روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1533|ئىنكاس: 17
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن

قۇياش چىقسا نە كارىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن،
چىقىدىغۇ ھەر دائىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

« بىرەر ئىشنى ئۆگەن » دەپ ئاغرىتمىغىن بېشىمنى،
ئۇيقۇ ياخشى ھەمراھىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

« ياز بولسا قىش بولمىسا، نان بولسا ئىش بولمىسا »،
ياڭرار ئۇشبۇ شوئارىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

خەقلەر ئۇچسا ئۇچمامدۇ ئاي شارىغا، مارىسقا،
ئۇچسا نېمە پەرۋايىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

كۈندە بىكار يۈرسەممۇ ئاچ قالمىدىم، ئۆلمىدىم،
پاناھ بەرسۇن خۇدايىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

« ئۇيقۇ دېگەن ئۆلۈم » دەپ ئاڭلىغانتىم بىراۋدىن،
كەلسە يوقتۇر ئامالىم، مەن مۇشۇنداق ئۇخلايمەن.

ئۆز قەلىمىم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +3 تەڭگە +2 يىغىش سەۋەبى
ئەلتبەر + 3 + 2 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

تازا  بىر ھۇرۇنلارنىڭ شۇئارى بۇپتىغۇ  بۇ  ھى  ھى  ھى ھى
ۋاقتى: 2014-4-21 22:41:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،لىكىن ئۆزىڭىز يازغان شىئىرىڭىزدەڭ ئىش قىلىپ يۈرمەڭ يەنە!
ۋاقتى: 2014-4-21 22:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئويلاندۇرىدىكەن..
ۋاقتى: 2014-4-21 23:30:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر  ياخشى يېزىلىپتۇ. مىسرالارنىڭ بوغۇم سانىغا يەنىمۇ دىققەت قىلىنسا، ھەقىقەتەن نادىر شېئىر بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2014-4-22 00:01:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش غەيرەت قىلىڭ
ۋاقتى: 2014-4-22 09:54:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبدانلا يېزىپسىزغۇ
来自安卓客户端
ۋاقتى: 2014-4-22 10:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپىز يىگىت . قەلەم تۇتقان ئاشۇ قولىرىڭىزغا كۆزتەگمىسۇن
خوتۇن تاپالماي ئۈمىد ئۈزۈپ ئۇخلاشقا كىرىشىپتۇمۇ نىمە ؟

باھا سۆز

شۇنى دەيمەن، ئۈمىدنى ئۈزۈپ قويغان ئوخشايدۇ (چاقچاق)  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-22 15:05
ما گەپنى كۆرۈڭ.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-4-22 11:30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-22 11:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oygan9 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 11:06
خوتۇن تاپالماي ئۈمىد ئۈزۈپ ئۇخلاشقا كىرىشىپتۇمۇ نىمە  ...

ما گەپنى كۆرۈڭ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 03:22

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش