روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4728|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۈجمىلەر پىشىپ كەتتى، ئۈجمىنىڭ ساغلاملىقتىكى رولىنى بىلىۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈجمە ئەڭ بۇرۇن پىشىدىغان مېۋە بولۇپ، ئۇ تاتلىقلىقى، شىرنىلىكلىكى، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە شىپالىقلىقى بىلەن مەشھۇر.
" Z$ K0 ^* f! F' y* I    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاق ئۈجمە، قارا ئۈجمە، شاتۇت، چېقىر ئۈجمىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئۈجمە بار. ئاق ئۈجمىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى تازىلاش، تال، جىگەرنىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇ قۇرۇق سوغۇق (سەۋدا) مىجەزگە پايدا قىلىدۇ.
) z9 o* G) r  k! W, m3 ]7 T    قارا ئۈجمىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، مېڭە ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە. قارا ئۈجمە سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرگە پايدا قىلىدۇ.; M  h' Z. G! gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    شاتۇت ئۈجمىنىڭ رەڭگى قارامتۇل قىزىل بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، ئۇ قىزىتما قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولىدىغان جىگەر، تال، ئۆت يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، سۇيۇلدۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، قۇرۇق ئىسسىق (سەپرا) مىجەزلەرگە پايدا قىلىدۇ.9 T: G! g1 A% J( `0 Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن باشقا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە نوتا شېخىمۇ داۋالاش قىممىتىگە ئىگە. ئۈجمە يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، جىگەرنى تازىلاش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى.
  u7 L% P0 x' c2 L% a" U2 ?; J    ئۈجمە يىلتىزىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆپكە، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، دەم سىقىلىش، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئۈجمە نوتا شېخىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئۇ سوغۇق يەلنى ھەيدەش، رېماتىزم، پۇت–قول ئۇيۇشۇش كېسەللىكلىرىدە ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.2 l; G8 l* c3 P. \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئۈجمە تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى ياغنى پارچىلاش، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈجمە تەركىبىدە چاچنى قارايتىش ماددىسى بولۇپ، چاچنى قارايتىدۇ ۋە پارقىرىتىدۇ. ئۈجمە تېرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، يۇمرانلاشتۇرۇش ھەم قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۈجمە قاننى كۆپەيتىدۇ، جىگەر – بۆرەكنىڭ مەنپىيلىكى ئېشىپ كېتىش، قان يېتىشمەسلىك، ئۈچەي قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ. ئۈجمىنى كۆپ يەپ بەرگەندە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، كۆز چارچاپ قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرگە شىپا بولىدۇ.
8 Z% y$ G  w8 [; u1 L, z( S, iمەنبە:http://www.nur.cn/news/2015/05/226177.shtml
1 w2 \' t& E& Q1 `4 C7 Qئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ھەقىقەتەن ئۈجمىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بەك كۆپ بىراق ھازىر  كىشلەر پايدىلىق نىمەتلەرنى يىگۈسى كەلمەمدىكىن تاڭ ئەخلەت يىمەكلىكنى ئىزدەپ سوراپ يەيدىغان بوپ كەتتى بەزىدە ئۇلارنىڭ يەۋاتقان نەرسىلىرىگە قاراپ ئازاپتىن يىغا تۇتىدۇ  ھەي
ۋاقتى: 2015-5-19 21:35:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھەقىقەتەن ئۈژمە پىششىقى ۋاقتى، ئۈژمىنىڭ خاسىيەتلىرى ھەققىدە ئەژداتلاردىن قالغان نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەر ۋە مول تەجرىبىلەر بار. ھەممىگە مەلۇم، ھازىر ئۈژمە مېۋە- چىۋىلەر ئارىسىدا بىردىنبىر بۇلغانمىغان، ساپ مېۋە بولۇپ قالدى. دىيارىمىزنىڭ كەڭرى كەتكەن يېزا- قىشلاقلىرىغا بارغىنىڭىزدا يول بويلىرى، ھويلا- ئاراملاردا، ئېتىز باشلىرىدا چوڭ- كىچىك ئۈژمە دەرەخلىرىنى ئۇچرىتىسىز، مانا مۇشۇ بىباھا گۈھەر مېۋىگە ئېغىز تەگمەكچى بولسىڭىز ھىچكىم سىزنى يېمە دېمەيدۇ. دېمەك، يىلدا بىر پىشىدىغان بۇ مېۋىنى يېيىش ئارقىلىق بىر قېتىملىق ئومۇمىي بەدەن خارەكتېرلىك قان تازىلاتقان بىلەن باراۋەر دەرىجىدە ئوزۇقلۇقنى بىر قېتىم بولسىمۇ تېتىمىسىڭىز راستلا بولمايدۇ.
8 G7 K& |( p1 ^5 j" t& g9 Cقېنى شەھەر- بازارلاردىكى ئاق ياقىلىق قېرىنداشلىرىمىز، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن بىرەر يېرىم كۈن بولسىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۈژمىگە ئېغىز تەگمەمسىلەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-19 21:43:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز جام راست دەيدۇ،ھازىر خېمىيلىك دىخانچىلىق دورىلىرىنىڭ ھەم خېمىۋى ئوغۇتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغا يىشىل يىمەكلىكلەر ساناقلىلا ئۈجمە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.مەنمۇ مۇشۇ ئۈجمە،ئەنجۈر،قوغۇنغا قەۋەتلا ئامراق،شۇڭا بۇتىمىنى ئۇلىنىش تور بىكىتىدە كۆرۈپلا ماڭا ئوخشاش دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ يوللىدىم.
ۋاقتى: 2015-5-20 00:47:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سەھرادا بولمىسا، تىخىچە يەپ باقماپتىمەن

باھا سۆز

ھورۇن ۋاپاسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-5-20 21:36
ۋاقتى: 2015-5-20 10:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىمەكلىكلەرنى،بىلىپ ئىستىمال قىلغان بەك ياخشى
ۋاقتى: 2015-5-20 10:54:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇژمىنىڭ خاسىيىتى نۇرغۇن جۇمۇ، ئائىلە بويىچە دوستلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىرغىتىپ يەپ كىلىمىز، ياكى بىزنى تەكلىپ قىلىدۇ، تۇغقانلار كەلسە مەي مەي پىشىدىغان ئۇژمىسى بار قولۇم- قوشنا، دوسىت -يارانلەرنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارمىز. مىھرى- مۇھەببەت،دوستلۇق چوڭقۇرلايدۇ.7 m8 G" W4 v: ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    ئەجەپ ئۇژمە يېگىم كەلدى.
ۋاقتى: 2015-5-20 21:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wapasiz يوللىغان ۋاقتى  2015-5-20 00:47% Y7 N' Y  Z$ M3 V! e9 P1 Mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنمۇ سەھرادا بولمىسا، تىخىچە يەپ باقماپتىمەن

+ K9 W3 W) `! R2 R8 i% cھورۇن   ۋاپاسىز  

باھا سۆز

ھاھاھا  ۋاقتى: 2015-5-21 01:26
مەن ھەركۈنى يەپ قويىمە.  ئەمما زە تازا پىشىپ كەتمىدى تېخى

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 23:01

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش