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يۇشۇرۇپ، پىنھان ساقلاشنى نىيەت قىلدىم. بۇندىن ئېتىبارەن ھەم ئىچىمنى تىڭشاپ يۈرۈشنى توغرا تاپتىم. بىلىۋال، بۇلار سېنى سۆيمىگەنلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭمۇ مەندەك ئۇنىتالماي قىينالغىنىڭدىن كۆرە ئۇنتۇپلا قۇتۇلۇشقىنىڭنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرگىنىمدىندۇر! شۇنىسى ئايانكى، بۈگۈنكى ھىجران بىزگە ئەمدى ئەتىكى ۋىسالدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
$ x- X- v6 _+ u: _' R, k/ sبۇندىن كېيىن، بەلكىم، قوشۇمىلىرىم تۈرۈلۈپ، كەمسۆزلىشىپ كېتەرمەن. چۈنكى خۇشاللىقىمنى كۆرسىتىدىغانغا يېنىمدا سەن يوق! ئازاپلىرىمغا شېرىك بولىدىغانغا يېنىمدا ھەم سەن يوق! يىقىلسام يۆلەيدىغانغا يېنىمدا ھەم سەن يوق!0 P. B" a" _2 |; gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كېچىلىرى يانفونۇمنى ئۆچۈرۈپ يېتىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم، تەسادىپىي سەندىن ئۇچۇر ياكى تېلېفون كېلىپ قالسا بىلەلمەي قالماي دەيمەن، ئەمما ئۇزۇن بولدى، يانفونۇممۇ سايرىماس بولدى، بەلكىم، مەن يادىڭدىن چىققان ئوخشايمەن. بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولغىنى، ئىككى جاننىڭ قىينالغىنىدىن بىر جاننىڭ قىينالغىنى ياخشىراق! سېنى ۋاپاسىزلىقتا ئەيىبلەشكە ھەددىم ئەمەس! چۈنكى سېنىڭ «ئەڭ يېقىن ناتونۇش» بىرسىگە تېلېفون قىلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق!
; g" F2 _- D. U- f' ^3 Lباشكۈزنىڭ سارغايغان ياپراقلىرىدەك ساپسېرىق يۈزلىرىمگە، نۇرى قېچىپ ئولتۇرۇشۇپ، چۆرىسى قارىداپ مۈشۈك ئېيىقنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان كۆزلىرىمگە، نەچچە كۈندىن بېرى تىغ سېلىنمىغان ئۆسكىلەڭ ساقال-بۇرۇتلىرىمغا قاراپ ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ تونۇيالماي قالغىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان يەردە سېنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس!
! r. m) T9 p' S% T# _/ cقىسقىسى، كاۋاپداننىڭ كۈلىنى چۇقچىلاپ ئوتىنى يېلىنجاتقاندەك، قەلبىڭدىكى ئاران بېسىققان كونا ئوتلارنى يەنە ياندۇرغۇم يوق، كونا يارىلىرىڭنى تاتىلاپ قايتا قاناتقۇم تېخىمۇ يوق، ئۆزەمنىڭكىنىمۇ ھەم شۇنداق. بۇندىن كېيىن سەن بولمىساڭمۇ، تاغ چوققىسىدىكى يالغۇز قارىغايدەك بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، داۋاملىق ياشاۋېرىمەن، چۈنكى يىلتىزىمدا ــ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سەن مەڭگۈلۈك كۆمۈكلۈك! سەن ئۈچۈن بەختىڭنى تىلەپ سەندىن يىراق ياشاۋېرىمەن، ئۇنتۇلغان بۇلۇڭلاردا توپا-چاڭلارغا كۆمۈلۈپ قالساممۇ، بۇنىڭدىن ۋايساشنى ئەمدى نومۇس بىلىپ، جىمجىتقىنە سۈكۈتنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىۋېرىمەن. بىلگىنكى، يادىڭدىن چىققىنىمغا ئۆكۈنۈشىڭنى ھەرگىز خالىمايمەن، مەن ئۈچۈن ياش تۆكۈشۈڭنى كۆرۈش مېنىڭ مەھشەر كۈنۈمدۇر!
, W! g* Q* U/ c3 b  b3 I- @$ B
1 c/ Q; j2 h5 r/ R
( Y- G5 Z! h( T' u5 _! U0 G7 O1 K0 Kبۇ ئالدىنقى قېتىمقى تېمام «سەن ناتۇنۇش ماڭا، مەنمۇ ھەم ساڭا»نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش نەسىرلەر جەمئىي بەش پارچە.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ تېخىمۇ تىرىشقايسىز
ۋاقتى: 2014-10-8 16:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىداكا ياشلىق قىلماڭ ، ئەتىلا ئايالىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراپ ئىسمىڭىزنى «نىدا»دىن «توۋا»غا ئۆزگەرتىۋالىسىز

باھا سۆز

تاياقنى تولا يەپ قويغان ئىسىم ئۇ نىدا دەپ…  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-8 19:31
بىزلەر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 16:27% u1 \! O' _; F9 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
نىداكا ياشلىق قىلماڭ ، ئەتىلا ئايالىڭىزدىن كەچۈرۈم سو ...
+ U1 B9 U; S4 Z0 p3 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تاياقنى تولا يەپ قويغان ئىسىم ئۇ نىدا دەپ…
ۋاقتى: 2014-10-9 09:52:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-9 09:54    W/ H" f9 b' J1 w! {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 ~& ?% y! H; R1 B2 Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يانفۇنۇممۇ سايرىماس بولدى  بۇ مىنىڭ مۇزكىلىق قوڭغىرقىم شۇغۇ قاچانلاردا تىلفۇنۇمدىن ئاڭلىۋاپسىز دە
ۋاقتى: 2014-10-9 09:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇزىكىلىق قوڭغىراقنى قويۋالغىلى  3 يىلدىن ئىشىپ كەتتى ئۆز ۋاقتىدا قويۇپ بەرگەندە 6 ئايدىن كىيىن قايتا قويمىسىڭىز ئۆچۇپ كىتىدۇ دىگەن ئەمما ھازرغا كەلگۇچە ئۆچۇپ كەتمىدى.

باھا سۆز

نەسىرنى ياخشى يىزىپسىز . ھەقىقەتەن جەلىپ قىلارلىق ئىكەن .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-10 20:07
ۋاقتى: 2014-10-10 20:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 09:56/ Z! y/ s) Z; hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن بۇ مۇزىكىلىق قوڭغىراقنى قويۋالغىلى  3 يىلدىن ئىشىپ  ...
6 q& w, ^+ K: i- @9 hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  نەسىرنى  ياخشى  يىزىپسىز . ھەقىقەتەن  جەلىپ قىلارلىق ئىكەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-14 06:23

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش