روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1006|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‏ سۇنىڭ نالىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

‏ئۇ ئادىتى بۇيىچە ئەتتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ نامىزىنى ئۆتەپ ئۇزۇندىن -ئۇزۇن دئا قىلغاندىن كىيىن ياغا چۇشۇپ سۇ ئاچىقىپ ھۇيلىلارغا سۇ چاچماقچى بۇلدى.ئۇ ھويلىغا سۇ چىچىش ئۇچۇن كۇندە شۇنداق يادىن سۇ ئىپ چىقاتتى.گەرچە سەل جاپالىق بۇلسىمۇ، تۇربىدا توختىماي سۇ كىپ تۇرسىمۇ ئۇ يادىن سۇ ئىپ چىقىشنى چىنىققانلىق، ھەم  سۇ تىجىگەنلىك دەپ قارايتى.ئۇ سۇنىڭ يىنىغا كەلگەندە ئاپپاق بۇژغۇنلارغا قۇشۇلۇپ ئىقىۋاتقان قارامتۇل سۇغا قاراپ كۆڭلى يىرىم بۇلدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كىچىك ۋاقتىدىكى كۆپكۆك دىڭىز سۇيىدەك ئىقىپ تۇردىغان،بىلىقلارنىڭ ئۇزۇپ يۇرگىنىنى ئېنىق كۇرگىلى بۇلدىغان ئاشۇ گۇزەل مەنزىرلەر كىلۋالدى .ئۇ چاغلار نىمدىگەن گۇزەل ئىدى ھە !ئۇنىڭ ئاپىلىرى ئۆستەڭ بۇيدا ئولتۇرۇپ كىرلارنى يۇياتتى،ئۇ ئۇكىلىرى بىلەن بىللە سۇپسۇزۇك  زۇمرەتتەك سۇغا كىچىپ ئۆز-ئارا سۇچىچىشىپ ئوينايتى.ھىلىلا ئۇزۇپ كەلگەن ئالمىسىنى سۇغا ئىتىپ ئۇنىڭ ئىقىشىنى تاماشا قىلىپ كىمنىڭ ئالمىسى ئىتتىك ئاقىدۇ دەپ بەسلىشىپ ھارغۇچە ئوينىغاندىن كىيىن ئۇ ئالمىنى ھۇزۇرلۇنۇپ يىيىشەتتى.ئۇ ئالمىنىڭ قانچىلىك چۇرۇك، قانچىلىك لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى دىمەيلا قۇيۇڭ،شۇ چاغلاردىمۇ ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ قىلدىغان ئىشى نامازدىن كىيىن ياغا چۇشۇپ سۇ ئاچىقىش ئىدى بۇ ئادەت ئۇنىڭغا ئاپىسىدىن قالغان ئىدى لىكىن ئۇ ۋاقلاردا سۇنى ھويلىغا چىچىش ئۇچۇن ئەمەس بەلكى ئىچىش ئۇچۇن ئاچىقاتتى ،بۇ تاغ سۇيى بۇلۇپ قىش-ياز توختىماي سۇئىقىپ تۇراتتى،ياز كۇنلىرى يامغۇر ياغقان كۇنلەردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسى جەھەتتىن سۇپسۇزۇك كىلەتتى.ئۇنىڭ ئۆيى يانىڭ بۇيىدىلا بۇلۇپ ئۆينىڭ دىرىزىسىدىن كۆپكۆك سۇنى ئىنىق كۆرگىلى بۇلاتتى.ئۆينىڭ دىرىزىسىنى ئىچىۋەتسە سۇنىڭ شاقىراپ ئاققان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئۇ ئاشۇ سۇدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتى .دۇسلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ كىلىشنى ياخشى كۆرەتتى چۇنكى ئۇلار ئۇنىڭ ھۇجرىسىدىن كۆرنۇپ تۇرغان ئاشۇ مەنزىرىگە مەھلىيا ئىدى ئۇنىڭ ھۇجرىسى باشقىلارنىڭكىدەك ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ھۇجرىسىنىڭ دوسلىرىنى شۇنچىلىك جەلىپ قىلالىغانلىقىنى دوسلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقاتلىقىنى كۇرۇپ شۇندا خۇش بۇپ كىتەتتى ھۇجرىسىنى سۇيۇملۇك قىلۋەتكەن ئاشۇ مەنزىرىدىن تۇلىمۇ سۇيۇنۇپ كىتەتتى.لىكىن ھازىرچۇ ئۆستەڭ بۇيىدىكى دەرەخلەركىسىلىپ ھىلىقى ياپيىشىل گۇزەل ئورمان تاپتاقىر بۇپ قالغان.ئۇنى سۇيۇندۇرگەن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا سىھرى كۇچ ئاتا قىلغان شۇ چىرايلىقسۇلار ھازىر ئۇنىڭ شۇ غىرىپ ھۇجرىسىغا تەھدىت بۇپ قالماقتا.ھەي ئىنسان سىنىڭ نەپسىڭ سىنى قاچانمۇ قانائەت تاپقۇزار؟قاچانمۇ نەپسىڭ ئۇچۇن تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق سىلىشتىن توختارسەن ھە!؟ئۇ بىرقىتىم شەھەردىكى بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا سۇنىڭ ئۇستىگىلا ئوبورنى ياسىۋالغانلىقىنى كۆرۇپ ھەيران قالغان ئىدى.تۇۋا سۇ دىگەن شۇنچە ئۇلۇغ تۇرسا ئۇ ھاياتلىقنىڭ قان-تومۇرى پاكىزلىقنىڭ باياشاتلىقنىڭ  مەنبەيى تۇرسا بۇ كىشىلەر شۇ سۇغا تەرەت قىلىپ يۇندە-ئەخلەت تۆكۇپ يۇرىشتىن ھەجەپ قورقمايدىكىنا دەپ ئويلىغان ئىدى ئۇ .ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شۇ سۇنىڭ مۇ بىر كۇنلەدە مۇشۇ سۇدەك بوپ قىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باخمىغان ئىدى «ئىقىن سۇ يەتتە دۇمىلغاندىن كىيىنلا پاكىزلىنىدۇ»دەيدىكەن چوڭلار لىكىن ئۇ سۇ يەتتە ئەمەس يەتمىش قىتىم ھەتتا يەتتە مىڭ قىتىم ئاقسىمۇ پاكىزلىنالمايدۇبۇ سۇ مەينەتلىكتە ئۇ سۇدەك دەرىجىگە يەتمىگەن بۇلسىمۇ لىكىن شۇنىڭغا يىتىپراق قالغان ئىدى.بەلكىم بۇ ئۆستەڭمۇ ئۇنىڭدەك كىچىك بولغان بۇلسا ئاللىقاچان ئۇنىڭدىنمۇ ئىشىپ كەتكەن بۇلا بۇلغۇيتى بىر ۋاقىتلاردا ئۆستەڭ بويىغا چوشقا فىرمىسى قۇرۋاپتۇ دىگەننى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ يۇركى ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئاغرىپ كەتكەن ئىدى لىكىن نىمە ئامال ئۇنىڭ كۇچى ئۇلارغا يەتسۇنمۇ ، بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە  خۇشخاننىمۇ سۇ بۇيىغا قۇرۋالدى، بەزىدە سۇ شۇنىڭ تەسرىدە قىپقىزىل كىپ كىتىەتتى بۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ غا سۇ خۇددى قان ياش يىغلاۋاتقاندەك بىلنەتتى ئۇ سۇنىڭ قىرغاققا ئۇرلۇپ-ئۇرلۇپ ئىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا سۇ خۇددى جان تالىشىۋاتقاندەك ۋە ئۇنىڭغا «ھەي ئىنسان مەن سىىنى كىچىكىڭدىن سۇغارمىغانمىدىم ؟ساڭا پاكىزلىق ئاتا قىلمىغانمىدىم؟مەن پاكىزلىقنىڭ سىمۋۇلى ئىدىمغۇ ؟ئەمدى نىم بولدى؟مەن قايسى كۇنگە قالدىم؟بۇنى كىم كەلتۇرۇپ چېقاردى؟مىنى قۇتقۇزماي نىمگە قاراپ تۇرسەن؟مىنى نابۇت قىلساڭ ئۆزۆڭمۇنابۇت بۇلمامسەن؟دەپ تولغۇنۇپ نالە قىلۋاتقاندەك كۇرنۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ئاۋازىنى قۇيۇپ بىرىپ «ھەي ئىنسانلار سۇ دىمەك ھاياتلىق دىمەكتۇر سۇنى بۇلغىمايلى ئۆزىمىزنى قوغداپ قالايلى»دەپ ۋاقىرغىسى كىپ كەتتى


‏‏مەنبە :ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
قايرات + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-22 11:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىر ئۇقۇپ چىقاي
ۋاقتى: 2014-4-22 15:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئاخىرى بىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. ھازىر پاكىز دەپ ئاتىلىدىغان تۇربا سۈيى ئىچىۋاتقىنىمىز بىلەن بىز يەۋاتقان سەي كۆكتات، زىرائەت، مىۋە چىۋىلەرنىڭ ھەممىسى بۇلغانغان سۇدا سۇغۇرىلىۋاتىدۇ. داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئۇلار بۇلغانماسمۇ؟ ھەرقانداق  ئۆسۈملۈكنىڭ ئاساسلىق تەركىبى يەنىلا سۇ ئەمەسمۇ؟ !
ahat0902 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 15:54
سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئاخىرى بىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. س ...

‏شۇ  ھەتتا شۇ تۇربا سۇينىمۇ خاتىرجەم ئىشكىلى بۇلمايدۇ
ۋاقتى: 2014-4-22 18:10:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىجىرىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 18:11  

ياخشى يېزىپسىز، ۈ ۇ ۆ نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تولا تورداشلار ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن ئەمما ماڭا بەكلا غەلىتە كۆرۈنىدۇ مەسىلەن ئادىدىسى كۆرۈنىدۇ دىگەننى كۇرۇنىدۇ دىسە باشقىچە ئاڭلىنىدۇ دە. شۇڭا 32ھەرىپىمىزنىڭ ئورنىنى جايىدا ئىشلەتسەك ئوقۇغان كىشىمۇ راۋان ۋە ئەركىن ئوقۇسا .
سىزنىڭ ئىككى ئەسىرىڭىزنى كۆردۈم بىر بىردىن قالتىس ئەمما ئىملا
ۋاقتى: 2014-4-22 18:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۋ ئاياتلقتىڭ مىبەسى ، سۋ قوغداماساق ئاياتلقتىڭ مانسى نەمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Fayeza12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 18:27  
بىجىرىم يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 18:10
ياخشى يېزىپسىز، ۈ ۇ ۆ نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى تولا تورد ...


‏‏ئاللا ‏خالىسا دىققەت قىلمەن رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-4-22 22:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىپسىز  يارايسىز   دىمىسمۇ  سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى  سۇ بۇلمىسا ھاياتلىقتىن ئىغىز ئاچقىلى بۇلمايدۇ
ۋاقتى: 2014-4-23 11:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ ھەم بۇلغىنىۋاتىدۇ ھەم ئازىيىپ كەتتى كىچىك چاغلىرىمىزدا چۆمۈلۈپ ئوينايدىغان ئۆستەڭ كۆللەر ھازىر يوق

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-21 18:19

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش