روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4184|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahat0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-28 09:47  ; j* v+ r4 I. ^$ G) F% vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 W7 P% B7 c- p& k% {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
  ئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم( t0 S. [" H& }1 p0 T5 p7 Y4 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; D9 b0 `0 g3 ?5 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

6 d4 l3 K. ~, Oتاشپولات روزى9 G& s, l  u( Z- uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن دوكتور ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ئۇكامنى، 1999-يىلى مەن ئوقۇغان مەكتەپ توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «ئۈمىد» يىغىنىدا تۇنجى كۆرۈشۈپ تونۇشقان ئىدىم. «ئۈمىد» يىغىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ئىلمى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان سورۇنى ئىدى. مەن ئاشۇ چاغدا مۇشۇ 2-قېتىملىق «ئۈمىد» يىغىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم. بۇ «ئۈمىد» يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر بىرلەشمىسى ۋە ياپونىيە يىپەك يولى قۇلۇپى قاتارلىق ئورۇنلار قوللاپ قۇۋۋەتلەپ ياردەمدە بولغان ئىدى. ئەخمەتجان بۇ يىغىندا گۆھەر توغرۇلۇق ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى قايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تالانتلىق ۋە ياراملىق بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ يىغىندا سورالغان سوئاللارغا جاراڭلىق، ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاب بېرىشىغا قاراپ، بۇ يىگىتنىڭ كەلگۈسى پارلاق دەپ ئويلىغان ئىدىم. مانا بۇ يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇنىڭ بىلەن 16 يىلدىن كېيىن توكيودا قايتا كۆرۈشتۈم. مەن ئۇنىڭ مۇشۇ 16 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ خوش بولدۇم ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدۇم. دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالىملارغا قارايدىغان بولساق ئۇلار كېچە كۈندۈز توختىماي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىققا قەتئىي باش ئەگمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. دېمەك ئادەمدە ئېنىق نىشان ۋە كۈچلۈك ئىرادە بولسا مېنىڭچە يەتكىلى ۋە قىلغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئەمدى دوكتور ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشۇپ چىقاي.
# H" f0 u9 @" y   ئەخمەتجان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە خىمىيە كەسپىگە بەك قىزىقاتتى. ئۇنىڭ بۇ كەسىپلەرگە قىزىقىش نەتىجىسىدە، خىلمۇ-خىل مودىللارنى ياساپ ئىجاد قىلاتتى ھەم ھەرخىل مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشەتتى. ئۇ مەكتەپتىن تاللىنىپ لاگېرلارغا بېرىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەندە، ئۇنىڭدا تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ئىدىيىسى تىكلىنەتتى. ئەخمەتجان ئوتتۇرا مەكتەپتە قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان جۇڭگودىكى خارۋارد دەپ نام ئالغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىش ئۈچۈن بەل باغلايدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق تىرىشىشى ھەم ئاتا-ئانىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ئۇلارنىڭ تەربىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بولغان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىنتايىن يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇ يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا پەقەت 3 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەخمەتجان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنى قاتتىق ۋەھىمە باسىدۇ. سەۋەب، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەم ئىنگلىزچە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ئۇنىۋېرسىتېت بولغاچقا، ئۇنىڭدا بۇ بالىلارغا يېتىشىپ ئوقۇپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي قالىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ قۇلىقىغا قۇيغان «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئەسلەپ، 4 يىل كېچىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ قاتتىق تىرىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئوقۇشتىكى ھەرخىل مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ئەلا نەتىجە بىلەن داڭلىق مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرىدۇ. ئەخمەتجان، ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 4 يىل ئوقۇش جەريانىدا، گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار رەئىسى بولىدۇ ھەم مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى 6-دەرىجىگە يېتىدۇ. ئەخمەتجان، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مۇشۇ كەسىپتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللايدۇ ھەمدە ئۇ 1996-يىلى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ ياپون تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ باقمىغاچقا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىينالغىنى ياپون تىلى بولىدۇ. بىراق ئۇنىڭ جاپادىن قورقماس روھىنى ياپون تىلى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ جاپاغا چىداپ تىرىشىش ۋە قاتتىق ئۆگىنىش نەتىجىسىدە 6 ئاي ئىچىدە ياپونچە تىلىدا 1-دەرىجىلىك ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، 97-يىلى يەرشارى پلانېتا فاكۇلتېتىنىڭ گېئولوگىيە ۋە مىنېرال كەسىپنىڭ ماگىستىرلىققا كىرىپ 2 يىل ئىچىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. ئەخمەتجان تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن 1999-يىلى دوكتورلۇق كۇرسىغا كىرىپ، 2002-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېئولوگىيە دوكتورلۇقىنى ئالىدۇ. ئۇ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن ياپونىيە گۆھەر تەتقىقات جەمئىيىتىدە (株式会社 全国宝石学協会) دوكتور ئاشتى ۋە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا گۆھەر ئىنستىتۇتى (Gemological InstITute of America-GIA) نىڭ ياپونىيە لابوراتورىيىسىنى قورۇپ چىقىپ، ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ مەسئۇلى ۋە ئالىي دېرىكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
/ }- l! `& P3 c% R
3 L2 x$ e8 R$ u1 u8 s+ b . }: @3 d- \2 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

& p+ Q3 J3 ^( M- f/ lئەخمەتجان، ھازىرغا كەلگۈچە داڭلىق ئىنگلىزچە ژۇرناللاردا 40 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ۋە ياپونىيەدىكى ژۇرناللاردا 50 كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىلمى ماقاللىرى ئامېرىكادا چىقىدىغان «Gems and Gemology» ۋە «Agilent ICP-MS Journal» ژۇرنىلى، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Journal of Gemmology»، ياۋروپادا چىقىدىغان «Journal of Crystal Growth» ۋە «Diamond and Related Materials»، ئاۋسترالىيەدە چىقىدىغان «Australian Journal of Earth Science»، جۇڭگودا چىقىدىغان «China Gems»، ياپوندا چىقىدىغان «宝石学», «日本鉱物学会誌», «日本宝石学会誌», «日本琥珀学会誌» ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. 2006-يىلى ئۇنىڭ «宝石学»دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسى ئىلھام مۇكاپاتىغا، 2006- ۋە 2011-يىللىرى ئۇنىڭ «Gems and Gemology» دا ئېلان قىلغان ماقاللىرى مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2013- ۋە 2011-يىللىرى ئۇنىڭ كورىيەدە سۆزلىگەن ئىلمىي ماقالىسى ۋە خوڭكوڭدا سۆزلىگەن ئىلمى ماقالىسى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنى 2010-يىلى ئاۋسترالىيە مۇزېي ۋە غەرب سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاھىدە تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىپ ئوقۇغان ئىدى.  / f- d+ w. d  bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەخمەتجان، ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەنلا بولماستىن، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. 1996-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئۈچلا ئۇيغۇر بالىسى بار ئىدى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئۇنىڭ خانىمى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سېلىشتۇرما گرامماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان سەلتەنەت ئىبراھىم خانىم ئىدى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر  قوللىغۇچى ياپونلۇقلار بىلەن 1997-يىلى «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى»نى (天山文化交流協会) كيوتودا قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياپونىيەگە تونۇشتۇرۇش ۋە شىنجاڭدىكى ئوقۇش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىشنى ئاساس قىلغان. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ خانىمى سەلتەنەت ۋە ياپون ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭغا بېرىپ، ھەقىقىي ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېھتىياج بولغان ئوقۇغۇچىلارغا، ياپونلۇقلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ياردەم مۇكاپاتىنى 2002-يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. ھازىر بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنى كانساى (関西) دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ياپونلوقلار بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرماقتا. ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ خانىمى سەلتەنەت  ياپونىيەدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت لېكسىيىلىرىنى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇلار يەنە كۆپ قېتىم ياپونلۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ شىنجاڭغا ساياھەت ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ كېلىدۇ. ئەخمەتجاننىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بۇلار بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئۇ مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ئۈمىد» يىغىنىنىڭ 2001-يىلىدىكى 3-نۆۋەتلىك پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بۇ يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە  2015-يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر نورۇز تەنتەنىسىنىڭ يىگىت بېشى بولىدۇ.
. B& F' G8 _, K7 B8 Cبىز ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمنىڭ يۇقىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، تىرىشقان ئادەم ھەرقانداق نەرسىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىمىز لازىم. ئىلىم ئىگىلىگەندە مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايمىز. مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، كەسىپتە ۋە باشقا ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ئەخمەتجان ئۇكامنىڭ كەسپىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ۋە تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
* H3 Z, @# K# v: Eئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تەرجىمھالىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. 3 b1 J- X. W' v8 `2 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
8 x" L3 ]3 I; E7 B2 G5 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىمئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم.zip
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-28 09:43:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قانداق تېما يوللاش بوئولۇپ كەتتى. ئۇيغۇر گېئولوگىيە ئالىمى ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم دەپلا ئۇلىنىشتىن بىرنى قويۇپ قويسا قانداق بولىدۇ. تېما يوللىغاندا  بىر مەزمۇننى تولۇق يوللايلى. ۋە ياكى تېما ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرەيلى.
% _, S7 u5 i, W قايتىدىن تەھرىرلەپ قويدۇم

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش