روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2220|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىچارىدۇر غېرىپ بالىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شەھەردىكى غېرىپ بالىلار

قۇرىغاچقا كۆللەرنىڭ سۈيى،
ئاڭلانمايدۇ قۇشلارنىڭ كۈيى.
سارغىيىپتۇ چىملارنىڭ تۈپى،
بىچارىدۇر غېرىپ بالىلار.

ياماشمايدۇ تاغلار خەتەرلىك،
چېغىر يولدا يىلان زەھەرلىك.
«ياق»دەپ باقسۇن، دەشنام يېتەرلىك،
ئوينىيالماس قېنىپ بالىلار.

خىيالىدا ئاتار رەگەتكە،
چانا سۆرەپ مۇزلۇق تەرەپكە.
كاتەكتەك ئۆي قويىدۇ دەرتكە،
چۈش كۆرىدۇ چېقىپ بالىلار.

پىرقىرتالماس قامچا بىلەن نۇر،
ئات ئۈستىدە تۇتالماس چۇلۋۇر.
بالىلىقى توزۇيدۇ پۇر-پۇر،
تورغا مەپتۇن قېتىپ بالىلار.

لەگلەك ئۇچماس كۆپكۈك شەھەردە،
پادىچى يوق سالقىن شەھەردە.
تەبىئەتنى كېزەر خەۋەردە،
پوسمىسىنى ئېتىپ بالىلار.

ئاخشاملىرى ئېتىز چۈشەيدۇ،
خامانلىقتا يېتىپ تۈنەيدۇ.
ئويۇنۇمغا قانمىدىم دەيدۇ،
ھەسرەتلەرگە پېتىپ بالىلار.

يېڭى تۈزۈم تۈزگەنمىش مەكتەپ،
قوغلاشمىسۇن بالىلارنى دەپ.
پۇتبولنىمۇ قويغانمىش چەكلەپ،
مەيلى كەتسۇن قېچىپ بالىلار.

سەبىيلەرنىڭ ئارزۇسى تالاي،
شەرەتلەيدۇ تېرەكلەردە ئاي.
بولغۇسى بار جاڭگاللاردا تاي،
توشقان قوغلاپ، چېپىپ بالىلار.

دادىسىغا تىكىپ كۆزىنى،
جۈرئەت بىلەن ئېيتسا سۆزىنى.
جاسارەتلىك سېزەر ئۆزىنى،
قالسا رازى ئېزىپ بالىلار.

ئاتا-ئانا تىنماي ئاھ ئۇرار،
شۇنداق ئويناپ چوڭ بولغان ئۇلار.
چۈشەنگۈدەك قاچانمۇ بولار،
سەۋەبىنى بىلىپ بالىلار؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى يېزىپسىز. ئالتىنچى كۇبلىتتا ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.

باھا سۆز

ئەركان ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا رەھمەت. قايسى خەتتىكى ئىملا خاتالىقىنى دەيسىز؟ بەزى ھەرپلەر تېما يوللىغاندىل  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-30 12:05
ۋاقتى: 2015-1-30 10:24:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە ئېسىل يازمىدىن بىرنى ئوقۇۋالدىم.
ھازىر شەھەردىلا ئەمەس يېزىلاردىمۇ يوقاپ كېتىشكە باشلىدى بۇ ئىشلار
ۋاقتى: 2015-1-30 11:03:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ، تېتىملىق ، مېغىزلىق ياخشى چىقىپتۇ .  ئېلھاملىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي !
كۆز تەگمىسۇن نۇرلان ئاكا، ھەربىر شېئىرىڭىزدىن ئۆزگىچە زوق ئالىمىز. قەلىمىڭىزنى يەنىمۇ بەرىكەتلىك قىلسۇن، سىزنى  بىزدىن ئايرىمىسۇن! ھې ھې... چاخچاق قىلىپ قويغۇم كەلدى. ئالامەت يېزىپسىز. ھازىرقى بالىلار بەك بەخىتلىك جۇمۇ ھەممە نەرسىسى تەل دىيىشىپ كېتىمىز، بىراق ئويلاپ باقسام يەنىلا بىزنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمىز كۆڭۈللۈككەنتۇق.  شېئىرىڭىز ئارقىلىق بالىلارنىڭ ھالىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ چۈشىنىپ يەتتۇق. بۇ يەردىلا توختاپ قالمىسۇن ئويلىنىشلىرىمىز. باللىرىمىزغا ياردەم قىلايلى. گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىللىرى بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-30 12:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:14
ياخشى يېزىپسىز. ئالتىنچى كۇبلىتتا ئىملا خاتالىقى بار ئ ...

ئەركان ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىغا رەھمەت.  قايسى خەتتىكى ئىملا خاتالىقىنى دەيسىز؟
بەزى ھەرپلەر تېما يوللىغاندىلا شۇنداق چىقىۋالدى.
ۋاقتى: 2015-1-30 17:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىققا قايىتقۇم بار.....................................
نۇرلان ئەپەندىنىڭ بۇ سۈيۈملۈك يازمىسى ئىختىيارسىز باللىقىمىزدىكى ئاشۇ تاتلىق ئۇيۇنلىرىمىزنى ئەسلەتتى. نۇرلان ئەپەندى راس دەيدۇ ، باللىرىمىز ئەقلىل بولىقىنى تەبىئى ئاچىدىغان ، ئىتپاقلىق ، مېھرى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۈنسىز ئۈگۈندىغان ئاشۇ ئۇيۇنلاردىن بارا بارا يىراقلاپ كەتتى. بۇ ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ يۈرۈكىنى ئويغۇتۇشقا تېگىشلىك مەسىلە.
ھازىر مانا تەتىل ۋاختى، ئېغىر سومكا ، تاغدەك تاپشۇرۇقتىن ئاران قۇتۇلغان باللىرىمىزنى ھەر كۈرۈسلارغىلا زورلىماي سەھرا بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ، ئاشۇنداق باللار ئۇيۇنلىرغا قاندرۇساق تەبىيكى بۇمۇ بىر بىلىم. قاتتىق ئويلىنايلى ئاتا ئانىلار، تەبىئەتمۇ بىر بىلىم . بىلىم كىتاپتىلا بولمايدۇ. خەنزۇ تىلنى ياكى ئىنگىلىس تىلىنى بىر تەتىلدىلا ئۈگۈنۈپ بولالمايدۇ.چۇقۇم ئۈگۈنۈش كېرك ئەمما بالىلار چۇقۇم بالىلارچە ئوينىيالىشى كېرەك،......
بۇ گېپىم نۇرغۇن ئاتا ئانىلارغا ياقمايدۇ. ئەمما باللار بالىلارچە تەپەككۇردىن، بالىلارچە ئۇيۇنلاردىن ئايرىلىپ ئۈگۈنۈنشتىن باش كۈتۈرمەيدىغان ماشىنغا ئايلىنىپ قالسا تېخخمۇ بولمايدۇ.
نۇرلان ئەپەندىگە رەھمەت

باھا سۆز

نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت. دىمىسىمۇ، بالىلىرىمىز تاپشۇرۇق دۆۋىسى ئىچىدە ئويۇننى، بالى  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-30 19:01
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-30 19:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 17:18
باللىققا قايىتقۇم بار.....................................
نۇرلان ئەپە ...

نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسىغا رەھمەت.
دىمىسىمۇ، بالىلىرىمىز تاپشۇرۇق دۆۋىسى ئىچىدە ئويۇننى، بالىلىقىنى يوقىتىپ قويىۋاتىدۇ. تەبىئەت بىلەن ئارلىشىش ئىمكانىيىتى يوقىغانسىرى، يەنە نۇرغۇن تەپەككۇر، تەسەۋۋۇردىن يىراقلاۋاتىدۇ. بۇ ھال ئاتا-ئانىلارنى ئويغا سېلىش كېرەك، ئەلۋەتتە.
ۋاقتى: 2015-1-30 20:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ئوقۇپ، بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.

باھا سۆز

سىز بىلەن بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىز-بالىلىق ھىسلارغا تويۇنغان دەۋر ئىدىدە! ئەپسۇس، ھازىرقى بالىلارغا ئەمدى نې  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-30 23:37
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-30 23:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2015-1-30 20:33
شېئىرنى ئوقۇپ، بالىلىمنى ئەسلەپ قالدىم.

سىز بىلەن بىزنىڭ بالىلىق دەۋرىمىز-بالىلىق ھىسلارغا تويۇنغان دەۋر ئىدىدە!
ئەپسۇس، ھازىرقى بالىلارغا ئەمدى نېسىپ بولمايدىغاندەك.
ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت ئاتامان.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-12 04:54

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش