روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3342|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىقرارنامەم - (ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                        ئىقرارنامەم
                          (ساتىرا)

            «شائىر» لىقتا كېچە-كۈندۈز ئەس،
             دەرياسىدا ئاققىنىم يوقتۇر.
             شۆھرەتكىلا قىلىمەن ھەۋەس،
              ئەمما، قانات قاققىنىم يوقتۇر.

            ھىسيات نىمە، بەدئىيلىكچۇ  ھەم؟
           ئەسلا ئويلاپ باققىنىم يوقتۇر.
            تىلى تۇزسىز، تېتىمايدۇ تەم،
           بىرەر لىباس ئارتقىنىم يوقتۇر.

         مەزمۇنىغا قىلمايمەن دىققەت،
         قايتا-قايتا يازغىنىم يوقتۇر.
         شامالنىلا ئەگىپ يۈرۈش شەرت،
         بۇ نۇقتىدىن ئازغىنىم يوقتۇر.

         كۆپۈك پۇرار مىسرالىرىمدا،
          ئوقۇرمەنگە ياققىنىم يوقتۇر.
         سېسىپ تۇرار ئىقرارلىرىمغا،
          قىلچە يالغان قاتقىنىم يوقتۇر.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-10 19:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىپسىز، شۆھرەت، مۇكاپات تاماسىدا قاملاشمىسىمۇ قوشاق يېزىپ "شائىر " بۇلىۋالغان بىچارىلەرنى ئوبدان قامچىلاپسىز.
ۋاقتى: 2015-1-10 21:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2015-1-10 21:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.
ۋاقتى: 2015-1-11 00:44:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر بولماق شۇنچە ئاسانمۇ ؟
بۇ مۇنبەرگە ياققىنىم يوقتۇر.
توقۇپ،سۆكۈپ يالغاننى راس دەپ،
ئەل كۆڭلىگە باققىنم يوقتۇر .
.........................................

شائىرلىققا قىلساممۇ ھەۋەس ،
بەدئى دىتتىن ئەسەرمۇ يوقتۇر.
شۆھرەت تاما يىراقتۇر مەندىن،
شۇڭا كۆڭلۈم ھەر قاچان توقتۇر .


ياندىشىپ قويدۇم   قارىسام مېنى يازغاندەكلا قىلىسىز


باھا سۆز

قەلبىنۇر خانىمنىڭ ماۋۇ چاخچىقى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ جۇمۇ. شېئىرنىڭ 3-كۇبلىتىنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدا بۇ ساتىرا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-11 10:20
ياخشى يېزىپسىز. نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم ، خوددى قەلبىنۇر ھەدەم دىگەندەك ماڭىلا تەككەندەك بۇ ساترا. ھەر كىم بىلگىننى ھەۋەس قىلىغان دۇنياكەن بۇ. شۇڭىمۇ روھلاننىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنى بولاي دەپ بەك نىيەت قىلدىم ئەمما ئۆگنىپ قالغان خۇي بەزىدە يول قويماي قالىدىكەن.......

باھا سۆز

نەۋرۇز ئەپەندىم، ئىككىمىزنىڭ " روھلان" دىن ئىبارەت تور دۇنياسىدا گەرچە يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، تېما ۋە ئىنك  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-11 10:32
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-11 10:20:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 00:44
شائىر بولماق شۇنچە ئاسانمۇ ؟
بۇ مۇنبەرگە ياققىنىم يوقت ...

قەلبىنۇر خانىمنىڭ ماۋۇ چاخچىقى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ جۇمۇ. شېئىرنىڭ 3-كۇبلىتىنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدا بۇ ساتىرانى نىمە ئۈچۈن يازغانلىقىمدىن شەپە بەردىم دەپ ئويلايمەن. سىزگە ئوخشاش ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تەڭ قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان، ئىمانى كامىل، ھەقنى يازىدىغان ھەمشىرىلىرىمگە بۇنداق دىيىشىم مۇمكىنمۇ؟
يەنە مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز سىزنىمۇ " تىللايمەن" جۇمۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-11 10:32:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 01:36
ياخشى يېزىپسىز. نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم ، خوددى قەلبىنۇر ھ ...

نەۋرۇز ئەپەندىم، ئىككىمىزنىڭ " روھلان" دىن ئىبارەت تور دۇنياسىدا گەرچە يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ، تېما ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق، پىكىرداش مۇنبەرداشلاردىن بولۇپ قالغىلى بىر يىل بولدىغۇ دەيمەن؟
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئەڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى يەنىلا مەن. ئەسەرلىرىڭىزدىكى تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى ، ھاياتقا بولغان ئۈمىۋارلىق، رېئاللىقنى ئاچچىق مىسرالار بىلەن يۇرۇتۇش، ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ بىرلىكىدە تۇرۇشتەك شېئىر مەزمۇنى...قاتارلىقلار ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ھەم ئىجادىيىتمگە بەلگىلىك ئىلھام ئاتا قىلغان.
مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، "روھلان" نىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان بىر ئىقتىدارلىق قەلەمكەشنى  شۇنداق دىيىشىم مۇمكىنمۇ؟!
شېئىرنىڭ 3-كۇبلىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا ئىقرارنامىنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقىنى ھىس قىلغانسىز؟  بۇنداقلار تور دۇنياسىدا ئەمەس، مەتبۇئات ساھەسىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر سىز دىگەندەك: سىزمۇ سادىق ئوقۇرمەن بولسىڭىز، مەنمۇ سادىق ئوقۇرمەن بولسام، يەنە باشقا ياخشى قەلەمكەشلەرمۇ مۇشۇنداق قىلسا، ئۇنداقتا روھلاندا كىم يازىدۇ؟
شۇڭا ماۋۇ چاخچىقىڭىزنى قانداق چۈشەنسەم بولار؟
ۋاقتى: 2015-1-11 16:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر ياغسۇن!
ۋاقتى: 2015-1-11 17:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 10:20
قەلبىنۇر خانىمنىڭ ماۋۇ چاخچىقى بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ ج ...

بولىدۇ ،ئەمما بىر چەتكە تارتىپ ئادەم يوق يەردە تىللاڭ جۇمۇ ،مەن قېرىپ قالدىم خىجىل بوپ قالىمەن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-11 11:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش