روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 241|ئىنكاس: 1

ئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قورۇدا ئىككى دەرەخ بار ئىكەن. بىر دەرەخ ئېگىز تامنىڭ يېنىدا بولغاچقا، تامنىڭ ھىمايىسىدە تۈز ھەم ئېگىز ئۆسۈپتۇ. يەنە بىر دەرەخ ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن، چۈنكى ئۇ دائىم بوراننىڭ ۋە يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، ھەم قىڭغىر ھەم سەت ئۆسۈپتۇ.
   بىر يىلى يازدا ئاز ئۇچرايدىغان تەيفېڭ بورىنى بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىپتۇ. تەيفىڭ بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قاپتۇ، يەنى ئېگىز تام ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى چوڭ دەرەخمۇ سۇنۇپ كېتىپتۇ، لېكىن ھېلىقى قىڭغىر دەرەخ شۇ پېتى تۇرغان ئىكەن.
   سىز بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ مېنىڭچە، بىر ئادەم ھەر دائىم پاناھلىنىدىغانلا جاي ئىزدەپ، شۇنىڭغىلا تايىنىۋالسا، ئۇنداقتا ھەقىقىي بوران - چاپقۇن ئالدىدا ھېچنىمىگە يارىماي قالىدۇ. ئادەم يەنىلا ئۆزىگە تايانغىنى تۈزۈك.


ھاياتنىڭ ماھىيىتى



تۇرمۇشتا خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىلىپ - بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز ياكى باشقىلار سېزىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنى بىلىڭكى، ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنىڭ پەرقى، ياخشى ئادەمنىڭ خاتالىقىنىڭ ئاز، يامان ئادەمنىڭ خاتالىقىنىڭ كۆپ بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئادەمنىڭ خاتالىقىنى سەزگەن ھامان تۈزىتىشكە تىرىشىدىغانلىقى، يامان ئادەمنىڭ خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدىغان، ھەتتا قايتا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدىغانلىقىدا.
   مۇبادا بىراۋ: ‹‹خاتالىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ›› دېسە، ئۇ خۇددى: ‹‹ماڭا ئاش - تاماق بەرمەڭ، چۈنكى يەپ بولسام، يەنە قورسىقىم ئاچىدۇ›› دېگەندەك بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ. ھاياتنىڭ ماھىيىتى دەل خاتالىقىڭىز ۋە ئاجىزلىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىشتا. ئۆزىڭىزگە ھەقىقىي باھا بەرگەن ۋاقتىڭىزدا، خىزمەتتە، ئائىلىدە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە نۇرغۇن ئاجىزلىقىڭىزنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز، بىراق پەقەت ھېس قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇھىمى ئاشۇ ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشتا.


ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelياپونىيەلىك ياش ئورۇنلىغان ناخشا ئايرىلىش مىنۇتلىرى
heatlevelu دىسكا ئوغرىسىنى ئىشلىتىش
heatlevelيۇمۇرلار
heatlevelتەپەككۇر ئۈنچىلىرى
heatlevelكىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ
heatlevelئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا
heatlevelپەقەت پالتام بولسىلا
heatlevelخەتەرنى دادىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىڭ
heatlevelئىنسانغا ھاياتتا نېمە بەك ئېغىر؟
heatlevelئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنماڭ
heatlevelئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت
heatlevelمۇھەببەت

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىئىناۋەت تەڭگە يىغىش سەۋەبى
uyghur038 + 5 + 2 ياقتۇردۇم

ھەممە باھا نومۇرى : ئىناۋەت + 5  تەڭگە + 2   باھا خاتىرىسى

0

تېما

7

دوست

569

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
311 سەر
ئىناۋەت
153 سەر
تەڭگە
104 دانە
قىزغىنلىق
104 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
55 سائەت
تىزىملاتقان
2013-3-17

قىزغىنلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 19:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى بىر تىما ئىكەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 10:15

چوققىغا قايتىش