روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] يار ۋەسلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-7 12:25  

ھەر قېتىم ئۆزبېك ناخشىچىسى ئازادبېك نەزەربېكوۋنىڭ مۇشۇ «باشتا ھاۋادۇر» دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىسام، غەلىتە بىر مۇڭغا چۆكۈپ قالاتتىم، ئۆتكەندە مۇشۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ، مۇشۇ ناخشىنىڭ غەزىلىگە تەقلىد قىلىپ بىر غەزەل يېزىپ باققان، ئەمما ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ نەزەرىيىسىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكتىن، قورساقتا ئۇماچنىڭ تايىنى يوقلىقىدىن، بۇ غەزىلىم بەكلا چاندى، شۇنداقتىمۇ ئۇستازلارنى كۆرسەتمە بېرەر دېگەن نىيەتتە بۇ يەرگە يوللاپ تۇرۇپتىمەن.


يار ۋەسلى


چاچىيۇ، قاشىيۇ، دەردى باشىمگە بالادۇر،
كۆيمەيۇ دەيمەنۇ ئەمما يۈرەكىم گادادۇر.

ئۆرتىنىپ كۆيگەننى پىنھان تۇتماقنى ئىستىسەم،
يۇشۇرۇپ سۆزلىگەن يالغان سۆزلىرىم چانادۇر.

كۈنۇ-تۈن ئۇيقۇسىز يۈرسەم ئىشقىدا بىناۋا،
كۆزلىرىم بۇ سىرنى بارچە ئالەمگە يايادۇر.

يىل بولدى خەۋەر يوق كۈتۈپ چاچىمغا ئاق كىردى،
بۇ ھالىم كۆرسە كىم مەندىن يىراققا قاچادۇر.

ۋەسلىگە يەتمەككە باغلاپ بۇ بەلنى ئاتلانسام،
كۆرسىتىپ يولۇمنى گويا مەشئەلدەك يانادۇر.

بەئەينى ياپراقتەك تىترەر لەرزىدە جانۇ-تەن،
يىگانە شۇ جانان ۋەسلى رەنجىمگە داۋادۇر.

2014-يىلى 19-چىللە، ئۈرۈمچى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-8 07:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 10:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش