روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2100|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: مۇئەللىمنىڭ دەردى بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇئەللىمنىڭ دەردى بار


سورىقى بار ھايات بۇ، ئۆلگەننىڭمۇ دەردى بار،
كۆكرەك كېرىپ ئۆلۈمگە كۈلگەننىڭمۇ دەردى بار.
ناخشىسىنى دۆڭ توۋلاپ يۈرگەننىڭمۇ دەردى بار،
قاپىقىنى زورىغا تۈرگەننىڭمۇ دەردى بار،
قوي ئۇ دەردنى بولدى بەس! مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



نامى ئۇنىڭ چىرايلىق ئېغىزغا لىق كەلگۈدەك،
شامدەك ئىرىپ يۈتكىلى شۇڭا كۆيۈپ تۇرغىدەك.
ئىشلىسىمۇ كۈنۇ-تۈن ئالماس ئۇچلۇق بۇرغىدەك،
كىمدۇر رازى ئەمەسمىش، يىلتىزىدىن يۇلغىدەك،
سۆزلىمەسكە نە چارە؟! مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



چۇرۇقلايدۇ باچكىلار دان چاچمىسا بولمايدۇ،
تىزدا يېرىم خاتىرە ئۆلچەمگە يا تولمايدۇ.
مۇدىر قىسىپ كۆزىنى نېمىنىدۇر ئويلايدۇ،
ئۇخلاشقىمۇ شەرت قويۇپ، ئىش ھەققىدىن كوملايدۇ،
ئۆيگە قايتقان قۇرۇق قول مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



گاھى تاتلىق خىياللار سۈرىشىگە رۇخسەت يوق،
تەكشۈرۈش بار كۈنلەردە ئۆلىشىگە رۇخسەت يوق.
كۇسۇرلىشىپ ئۆز-ئارا كۈلىشىگە رۇخسەت يوق،
كەلسە رەھبەر دەرت-ئەھۋال سۆزلىشىگە رۇخسەت يوق،
رۇخسەتلەرگە زار بولغان مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



تەتىل دېگەن قۇرۇق گەپ، يەكشەنبىمۇ يوق ئىمىش،
سۈپەت قالتىس ئۆسەرمىش ئىشلىگەندە يازۇ-قىش.
توۋا! ئۆكۈز بولغىنى ئۇنىڭ زادى نېمە ئىش؟!
يۇلىۋېتىپ ساق چىشنى قالغىنىدەك ئاغرىق چىش،
ئاغرىقلارغا چىدىغان مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



بۇيرۇق كەلدى يېزىدىن قۇرت تەرگىلى ئالدىرار،
گاھ ئېتىزدا كېۋەزنىڭ پايپىقىنى سالدۇرار.
تاپشۇرۇقنىڭ كېمىنى كەچتە ئۆيگە قالدۇرار،
غەم ئۈستىگە يەنە غەم ئۇنى بالدۇر تالدۇرار،
چۈشىدىمۇ ئالدىراش مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



بىرى دەيدۇ مۇئەللىم قىلنى قىرىق يارىدۇ،
بىرى دەيدۇ تەتىلدە نىچۈن ئارام ئالىدۇ؟!
بىرى ئۇنى داپ بىلىپ ئۆز كۈيىگە چالىدۇ،
مۇئەللىمسىز بۇ ھايات قاي قىسمەتكە قالىدۇ؟!
بۇنى بىلەر ھېچكىم يوق، مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.



تىنىۋالاي بىر نەپەس سۆزۈمدە ھېچ يالغان يوق،
ئەجىر قىلماي ساماندىن داننى ئايرىپ ئالغان يوق.
مۇئەللىمى بار ئەلدىن نادانلىقتا قالغان يوق،
مۇئەللىم مەن، چاكارمەن! كىملىكىمدىن تانغان يوق،
قىسمەتلەردە تاۋلانغان مۇئەللىمنىڭ دەردى بار.


2015.02.08


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-27 17:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھى ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىلى خېلى ۋاقىتلار بولۇپ كەتكەن ئىدى، بۈگۈن يەنە بىر ئېسىل ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ، كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالدى، دېمىسىمۇ بىزنىڭ دەردىمىزنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك.
ۋاقتى: 2015-2-27 19:24:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان بولۇپمۇ ئەمەليەتنى چىقىش قىلىپ يېزىلغان ئەسەر ئادەمنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدۇ. قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن . سالامەتلىك سىزگە يار بولسۇن.
ۋاقتى: 2015-2-27 23:40:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھى ئەپەندىمنىڭ قەلىمى يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.
ۋاقتى: 2015-2-28 01:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىپ يىزىپسىز ، قەلىمىڭىز ىۇۋۋەتلىك بولسۇن…
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 03:12

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش