روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 918|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] گۈلبەدەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 17:34  

گۈلبەدەن

گۈلبەدەن، ئەي گۈلبەدەن، گۈلدەك بەدەن،
جان ئالار چار يىلاندەك چىڭ يۆگىشىپ.
لال قىلۇر ناز-كەرەشمەڭ ئەقلى-ھۇشۇم،
شۇ ھامان تەسلىم بولۇر جان تۈگىشىپ.



مات بولۇر تەڭلىشەلمەي ھەشقىپىچەك،
قىزىلگۈل باشىن ئېگەر ئاچماي چېچەك.
ئەتىرگۈل سولىشادۇر چاچماي پۇراق،
بولمىغاچ خۇشبۇي پۇراق گۈلبەدەندەك.



تۇلۇنئاي ئاسماندا ھەم غەمناك بولۇر،
ھۆسنىڭدىن كۈنمۇ خېجىل ـــ مۈكمەك بولۇر.
رەڭ ئالغان كۆزلىرىڭدىن دېڭىز-ئوكيان،
ئىستىكىم بېلىق كەبى ئۈزمەك ئېرۇر.



كىرپىكىڭ ئوقيا بولۇپ چەنلەر يۈرەك،
چاچلىرىڭ باغلار مېنى ئارقان بولۇپ.
كۈنۇ-تۈن ۋەسلىڭ ئىزدەپ مەن سەرگەردان،
ئۆزۈڭ چىق تاڭدىكى چولپان بولۇپ.
2014.9.16  ، ئۈرۈمچى


ئاخشام شىرئەلى جۇرايېۋنىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىنى تىڭشاۋېتىپ يېزىپ باقتىم، ئانچە ياخشى چىقمىدى، ئۇستازلار يول كۆرسىتەرسىلەر.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-16 12:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-9-16 12:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-9-16 16:05:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن تىرىشىڭ
ۋاقتى: 2014-9-16 16:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.
ۋاقتى: 2014-9-16 19:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېر ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بىزنىڭ بۇ يەردە گۈلبەدەن دەپ ۋىۋىسكىسى بار  مەخسۇس ئاياللارنىڭ كىيىمىنى ساتىدىغان بىر دۇكان بار ئىدى بۇ شئېرنى ئوقۇۋېتىپ شۇ دۇكان ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

باھا سۆز

قارىغاندا ھەربىر شېئىرىمنى ئېسىڭىزگە بىرەر نەرسىنى سېلىپ قويۇۋاتقان چېغى، ئەتراپىڭىزدا يەنە قانداق نەرسىلە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-16 22:51
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-16 22:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 19:41
شئېر ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمە ...

قارىغاندا ھەربىر شېئىرىمنى ئېسىڭىزگە بىرەر نەرسىنى سېلىپ قويۇۋاتقان چېغى، ئەتراپىڭىزدا يەنە قانداق نەرسىلەر بار، بىراقلا دەۋەتسىڭىز، ھەممىنى شېئىرغا قوشۇپ يېزىپ باقايمىكىن يا؟

شىرئەلى جۇرايېۋنىڭ «گۈلبەدەن» ناملىق ناخشىسى

باھا سۆز

سىزنىڭ بۇنداق قابىليىتىڭىزنىڭ بارلىقىغا ئىشنىمەن. مەن يازسام بەك جىق يېزىۋېتىمەن، سىز شئېر يېزىپ ئۈلگۈرۈپ ب  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-17 09:58
ۋاقتى: 2014-9-17 09:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 10:02  
nida يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 22:51
قارىغاندا ھەربىر شېئىرىمنى ئېسىڭىزگە بىرەر نەرسىنى س ...


سىزنىڭ بۇنداق قابىليىتىڭىزنىڭ بارلىقىغا ئىشنىمەن. مەن يازسام بەك جىق يېزىۋېتىمەن، سىز شئېر يېزىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز، ئەڭ ياخشىسى يازماي جۇمۇ
بۇ ناخشا ياخشىكەن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 20:48

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش