روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2296|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 17:33  

يېشىم قىرىققا ئۇلاشتى ـــ ھاياتىمنىڭ كۈزى كەلدى،
بىللە يولغا چىققانلارنىڭ كۆپى قالدى، ئېزى كەلدى،
بىلەلمىدىم تاپقانلاردىن قانچە ئۆردەك-غېزى كەلدى،
كۆزۈم ھېچ تويماستا دۇنياغا ئۆلۈمنىڭ سازى كەلدى.

ئۆمرۈم ئۆتۈپ بەڭباشلىقتا بىلمەپتىمەن ھەقىقەتنى،
چېپىپ چەللە-باراڭلىقتا مىنىپتىمەن توسۇن ئاتنى،
كەيپۇ-ساپا گاراڭلىقتا سەزمەپتىمەن دوستۇ-ياتنى،
قىلغان گۇناھلارغا چىن تەۋبە قىلماقنىڭ گېزى كەلدى.

ئەي ئاللاھىم رەھمە قىلغىن گۇناھىم كۆپ تەۋبە قىلاي،
گۇمراھلىققا قايتا قەدەم باسماسلىققا ئەھدە قىلاي،
پۇرسەت بەرگىن جەننەت ئۈچۈن ساڭا كۆپلەپ سەجدە قىلاي،
مەغپىرەت قىل، يىغلاپ تۇرۇپ ئادىلىڭنىڭ ئۆزى كەلدى.

2014-يىل 1-ئوغۇز، ئۈرۈمچى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +55 ئىناۋەت +28 تەڭگە +26 بايلىق +40 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
zulpikar0998 + 3 + 1 ياقتۇردۇم
ADiL + 55 + 25 + 25 + 40 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-10-1 19:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغا ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپلا يېزىۋېتىپسىزغۇ بې قېتىم .
بۇ شېئىرنى مېنىڭ قىلىۋالساممۇ چانمىغۇدەك ئىسىمداش بولغاندىكىن.

باھا سۆز

ۋاي راست، مۇنبەردە سوزۇش بەلگىسىنى(ئەلكاتىپتا Shift بىلەن T نى بېسىپ چىقىرىدىغان بەلگە) قانداق چىقىرىدۇ؟ چەللە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-2 10:06
سىزدىن ئايلانسۇن شېئىر دېگەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-10-2 09:53
ۋاقتى: 2014-10-1 20:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بەك ياخشى يىزلىپتۇ ئادەملەرگە بىر قىسىم ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويدىكەن.
ۋاقتى: 2014-10-1 20:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، تەسەۋۋۇرغا خىلى باي ئىكەنسىز .
ۋاقتى: 2014-10-2 09:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-2 09:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 19:21
شېئىرغا ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپلا يېزىۋېتىپسىزغۇ بې قېتى ...

سىزدىن ئايلانسۇن شېئىر دېگەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-2 10:06:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 19:21
شېئىرغا ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈپلا يېزىۋېتىپسىزغۇ بې قېتى ...

ۋاي راست، مۇنبەردە سوزۇش بەلگىسىنى(ئەلكاتىپتا Shift بىلەن T نى بېسىپ چىقىرىدىغان بەلگە) قانداق چىقىرىدۇ؟ چەللە دېگەن خەتكە قاراڭە.
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-10-3 09:17:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزگە دەرت بەرمىگەي
ۋاقتى: 2014-10-4 19:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا ئەپەندىم، ماۋۇ شېئىرغۇ ئوبدان يېزىلىپتۇ، ئەمما تۈزگەن يۇمشاق دېتاللىرىڭىز ئازلاپ قالدى دېسە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 07:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش