روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 3

پەقەت پالتام بولسىلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغدا ئوتۇن كېسىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر ئوتۇنچى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى مۇشەققەتتە ئۆزىگە لايىق بىر ئۆي ساپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بازارغا ئوتۇن ئەكىرىپ، سېتىپ، كەچقۇرۇن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئۆيىنىڭ بىر دۆۋە كۈلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
   ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئوت ئۆچۈرگەن بولسىمۇ، شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوتنى ئۆچۈرۈۋالالمىغان ئىكەن. ئوتۇنچىنىڭ بىر تاياقنى ئېلىپ كۈل دۆۋىسى ئىچىدىن بىر نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قوشنىلار ئۇنى قىممەتلىك بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپتۇ. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوتۇنچى خۇشال ھالدا ‹‹مەن تاپتىم، مەن تاپتىم›› دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ.
   ھەيران قالغان قوشنىلار ئۇنىڭ قولىدا پەقەت بىر پالتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوتۇنچى خۇشال ھالدا: ‹‹پەقەت مۇشۇ پالتام بولسىلا، بۇ ئۆيدىنمۇ مۇستەھكەم ئۆينى قايتا سالالايمەن›› دەپتۇ.
   مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم ئەزەلدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ باقمىغان ئەمەس، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدىغان ئادەم. پەقەت ياشاش ئېتىقادى بولسىلا، تېخىمۇ گۈزەل ھايات مۇساپىسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.


ھازىرنىڭ ئۆزى بەخت




بىر باي بىلەن بىر كەمبەغەل نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ.
   كەمبەغەل ئادەم:
   ــــ ھازىرنىڭ ئۆزى بەخت، - دەپتۇ.
   باي كەمبەغەلنىڭ كەپىسى، جۇل - جۇل كىيىمىگە قاراپ چىققاندىن كېيىن:
   ــــ بۇنى قانداقمۇ بەخت دېگىلى بولسۇن؟ مەن دېمەكچى بولغان بەخت ــــ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، مىڭلىغان چاكار، - دەپتۇ.
   بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىپتۇ، چاكارلىرىمۇ قېچىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ باي بىر كېچىدىلا دىۋانىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
   قاتتىق ئىسسىق بىر كۈنى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن دىۋانە كەمبەغەلنىڭ كەپىسى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كەپىگە ئۇسسۇلۇق سوراپ كىرىپتۇ. كەمبەغەل بىر پىيالە سۇنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن:
   ــــ سەن ھازىر نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
   ــــ بەخت دېگەن مېنىڭ قولۇمدىكى سەن بەرگەن مۇشۇ بىر پىيالە سۇ، - دەپتۇ.
   بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ مېنىڭچە، ھازىرنىڭ ئۆزى بەخت، ھازىرنى بىرمۇبىر ئۇلىسىڭىز، بىر ئۆمۈرلۈك بەختكە ئىگە بولىسىز. ھازىرنى قەدىرلەڭ، قولىڭىزدىكى بىر ئىستاكان سۇ، ئادەتتىكى تاماق، ئادەتتىكى خىزمىتىڭىزنىڭ ھەممىسى بەخت.


ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelياپونىيەلىك ياش ئورۇنلىغان ناخشا ئايرىلىش مىنۇتلىرى
heatlevelu دىسكا ئوغرىسىنى ئىشلىتىش
heatlevelيۇمۇرلار
heatlevelتەپەككۇر ئۈنچىلىرى
heatlevelكىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ
heatlevelئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا
heatlevelپەقەت پالتام بولسىلا
heatlevelخەتەرنى دادىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىڭ
heatlevelئىنسانغا ھاياتتا نېمە بەك ئېغىر؟
heatlevelئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنماڭ
heatlevelئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت
heatlevelمۇھەببەت

16

تېما

30

دوست

3679

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تەجرىبە
2176 سەر
ئىناۋەت
925 سەر
تەڭگە
1280 دانە
قىزغىنلىق
571 سەر
تۆھپە
12 سەر
توردا
494 سائەت
تىزىملاتقان
2010-8-20

ئاۋانگارت ئوردىنى تەلەي ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 01:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇمۇ بىر يەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىنگەن تېمىمىكىن دەيمەن. بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ، بولمىسا ئۆزىڭىزگە ياخشى ئەمەس.
تىلچىن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 13:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

42

تېما

52

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پەخىرى ئەزا

Rank: 13Rank: 13Rank: 13Rank: 13

تەجرىبە
4597 سەر
ئىناۋەت
3855 سەر
تەڭگە
2320 دانە
قىزغىنلىق
2219 سەر
تۆھپە
778 سەر
توردا
479 سائەت
تىزىملاتقان
2012-3-17

شەرەپ ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئەليۇلئەلا ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى تەلەي ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 17:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك تېمىڭىزغا ھەشقاللا. ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلىگەنلەر گىگانت كىشىلەرگە ئايلىنالايدۇ. بەختنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەنلەر ھايات خۇشاللىقىدىن بەھر ئالالايدۇ. كىشىلەر ھەر كۈنى بۇ ئىككى جەۋھەرنى ئۆزىگە تىلتۇمار قىلىشى لازىم.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-12-3 07:30

چوققىغا قايتىش