روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 3

يۇمۇرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قان سىستېمىسى
  

كانادالىق بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بالا ۋاقتىدا باشقا دۆلەتلىك بىر ئىنىكئانىنى ئەمگەنلىكى سەۋەبلىك سايلام مەزگىلىدە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ تېنىدە باشقا دۆلەتنىڭ قان سىستېمىسى بار، دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپتۇ. ئۇ ئەمەلدار مەسخىرىلىك ھالدا:
   ــــ سىلەر ھەممىڭلار كالا سۈتى ئىچىپ چوڭ بولغان، ئۇنداقتا سىلەر كالا قان سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنسىلەر - دە، - دەپتۇ.

تەڭ ئالىمەن دېگەن ئەمەسمىدىڭ
   

ئەپەندىم ئوغلىنى ئۆيلەپ قويسا، 2 - 3 ئاي بولا - بولماستىن، ئۆيدىكى بار نەرسىلەرنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ ئۆي ئايرىيمەن، دەپ جېدەل قىلىپتۇ.
   بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئەپەندىم ئاچچىقى كەلسىمۇ، بالىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جامائەتنى ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، جامائەت ئالدىدا ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ ھەمدە ئوغلىنى ئۆيلەش ئۈچۈن قەرز ئالغان 40 مىڭ يۈەننىڭ 20 مىڭ يۈەنلىك قەرز تالونىنى ئوغلىغا كۆرسىتىپ:
   ــــ ئوغلۇم، ماڭا بۆلگەن نەرسىلەر مۇشۇنچىلىكلىمىكىن دەپ قالمىغىن، مانا بۇ 20 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ تالونىنىمۇ  ساڭا بېرەي، - دەپتۇ.
   بۇنى كۆرگەن ئوغلى:
   ــــ ئاتا، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ - دەپتۇ.
   ــــ نېمە قىلغىنىم بولاتتى، - دەپتۇ ئەپەندىم ئوغلىغا چۈشەندۈرۈپ، - ھېلىلا سەن ئۆيدىكى نەرسىلەرنى تەڭ ئالىمەن دېگەن ئەمەسمىدىڭ، خاتىرجەم بول بالام، ئاتاڭنىڭ گەدىنىدىمۇ يەنە 20 مىڭ يۈەن قەرز بار.

ئاۋۇ ئادەمنىمۇ سېلىۋالمامسىز


   ئەپەندىم تۇرپانغا بارماقچى بولۇپ يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا چىقىپتۇ، شوپۇر بولسا يول بويى ئۇچرىغانلا ئادەملەرنى سېلىۋېرىپتۇ، ھەتتا يول بويىدىكى كوچىلارغا كىرىپ، ئادەملەرنى ئىزدەپ چاقىرىپ ماشىنىغا سېلىپ مېڭىپتۇ. بۇنىڭغا يولۇچىلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ماشىنا 2 - 3 سائەتتە تۇرپاندىكى تۆت كوچىغا تۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئۈزۈم كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيكەل قىزنىڭ يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئەپەندىم دەرھال:
   ــــ ئۇستام، ماشىنىنى توختىتىڭ! - دەپتۇ.
   شوپۇر ماشىنىنى دەرھال توختىتىپ:
   ــــ نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
   ــــ ھېچنىمە، - دەپتۇ ئەپەندىم شوپۇرغا ھەيكەلنى كۆرسىتىپ، - ئاۋۇ ئۈزۈم كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزنىمۇ ئېلىۋالمامسىز؟!

توي كۆڭلىكى
   

مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ئىككى تال قوناق توي قىپتۇ، بىراق توي كۈنى يىگىت كېلىنچەكنى تاپالماي، يېنىدا ئەگىشىپ يۈرگەن قوناق ئېتىلدۇرمىسىدىن سوراپتۇ:
   ــــ كېلىنچەكنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟
   ــــ قاراڭە سىزنى، توي كۆڭلىكى كىيىۋالسام تونۇيالماي قالدىڭىزغۇ مېنى، - دەپتۇ، قوناق ئېتىلدۇرمىسى ناز قىلىپ.

نامراتچىلىق
  

گۈزەل سەنئەت مۇزېيىدا رەسىم كۆرگەزمىسى كۆرۈۋاتقان بىر ئايال جۇلدۇر - كېپەن بىر سەرگەرداننىڭ ئوبرازى سىزىلغان ماي بوياق رەسىمنىڭ ئالدىدا تازا سەپسېلىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئەتراپىدىكىلەرگە دەپتۇ:

   ــــ نامراتچىلىقتا ئۇچىسىغا تۈزۈكرەك بىرەر قۇر كىيىم ئېلىشقىمۇ قۇربى يەتمىگەن ئادەمگە رەسىمىنى سىزدۇرۇشنى نېمە قويۇپتۇ ئەمدى!

يۇقىرى ئورۇن


  يوھان دوستىغا ماختىنىپتۇ:
   ــــ مېنىڭ ئاستىمدا نەچچە مىڭ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ.
   ــــ ئۇنداقتا ئەمىلىڭىز كاتتا ئوخشىمامدۇ؟
   ــــ ئەمىلىمغۇ تايىنلىق، بىراق ئىشخانام 29 - قەۋەتتە.

كېلىشىم


  ئايال: بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش - تالاش قىلىشماي، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ ياخشى ئۆتەيلى، مەنمۇ ئادەم تىللايدىغان يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتەي، سىزمۇ مۇشتۇمزورلۇق قىلماڭ بولامدۇ؟
   ئەر: بولىدۇ، ئەگەر يەنە ئادەم تىللايدىغان بولساڭ مېڭەڭنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىمەن.
   ئايال: ھۇ مۇتتەھەم لۈكچەك! شۇنداق قىلىپ باقە قېنى...

تونۇش پۇراق
  

كۈن بويى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئايال ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر رومكا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كىچىك قىزىنى پەپىلەپ كارىۋاتقا چىقىپتۇ، قىز ئاپىسىنى پۇراپلا ھەيران بولۇپ دەپتۇ:
   ــــ ئاپا، بۈگۈن ئەجەب دادامنىڭ ئەتىرىنى ئىشلىتىۋاپسىزا!


بەختلىك ئەر


  ئا: ئايالىم ماڭا گەپ - سۆز قىلمىغىلى ئۈچ ئاي بولدى، شۇڭا ئاجرىشىپ كېتەيمىكىن دەيمەن.
   ب: ئەخمەق بولما، سەن تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسەن، بۇنداق كەم سۆز خوتۇننى ھېچقانداق يەردىن تاپالمايسەن!

قۇيرۇق
  

لېكسىيەنى تولىمۇ ئۇزۇن سۆزلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇدا تۆت سائەت لېكسىيە سۆزلىگەندىن كېيىن يەنە سۆزىنى باشلاپتۇ:
   ــــ مەن بايا ئىنسانىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈم، ئۇنداقتا سوراپ باقاي، ئىنسانلار مايمۇندىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگىچە ئۇنىڭ قۇيرۇقى نەگە كەتكەن؟
   تولىمۇ چارچاپ كەتكەن بىر ئوقۇغۇچى ئويلانمايلا جاۋاب بېرىپتۇ:
   ــــ ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى مۇشۇنداق ئۇزاق ئولتۇرۇۋېرىپ ئۇپراپ تۈگىگەن.

مېھمان چاقىرىش


   دائىم قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ خىجىل بولمايدىغان بىر ئايال بولۇپ، بىر كۈنى قوشنىسىنى ئىزدەپ كىرىپتۇ:
   ــــ بۈگۈن كەچتە ۋاقتىڭىز بارمىكىن؟
   ــــ ۋاقتىم بار.
    ــــ ئەتە كەچتىچۇ؟
    ــــ ئەتە كەچتىمۇ ۋاقتىم بار.
   ــــ ئەمىسە ئۆگۈنلۈككە كەچتىچۇ؟
   ــــ تولىمۇ ئەپسۇس، ئۆگۈنلۈككە كەچتە ئۆيگە مېھمان چاقىرىپ قويۇپتىكەنمىز، نېمە، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى قوشنام؟
   ــــ ئاپلا ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان، مەن تېخى ئۆگۈنلۈككە كەچتە سىزنى ئۆيۈمگە مېھمانغا چاقىرىۋالاي دېگەن ئىدىم.

مەرد دادا


  يىگىت: تۈنۈگۈن ئۆيىڭىزگە ئۆزۈملا ئەلچى بولۇپ كىردىم.
   قىز: ماڭا ئالدىن خەۋەرمۇ قىلىپ قويماپسىز - ھە!
   يىگىت: خەۋەر قىلاي دەپمۇ ئويلىغان، بىراق تاسادىپىي قوشۇلماي قالسىڭىز يۈزۈمنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم.
   قىز: ئۇنداقتا دادامغا ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى قانداق چۈشەندۈردىڭىز؟
   يىگىت: ئەگەر قىزىڭىزنى بەرمىسىڭىز مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلۈۋالىمەن دېدىم.
   قىز: ئۇنداقتا دادام نېمە دېدى؟
   يىگىت: دادىڭىز تولىمۇ مەرد ئادەم ئىكەن، ئۇ...
   قىز: ئۇ توي ئىشىمىزغا قوشۇلدىما!؟
   يىگىت: دادىڭىز ماڭا، ئەگەر مۇشۇ يەردىلا ئۆلۈۋالساڭ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭنى مەن بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دېدى.



ھەر كاللىدا ھەر خىيال


  ئېرىدىن رەنجىپ قالغان بىر ئايال دەپتۇ:
   ــــ سىز ھەر قېتىم چىرايلىق ئاياللارنى كۆرگەندە ئۆزىڭىزنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىڭىزنى تامامەن ئۇنتۇپ قالىسىز - ھە!
   بۇنىڭدىن رازى بولمىغان ئەر دەپتۇ:
   ــــ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەر قېتىم چىرايلىق ئاياللارنى كۆرگەندە ئۆزۈمنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى ئويلايمەن.

پو ئېتىش


   بىر كۈنى ئىككى پوچى پو ئېتىشىپ قاپتۇ:
   ئا: بىزنىڭ يۇرتتا بىنالار شۇنداق ئېگىز سېلىنغانكى، ناۋادا بىرسى بىنادىن چۈشۈپ كەتسە 15 مىنۇتتا ئاندىن يەرگە چۈشىدۇ!
   ب: بۇ قانچىلىك ئىشتى، بىزنىڭ يۇرتتىكى ئېگىز بىنادىن سەكرىسە، ئادەم يەرگە چۈشۈپ بولغىچە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ.

   
كالا تاماكا چېكەمدۇ
   

بىرگە ئويناۋاتقان ئىككى بالىنىڭ ئىچىدىكى بىرى يەنە بىرسىدىن سوراپتۇ:
    ــــ سىلەرنىڭ كالا تاماكا چېكەمدۇ؟
   ــــ شۇمۇ گەپ بولدىمۇ، كالا قانداقسىگە تاماكا چەكسۇن؟
   ــــ ئۇنداق بولسا سىلەرنىڭ قوتانغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ، قوتان تەرەپتىن ئىس چىقىۋاتىدۇ.

كۆيۈنۈش
  

بىر كۈنى ئەر - ئايال مۇڭدىشىپ قاپتۇ:
   ئايال: قەدىرلىكىم، مۇشۇ كۈنلەردە كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ بەكلا جۆيلۈيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، ئەتە دوختۇرخانىغا بىللە بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقامدۇق؟
   ئەر: ياق بارمايمەن، ئەگەر دوختۇر ئۇيقۇلۇقتا جۆيلۈيدىغان كېسىلىمنى داۋالاپ ساقايتىپ قويسا ئائىلىدە پىكىر قىلىش ھوقۇقۇمدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالمامدىمەن!

تەڭرى بىلەن بىللە


پوپنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتە ئۆزى يالغۇز ئۇخلاۋاتقان كىچىك قىزى ئۇشتۇمتۇت يىغلاپ پەسكە چۈشۈپتۇ:
   ــــ دادا، قورقۇۋاتىمەن.
   ــــ قورقماڭ قىزىم، تەڭرى سىز بىلەن بىللە!
   ــــ ئەمىسە سىز ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ تەڭرى بىلەن بىللە يېتىڭ، مەن پەستە ئاپام بىلەن بىرگە ياتىمەن.




ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelياپونىيەلىك ياش ئورۇنلىغان ناخشا ئايرىلىش مىنۇتلىرى
heatlevelu دىسكا ئوغرىسىنى ئىشلىتىش
heatlevelيۇمۇرلار
heatlevelتەپەككۇر ئۈنچىلىرى
heatlevelكىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ
heatlevelئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا
heatlevelپەقەت پالتام بولسىلا
heatlevelخەتەرنى دادىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىڭ
heatlevelئىنسانغا ھاياتتا نېمە بەك ئېغىر؟
heatlevelئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنماڭ
heatlevelئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت
heatlevelمۇھەببەت

10

تېما

1

دوست

892

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

Rank: 8Rank: 8

تەجرىبە
378 سەر
ئىناۋەت
310 سەر
تەڭگە
574 دانە
قىزغىنلىق
202 سەر
تۆھپە
5 سەر
توردا
119 سائەت
تىزىملاتقان
2012-8-27

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 16:22:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

6

دوست

1260

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
497 سەر
ئىناۋەت
424 سەر
تەڭگە
406 دانە
قىزغىنلىق
336 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
247 سائەت
تىزىملاتقان
2012-9-17

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 16:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىربىرىدىن قىززق يۇمۇرلائىكەنغۇ بۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

2

دوست

535

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
197 سەر
ئىناۋەت
203 سەر
تەڭگە
155 دانە
قىزغىنلىق
134 سەر
تۆھپە
59 سەر
توردا
13 سائەت
تىزىملاتقان
2013-3-18

ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 23:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كۈلكە  دورىلىرىڭىزغاتوختاپ قالمىغايسىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 10:36

چوققىغا قايتىش