روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 8650|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خالمۇرات غوپۇر خەلقئارا ئاكادېمىكلىك شەرىپىگە ئېرىشتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8 C- Q8 g) d9 P4 Z9 u3 d. p4 f«ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم.»  -خالمۇرات غوپۇر
9 M6 d, J' {: `4 _, N% P; X$ j# D
* g0 x% _/ Z. p6 T# o( ^  W& yخەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ( International Higher Education Academy of Sciences,IHEAS، 国际高等学校科学院 ) دۇنيا ئىلىم-پەن ئورتاق گەۋدىسى (World Scientific CommunITy) نىڭ ئەزاسى بولۇپ، 1992-يىلى قۇرۇلغان، باش ئىشتابى موسكۇۋادا. مەزكۇر ئاكادېمىيەدە ھازىر 1000 نەپەر ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 35 دۆلەتتىن كەلگەن 800 نەپەر ئاكادېمىك، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مائارىپ تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، شۇنداقلا 130 نەپەر جەمئىيەت ۋەكىللىرى بار. مەزكۇر ئاكادېمىيە ئىلىم-پەنگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەۋسىيە قىلىش ۋە خەلقئارالىق پىلانلارنى باھالاپ ئانالىز قىلىشقا ئوخشاش خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
( R7 t( P! p3 `1 r1 j( \0 U$ gشىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر مۇرەككەپ كېسەللىكلەرنى جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك يېڭى ساھەنى ئېچىپ، ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تىبابەتچىلىكىنى تىببىي ئىلىم-پەن بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا ئالىي مائارىپ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلىنىپ، ئېلىمىزدىن چىققان ئاكادېمىكلەر گۇ چاۋخاۋ، جاۋ داپېڭلاردىن كېيىن 12-بولۇپ مەزكۇر كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالدى./ y2 O8 n: F- j' q$ j# D; Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

" h5 H3 w; _! c, z! N0 l4 n4 Zئۇ مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشىشتىن ئاۋۋال، سانكىت پېتىربورگ پاۋلوۋ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخىرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە، موسكۇۋا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ھاياتلىق ئىلمى پەخىرىي پىروفېسسورلۇق شەرىپىگە نائىل بولغان؛ ئېستونىيە بالتىق دېڭىزى ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان؛ يېقىندا، ئامېرىكا، رۇسىيەلەردە ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە نەشر قىلغان «زىققا كېسەللىكى ئىلمى»، «شاڭخەنلۈن-روسچە شەرھىيسى»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى خىلىت نەزەرىيەسى ۋە داۋالاش ئىلمى» قاتارلىق ئەسەرلىرى خەلقئارادا ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغىغان ئىدى.
& @6 L, Z; y! n1 h/ O3 wپىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر جۇڭگو ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىدۇر. ئۇ ھازىر ئېلىمىز ۋە ئەتراپتىكى ئەللەردە بىرقەدەر زور تەسىرگە ئىگە تېببىي مۇتەخەسسىس-ئالىم. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، گېرمانىيە ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ، 200 قېتىمدىن ئارتۇق كېسەل داۋالاش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشلاردا بولدى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەتئەللىكلەردىن بولۇپ 24 نەپەر پوست دوكتور، 47 نەپەر دوكتور، 117 نەپەر خەلقئارالىق ئاسپىرانت تەربىيەلىدى؛ 20 دىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە نەشر قىلدۇردى، ئېلان قىلغان SCI ئىلمىي ماقالىسى 80 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلىرى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلدى.
$ N& t: V9 M0 V. W2 Qپىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر _ ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەتلىك جۇڭيى-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى كىلىنىكىلىق تەتقىقات بازىسىنى بەرپا قىلغۇچى، تۇنجى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭيى-ئۇيغۇر-غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتى بويىچە ئۆلكە-مىنىستىرلىق بىرلىشىپ قۇرىدىغان نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە «چاڭجياڭ ئالىمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى پىلانى» غا كىرگەن يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قۇرغۇچى، تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدىن چىققان «مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم-پەن فوندى» غا ئېرىشكۈچى.9 W* S% `) n  ?$ |! B/ k6 Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن 22 يىلدىن بېرى، بارلىقىنى تېببىي تەتقىقات، تېببىي مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم كاتتا شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. باشقىلار ھەرقېتىم ئۇنىڭ قازانغان شان-شەرەپلىرىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ تەرىپلەشكىنىدە، ئۇ: « ئۇلۇغ ۋەتىنىم بولغاچقىلا مۇشۇنداق شان-زەپەرلەرنى قۇچالىدىم. مەن چوقۇم ياراتقان نەتىجە-ئۇتۇقلىرىم ئارقىلىق ۋەتىنىمگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك» دەيدۇ.! u9 ^, g. X- ^* J* M6 N: gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە ؛ئەلداۋا سالونى  
2 z4 Z, N& m& D6 g+ X3 _- r
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-24 14:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىك ئوغلانىمىز خالمۇرات غوپۇرنىڭ بۇندىن كېينكى ئىشلىرى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ سېھرى يەنىمۇ نۇرلانسۇن. . o' N+ I4 h9 K- K. \/ q# ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تېما يوللۇغۇچىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-4-24 16:42:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ پەخىرلەنگۈدەك ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ....
ۋاقتى: 2015-4-24 18:08:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن تولىمۇ سۆيۈندۇم، ناھايىتتى ئەھىميەتلىك خەۋەركەن.
شۇ پەخىرلىك قېرندىشىمىز سالامەت بولسۇن بارلىق ئىشلىرى ئاسايىشلىق قۇت بەركەتلىك بولسۇت
بارىكاللا! مانا مۇشۇنداق ئىلىپ پەن ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بەزىبىر ھورمۇنچى دورا شىركەتلىرىنىڭ خالمۇرات ئاكىمىزدىن كۆپرەك تەلىم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ۋاقتى: 2015-4-24 22:20:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت . بۇ تېما خالىمىرات غۇپپۇر ئاكىمىزنىڭ ئىنىسى دىلمىرات غۇپپۇرنىڭ ئىش ئزلىرى، كورگەيسىلەر http://bbs.xjtsnews.com/forum.ph ... tid=21670&extra
ۋاقتى: 2015-4-25 00:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن ،ەخىرلىك قېرندىشىمىز سالامەت بولسۇن!!!
ۋاقتى: 2015-4-25 11:36:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرلىك ئوغلانغا مۇبارەك.
ۋاقتى: 2015-6-21 17:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالمۇرات غوپۇرنىڭ كاتتا شان-شەرەپ قۇچقانلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى بولۇپلا قالماي، ئۇلۇغ ۋەتىينىمىزنىڭمۇ شان-شەرىپى. ئىلىم-پەننىڭ چېگرىسى يوق، ئۇ ئىزدەنگۈچىلەرگىلا مەنسۇپ. خالمۇرات غوپۇر ئەپەندىنىڭ يەنىمۇ زور ئوتۇقلارغا نائىل بولۇشىنى تېلەيمەن...

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-7 18:08

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش