روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 848|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گۈلگە ئامراق بولغاچ ئىككىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گۈلگە ئامراق بولغاچ ئىككىمىز

گۈل پۇرايدۇ جانان بويۇڭدىن،
يا ھويلاڭغا گۈللەر تەرگەنمۇ؟
سۆيگۈ تامغان ئىشچان قولۇڭدىن،
خۇشپۇراقلىق ئوغۇت بەرگەنمۇ؟

سەھەرلەردە قوپۇپ، سۇ قويۇپ،
مېھرىڭ بىلەن پەرۋىش قىلامسەن؟
پورەكلىسە تازا، زەن قويۇپ،
ھىدلىرىدىن بەھىر ئالامسەن؟

گۈللىرىڭگە ئاپتاپلار تەگسە،
يۆتكىدىڭمۇ سايە-دالدىغا؟
كۆڭلۈڭدىكى ئاشىقىڭ كەلسە،
گۈلدەستە ئېپ چىققىن ئالدىغا.

قۇرۇتمىغىن جېنىم، گۈلۈڭنى،
ئوخشايدىكەن ھەۋەس-ئىشقىمىز.
مەيلىم تارتىپ تۇرار ئۆيۈڭنى،
گۈلگە ئامراق بولغاچ ئىككىمىز.  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-3 23:36:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم گۇل پۇراقلىق ئەتىر چاچقان گەپ

باھا سۆز

شاڭ ياققانمىدۇ يا ھى ھى ھى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-4 00:20
ماۋۇ ئىنكاس كارامەت قاملىشىپتۇ جۇمۇ، ئىدرىسجان.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-8-3 23:40
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-3 23:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 23:36
چوقۇم گۇل پۇراقلىق ئەتىر چاچقان گەپ

ماۋۇ ئىنكاس كارامەت قاملىشىپتۇ جۇمۇ، ئىدرىسجان.
ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 23:36
چوقۇم گۇل پۇراقلىق ئەتىر چاچقان گەپ

شاڭ ياققانمىدۇ يا ھى ھى ھى
ۋاقتى: 2014-8-4 00:34:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ خىيالغا كەتتىم بۇ شېئىرنى ئوقۇپ.
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 18:56

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش