روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3158|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانامغاخەت(ئالمىرە يۈسۈپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-26 01:03  ( N+ U+ O% r" k: k* Y6 rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
+ |4 [3 N( ~4 e! A1 T1 w* Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قەدىرلىك ئانا ياخشىمۇ سىز ؟يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە بۇنداق دېسەم كۈلكىلىك تۇيۇلار لېكىن يۈرەك سۆزلىرىمنى خەت ئارقىلىق دېيىشنى توغرا دەپ ئويلىدىم ،ئانا بىزگە ھەم ئانا ،ھەم دادا بولۇپ كېلۋاتىسىز، سزگە نېسبەتەن بۇ ئېنتايىن ئېغىر يۈك بۇنى بېلىمەن ،مەن سىزگە چىرايلىق كېيىملەرنى ئېلىپ بەرسەم ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ئالدىڭىزدا قويسام دەپ ئويلايمەن ،جېنىم ئانا مەن قايسى كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلۋاتاتتىم بىز ئېلگىرى قوشنا ئولتۇرغاندىكى ئۆي ئېگىسى ئايالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، ئۇ ماڭا «ئۆيگە ماڭدىڭىزمۇ »دېدى مەن «ھەئە» دېگىنىمچە ئۆتۈپ كەتتىم كېيىن نېمىلەرنى دېگەنلىكى قۇلۇقۇمغا پەقەتلا كىرمەيىتتى نېمشقىلىقىنى بىلەمسز ئانا ؟ ئېسىڭىزدىمۇ  دادام تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بولغان ئىشلار كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى ،قىشنىڭ مەلۇم سوغۇق بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە سىز ئاغرىپ يېتىپ قاپتىكەنسز ،مەن سىزگە شوۋگۈرۈچ قىلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتاتتىم ئىشىك تۇيۇقسز ئۇرۇلدى بۇ ئۆي ئېگىسى ئايال ئېدى ،ئۇ سىزنى چاقىرىشىمنى ئېيىتتى مەن ئىككىڭلارنىڭ ھويلىدا قىلىشقان پارىڭىڭلارنى ئاڭلاپ قالدىم ئۇ ئايال«مەن ئۆي ئېجارىسىگە كىرگەن ئىدىم »دېدى سىز «بولىدۇ »دەپ 200يۇەن پۇلنى تەڭلىدىڭىز ئۇ تەرىنى تۈرۈشتۈرۈپ «نىمە بۇ ،مەن ئالتە ئايلىق ئېجارە ھەققىنى ئالدىن ئالىمەن »دېگىنىچە سۆزلەپ كەتتى ،سىزنىڭ قانچىلىك قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كەتتى سز تەستە«باللىرىمنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىدى مەن ئىشلەپ ،،،،،،،،»
+ A" g& ^0 O- j. y& L2 cگېپىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماي  200يۇەن پۇلنى يۈزىڭىزگە قارتىپ ئاتتى قىپقىزىل يۈز يۇەنلىك پۇل ھاۋادا لەيلىگىنىچە يەرگە چۈشۈپ كەتتى ،بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى ،ئەجىبا بۇ ئادەملەر شۇنچە رەھىمسىزمۇ ؟ئۇلاردا ئادىمىيلىك دىگەن نەرسە يوقمۇ ؟مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە بەردىمكى، مەن يەنىمۇ تېرشىپ ياخشى ئوقۇيمەن، كەلگۈسىدە سىزگە ئوخشاش ئاددى -ساددا كېيىم كېيىمەن تېجەشلىق بولۇپ سىزگە ئوخشاش نامراتلارغا ياردەم قىلىمەن ،ھەم ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنى ئوقۇتىمەن ،ئانا مانا بۇمېنىڭ سىزگە بەرگەن ۋەدەم ،جېنىم  ئانا مېنىڭ يىققان ئازغىنە پۇلۇمغا سىزگە دورا ئالدىم قوبۇل قېلىڭ! سىزنى رەنجىتكەن بولسام مېنى كەچۈرۈڭ سىزنى ۋە ئۇكامنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن ، ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ قىزىڭىز ئالمىرەدىن .
. T$ K9 }4 O7 ^! x6 k7 l" j! j% J+ C6 _2 V  gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-25 18:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمېرە يۈسۈپ بارلىق ئەسەرلىرى
* y5 x# C/ u: v, B  a+ A+ _0 h/ l
* b2 H8 p) A( ^4 ]1 H/ v  m2 P* Y* ?+ M0 w" s  \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 N+ a7 ]$ R6 g& Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار بۇ خەتنى ئالمىرەقىز ئاپىسىغا يازغا بولۇپ ماڭا كۆرسۈتۈپ باھالتپ بېقىش ئۈچۈن ئېلىپ كىرىپتىكەن  مەن تەسىرلەنگىنىمدىن بۇ مونبەرگە ئېلىپ كىردىم كىچىك قىزنىڭ بۇنداق چوڭ غايىللىرى مېنىلا ئەمەس پۈتۈن روھلانداشلارنىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ دەپ ئويلىدىم
ۋاقتى: 2015-4-25 19:47:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىمىز ئالمىرەنىڭ بۇ ئەسىرى مېنى تەسىرلەندۈردى، شىرى ئەپەندىم ئارقىلىق ئاتىلارچە سالام يوللايمەن ھەمدە ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى ۋە سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2015-4-26 12:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالمىرە قىزىم تولىمۇ سۈيۈملۈك قىزسىز. سىزنى روھلان ئەھلى تولىمۇ سۆيىدۇ. مۇشۇنداق ۋاپادارلىقىڭىز سىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ. ھاياتتىن ئادەملەردىن ئاغىرىنماڭ. بۇ سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بۇغۇپ قويىدۇ. دۇنيانى ، ئادەملەرنى، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيمەي تۇرۇپ ياخشى قەلەم ئىگىسى بولغىلى بولمايدۇ. ئۇستازىڭىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئالغا قاراڭ. تۇرمۇشتىن مەيۈسلەنمەڭ. ياخشى ئادەملەر بەك كۆپ . ئەڭ مۇھىم ئىش ئۈگۈنۈشنى ياخشى قىلىڭ.
ۋاقتى: 2015-4-27 01:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم داۋامىلق تىرشىڭ،سىزگە ئالىي سالام يوللايمەن..

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-9 11:10

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش