روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1314|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] كەچمىگىن مەندىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-25 11:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-27 11:35  

كەچمىگىن مەندىن


ھەممىدىن كەچتىم ئەمما كەچمىدىم سەندىن،
شۇندىمۇ ھېچبىر خۇۋلۇق كۆرمىدىم سەندىن.
ئازابى ھىجرانىڭنىڭ ئۆتتىغۇ جاندىن،
تىلىكىم: يارىم ھەرگىز كەچمىگىن مەندىن.



سېنىڭسىز ئۆتتى كۈنلەر لاي سۇدەك ئېقىپ،
تەلمۈرۈپ يولغا قاراپ، كۈن-ئايغا بېقىپ.
تاپمىدىم ھېچبىر خەۋەر ھەريانغا چېپىپ،
كەتسەڭمۇ كەتكىن، كەچمىگىن مەندىن.



سايرىسا تاڭدا كاككۇك كېلىسەن ئەسكە،
تولغىنىپ قىلدەك كۆيۈپ، ئوخشىدىم خەسكە.
ئۇنتۇماق سېنى ھەجەپ چۈشتىغۇ تەسكە،
ئۇنتۇساڭ بوپتۇ، ھەرگىز كەچمىگىن مەندىن.

2014-يىلى 13-چىللە، ئۈرۈمچى

_Wallpaper_2011_5_6_6f2e4149b60243c1a406adb8440ddd7c-13_jpg_null.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-25 12:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى كۇبلىت ئىككىنچى مىسرادا بىر ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قاپتۇ، ماڭا يانفۇندا تەھرىرلەشكە قولايسىز بولۇپ قالدى.

باھا سۆز

ئۆزەمچە ئىملاغا بەك دىققەت قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئۆزۈرلۈكمەن، ئەتىگەن قاتىلاڭچىلىقتا قارىمايلا يوللىۋېت  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-25 16:15
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 16:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:23
ئۈچىنچى كۇبلىت ئىككىنچى مىسرادا بىر ئىملا خاتالىقى كۆ ...

ئۆزەمچە ئىملاغا بەك دىققەت قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئۆزۈرلۈكمەن، ئەتىگەن قاتىلاڭچىلىقتا قارىمايلا يوللىۋېتىپتىمەن. تۈزىتىم قويدۇم.
ۋاقتى: 2014-12-25 17:16:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nida يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 16:15
ئۆزەمچە ئىملاغا بەك دىققەت قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئ ...

ياقەي، سىز ئىزچىل ئىملاغا ئەھمىيەت بېرەتتىڭىز، شۇڭا قارىسام ياخشى يېزىلغان شېئىردا بىر ئىملا خاتالىقى تۇرىدۇ، تەھرىرلەي دېسەم تېرمىنال تازا ياخشى ئشىلىمەي قويدى، شۇڭا ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-25 17:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى يىزىپسىز . مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز .{:6_277:}
تىلى بەك ئەركىن چىقىپتۇ، ئەمما يەنىلا شىئېر تىلنىڭ گۈزەل بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ
ۋاقتى: 2014-12-26 23:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇيالمىسىڭىز ئۇنتۇش ئۈچۈن تىرىشماڭ،،،،،ۋاقىت ئەڭ ئىسىل دورا،بۇندىن كىيىكى كۈنلىرىڭىزنى خوشال ،سالامەت ،مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن،،،،،،قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلەر تاپقاي
ۋاقتى: 2014-12-27 00:33:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىنى يەنە بىر پىششىقلىسىڭىز بولغۇدەك، قالغان ئىككى كۇبلىتى خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-27 11:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان، نەۋرۇز ئۇستازلار دېگەندەك، بۇ شېئىردا يەنىلا كەمتۈكلۈك بار، بۇ بەلكىم تىلغا گادايلىقىمنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىگە رەھمەت.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-30 04:24

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش