تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 100536|ئىنكاس: 299

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
661
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13479
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
113 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 03:30:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار!

       مانا، ئۇيغۇرزادە ۋەدىسدە تۇرۇپ قايتىپ كەلدى. مۇنبەرداشلارغا ۋە «ئۇيغۇرزادىنى ئەسلەپ قالدىم» دېگەن تېمىدا ماڭا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن، تەكلىپلەرنى بەرگەن دوستلارغا سالام يوللايمەن.
        مۇنبەردىن چېكىنىپ  جىددي يۈرگەن كۈنلەردە، ھەپتىدە بىر قېتىم ئالدىراش بولساممۇ  كىرىپ تۇردۇم ۋە  مۇنبەردە نۇرغۇن ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىدىم.« مۇنازىرە قانداق بولۇشى كېرەك»، «ئەركىن ھاشىمنىڭ نۇتۇقى»،«شېئىرنىڭ ئسلامدىكى ئورنى»، «ئۈمىد ھاجى بىلەن سۆھبەت»، «ئىسلام ۋە ئەقىل» قاتارلىق نى ئېسىل تېمىلار چىقپتۇ. بۇنداق ئىجابىي ئۆزگىرىش مەن كۈتكەن نەتىجە ئىدى. يەنە  مېھرىناز،  تۇتېم، ئۆمەر،ھىلال، ئۇيغۇر بەگ، ئۆرۈكجان، ئارمان قاتارلىق (ئىسمىنى دەمال ئېسىمگە ئالالماي قالغان بالىلاردىن ئەپۇ سورايمەن)بالىلاردىكى ئىقتىدارنى بايقىغاندەك بولدۇم، تېمىلىرىنى ئوقۇپ قايىل بولۇپ قالدىم(جىن، نازى، ياز چۈشى، كۆكبۆرە، بەرگىيە، گۈزەل، ئايتۇغ، سابا، گۈلدار،باياۋان، سەرۋازلۈكچەك، كشىمىش قىز ، سائادەتگۈل، يارىش قاتارلىق تالانت ئىگىلىرىنى ئالدىنقى قېتىم بايقىغان).
          سەۋىيەلىك بالىلار ھەقىقەتەن جىق ئىكەن بۇ مۇنبەردە.  مۇشۇنداق بالىلار بىلەن مۇنبەرداش بولۇشنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئىش.ئەمما، قېزىش، ماسلاشتۇرۇش، پىكىرلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىش كەم بولۇۋېتىپتۇ. يەنە كېلىپ، يېقىندا بەرگىيەنىڭ تېمىسدا دېيىلگەندەك، مۇنبەر يەنە سوۋۇپ، ئىنكاس چۈشمەس، قىزغىنلىق تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپتۇ. بىز چوڭ ئۈمىد كۈتكەن مۇنبەر مۇنداق ماڭسا بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرۈش ھەممىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.  ئامالىنى قىلىشىمىز كېرەك.
       شۇ ئوينىڭ تۈرتكىسدە ئۆزۈممۇ بىرەر تېما يوللاشنى ئويلىدىم(ئەسلى ھەرگىز تېما يوللىمايمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ ئويلىغان). ئەمما، چوڭقۇرلۇق تەلەپ قىلىدىغان تېمىنى ئاۋۋال يوللاشنى راۋا كۆرمىدىم. ئاۋۋال كۈچ كەتمەيدىغان، ئەمما ھەممىمىز ئويلىنشىقا ، پىكىرلشىىشكە تېگىشلىك بىر تېما يوللاشنى ئويلاپ بۇ ئاددىي، ئەزرىمەس تېمىنى يازدىم. سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە بولغان مۇھەببىتى شوئار باسقۇچىدا توختاپ قالغان؛ ئۆزىمىز سەزمەيمىز؛ قەدەمنى  ئەمەلىي، كىچىك ئىشلاردىن باشلىمايمىز .ئۇيغۇرنى ئابستراكىت يوسۇندا سۆيىمىز، بەزىدە قىزغىنىپ تۇرۇپمۇ سۆيىمىز.    ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم ياپونىيىدە تۇرۇپ يازغان شېئىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن‹ بىر-بىرىمىزنى چىشلەپ سۆيىمىز، باشقىلارنى ئىشلەپ سۆيىمىز › دېگەندەك ئىشلارمۇ يوق ئەمەس.  ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىمىزدا ياخشىغىمۇ، يامانغىمۇ  مۈجىمەل پوزىتسىيە تۇتىدىغان بۇرۇقتۇرما يۈزلىنىش ۋە سامان بىلەن داننى ئايرىماسلىق  خاھىشى مەۋجۇت .
       ئىشنڭ توغرىسى شۇكى، مۇھەببىتمىزنى كونكرېتلاشتۇرۇشىمىز، شوئارلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز، ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى تايىنى يوق سۈكۈتلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىز بىر قوللۇق نابۇت قىلماسلىقىمىز؛ قىممەت قارىشىمىزغا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئاسىيىلىق قىلماسلىقىمىز، توساقلاردىن يول ئېچىشىمىز لازىم. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە  ئەل ئۈچۈن ئويلايدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ مەدەت بېرىشىمىز، ناكەسلەرنى تەنقىدلىشىمىز كېرەك. مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق ئەمەس مىللەتنى ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ.
            
        تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە يازغان  ئىنكاسلىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن قانداق قىلغاندا «خەلقىمىزنى كونكرېت سۆيگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شوئارۋازلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا ئويلىغانلرىمىزنى دەپ باقساق.
         ئەمىسە مەن دەپ باقاي. تېما ئىنكاس شەكلىدە يېشىلىدۇ. ئاۋۋال ئۇيغۇرنى كونكرېت ئۇسۇلدا سۆيۈشنىڭ ئۆزۈم ئويلىغان 20 ئۇسۇلىنى كالتە جۈملىلەر بىلەن دەپ ئۆتىمەن. ھەر بىر ئۇسۇل ھەققىدە ۋە باشقا دېيلمىگەن نۇقتىلار ھەققىدە تورداشلار قاراشلىرىنى دەپ باقسا بولىدۇ.
                                          

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى

1. بىزدە شۇنداق نەرسە بولسلا، مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش؛
2. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاش؛
3. يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛
4. ئىلمىي، سوغۇققان يوسۇندا ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئۆزىمىزنى تەنقدنى كۈچەيتىش؛
5. ئۆزىمىزدە بار نۇقسانلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويماسلىق ۋە شوئارۋاز مىللەتچى بولماسلىق؛
6. چاكىنلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى يارىتىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئالىجاناپ ۋە ياخشى ھېسابلايدىغانلىرى ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش؛ چاكىنا مەدەنيەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا تۆھپە قوشۇش؛
7. ناچار ئادەتلىرىمىزگە پىلان تۈزۈپ تاقابىل تۇرۇش؛ قابىليەتلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قېزىش ۋە  كۆرستىش؛
8. ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش؛
9. قىزلار نازاكىتىنى، كىيىۋاتقان كيىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرىدىغان سالاپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ، ئەقىدىسنى كۈچەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش؛ قارشى جىنستىكىلەرنى ئەيمەندۈرەلەيدىغان قىز-ئوغۇللارنى كۆپەيتىش؛ لالما ئوغۇل-قىزلارنى يىتىم قالدۇرۇش.
10. ھەر قايسى ساھەلەردە سامان بىلەن  داننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش؛ دانلارنى قەدىرلەش، سامانلارغا تۈكۈرۈپ قويۇش؛
11. مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىرقى تور ئاپىتىنىڭ ، يازما ئاپىتىنىڭ، پاخاللىق، تەكرارلىق، ئىجادسىزلىقنىڭ، پلانسىزلىقنىڭ  ئالدىنى ئىېلىش؛
12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى  قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛
13. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھاراق-تاماكا بىلەن مۇمكىنقەدەر بالدۇر خوشلىشىش؛
14. كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى، كىتابقا تۇتقان پوزىتسيىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش؛ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلرىمىزنى قوللاش ھەم ئۇلارغا تەلەپ قويۇش؛
15. پىكىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ئىككى يىلدا بىر پىكىر يېڭىلاپ قالتىس بىلىنىپ كەتكەن بىلمىلىرىمىزدىن بىر قېتىم گۇمانلىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛
16. باشقا يۇرتتا ياخشى ياشاشقا كۈچىمىز يەتمىسە، پېشىمىزنى قېقىپ كەتمەستىن ئۆز يۇرتىمىزنى مەھكەم ساقلاش، قېيدىماسلىق؛
17. ئىدارىلەردىكى رولىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ئىشلەش ۋە ‹ بۇ خىزمىتىم ئارقىلىق نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ › دەپ ئويلىنىش؛
18.ياخشلار ئارا، كەسپداشلار ئارا، قەلبداشلار ئارا  ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن ئىجىتمائىي تور پەيدا قىلىش؛
19. قەھرىمانلىرىمىزنى، ياخشلارنى (مەسىلەن،ئابدۇقادىر داموللا ۋە   گۈلزار مۇكاپاتى تەسىسس قىلغان مامۇتجان قاتارلىق) ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش؛ ئابدۇقادىر داموللانى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ئەھەت مەزىن قاتارلىقلارنى ئۇنتۇماسلىق؛
20. ئەڭ مۇھىمى؛ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات نىشانىغا ماس ھالدا ئۇيغۇرنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان 20 يىللىق ئىلمىي تەرەققىيات سېخمىسىنى ۋە  پىلانىنى تۈزۈش  ھەم  1960-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش.

         تېما ئىنكاس شەكلىدە بېيىيدۇ. مەن دېيەلمىگەن ياكى دېمىگەن تەرەپلەر بولسا باشقىلار تولۇقلىسۇن، ۋاقتى كەلسە بۇ ئۇسۇللارنى تەكرارلىماسلىق شەرتى ئاساسىدا ئاۋۇتساقمۇ بولىدۇ. ھەر بىر تۈرنى يېشىپ، ئۆز ئەمەليىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بولسا تېخى ياخشى. بىر ئادەمنىڭ بۇ ئىشلارنڭ ھەممسىنى ئورۇنداپ كېتىشى تەس. ئاستا-ئاستا تىرىشىمىز . مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتىن، قىزىققانلىقتىن ساقلىنايلى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 100 ئەھمىيەتلىك ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
958
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42681
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 14:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم!
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمنىڭ «ئەلكۈيى»مۇنبىرىگە قايتا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدىن سۆيۈندۈم.

ئالدىنقى قىسقا نەچچە كۈن مۇنبەردە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، مۇنبەر ھەم ھەربىر ئەزانىڭ ئۆزى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچە ھەم قايتا بىر ئويلىنىشىدا خېلى تۈرتكىلىك رول ئوينىدىڭىز دەپ قارايمەن. «سىلەرگە ئەقىل كەلگەندە غال-غال تىترەيسىلەر!» دەپ مىسال ئالغان سۆزىڭىز ماڭا شۇنداقمۇ بىر تەسىر قىلىپتۇ. ئىلگىرى ئۆزۈمنى بىلمەي يۈرەتتىم، قانداقتۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنغانكى تېمىنى چوقۇم ئوقۇش كېرەكتەك، ئىنكاس يېزىش كېرەكتەك يەنە قانداقتۇر تېما ئىگىسىگە چوقۇم «ياخشىچاق» گەپلەرنى قىلىش زۆرۈردەك... مۇشۇنداق تۇيغۇلاردا بولۇپ كەپتىكەنمەن. بىراق ئەمدى ئويلىسام بۇ پۈتۈنلەي ۋاقت ئىسراپچىلىقى، ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىلەرنى ئالداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن.

مەن مۇشۇ مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىز دەپ ئۆتكەن 11-ماددىغا يانداشتۇرۇپراق سۆز قىلىشنى خالاپ قالدىم (تەكرارلىق بوپ قالماس).
مېنىڭ ئىلگىرى ھېس قىلىشىمدىمۇ «ئەلكۈيى» مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا خېلى خاسلىققا ئىگە. قانداقتۇر تېما تەكرارلىق، پاخال تېمىلار دۆۋېلىنىش، نوقۇللا كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ، كۈلكە-چاقچاققا يۆلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس. ئەلۋەتتە بىر ئۇنۋېرسال يازما قوبۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇنبەردە ئاز-تولا كۈلكە-چاقچاقنىڭ بولىشىمۇ تەبىئىي ئەھۋال بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا مىسال ئېلىپ دىدار، مۇختەرباي، سايىماخۇن...قاتارلىق قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ كۈلكىلىك لېكىن ئاچچىق ھەقىقەت سۆزلەپ تۇرىدىغان تېمىلىرىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۇتىم ئېيتقانداق ‹ قانداقتۇر «خوتۇنپۇرۇشلۇق»نى مەقسەت قىلىپ باشلىنىپ كەتكەن مۇشائىرىلەر...› دېگەن گەپنى شەخسەن مەنمۇ قوللايمەن. بەزىلەر دەيدىكەن ھەركىمنىڭ قىزىقىشى باشقىچە، سەۋىيە ئوخشىمايدۇ دەپ. مەن دەيمەن، شۇ قىزىقىشىڭىزغا، سەۋىيەيىڭىزگە بېقىپ مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇنبەرنى تاللاڭ دەپ. ئويلاپ باقايلى، بىز ھەربىر ئەزانىڭ قىزىقىشى، مەدىنىيەت سەۋىيىسىنى تۇتقا قىلىپ ئىش تۇتساق ئۇنداقتا «ئەلكۈيى» نىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تەرەققىي قىلىشى بىر چۈش بولۇپ قالىدۇ. مۇنبەر ھەم بلوگلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ھەم بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش دېگەن دەل شۇنداقراق، يەنى ئېسىل تېما، نادىر ئىنكاسلاردىن زوق ئېلىشنى بىلىشىمىز، زوق ئېلىپلا قالماي ئاز-تولا ئۈلگە قىلىپ ئۆگۈنىشىمىز، بەكرەك بولسا خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇپ قويىشىمىز زۆرۈر-ئەلۋەتتە. ئەقەللىيسى مەن شۇنداق، بەزى تېمىلارنى ساقلىۋالىمەن ئىنكاسلار بىلەن قوشۇپ. ئېنىقكى، بۇنىڭ ماڭا بەرگەن پايدىسى ھەرگىز ئاز ئەمەس.

سىزنىڭ ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە كىرىپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىن كېيىن مۇنبەر ئىچى راست خېلىلا جىمجىتلىشىپ قالدى، سەۋەب شۇكى، بىز ھەقىقەتەن تەنقىتتىن قورقىدىكەنمىز. تېمىلارغا چەك قويۇلۇپ، ئاز بولسىمۇ بىراق ئادەمگە خېلى بىر نېمە بېرىدىغان ئەسەرلەر چىقىۋاتقان ئىدى. خۇددى قايسىدۇر بىر كىشى ئېيتقاندەك: ‹ بىزدە تەنقىدنى قارشى ئالالايدىغان مەردانىلىك، تەنقىدچىلەرنى كەچۈرەلەيدىغان ئەركەكچىلىك، تەنقىدچىلىككە ئىلھام بېرەلەيدىغان مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە تەنقىدنى پىرىنسىپسىزلاشتۇرالايدىغان تەنقىد ئەخلاقى بارلىققا كەلمىگۈچە، ئەدەبىياتىمىز قىزىمايدۇ...›. دېمەك، ئەدەبىي ھەم ئىلمىي بولغان تەنقىدنىڭ تەرەققىيات ھەم يۈكسىلىشتە ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي تەرىپى ھەقىقەتەن يوقىرى. مىسال قىلسام، مۇنبىرىمىزدىكى جىن ئەپەندىمنىڭ تەنقىدنى ئىلمىي چۈشۈنۈپ قوبۇل قىلىشىدىن مەن شۇنداق تەسىرلەندىم. ئىلگىرى ئىملاسى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتكىدەك خاتا ئىدى. بىر قانچە قېتىم ئىنكاسىغا نەقىل قىلىپ ئەسكەرتىش، تېمىلىرىنى تەستىقلىماسلىق ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن ھاززىر مانا ئىملاسىدا شۇنداق زور ئىلگىرلەش بولدى، قېنى قانچىمىز ئاشۇنداق پوزىتسىيىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىكى نۇقسانلارنى تۈزىتەلەيمىز. بىر-ئىككى ئېغىز تەنقىدكە چىدىماي كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلەرنى نېمە دېيىش كېرەك.

سىز ئېيتقاندەك «ئەلكۈيى» گە ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق كىشىلەر خېلى يىغىلغان ھەم يىغىلىۋاتىدۇ.  تېخمۇ نادىر بولغان ئۆزلۈك ھەم كىملىك ھەققىدە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان، ھاززىرقى تەرەققىيات ھەم شۇ تەرەققىياتقا قانداق يۈزلىنىش ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان، مىللىي مائارىپ ھەم پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئىلمىي بولغان قاراشلار مۇجەسسەملەشكەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يول كۆرسىتىش ھەم ئۇلارنى يىتەكلەش ھەققىدە نېگىزلىك قىلىپ سۆزلەنگەن... قىممىتى بار تېمىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى، ئەقلى ئويغاق، تەپەككۇرى سەگەك ھەربىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئەركىن پىكىر قاتناشتۇرىشىنى، مۇنازىرىداشلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرلىشىمىزنى؛  نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بىزگە سۇنۇپ كىلىۋاتقان ئاكا-ھەدىلىرىمىز ھەم قۇرداشلىرىمىزنىڭ بىزگە مەنىۋىي ئوزۇق، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە ساۋات ھەم رېئاللىقتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەت، دوستلۇق، قېرىنداشلىق...تېمىسىدا تېخىمۇ نادىر بولغان ئەدەبىي  ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىشىنى مەن شۇنچىلىك ئۈمىد قىلىمەن.

ھاززىرقى مېنىڭ ۋەزىپەم ھەم بۇرچۇم ئاتا-ئانام كىچىكىمدىن ئۆگەتكەن ئادىمىيلىك نىزاملىرى بويىچە ياشاپ، ئالدىمدىكى ئۆگۈنۈش مۇھىتىمنى قەدىرلەپ، مەندىن ئۈمىد كۈتىۋاتقان ھەربىر ئەزىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش بولسا كېرەك. ئوقۇشۇمنى غەلبىلىك تاماملاپ، ئۆگەنگەن نەرسىلرىمنى جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن جايىدا ئىشلىتەلىسەم، ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىپ ئۆزگىلەرگە بوزەك بولماي ھەم بوزەك قىلماي ياشىيالىسام...بۇمۇ ھېسابتا ئۇيغۇرۇمنى سۆيۈشتىكى كىچىككىنە بىر ھەركىتىم بولۇپ قالار. خۇددى ‹ مىللەتنى ئاغزىدا سۆيىدىغانلار كۆپ ھالدا قورقۇنچاق زىيالىيلار بولىدۇ › دېگەندەك، قىلغان سۆزلىرىمىزگە ئەمەل قىلىپ، ھەركىتىمىزدە ئىپادىلەش ھەممىدىن مۇھىم-ئەلۋەتتە.

ئىمتىھاندىن چىقىپلا بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىنكاس يېزىۋاتىمەن، پىكىرىم بەك چۇۋالچاق چىقىپ قالدى، قېنى، مۇنبەرداشلار ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغىنى ھەققىدە ئەركىن، جانلىق، سەمىمىي پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقايلى.

ئاخىرىدا، ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمنىڭ ۋاقت چىقىرىپ يوللىغان قىممەتلىك تېمىسىغا رەھمەت، سىزگە سالامەتلىك، ئامانلىق يار بولسۇن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 15:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ! ئۇيغۇرزادە ئەپەندى. ئاۋۋال، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
مەزكۇر تېمىڭىزنى كۆرۈپ  خۇدۇكسىرەش ھالىتىدىكى مۇنبەرداشلارنىڭ  ئۇشبۇ  مۇنازىرە سورۇنىغا تەشرىپ قىلشىنى ئۈمۈد قىلماقتىمەن.

يۇقۇردا تەكىتلەنگەن « ئۇيغۇرنى سۆيۈش» نىڭ 20 تۈرلۈك پىلانىدا  ئاساسى مۇددىئا- بىر قەدەر يوشۇرۇن ۋە ئىخچام بايان قىلىنغان بولسىمۇ ؛ ھەر ھالدا « بىر مىللەت سۆيەر يۈرەك» نىڭ  ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بۇرچ تۇيغۇسىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

مەن ئاۋۋال ئۆزۈمنىڭ كۈچى يەتكۈدەك  19 - پىلاننى  قايتىلاپ ئۆتۈپ كېتەي؛ ئەيبكە بويرۇشمىغايلا.

19. قەھرىمانلىرىمىزنى، ياخشلارنى (مەسىلەن،ئابدۇقادىر داموللا ۋە   گۈلزار مۇكاپاتى تەسىسس قىلغان مامۇتجان قاتارلىق) ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش؛ ئابدۇقادىر داموللانى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ئەھەت مەزىن قاتارلىقلارنى ئۇنتۇماسلىق؛

ئۇيغۇر مىللتىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى- ئەسىرلەر قوينىدىكى تۈمەنلىگەن مەرىپەتۋەرلەر ؛ مىللەت سۆيەر  ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان تەرى بەدىلىگە  كەلگەن.
بۇ جەرياندا  مەرھۇم ئالىم « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر » ئۆزنىڭ « ئىز » ناملىق تارېخىي رومانىدىكى باش بېتىدە قالدۇرغان « ئىز» ناملىق شېئرىدەك...
چۆل- دەشىتلەردە نامسىز قەبرىلەرنى قاتۇرۇپ كەتكەن شېھىد ئىگىلىرى ؛ ئۆزىنىڭ ئىسسىق قان بەدىلىگە  ئۇيغۇر تارېخىنىڭ بىر بەت كۆپۈيىشى ئۈچۈن ھوۋقۇشلۇق تۈنلەردىمۇ  ئۇيقۇسىز ئۆتكەن مەرىپەت ئىگىلىرى؛ ئېتقاد گۈلشىنىنى پەرۋىش قىلغۇچى  ئەجىركەش ئۇستازلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈرۈكىدىكى ئوقچۇپ -ئوقچۇپ سوقۇۋاتقان جاراڭلىق بىر تىۋىشنى ھېس قىلالىغان ۋە ئۇلارغا شۈبھىسىز ئەگەشكەن تەپەككۇر ئېگىلىرىنى؛
قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرىنى ... قۇياشقا تۇتاشقان كۆز يەتكۈسىز ئۇپۇقلارنى....   قىسقىسى، ئۇلارنىڭ  « ئەۋلادلار ئۈچۈن» قۇربان بەرگەن بەدەللىرىنى ھەرگىزدىن -ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.

«بىر جۈپ ئالقانـــــــــــــــــــ  ئۆزىگە ئەمەس، ئۆزگىگىمۇ كۆتۈرۈلگەن چاغدا ، ئۆزۈڭدىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ بەدبۇي ھىدى بۇرنۇڭغا پۇرىغاندەك بىلىنىدۇ.»

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
661
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13479
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
113 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 17:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      يۇقىرىدا تورداشلاردىن مۇبارەك بىلەن ئۆرۈكجان ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر قىلىپتۇ.تەشەككۈر.
    مەن گەپنى مۇمكىنقەدەر ئاددىيلاشتۇرۇپ ، كالتە جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشاي.
      
       بۇ تېمىدا ئەركىن پىكىرلشەيلى، چوقۇم بەك ئويلىنىپ تۇرۇپ پىكىر قىلىشىم كېرەك دەپ ئۆزىمىزگە بېسىم قىلمايلى. مۇھىمى،شۇ  نۇقتىلارنى(ۋە باشقىلارنى) ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلاش ۋە كەچۈرمىشلەرگە باغلاپ بېقىش. "مەن قانداق قىلغانتىم، مەن قانداق ئۇسۇللار بىلەن سۆيۈشنى توغرا دەپ قارايمەن" دەپ سوئال قويۇش ۋە شوئاردىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش.
     مەسىلەن، مېنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇل ھەققىدە تەسراتىم چوڭقۇر(مۇمكىنچىلىك بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ياكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى قوللاش دېگەن مەزمۇن ھەققىدە) بولغان.
        2008يىل بېيجڭغا بىر ئىش بىلەن ماڭغان چېغىمدا ئۇكام بىلەن دەرمان تاللا بازىرىغا بەزى تەييارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىردۇق. مەن سەپەر توقىچى تاللىغۇچە بولغان ئارىلقتا  قارسىام، ئىنىم شۇليې ماركلىق چاچ پاراشوكىنى ۋە  كولگېيت ماركىلىق چىش پاستىسىسنى تاللاپ ئەكىلىىپتۇ.
-چىش پاستىسغا چىن نۇرىنى ، چاچ پاراشوكىغا نازىلنى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى،ئۇكام، -دېدىم مەن.
-ئۇ ماكىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئاكا، بولسىغۇ شۇنداق قىلساق بولاتتى. لېكىن بىزنىڭكىلەر ئىشلىگەن نەرسىلەر ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ،-دەپ قالدى ئىنىم.
     لېكىن، مەن يەنىلا ئاخىرى چىن نۇرى بىلەن نازىل ماركلىق چاچ پاراشوكىنى تاللىدىم. چۈنكى، ئۇ چاغدا چوڭقۇر ھېس قىلغان نۇقتام (مۇشۇنچىلىك ئاددىي نۇقتىنى كېچىكىپ ھېس قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزرىلىك ھېسابلايمەن) شۇ ئىدىكى، بىز سۈپىتى ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان باشقا مەھسۇلاتلارمۇ تايىنلىقكەن. نېمىلەردە ساختىلىق يوق دەيسىز؟. ئىمپورت قىلىنغان دېگەن نەرسلەرنىڭمۇ بىر يېرى يالغان چىقۋاتقان، نى-نى نەرسىلەرگە ساختىلىق ئىشىلىتىلىۋاتقان،ھەتتا يەيدىغان تۇخۇم  ۋە ئچىدىغان سۈتكىچە ئىش قوشۇلۇۋاتقان ئەھۋالدا،  بىز سۈپىتىگە ئىشنىپ ئالغان نەرسىلەرنىڭ راست شۇنداق بولۇپ كېتىشىمۇ تايىنلىق . بۇ تۈزۈلمىدىكى مەسىلە. شۇڭا ئشىنىپ كەتكەن ھەممە نەرسىمىزنىڭ قالتس بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
     ئۇنداقتا، ئامال تېپلسىلا ئۆزىمىىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلشىنىڭ ئومۇمىي مەۋجۇدلۇقققا نېمە پايدىسى بار؟  مەن بۇ نۇقتىنى بىرىنىچى ئورۇنغا شۇنىڭ ئۈچۈن  تىزىمەنكى، بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم شۇنداق ئويلاپ ھەرىكەتكە ئۆتسە مىللىي ئىگىلىك گۈللىنىدۇ، مىللىي ئىگىلىك گۈللەنسە ئىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، بىر يەردە ئىش پۇرسىتى كۆپەيسە بىر قېرندىشىمىزنىڭ دەردى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەيدۇ .بۇ مانا مۇشۇنداق دەۋريىلىك جەريان. كارخانىچىلىرى بولمىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۇلى كاۋاك بولىدۇ، ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىنىڭ نەرسلىرىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىش ياخشى ئەھۋال. ئۇ ماڭدامدا بىر كاپىلدىغاندىن جىق ئەزۋەل.
      بۇ خىلدىكى نۇقتىنەزەرلەرنى مالىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئەللىملىرى ۋە بەزى يازارمەنلەر  تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ گەپلەر مۇنبەرلەردە خېلى بولدى، دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ  ھەم ئۇنى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھېس قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز تۇرمۇشىدا ئىجرا قىلىشقا ئۆتۈپ بولدى. يەنە بەزىلەر تېخى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن، نېمىلا بولۇشىدىن قەتئنەزەر، مۇمكىنچىلىك بولسىلا ئۆزىمىىزنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش مىللەتنى كونكرت ئۇسۇلدا سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
        بۇنداق ئويلايدىغان ۋە ئىش كۆرىدىغان ئادەملەر شوئارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان ئادەملەردۇر. بۇنداق ئادەملەر ئارىمىزدا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. تېزراق شۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلايلى. شۇنداق قىلساق بىر ئىشتا بولسىمۇ ئابستراكىت مۇھەببەتتىن ئەمەلىي ھەركەتكە قاراپ سىلجىغان بولىمىز.  بىز ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىشلاردىن باشلىغان، ئۇنى ئۆزىگە مىزان قىلغان قېرىنداشلىرىمىزدىن سۆيۈنىمىز ۋە ئۇلارنى ئۆگنىش ئۈلگىمىز دەپ بىلىمىز.
  باشقىلارنىڭ بۇ نۇقتىدا ياكى باشقا نۇقتىلاردا قانداق تەسىراتى باركىن؟ مېنىڭ دوستلارنىڭ كەچۈرمشىلىرىنى بەك ئاڭلىغۇم بار. سىز قانداق قىلدىڭىز؟
    

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
2104
يازما
119
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3759
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 17:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىرىمىز دە  يامان  كورىدىغانلارغىمۇ  نەپرەت  بىلەن  ئەمەس  ،مۇھەببەت  بىلەن  مۇئامىلە  قىلىش .

يېقىندا  شۇنى  چوڭقۇر  ھىس  قىلدىم  ،  نەپرەت  نەپرەتنى  ئېلىپ  كېلىدىكەن  ،باشقىلارغا  نەپرەت  كوزى  بىلەن  قارىسىڭىز  ئۇلار  سىزگە  سىزدىنمۇ  بەتتەر  نەپرەت  كوزى  بىلەن  قارايدىكەن  .

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

تىرىشچان ئەزا

تەغدىرىڭدىن ئاغ

UID
7810
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
499
تىزىملاتقان
2010-12-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 19:42:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز مىللىتىنى ئۆز خەلقىنى سۆيمەيدىغان ئىنسان بولمىسا كىرەك .سۆيمەيدىغانلار  بار دىسەك ئۇنداقلارنى بىز ناكاس ،يارىماس، ئىبلىس دەيمىز .جاھاندىكى ھەرقانداق پاسكىنا تىللار بىلەن تىللىساقمۇ ئۇلارغا ئازلىق قىلىدۇ .بىراق بۇنداقلار بەكمۇ ئاز ھەم يوق دىيەرلىك .
ئۆز مىللىتى ،ئۆز قەۋىمىنى سۆيۈشنىڭ ئۆلچىمى بولمايدۇ .ئۇ نىڭ ھەم چېكى يوق ئۇ مەڭگۈ چەكسىزدۇر .ئۇنى قانداق سۆيۈش ،سۆيۈشنى قانداق ئىپادىلەش ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويلىغان ئويى بولۇدۇ .ھەرخىل ھەر يوللار بىلەن ئۆز خەلقىنى سۆيۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا جېنىنىمۇ قۇربان قىلىشتىن باش تارىتمايدىغان ئوغۇل -قىزلىرىمىزغا يۇقۇردىكىدەك ئۆلچەم بىكىتىپ بىرىشنىڭ مەنچە زۆرۈلىيىتى بولمىسا كىرەك .يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولسىمۇ لىكىن سۆيۈش دىگەن بۇ ئۇقۇمغا دىگەندەك ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن .
بىر ئادەم مىللىتىنى سۆيۈشنى تەبىي بىلىش كىرەك ئەلۋەتتە .چىن دىلىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھىسيات ،تۇيغۇلارنى ھېچقانداق بىر كۈچمۇ توسۇپ قالالمايدۇ .لىكىن ئۆز ۋىجدانىدىن ئۇرغۇپ چىقمىغان ھىسياتنى بىراۋغا تېڭىپمۇ تېڭىپ بولغىلى بولمايدۇ .ئۆز مىللىتى ،ئۆز خەلقىنى ،قېرىنداشلىرىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن سۆيۈشنى ھەركىم ئۆزى بەلگىلىشى ئۇنىڭغا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق چەك قويۇپ بەرمىسەك .ھەممە ئادەمنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزچەپ تۇرۇپ سۆي دىيىشكە دەۋەت قىلمىساق.زىھنى ئويغاق بىر ئادەم ئۇچۇن بۇ بەكمۇ ئۈزەكى چەك بولۇپ قاپتۇ .بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز خەلقىنى چەكسىز سۆيگەن ...
ئەۋلاتلىرىمىزمۇ خەلقىنى ،مىللىتىنى چەكسىز سۆيۈدۈ بۇنىڭغا سۆز كەتمەيدۇ .يۇقۇردىكى مۇنازىر تۈسىنى ئالغان تىما بىزنىڭ مىللىتىمىزنى سۆيىشىمىزنىڭ چېكى بولالمايدۇ .يۇقۇردىكى ئۆتتۇرغا قويۇلغانلارنى خەلقىم تەبىلا قىلىپ كىتەلەيدۇ ھەم قىلىۋاتىدۇ .پەقەت ئۇلار قىلغانلىرىنى كۆڭۇلدە بىلىۋاتىدۇ .چەكسىز ھاياجان بىلەن ئۆز قەۋىمىنىڭ نەتىجىللىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز  ياردەمدە بولىۋاتىدۇ .پەقەت ئۇلارنىڭ سۆيۈش ئۇسۇلى تۇرلىك تۇمەن خىل خالاس ...
مۇشۇ ھەقتە مەلۇم تۈزۈم تۈزۈش ،بەلگىلىمە بەلگىلەش بەك بىر تەرەپلىمىلىك بولامدۇ قانداق ؟! خەلقىمگە خەلقىنى سۆيۈشنىڭ ئۆلچەملىرىنى تۈزۈپ بەرمەيلى .ئۇلار ئۆز قەۋىمىنى چەكسىزلىك ئىچىدە سۆيسۇن ،سۆيۈش ھەم تەبىي بولسۇن .قانچىلىك سۆيەلىسە شۇنچىلىك سۆيسۇن .ئۇلار قۇربىتىنىڭ يىتىشىچە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان  ئاساستا سۆيۈشنى بىلسۇن .مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلى مەيلى قايەردە بولسۇن ،ئۇ مەيلى قايسى زامان ،قايسى ماكاندا بولسۇن بىز ئۇلارنى تەبىيلا سۆيىمىز ھەم ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز تەبىيلا شەكىللەنگەن .ئەزەلدىن ئۇنى بىزگە ھېچكىم مانداق سۆي ،ئۇنداق سۆي دەپ  چەكلەپ بەرمىگەن ئىدى .يۇقۇردىكىدەك قىلساق بۇ بەكمۇ ئاددى سۆيۈش ئۇسۇلى بولۇپ قالامدۇ قانداق ؟!سۆيۈش شەرىتكە توشمىغانلارنى سەن تۇرۇپ تۇرۇپ شەرتىڭ توشقاندا سۆي دىسەك بولماس .قىسقىسى بەلگىلىمە چەك قويۇپ بىرىلىشنىڭ ئۆزى بەكمۇ ئاددى يۈزەكە قاراشتەك تۇيۇلدى ماڭا .

سۆيۈش چەكسىز ...ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن پەخىرلەنمەيدىغان ئادەم ئۇ بەلكىم سەزمەس .نۇرمال ئادەم ئەمەس .شۇڭا مىللىتىمنىڭ ئوغۇل -قىزلىرى چوقۇم بىز ئويلىغاندىنمۇ چۇڭقۇر ھەم تۇرلۇك تۈمەنخىل ئۇسۇللار بىلەن مىللىتىنى سۆيۈشى مۇمكىن ھەم سۆيۈپ كىلىۋاتىدۇ .ئۇلار بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ .ۋىجدان ،غورۇر ئەقىدە ،ئىتىقان مىللىتىمنىڭ قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ئىلغار ئىنكا ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ۋاقىت ھەممىگە ھۆكۈمران ...

UID
2247
يازما
725
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 19:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنى كونكىېرت سۈيۈشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللېرى بۇلىشى مومكىن.لېكىن ھازىر رىئال ھالتىمىزنى چۈشەنگىنىمىزدە ئابىستىراكىت سۈيىدىغان كىشىلەر توپى سەل كۆپتەك ھېس قىلىپ قالىمەن.لېكىن ئۇيغىنىشنىڭ قەرەلى بولسا كېرەك.شەخسەن ئۆزەمنى ئىلىپ ئېيتساممۇ بۇرۇن نەرسە-كېرەك سىتىۋالغاندا قارا-قۇيۇق ھالدا ئۆزەمنىڭ ئىستىمال خاھىشىمنى بىرلەمچى ئامىل قىلغان ئاساستا سىتىۋالاتتىم.نەچچە يىل بۇرۇن بەرقىنىڭ"مۇشت تۇغقان خىياللار"ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قەلبىمدە مۇئەييەن ئويلىنىش بولدى.شۇنداقلا ئىدىيەمدە ئاز-تۇلا سەكرەش ھاسىل بولغاندەك ھېس قىلدىم.مەزكور ماقالىدە ئېيتىلىشىچە جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشى بوكىسچى."مۇشىت ئېتىش "ھالىتى ھەر كىمنىڭ ئۆز خاھىشى بۇيىچە بۇلىدۇ.ھەر بىر يازغۇچىمۇ بوكىسچى،ھەتتا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددى شەخىسمۇ بوكىسچى...شۇ ماقالە ئىدىيەمگە بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك،ئاياغقا ناھال مىخلاشقىچە ئۇيغۇرنى ئىزدەيدىغان بولدۇم.جەمئىيەتنى ئەستايىدىل كۈزەتكەندە،ئېقتىساد  جەھەتتىن ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقى باشقا مىللەتلەرگە سىلىشتۇرغاندا جىق بوش.بۇ ھالنى ھەر يىلى يۇرتۇمىزغا سىلىنۋاتقان تاۋار ئۆيلەرنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاپ باققان كىشىلەر تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.
يەنە بىر نوقتا مائارىپ.كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلېرىنى خەنزۇچە تەپەككۈردىكى يۈنىلىشكە قاراپ يىتەكلەشكە باشلاۋاتىدۇ.شەخسەن ئۆزەمنىڭ پىكرى بۇيىچە،خەنزۇ تىلى جۇڭگودىكى ئاساسى تىل.بۇنى جۇڭگو پۇقراسى بولغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىش مەجىبوريىتى بار.ئەمما باشقا تىلنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ھالدا تەربىيلىنىش ئانا تىلىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت.چۈنكى بىزئانا تىلىمىز  ئارقىلىقلاخاسلىقىنى گەۋدىلەندۇرۇپ بېرەلەيمىز.تارىخىمىزنى ۋاراقلىغاندىمۇ ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مەدەنيەتلېرىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتقان.خەنزۇ تىلىنى چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك.ئەمما،قەلبىمىزدە مىللەت،ئانا تىل تۇيغۇسى نامرات ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقى تېخىمۇ كېرەك...
مىللەتنى سۈيۈشنىڭ يەنە بىر ئەڭ ھالقىلىق يېرى،ھەر بىر شەخىس ئۆزىنىڭ روھى ھالتىنى چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.مىللەت ئۈچۈن ھازىرچە ھەر كىم ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلمەسلىكى مومكىن.لېكىن ئۆز روھىنى قىزىپ ھەر دائىم ئەجدادنىڭ روھىغا"ياغ پۇرۇتۇپ"تۇرۇش ۋە مىللىتىنىڭ كەمچىلىك،جاراھەتلېرىنى ئاقىللارچە"سۈيۈش"مۇ كونكېرىت سۈيۈشنىڭ بىر قىسمى.مەن يەنە دەيمەن،ئۆز روھىڭنى قاز،باشقىلارنىڭ ۋاريانتىغا ياكى تەجىرىبە ئېتىزىغا ئايلىنىپ قىلىشتىن ساقلان.ياشاۋاتقان ئېجدىمائىي توپنىڭ ئېچكى تىۋىشلېرىغا قۇلاق سىلىشىنى بىل.ھەر قايسى دەۋىرنىڭ قەھرىمانلېرى ۋە ساتقۇنلېرى بار.قەھرىمان بۇلۇش قولدىن كەلمىسىمۇ ساتقۇن بۇلۇشتىن ساقلان. باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشقا مىنىڭ شەرتىم تۇشماسلىقى مومكىن.شۇڭا ئۇيغۇرزادىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ يۇقۇرقى جۈملىلەرنى ئۆزەمگە خىتاپ قىلىپ باقتىم.شۇئاردىن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۈتۈش يەنىلا ئەڭ مۇھىم.چۈنكى فىزىكىدىكى جىسىملارنىڭ كۈچىنى ھەركەت بەلگىلەيدۇ ئەمەسمۇ؟ ئا.مۇھەممەد ئىمىن ئاكىنىڭ"روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى"دىگەن سۆزىنىڭ ۋەزىنىنى باشقىلار مەندىن چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 30 ياخشى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى :  + 30   باھا خاتىرىسى

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

UID
7559
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
372
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 20:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ،، مەن بۇ مۇنبەرگە تىزىملاتقىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى(گەرچە كۈندە كىرىپ كۆرۈپ تۇرساممۇ) تۆۋەنچىلىك بىلەن يەنە بىر ماددا قۇشۇپ قويسام ؛
21.مەيلى قەيەردە بولسۇن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ،، سۆيۈپ، پەخىرلىنىپ ئىشلىتەيلى ،، ئادەتكە ئايلاندۇرايلى ،، ئەبجەش گەپ قىلىدىغانلارغا تۈزۈتۈش-تەنقىد ئېلىپ بارايلى ،، ئۆزىمىزنىڭ ئەمىليىتىدىن باشلايلى ،
بۇ تېمىنى ئوقۇپ قەلبىمنى ئىسسق بىر ھاياجان قاپلىۋالدى
ئۇيغۇر زات ئەپەندىم ،سىز ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئۇيغۇرزات شۇمۇ
(كەچۈرۈڭلار ئىنكاسىم بەك چۇۋۇلچاق بوپ كەتتى، ھاياجان ئىلكىدە )    ،،،،،،،،،،،،


مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن بىزنىڭكىلەر ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى ئىزدەپ سوراپ سېتۋالىمەن ،، تەرەققىيات قوللاشقىمۇ مۇھتاج

UID
5189
يازما
571
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18035
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 20:55:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە ئاكىنىڭ مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !!

يوللانمىلىرىڭىز ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ، ئىنكاسلىرىڭىز ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ !!

ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش؛

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
3600
يازما
105
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3356
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 21:14:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ...
   تورداشلارنىڭ تىما ئىسمىدىكى كونكرېت سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
   ئېغىزلاردا ياكى يازمىلاردا " مىللەت ئۈچۈن باش قاتتۇرۋاتقانلار"نى تولا ئۇچرىتىمىز .شۇئارغا ، بۇيرۇققا ، تىللاشقا ، سۆكۈشكە ، ئاھ ئۇرۇشقا ، نادامەت چىكىشكە تولۇپ كەتكەن پاراڭ-يازمىلارنى تولا ئاڭلاپ زىركىپ كەتتۇق . بىر دوستۇم : ئىسىل بىر گەپنى بىر قېتىم دېسەڭ ، باشقىلار بۇ بالا ئەجەپ قالتىس گەپ قىلىدىكەن ،دەپ قالىدۇ  . ئەگەر ئۇ گەپنى تەكرارلىۋەرسەڭ ، ئۇ ئىسىل گەپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددى بىر گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ ... دېگەن ئىدى (بۇ گەپنى تىما ئىگىسىگە قارىتىپ دېمىدىم ، چۈنكى ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ گېپى ئەمدى بولاۋاتىدۇ... ) ئەختەم ئۆمەرنىڭ "يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام " دېگەن ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە ، ئاجايىپ ھاياجانلانغان ۋە ئەختەم ئۆمەرگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى . كېيىن ئويلاپ باقسام ئۇ ئەسەر پەقەت جەمىيتىمىزدىكى قىسمەن ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئاپتۇرنىڭ ھېسىياتىنى ئۇتتۇرغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن بولۇپ يىڭى گەپ ، يىڭى پىكىر ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ئىكەن ،بىراق بۇ ئەسەرگە قوشۇلۇپ خىلمۇ-خىل شەكىلدىكى مەزمۇنى ئوخشاش ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى ، ئەمما ھەممىسى ئاساسەن ئىللەتنى كوچىلاش بىلەن كۇپايىلەندى ... ئابدۇرەھىم دۆلەت ئۆزىنىڭ "مەدىنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز" دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە " كىشىلەر مېنى ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى يازىدۇ دېيىشىپتۇ ، بۇنىڭدىن مەن ئۆزۈمنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئەسلى مەن ئۇلار ئويلىمىغاننى ،خىيالىغا كەلمىگەننى تاپالىشىم ، ئۇلارغا يىڭى پىكىر ، يىڭى ئىدىيە بېرەلىشىم كېرەك ئىدى ..." دېگەن  . دېمەك ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئالدىنقى ئەسەرگە قارىغاندا پىكرجەھەتتە بىر دەرىجە ئۈستۈنلىككە ئىگە . بىراق بۇ كىتاب ئالدىنقى كىتابتىكىدەك غۇلغۇلا قوزغىيالمىدى مېنىڭچە ...؟ قەلەم ساھىبلىرى بىرگەپنى تەكرارلىۋەرمەستىن يىڭى-يىڭى نەرسىلەرنى يېزىشى ، يىڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ قاتماللىشىپ كەتكەن ئىدىيە قاتلىمىمىزنى بۇزۇۋېتەلمىسىمۇ ، سىلكىپ قويىشى كېرەك ئىدى ... يازالمامدۇ ياكى يازغۇسى بولسىمۇ قەلىمى بوي سۇنمامدۇ ۋە ياكى يىڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدىغان خەلىقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقامدۇ ... بۇنى بىلمىدىم .  
  " زۇلمەتنى مىڭ يىل تىللىغاندىن بىر تال سەرەڭگە ياققان ئەۋزەل ... " دەيدىغان ئوقۇتقۇچۇم ...  بىر دانىشمەننىڭ مۇنداق دېگەنلىكى يادىمدا : " سېنىڭ خەلقىڭگە يامانلىق قىلماسلىقىڭنىڭ ئۆزى خەلقىڭنى سۆيۈشىڭگە كۇپايە..." لېكىن بىراۋ (مۇناپىقتىن باشقا) ئۆز خەلقىگە قانداقمۇ يامانلىق قىلسۇن ؟!  يامانلىق دېگەن قانداق بولىدۇ ؟
ھۈنەرۋەننىڭ ھۈنەردە ساختىلىق قىلىشى ، ئەمەلدارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ نەپسىگە چوغ تارتىشى ، خەلىقنىڭ مەنپەئىتى ئۈستىگە ئۆز مەنپەتىنى ئۈستۈن كۆرىشى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپكە بىرىلمەسلىكى ، ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشىپ ئوقۇماسلىقى ... ئىشقىلىپ ھەرقانداق بىر كەسىپ ئېگىسىنىڭ ئۆز كەسپىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، بىپەرۋالىق قىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز خەلقىگە يامانلىق قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ . دېمەك ئېغىزدا ئۇنداق سۆيىمەن ، مۇنداق سۆيىمەن دەپ ۋەدە قەسەم قىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئۆزى خەلىقنى سۆيمەسلىتۇر ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش