روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1560|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] ھەتتىڭەي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-24 18:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ھەتتىڭەي

مۇچ ئۈنۈپتۇ گۈل تېرىسام ھەتتىڭەي،
يالغان چىقتى ئىشەنچ قىلسام ھەتتىڭەي،
توڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر ئىكەنتۇق،
يەنە ئازراق سەبىر قىلسام ھەتتىڭەي…

نازلىق بېقىپ كۆڭۈل ئوۋلار ھەتتىڭەي،
يېقىن بارسام بويۇن تولغار ھەتتىڭەي،
سۇغارماستىن ئېلىپ كەلسە دەريادىن،
بىلمەپتىمەن ئۇسساپ تۇرسام ھەتتىڭەي…

مەجنۇن بولۇپ يۈرۈپتىمەن ھەتتىڭەي،
خەق يىغلىسا كۈلۈپتىمەن ھەتتىڭەي،
قىلغانلىرىم ئەل ئاغزىدا ھېكايە،
سۆزلەپتىمەن ئۆزۈم تۇرسام ھەتتىڭەي…
     
2014-يىل 24-ئوغۇز، ئۈرۈمچى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-24 21:16:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوپ بوپتۇ
ۋاقتى: 2014-10-25 08:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ئىسىل شىئىر بوپتۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-28 12:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش