روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

    «يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن» ‏

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Fayeza12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 15:51  

‏‏       يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن

‏يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن،
‏گۇناھلىرىم تۈگەپ كەتكۇچە.
‏كۆز ياشلىرىم سەل بولوپ ئېقىپ،
‏گۇناھلارنى  يۈتۈپ كەتكۈچە.
‏دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرسام،
‏تەقۋا ئۆتسەم قىيامەت كىچە.

‏يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن،
‏غىرىپ باسقان ھىجاپ ئالدىدا،
‏ئۇلۇغ قۇرئان تەكچە ئۈستىدە،
‏قىلىپ قاپتۇ توپا ئاستىدا،
‏شۇنىڭ ئۈچۈن  يۈركۈم مۇجۇلۇپ ،
‏قىلىپ كەتتى ھەسرەتلىك نىدا.

‏يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن،
‏قىزلىرىمنىڭ ھالىغا قاراپ،
‏ياپالماپتۇ ئەۋرەتلىرىنى،
‏يۈرۈپتۇ ئۇ دىبانى ماراپ،
‏قانداق جاۋاپ بىرەر ئاخىرەت،
‏تۈگىتەلەمدۇ گۇناھنى ساناپ.

‏يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن،
‏ئەرلەر نەدە، ئەركەكلەر نەدە،
‏قىزلىرىمنى قۇتقۇزۋالغىدەك،
‏ئاھ،ھەقىقى ئەزمەتلەر نەدە،
‏ياپ ئەۋرەتنى ھەي قىز دەيدىغان،
‏ۋىژدانى بار ئوغوللار نەدە.

‏يىغلىۋالغۇم كىلىدۇ بەزەن،
‏يالغۇزغىنا  كۆلبەم ئىچىدە،
‏دۇئاقىلىپ ئۇلۇغ ئاللاغا،
‏كۆزلىرىمدىن تۆكۆپ قەترىلەر،
‏ساپ ئىماننى قەلبىمگە سالغان،
‏ئاللاھىمغا ئىيتىپ ھەمدىلەر.

‏‏مەنبە:ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2ئىناۋەت +30 تەڭگە +18 يىغىش سەۋەبى
توغراق520 + 15 + 9 ياخشى يېزىپسىز، ياراي.
paherem + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-25 17:33:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ   ياخشى يىزىپسىز .
ۋاقتى: 2014-4-25 17:42:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللەھۇ ئەكبەر
ياخشى يېزىپ سىز
ۋاقتى: 2014-4-25 18:01:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر  ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما، مۇنبەرنىڭ نورماللىقى ئۈچۈن بەزى سۆزلەرنى بەك ئېنىق ئالماي، ئېفىمىزىم ئۇسۇلىنى قوللانساق قانداق بولار؟
مېنىڭچە، ئەسەردە تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىرلا قېلىپتا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ۋاقتى: 2014-4-25 18:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

باھا سۆز

‏رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-26 00:46
ياخشى يېزىلىپتۇ ، بالدۇر كىشىلەر كىرلىشىپ كەتكەن كىيىملەرنى كەيسىمۇ قەلبى پاكىز ئىدى ، ھازىرقى كىشىلەر پاكىز كىيىمنى كەيگەن بىلەنمۇ قەلبى ئېغىلنىڭ قىغىدىنمۇ بەك بىرنىمە بوپ كەتتى ، بۇ ئىشلار ھەممە ئادەمدە ئەمەس بىر قىسىم ئادەملەردە شۇنداق ، يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز يەنىلا قەلبىمۇ كىيىمىمۇ پاكىز ، ئاشۇنداق قىغدىمۇ مەينەت بوپ كەتكەن قەلىبلىك ئادەملەرگە بۇ شىئېر يەنىلا تەسىر قىلمايدا جىما .
ۋاقتى: 2014-4-25 22:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز  تىخىمۇ تىرىشىڭ

باھا سۆز

‏‏رەھمەت سىزگە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-26 00:47
ۋاقتى: 2014-4-25 22:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن شېئىركەن.
360 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-25 18:40
رەھمەت سىزگە تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

‏رەھمەت سىزگە

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 08:33

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش