روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[نىدا] [شېئىر] مېنى تاشلاپ كەتمەك بوپسەن نىگارىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-3 17:36  

ئۈندىدارنى ئەتمەك بوپسەن نىگارىم،
مۇرادىڭغا يەتمەك بوپسەن نىگارىم.
سېنى دىلدىن شۇنچە سۆيسەم كارىڭ يوق،
مېنى تاشلاپ كەتمەك بوپسەن نىگارىم.

                              بوپتۇ ئەتسەڭ ئۈندىدارنى ئېتىۋەت،
                              بىراۋلارنى چەت-نېرىغا چۆرىۋەت.
                              كۈندە كېلىپ خۇشال قىلساڭ غېمىم يوق،
                              ئەمما تاشلاپ كەتمەك بوپسەن نىگارىم.

مەندىن كەچمەك شۇنچە ئاسان ئىشمىدۇ؟
بىرگە يۈرسەك يازمۇ ساڭا قىشمىدۇ؟
ئىشقىڭ سەرسان قىلسا قارار كۆزۈڭ يوق،
مېنى تاشلاپ كەتمەك بوپسەن نىگارىم.

                              يۈزدىدارمۇ، ئۈندىدارمۇ بولمىدى،
                              قادىر ئاللاھ يا بۇ جاننى ئالمىدى.
                              خېلى بولدى سەندىن ھېچبىر خەۋەر يوق،
                              راستلا تاشلاپ كەتمەك بوپسەن نىگارىم.

2014-يىلى 7-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-31 23:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ۋاقتى: 2014-9-1 10:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى يازغاندەكلا يېزىپسىز يا بۇ شېئرنى، رەھمەت.

باھا سۆز

ۋاي ئاللا سىزمۇ بىرسىگە كۆيۈپ قالغانمۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-1 12:06
ۋاقتى: 2014-9-1 11:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ
ۋاقتى: 2014-9-1 12:06:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلچىن يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 10:22
مېنى يازغاندەكلا يېزىپسىز يا بۇ شېئرنى، رەھمەت.

ۋاي ئاللا سىزمۇ بىرسىگە كۆيۈپ قالغانمۇ
ۋاقتى: 2014-9-1 12:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 12:16  

ئۈمۈدۋار بولۇڭە ، بىر كۈنلەردە سىز ياخشى كۆرگەن كىشىلەر يەنە سىزنى ئىزدەپ كېلىشى مۇمكىن.

   ناخشا: كەتمە

   
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-9-1 17:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شىئىركەن .
ۋاقتى: 2014-9-2 17:48:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن تىرىشىڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-27 10:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش