روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2962|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مېنىڭ ئانام(ئالمىرەيۈسۈپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مېنىڭ ئانام ئەمدىلا 30ياشلارغا قەدەم قويغان بىر ئۇلۇغ ئانا ،مەن «ئانا بىر قولدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە،بىر قولدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ »دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم ،دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئېغىر- يېنىڭ ئىشلىرى كىر-قات يۇيۇش بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىش دېگەندەك بىرمۇنچە ئىشلار ئانامنىڭ زىممىسىغا يۈكلەندى ،ئۇ ئاددى بىر تازلىق ئىشچىسى مەيلى قار-يامغۇر،بوران-چاپقۇنللۇق كۈنلەر بولسۇن بىركۈنمۇ ئارام ئالغىننى بىلمەيمەن ،ئۇ تاڭ يورماستىنلا بىزگە چاي تەييار قىلىپ بېرىپ،ئۆزى ناشتا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن چىقىپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ سالامەتلىگى ئانچە ياخشى ئەمەس ،ئاغرىپ قالسىمۇ بىزگە چاندۇرمايدۇ ،بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشنى قانچە قېتىم دېگەن بولساممۇ ،«ھاجىتى يوق دورا يېدىم ،مەن ياخشى »دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ،بەزى چاغلاردا كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكىننى كۆرىمەن ،«يىغلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورسام  «ياق كۆزۈمگە بىرنەرسە كىرىپ كەتتى»دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ،بەزى چاغلاردا پۇتىنى تەستە سۆرەپ ماڭغىننى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كېتىدۇ،شۇنداق مېنىڭ ئانام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بىرى ،ئانامنىڭ ئاتائانسى يەنى مېنىڭ بوۋام موماملاربۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن ئىكەن،ئانامنىڭ ھېچقانداق قېرىندىشىمۇ يوق ،مانا ئامدى تېخىمۇ يالغۇز قالدى .' d7 |+ W5 @+ D& Q1 N, v  _% L6 yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەجبا تەقدىر شۇنداق رەھىمسىزمىدۇ ؟ياكى ماڭا تەسەللى بەرگەن تاغا ھەدىللىرىم دېگەندەك مەن دىن ئېلنىۋاتقان بىر ئېمتاھانمىدۇ ؟چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ئانام بۇلاغا بەرداشلىق بېرەلەمۇ ؟مەن ئانامغا دەم ئېلىش كۈنلىرى سىزگە ياردەملىشەي دېسەم «بولدى قىزىم ئۈگۈنىشىڭىزنى قىلىڭ» دەپ ئۇنىمايدۇ ،تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى ئانامنى چارچىتىۋەتكەن بولسا كېرەك ،چېكىسىدىكى چاچلىرىغا نۇرغۇن ئاق چاچلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى ،ساۋاقداشلىرىم ئاپىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ دېسە ،پەخىرلەنگەن ھالدا«تازلىق ئىشچىسى»دەپ جاۋاپ بېرىمەن، ئاناممۇ خىزمىتىنى ئىنتايىن كۆرىدۇ ،مەن ئانامنى مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن ،ھەم،دۇنيادىكى ئانامغا ئوخشاش بارلىق پەرىشتە سۈپەت ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخىت ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ئانا ! مېنىڭ پەرىشتە ئانام قىزىل گۈلدەك چىھرىڭىزدىن كۈلكە ئۆچمىسۇن توغراق يېشىدا ياشاڭ !
$ \+ O) R  o7 `% Wئاخىرىدا ماڭا ياردەم قىلغان كۆيۈنگەن ۋە يازغان ئەسەرلىرىمنى توردا ئېلان قىلىپ ۋە مەتپۇئاتلارغا ئەۋەتىپ ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلغان مۇھەممەدچان ئاكامغا ۋە توردىكى ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق تاغا ھەدىللىرىمگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .: M& R7 E. P  N" S) F- j' s& p$ oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

# H6 V8 g' i2 H" i) ^5 Y* p3 l* p0 m3 dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

$ Y% F! b; A1 T- X
ئالمىرە يۈسۈپ
3 x( A0 ^6 V1 l4 k, S

, C" s' h/ A$ f. x: i. Q' r
9 G5 ?$ j3 |% w/ |1 K' H
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-8 14:07:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2015-4-8 14:20:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سىڭلىمىزدا ھەقىقەتەن ئۈمىت چوڭ ئىكەن.
ۋاقتى: 2015-4-8 15:41:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مېھرى قايناپ تۇرغان دېڭىز...
ۋاقتى: 2015-4-8 19:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىرە قىزىم ياخشىمۇ سىز؟ سىز روھلانغا كىرگەندىن بېرى ھەر بىر  ئەسىرىڭىزنى ياختۇرۇپ ئوقۇپ كىلۋاتىمەن ھەم دىققەت قىلۋاتىمەن. ياخشى يېزىپسىز. قەلمىڭىز ئانىڭىز ئۈچۈن تەۋرىگەنكەن سىزدىكى گۈزەل ئەخلاققا گەپ كەتمەيدىكەن. ئانىڭىزغا تېخىمۇ كۈيۈنۈڭ. ھېرىپ كەتسە بېلىنى قۇلىنى تۇتۇپ قۇيۇڭ. ئانىڭىزنىڭ دۇئاسى سىزنى تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولىشىڭىزغا ياردەم بولىدۇ.
) o# {7 B& f, w% Sئاخىردا ئىجادىيتىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
رەخمەت سىزگە بەك ياخشى يېزىپسىز سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىكى ئىشلىرىڭىزغا ئاپىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بۇلىشىنى تىلەيمەن  
ۋاقتى: 2015-4-9 15:48:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىرە قىزىمنىڭ ئانىسىغا ۋە بارلىق ئانىلارغا بولغان مۇھەببىتىنى بالىلارچە سەمىمىي ھىسيات ۋە چۈشىنىشلىك تىللارنى يۇغۇرۇپ يازغان بۇ ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئالمىرەنىڭ تېنى سالامەت، ئۆگىنىشى نەتىنجىلىك، ئائىلىسى تىنىچ-ئامان بولسۇن.
بارلىق ئانىلار ئامان بولسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-10 04:04

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش