روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 314|ئىنكاس: 2

كىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

92

تېما

6

دوست

1567

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
783 سەر
ئىناۋەت
428 سەر
تەڭگە
640 دانە
قىزغىنلىق
349 سەر
تۆھپە
21 سەر
توردا
131 سائەت
تىزىملاتقان
2011-9-22

ئاۋانگارت ئوردىنى ئىجادىيەت ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى روھلان شاھزادىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:16:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر سودىگەر سودىسىنى تۈگىتىپ بولۇپ ئېتىنى مىنىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۆيگە ئاز قالغاندا چاكىرى ئاتنىڭ تاقىسىنىڭ بىر مىخىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. لېكىن سودىگەر:
   ــــ كارىڭ بولمىسۇن، بەرىبىر ئۆيگە ئالتە سائەتلىك يول قالدى، - دەپتۇ.
   يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ چاكىرى يەنە سودىگەرگە :
   ــــ ئاتنىڭ ئوڭ پۇتىدىكى تاقىسى چۈشۈپ قاپتۇ، تاقىلامدۇق؟ - دەپ سورىسا، سودىگەر:
   ــــ بولدى، مەن ھازىر ئۆيگە ئالدىراۋاتىمەن، ئۆيگە يېتىپ بارىدىغانغىمۇ ئۈچ سائەتلىك يول قالدىغۇ، - دەپتۇ.
   ئۇلار ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ئات ئاقساشقا باشلاپتۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتنىڭ پۇتى قاناپ، يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.
   سودىگەرمۇ ئامالسىز چاكىرى بىلەن يۈك - تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە ئون نەچچە سائەت يول يۈرۈپ ئۆيىگە كېلىۋاپتۇ.
   بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ مېنىڭچە، ئەمەلىيەت مۇشۇنداق، كىچىك خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ئاستا - ئاستا ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بىز كىچىك خاتالىقلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

ھەممە ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك



  بىر پىشقەدەم ياغاچچى دەمئېلىشقا چىقماقچى بولۇپ ، خوجايىنغا قۇرۇلۇش ساھەسىدىن ئايرىلىپ ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى دەپتۇ .
   خوجايىننىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ، ئايرىلىشتىن بۇرۇن ياغاچچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدا لايىھەلەنگەن بىر ئۆي سېلىشىنى ئېيتىپتۇ.
   ياغاچچى ماقۇل بوپتۇ ، لېكىن ئۇ ئۆينى سۈپىتى ناچار ماتېرىياللار بىلەنلا سېلىپ چىقىپتۇ. ئەسلىي بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن توغرا ئەمەس ئىدى.
   ئۆي سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، خوجايىن ئۆينى تەكشۈرگىلى كېلىپ ، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ياغاچچىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: ‹‹سىزنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ماڭا ئىشلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنغان بۇ ئۆينى سىزگە سوۋغا ئورنىدا بەردىم ›› دەپتۇ.
   بۇ ھېكايىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز ؟ مېنىڭچە ، ئەگەر بۇ ياغاچچى ئۆينىڭ ئۆزىگە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ئەڭ ياخشى ماتېرىيالنى ئىشلىتىپ ، ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بىلەن سالغان بولاتتى. لېكىن ھازىر ئۇ باشقىلارغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆزىمۇ ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئۆيدە ئولتۇرۇشىغا توغرا كەلدى. قارىغاندا ئادەم ھەر ئىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەككەن .


ئاپتۇرنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرى
heatlevelياپونىيەلىك ياش ئورۇنلىغان ناخشا ئايرىلىش مىنۇتلىرى
heatlevelu دىسكا ئوغرىسىنى ئىشلىتىش
heatlevelيۇمۇرلار
heatlevelتەپەككۇر ئۈنچىلىرى
heatlevelكىچىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماڭ
heatlevelئۆزىگە تايانغان ھەممىدىن ئەلا
heatlevelپەقەت پالتام بولسىلا
heatlevelخەتەرنى دادىللىق بىلەن كۈتۈۋېلىڭ
heatlevelئىنسانغا ھاياتتا نېمە بەك ئېغىر؟
heatlevelئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنماڭ
heatlevelئەشۇ يىزىلاردىكى ئاتا-ئانىلارغا مۇراجىئەت
heatlevelمۇھەببەت

11

تېما

8

دوست

1483

جۇغلانما

تەجرىبىلىك ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەجرىبە
618 سەر
ئىناۋەت
500 سەر
تەڭگە
533 دانە
قىزغىنلىق
362 سەر
تۆھپە
3 سەر
توردا
249 سائەت
تىزىملاتقان
2012-8-20

مائارىپ ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 22:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ھەرقانداق ئىشتىمۇ مەسئۇليەتچان بۇلۇش كىرەك،كىچىك ئىش  دەپ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ.تىما ئىگسىگە رەخمەت تەربىيەۋې ئەھمىيتى زور بىلىملەرنى تەمىنلەپسىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

7

دوست

569

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەجرىبە
311 سەر
ئىناۋەت
153 سەر
تەڭگە
104 دانە
قىزغىنلىق
104 سەر
تۆھپە
1 سەر
توردا
55 سائەت
تىزىملاتقان
2013-3-17

قىزغىنلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 12:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيە ئەھمىيەت ئىگە ئەسەر ئىكەن ، بۇ ئەسەرنى راسلا سىز يازدىڭىزمۇ ياكى باشقا تور بەتلەردىن كۆچۇرۇپ يوللاپ قويدىڭىزمۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

举报电话:13779793077|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|网站地图|ئۈندىدار سالونى|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

Powered by Discuz! X2.5(NurQut) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2013-11-28 09:31

چوققىغا قايتىش