روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2436|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] سەن قارسەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە بۇ يىلقى 2-قېتىملىق قار ياغدى، قارغا قاراپ، ئۆتكەن يىل ئەتىكى كۈندە ياغقان قارغا ئاتاپ يازغان شېئىرىم ئېسىمگە كېلىپ، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارغا سۇنغۇم كېلىپ قالدى، پىكىر-تەكلىپ بەرگەيسىلەر.
سەن قارسەن

لەيلەپ چۈشكەن ئاپئاق چېچەكلەر،
قوزغىماقتا قەلبىمدە غەليان.
كونا ئوتلار يېلىنجاپ قايتا،
ياسىماقتا گوياكى گۈلخان.



ئاپئاق قاردەك گۈلگۈن سىمايىڭ،
يۇشۇرۇنغان قەلبىمگە جانان.
ھىجران قار بوپ كۆمگەنتى سېنى،
ئەسلەپ كەلگەن ئۇزۇندىن بۇيان.



ئىزتىراپقا چۆكىدۇ يۈرەك،
سېنى ئىزدەپ چاپىدۇ ھەريان.
تىپىرلايدۇ تاپالماي سېنى
يارىلانغان قۇشتەك —يېرىم جان.

2013-يىلى 10-ئوغلاق

mmexport1394628008713.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-9 09:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى لىرىكىدىن بىرنى ئوقۇۋالدىم مانا
ۋاقتى: 2014-11-9 10:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز يارايسىز.
ۋاقتى: 2014-11-9 11:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن .
ۋاقتى: 2014-11-9 16:11:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،مەن بەكمۇ ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2014-11-11 03:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ قەلەمدە ئەكىس ئېتىشىنى بىر ماھارەت دىسەكمۇ بولامدىكىن دەيمەن. ياخشى يېزىپسىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 07:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش