روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1467|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

    دادا مىنى قۇچاقلاڭ. 

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ‏‏               دادا مىنى قۇچاقلاڭ. 
) f0 q) t2 V$ G( Z$ w( w. h‏داداسىزگە  دىمەكچى بولغان  نۇرغۇن سۆزلۆرۆم بار سىزنى شۇنچىلىك سىغىندىم .  بويونلىرىڭىزغا  ئىسىلىپ  ئەركۈلۈگۈم كەلدى. دادا ئىسىمنى بىلسەم سىزنىڭ ئۆيدە تۇردىغان ۋاقتىڭىزدىن سىرتلاردا تۇردىغان ۋاقتىڭىز كۆپرەك ئىدى،ئۆيدە بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كىتاپخانا ئۆيىڭىزگە كىرۋىلىپ بىز بىلەن ئانچە كارىڭىز يوق ئىدى .مەن قېشىڭىزغا كىرىپ بىردەم ئەكىلەپ بويونلىرىڭىزغا ئىسىلىپ قويسام قالايمىقان قىپ مىنىڭ ئىشىمنى قىلغىزمىدىڭىز دەپ كايىپ كىتەتتىڭىز،شۇ چاغدا كۆڭلۆمنىڭ قانچىلىك يىرىم بولغىنىنى بىلەمسىز؟،دوسلورومنىڭ دادىلىرىغا ئەكىلەپ بويونلىرىغا  ئىسىلغانلىرىنى دادىلىرنىڭ ئۇلارنى مىھرى بىلەن ئەكىلتىۋاتقانلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ ئاپىسنىڭ دادىسنىڭ قولىدىن تۇتۇپ  خوشال-خورام ماڭغانلىرنى كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا قانچىلىك غېرىپسىندىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟بىرقىتىم ئاپامغا «سىز بىلەن دادامنىڭ قولىنى  تۇتۇپ ئوتتوراڭلادا مىڭىپ بازارلارغا باغچىلارغا بارغىم بار » »دىسەم ئاپام كۆزىگە لىق ياش ئىپ تۇرۇپ ئاللا خالىسا دادىڭىز كەلگەندە ئاپرايلى دىگەن ئىدى.شۇچاغدا ئاپامنىڭ ياشلىق كۆزىگە قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم،ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ ئاپامنىڭمۇ ئارزۇسى ئىكەنتۇق،ئاپاممۇ سىزنىڭ مىھرىڭىزگە،كۆڭۆل بۆلۇشلىرىڭىزگە مۇھتاجئىكەنتوق.دادا مەن بۇگۇن «خىرۇستالنامە »دىگەن بىر ئەسەرنى ئوقىغان ئىدىم،ئۇ ئەسەردە ئائىلىنى خىرىستالغا ئوخشۇتۇپتۇ.لىكىن مەن بىزنىڭ ئۆينى مۇز ئىچىدىكى خىرۇستالدەك ھىس قىلىمەن.چۇنكى شۇ ئىللىق خىرىستال ئۆيۆمنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ئىللىق چىرايىڭىزنى كەمدىن-كەم كۆرىمەن.سىزنى بەك-بەك ياخشى كۆرىمەن.سىزمۇ مىنى ياخشى كۆرەمسىز دادا؟مەندەك بىر ئوماق قىزىڭىزنىڭ سىزنىڭ مىھرىڭىزگە قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىز دادا؟دادا سىز ماڭا قەرىزدار مىھرىڭىز بىلەن بىر قۇچاقلاشقاقەرىزدار.ئۇتۇقلۇرۇمنى كۆرگەندە سۆينۈپ تۇرۇپ مەڭزىمگە سۆيۇشكە قەرىزدار.ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىزمۇ«بىر كىشى باللىرىمنى سۆيۆپ باقمىدىم دىگەندە كىمكى رەھىم قىلمايدىكەن رەھىم قىلىنمايدۇ»دىگەن ئىكەن.يەنە بىر ھەدىستە«كىچىلىرىنى ناماز بىلەن كۇندۇزلىرىنى روزا بىلەن ئۆتكۆزىدىغان ساھابە ئۇچۇن ئۇنداق قىلمىغىن بىر كۈن تۇرۇپ بىر روزا تۇتقىن چۇنكى سەندە خوتون-باللىرىڭنىڭمۇ ھەققى بار»دىگەن ئىكەن ئاللاغا ئىبادەت قىلىشتەك ئۇلۇغ بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان بىر كىشىگە ئاللانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە خوتون-باللىرىنىڭ ھەققىنىمۇ ئاداقىلىشقا بۇيرىغان ئىكەن.دادا ئىيتىڭە سىز نىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟داۋاملىق ئاپامدىن سىزنى نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ يىنىمىزدا تۇرماي داۋاملىق يىراق يەردە تۇرىدۇ؟دەپ سورىسام ئاپام «دادىڭىز بىزنى باقىمەن دەپ پۇل تاپىمەن دەپ شۇندا مۇساپىر بولوپ يۇرۇيدۇ قىزىم دادىڭىزغىمۇ ئاسان ئەمەس »دەيدۇ لىكىن مىنىڭ بۇ سۆزلەرگە پەقەت قايىل بولغوم كەلمەيدۇ دادا بىزنى يىنىڭىزغا ئەكەتسىڭىز بولمامدۇ؟ئەجەبا سىز مىنى مەن سىغىنغاندەك سىغىنمامسىز؟ دادا سىزدىن ئۆتۆنەي مىنى قۇچاغلاڭ،مىنى مىھرىڭىز بىلەن چىڭ قۇچاغلاڭ.مەن مىھرىڭىزگە تەشنا.
" e1 l6 |; i( v' j1 C# D; \; `3 c0 m. v- _4 B, c, c( T: x6 w0 C& ~% Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
‏   مەنبە:ئۆ ز قەلىمىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-23 11:26:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف.... ئاللاھىم ئاتائا-ئانا مېھرىگە تەشنا سەبىلەرنىڭ  دىلىنى مېھىر سۈيى بىلەن سۇغارغىن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 10:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش