روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1578|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] سېنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-11 19:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
سېنى ئەسلەيمەن


ئاپئاق گۈللەر ياغقاندا لەرزان،
كېلە نازۇك سىمايىڭ ئەسكە.
ئۆچكەن ئوتلار ئۇلغىيىپ قايتا،
سېنى ئۇنتۇش چۈشىدۇ تەسكە.



ئۇنتۇش ئاسان بولغاندۇ ساڭا،
مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن.
مېنى ئۇنتۇپ خۇش بولساڭ مەيلى،
بىراق ھەر قىش سېنى ئەسلەيمەن.



قىشنى سوغۇق دېيىشەر ھەممە،
ماڭا ئىللىق بىلىنەر ئەمما.
چۈنكى يازدا كەتتىڭ يىراققا،
قالدى دىلدا سىرلىق مۇئەمما....

2013-يىل 6-ئوغلاق، ئۈرۈمچى

Seni Esleymen.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-12 20:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ شېئىرنى مەن ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2014-12-14 15:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى قار ھەممەيلەننىڭ نازۇك ھىس تۇيغۇلىرنى قوزغىۋەتتىمۇ نىمە؟ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ،،،مۇبارەك يېڭى شىئىرىڭىزغا،،،،ھارماڭ
ۋاقتى: 2014-12-14 21:26:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشتىكى قار مەنزىرسى يازمىڭىزدا تېز سىزما ھالىتىدە نامايەن بوپتۇ. ياخشى يېزىپسىز. تېخىمۇ تېىرىشىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 16:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 15:53
بۇ قېتىمقى قار ھەممەيلەننىڭ نازۇك ھىس تۇيغۇلىرنى قوزغ ...

ئۆتكەن يىلقى شېئىرتى بۇ...
ۋاقتى: 2014-12-18 21:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرڭىزنى مەن بەك ياقتۇردۇم ، ھەم چچ بوشلۇققا ئىشلەپ چىقىرىپ قوياي دەيمەن
ۋاقتى: 2014-12-30 13:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن ...شىئېرى تىل بەك گۈزەل...مۇبارەك بولسۇن...مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ئۆكسۈپ قالمىغاي...
ۋاقتى: 2015-1-1 23:55:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شېئىرىڭىزدىكى قىش گۈزەللىكىدىن بەھىر ئالدىم ، ياخشى يىزىپسىز ....

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 19:58

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش