روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 5

ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 13:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت



رۇزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ


جاپاكەش دىھقان ئاتا-ئانىلار ھال-كۈنىڭلار قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قانداق بولۇشى ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋتلىك بولغاچقا بالدۇرراق ئۆزۈڭلار كۈتكەن تۇرمۇشقا يېتىشىڭلار مېنى ھەرۋاقىت ئويلاندۇرىدۇ.ئەمما شىنجاڭنىڭ ھەممە يىزىلىرىدا ئەمەس بەلكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ  قىسمەن يىزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشۇغا كۆڭۈل بولمەسلىكى ھەردەم بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئازاپلايدۇ. پېقىر تۆۋەندىكىدەك كۈچلۈك بىر ئىلتىجا بىلەن ئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا بۇ مۇراجىئەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.يۈرەك سۆزلىرىمنى يېقىندا بىر دىھقان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە بولغان ئەھۋاللاردىن باشلاي:
  بىز ئوندەك ئوقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلمىگىنىگە خېلى بولغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە باردۇق.ئۇنىڭ ئاتىسى بىزگە ئانچە خۇش چىراي ئېچىپ كەتمىدى.بىز ئۇنىڭغا بالىنىڭ ھازىرقى يېشىدا ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئائىلە قىىيىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىلىمسىزلىك ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۇق.بىراق ئۇ «مېنى ئاتام ئوقۇتمىغان، ئاتامنىمۇ ئاتىسى ئوقۇتماپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ بالامنى ئوقۇتمايمەن!» دەۋاتىدۇ.بىز يەنە بىر تالاي كاپىشىدۇق،بىراق ئۇ گەپلىرىمىزدىن ھىچ تەسىرلەنمىدى. قايسى بىر تىلىۋىزىيە ئىلانىدا «ئوقىغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ» دىيىلىدۇ.سەھرادىكى دادىلار قاچانمۇ مۇنۇ يىراقىنى كۆرەر دادىدەك دىيەلەيدىغان بولار؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ پوق يىگەندەك بولۇپ ئۆيدىن چىقىتۇق.
يىزىلاردىكى ئەشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلار،ھازىر قىسمەن يىزا مائارىپىمىزدا ئەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىكى،ئوقۇغۇ چىلارنىڭ  مەكتەپكە كەلمەسلىكى بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا كەڭ يىزا ئوقۇتقۇچىلىرى زور كۈچتە خىزمەت ئىشلەپ تىرىشىۋاتىدۇ.يەرلىك ھۆكىمەتلەرمۇ قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەكتەپكە جەلىپ قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ چارە-تەدبىر كۆرۇپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.ئەمما دىھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمگە،ئوقۇتۇشقا بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا كىيىنكى ئۆپكىدىن ھازىرقى كاناينى ئەۋزەل كۆرۇپ باللىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ،ئاسان پۇل تاپقىلى بولىدۇ دەپ ھۈنەرلەرگە بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بىر يىزىدا ئىشلەيدىغان خەلق ئوقۇتقۇچىسى،مەن ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپلەپ بىلىم ئىلىشىنى،ئاخىرغىچە ئوقۇشىنى ئويلايمەن. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ يەردە مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت:بىرى،شۇنداق ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ.يەنە بىرى، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ياخشى ئەمەس،بۇلارمۇ ئاقىۋەت يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقىيالمايدۇ.قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى ھىساپتا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇپ بالىنى ئوقۇ دىسە ئوقۇيدۇ بولمىسا ئوقۇمايدۇ.قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئوقۇش ئوقۇماسلىقى سىلەرگە باغلىق بولغاچقا سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي باللىرىڭلار ئوقۇسۇن،ئائىلە قىيىنچىلىقى پەقەت بىر مەزگىللىكلا.سىلەر تا ھازىرغىچە قىلىپ تۇگىتەلمەيۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى بالىلار تىخىمۇ تۈگىتەلمەيدۇ.ئەمما ئۇلار بىلىم ئىگەللەپ ئاندىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشسە ئىشنىڭ ئۈنىمى ۋە سۈپىتى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولىدۇ.
ھازىر پارتىيە-ھۆكىمەت بارلىق مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يىزا مائارىپىغا ئىشلىتىۋتىدۇ.بەلكىم دىھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ مەكتەپلەرگە كىلىپ باقمىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتى ئىلگىركىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.رەت-رەت،ئىگىز بىنالارمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە قەد كۆتۇرۇپ ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلار، پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ چەكسىز غەمخورلىقى كەڭ يىزا ئوقۇغۇچىللىرىنى ھەرۋاقىت خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى.بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئىسىل مۇھىتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئەشۇ مۇھىتقا ماسلاشمايۋاتىدۇ.شۇنداق بولسىمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلارى شۇ بۇلغاندىن كىيىن دەپ ئىككىلىنىپ قالمايمىز،ھەرزامان ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئىدىيىسىنى يۇقۇرلىتىشقا ، ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۇرۇشكە تىرىشىمىز.بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىمسىز، قاراقورساق بولۇپ قىلىشىنى خالىمايمىز.چۈنكى ھازىرقى شارائىت تۇلىمۇ ئەۋزەل،ئۇلار ئەشۇ مۇھىتتا،مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇۋالمىسا قاچان ئوقۇيدۇ.شۇڭا سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئوقۇتۇشتىن ھەرگىز يالتىيىپ قالماڭلار! سىلەر كىچە-كۈندۇز پەرزەنتىڭلارنىڭ گۈزەل كەلگۇسىنى، بەختىيار تۇرمۇش كەچۇرىشىنى ئويلايسىلەرغۇ؟ئۇلاردىن كۈتكەن گۈزەل ئىستىقبال دەل ئەشۇ بىلىم نۇرىنى تارقىتىدىغان مەكتەپلەردە.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيسىلەر؟«بالىمىز ئوقۇپ ئالىم بولامتى» دەيسىلەر،بىز ئالىم قىلىشقا تىرىشىمىز،ئەمما ئۆز نىنىنى ئۆزى تىپىپ يىيىەلەيدىغان ياراملىق،ھەقىقى بىر ۋىجدان ئىگىسى بولۇشمۇ ئەۋزەل ئىشقۇ.تۈزۈك ئادەم بولالماي ياشاپ كىلىۋاتقانلارمۇ كۆپقۇ؟ سىلەر بالىرىڭلارنىڭ پاك دىيانەتلىك،دۇرۇس نىيەتلىك، كۈيۇمچان،راۋۇرۇس بىر ئادەم بولىشىنى تىلەيسىلەرغۇ؟ھازىر قىسمەن ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ ،يامان يولدىن قايتماي،ئاتا-ئانىلىرىنى زار-زار يىغلىتىپ جەمىيىتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىسىلەر،بۇ ئەسكىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى جىقراق ئوقىمىغان،مەكتەپ يۇزى كۆرمىگەنلەردىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن بىلىمەن ،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز پۇشتۇڭلارنىڭ قاپ يۈرەك چوڭ بولۇپ، كۆزۇڭلاردىن نادامەت يىشى ئاقتۇرىشىنى خالىمايسىلەر.تۈۋەندە مەن سىلەرگە ئەمدىلا 7-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچۇم يازغان«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر» ناملىق شېئرىنى ئوقۇپ بىرەي:


بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۈرىكىنى تۈتۈن قاپلاپ كەتمىسۇن.        
ئۇلارنىڭمۇ ئىچىلىشقا ھەققى بار،
غۇنچە تۇرۇپ دىلى ئازاپ چەكمىسۇن.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
يۇرۇپ كەتسۇن قەبرە تامام نادانلىق.
ئاقىل ئۇۋا سالغان ئەزىز ماكانغا ،
قانات سۆرەپ كىللەلمەيدۇ زاۋانلىق.

بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار ئادەملەر،
غۇرۇر،ۋاپا،ۋىجدان بىلەن ياشىسۇن.
ئۇلارمۇ بىر ئوت چاقنىتىپ ئەقلىدىن،
كۆزۇڭلارنى ئىپتىخاردا ياشلىسۇن.

   قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى قاتۇرىۋاتقان، بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىككە سەۋەپ بولىۋاتقان ئېتىز-ئېرىق ئىشى باللىرىڭلارنى ئوقۇتقاندىن كىيىن تىخىمۇ ئاسانلىشىدۇ،قولايلىشىدۇ.ئەگەر بالىلار ئوقۇمىسا ئۇلاردا نە غورور،نە ۋىجدان،نە كۆيۇم يىتلمەي سىلەرنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ.سىز ئوقۇتسىڭىز،قوشنىڭىز ئوقۇتسا،تۇققانلىرىڭىز ئوقۇتسا ئۇ چاغدا يىزىمىزدا ئىقساسلىقىلار كۆپىيىپ يىزىمىزنىڭ تەرەققىياتمۇ ئالغا سىلجىيدۇ.ھەممىمىزگە جاپا تۇيۇلغان ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا ھۆكمەت شۇنچە كۆپ پۇللارنى بالىلارنى ئوقۇتۇشقا ،ياخشى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدۇ؟! قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بىشڭلارنى سلكىۋىتىڭلار،پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىستىقبالى بىلەن ئويناشماڭلار ،گەرچە بالىلار سىلەرنىڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا جەمىئيەتكە تايىنىپ ياشايدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،پارتىيە- ھۆكىمەتنىڭ،پۇتكۈل جەمىئيەتنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك كۈچەۋاتقانلىقىنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار.بالىلارنى ئوقۇتۇش سىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،كەڭ جەمىئيەتنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.شۇڭا بالىلار ئوقۇپ قالسۇن ، ئوبدان ئوقۇپ سىلەردىن كىيىن قالسىمۇ تىنەپ-تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ گۈزەل بەختىنى تاپالايدىغان بولسۇن!!

(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھيىە 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

مەنبە : بايقاش تورى

ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelياپونىيەلىك ياش ئورۇنلىغان ناخشا ئايرىلىش مىنۇتلىرى
heatlevelu دىسكا ئوغرىسىنى ئىشلىتىش
heatlevelيۇمۇرلار
heatlevelتەپەككۇر ئۈنچىلىرى
heatlevelكىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ
heatlevelئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا
heatlevelپەقەت پالتام بولسىلا
heatlevelخەتەرنى دادىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىڭ
heatlevelئىنسانغا ھاياتتا نېمە بەك ئېغىر؟
heatlevelئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنماڭ
heatlevelئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت
heatlevelمۇھەببەت

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىئىناۋەت تەڭگە يىغىش سەۋەبى
salaijan207 + 15 + 9 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ئىناۋەت + 15  تەڭگە + 9   باھا خاتىرىسى

2

تېما

4

دوست

1711

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
435 سەر
ئىناۋەت
549 سەر
تەڭگە
883 دانە
قىزغىنلىق
724 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
259 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-9

مائارىپ ئوردىنى ئەليۇلئەلا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 20:32:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ماقالە  ئىكەن  سىز دىگەن ئەھۋال بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ  بەك ئىغىر  قانداق قىلساق  تۇزىلە ھە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

16

تېما

30

دوست

3664

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تەجرىبە
2165 سەر
ئىناۋەت
924 سەر
تەڭگە
1278 دانە
قىزغىنلىق
568 سەر
تۆھپە
12 سەر
توردا
493 سائەت
تىزىملاتقان
2010-8-20

ئاۋانگارت ئوردىنى تەلەي ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئاشۇ يىراق يېزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇشۇ تېمىڭىزنى بىر ئوقۇپ بېرەلىگەن بولسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە؟!
تىلچىن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

30

تېما

6

دوست

2138

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تەجرىبە
998 سەر
ئىناۋەت
665 سەر
تەڭگە
549 دانە
قىزغىنلىق
472 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
127 سائەت
تىزىملاتقان
2010-9-17

مائارىپ ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 17:01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قاچانمۇ تۈگەر بۇ نادان ، بۇرنىنىڭ ئۇچچىنىلا كۆرىدىغان دىھقانلىرىمىز. سىز دېگەن بۇ مەسىللەر بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بار . يىرى يۇق، نۇپۇسقا ئىلىپ بەرمىدى. ساۋادى چىقىپ بۇلدى. باشقا ئىش قىلسا مىنىڭ يۇكۇم يىنىكلەيدۇ دېگەندەك باھانە سەۋەبلەر بىلەن باللارنى ئوقۇشتىن ئىلىپ قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ چىقىش يۇلىمىزنىڭ بىلىم ئىكەنلىكى تۇغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىمۇ بەرىبىر ئىكەن . قانداق قىلىشامىز بۇرادەرلەر .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8

تېما

8

دوست

660

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
350 سەر
ئىناۋەت
217 سەر
تەڭگە
349 دانە
قىزغىنلىق
92 سەر
تۆھپە
0 سەر
توردا
48 سائەت
تىزىملاتقان
2012-2-8

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 23:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(قازاننىڭ قۇلىقى تۆت) بىزنىڭ بۇيەردىمۇ ئوخشاش، بۇ پەقەت ئىدىيىدىكى مەسىلە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

2

دوست

678

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
316 سەر
ئىناۋەت
202 سەر
تەڭگە
141 دانە
قىزغىنلىق
158 سەر
تۆھپە
5 سەر
توردا
154 سائەت
تىزىملاتقان
2010-11-16

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 13:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ جايدىمۇ بار قانداق قىلىمىز ،يەنىلا جاپانى ئوقۇتقۇچىلار تارتىدۇ ،ئۇلارغا نىمە غەم ،بىز خۇددى ئىشلىمەي چىشلەيدىغاندەك گەپ قىلىدىغان تۇرسا بىزنىڭ دىخانلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى.يەنىلا تەربىيە ئىشلىگۈلۈك ھامان بىر كۈنى ئوڭشىلىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 09:30

چوققىغا قايتىش