ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 21:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېما ھەقىقەتەن ياخشى ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ.
مەن گەپنى ئەڭ قىسقا قىلىشقا تىرىشسام، ئۇيغۇرنى ھەقىقىي ھەرىكەت بىلەن سۆيۈش كېرەك. قانداقتۇر ئېغىز ئارقىلىق قىلىنغان سۆزدە بار ھەرىكەتتە يوق ئۇيغۇرۋازلىق بىلەن سۆيمەستىن، بەلكى ئۆز مەسئولىيىتىمىز دائىرىسىدىكى خىزمەتنى ياخشى قىلىش، ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق بىر يۈيۈرۈش ئەمىلى نەپ تېگىدىغان ئىشلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىپ، ئۇيغۇرنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەنئەنىسىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ باشقىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان، مېھرى ئىسسىق، مېھماندوست، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان. ئاجىزلارنى يۈلەيدىغان روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق سۆيۈش كېرەك.

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 22:37:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا يەنىلا  كىتاپتىن جاۋاپ تاپالايمىز . ھىيۇگونىڭ خارلانغانلار رۇمانىدا  خۇداغا ھەقىقى ئىتىقاد قىلىدىغان پوپ قاپ يۇرەك ئوغىرى ژان ۋالژاندىن ھەممىلا ئادەم قورقۇپ ئىشكىنى ئىتىۋالغاندا ئۆيىگە باشلاپ تاماق بىرىپ ئۈيىدە قوندۇرۇپ قالىدۇ  . ئەتىسى تاڭ سەھەردە  ئوغىرى گۈلدان ۋە باشقا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى ئوغۇرلىۋىلىپ ساقچىلار تۇتىۋىلىپ ئۆيىگە باشلاپ كەلسە پوپ چالا قالغان قىممەتلىك نەرسلىرىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىۋىتىپ  بۇ نەرسىلەرنىمۇ سىزگە سوۋغا قىلسام ئۇنتۇ قاپسىز دەپ ئۇنى ئاقلايدۇ . لىكىن ئوغىرى شۇنىڭدىن بۇيان ئىنسانىيەتتە بۇنداقمۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلغىدىن دىلى ئىرىپ ئاخىرى  ساخاۋەتچى ئىنسانغا ئايلىنىدۇ . مىنىڭچە بىز بۇ تىمىغا يانداشقاچ شۇ كىتاپنى بىر ئوقىۋەتكەن بولساق ھاياتىمىزغا تەسىر كۈرسىتىشى مۈمكىن ئىدى .


كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 23:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىن ئاخىر تولۇق ئوقۇپ چىقتىم... گۈلەننىڭ پىكىرلىرى ئۆتكۈركەن.... بۇ تېما بەكمۇ خاسىيەتلىك بوپتۇ.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 23:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن، بەلكى ھەممە ئۈچۈن سەمىمىيەتلا- "خالىس نىيەت"لا كۇپايە!
" بارچە ئەمەللەر(نىڭ  توغرا بولىشى )نىيەتكە باغلىق" - ھەدىس شەرىف

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 23:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەن بۇ تېمىنى ھەم بارلىق ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم .  ئادەم ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بولغان نەرسە ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىمەي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش بولسا كېرەك ، ئەتىراپىمىزدىكى بىر قىسىم  قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ، قالپىقىغا قارىسىڭىز  ئۆزىچە شۇنداق يوغان ، لېكىن كۆز قاراشلىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ، بىز ھازىرقىدەك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىشىمىز ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىشىمىز مەيلى كەسىپ جەھەتتىن ياكى  ئونۋىرسال بىلىم بولسۇن چوقۇم توختىماي ئۆگۈنىشىمىز كېرەك . ئەجىبا باشقا دۆلەتلەردە  60 ياشتىن ئېشىپمۇ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان كىشىلەر بار ئىكەنغۇ ؟ بىزدە بولسا شۇ ئون قانچە يىلنىڭ ئالدىدىكى < تۇلۇق كورس > ئوقىغان سەۋىيەسىنى پەش قىلىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقان كىشىلىرىمىز يوق  ئەمەس ، شۇڭىمۇ بىز نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز . مائارىپ ،ئائىلە ،جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە بەك مۇھىم ، ئەۋلادنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن بارلىقىمىزنى قۇربان قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ . ئالدىراپ سەل چوۋالچاق يېزىپ قويدۇم ... يەنە داۋاملاشتۇرىمەن .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 00:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما باشلىغۇچى ئۇيغۇرزادە ۋە باشقا ئەقىدىلىك دوستلار گېپىمىزگە خېرىدار بولغانىكەن داۋاملاشتۇراي
8. مىللەت نامى بىلەن باشقىلارنى ئىنكار قىلىش
"ئويغانغان زېمىن" "ئىز" رومانلىرى نەشر قىلىنغاندا مەلۇم مەشھۇر پروفېسسور "ئۇيغۇرنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ" دېگەنىكەن، ھىچ پاكىت، ھىچ مۇلاھىزىسىزلا. 98-يىللىرى مەن مەلۇم خۇسۇسى كىتابخانىدا "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" نېمىشكە يوق دېسەم، مىللەتنى مەسە كالاچقا باشلاۋاتىدۇ دېدى، بىر مەشھۇر ياش زىيالى
9. ئۆزىنى شۇ ساھەنىڭ تۆرىسى ساناپ باشقىلارنى بىر جۈملە بىلەن ئىنكار قىلىش
"قوش تىللىق مائارىپ" تىن كېيىن بۇ ساھەدە مۇھەببەت قاسىم، خالىق نياز، ئۆمەر داۋۇت، تاش راخمان قاتارلىق ئۇيغۇر تىللىق پروفېسسورلار تىل ۋە مائارىپتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىلىمگە تاقىشىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان مەدەنىيىتىگە ۋە مەۋجۇدلۇقىغا باغلىق بۇ مۇرەككەپ ساھەنى200  بەتكىمۇ يەتمەيدىغان كىتاب يېزىپ  ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەپ چىقتى. بۇنىڭغا ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنى شۇلارنىڭ "ئۇ فىزىكىچى تۇرۇپ تىل توغرىسىدا نېمىنى بىلىدۇ؟" "قېنى بالىسىنى قايسى تىلدا ئوقۇتۇپتۇ؟" دەپتۇ بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا. لېكىن قىزىق يېرى ئۇ مەشھۇر، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ماقالىسىنىڭ توردا قويۇلغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ھەتتا تور بىلەن ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇقنى بىر دەپ قارايدىكەن.
10. ئۆزىنىڭ ئەسىرىدىن باشقا ھەممىنى يوققا چىقىرىش
بىر ئالىمنى بىلىمەن، ئۇ كىشى "تەتقىقاتچى" بولغاچقا ماڭا نەچچە قېتىم شۇنداق دېگەن. مەن ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇمايمەن، ئۇيغۇرچە كىتاب مېنىڭ سەۋىيەمنى چۈشۈرىدۇ، سەنمۇ ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇما..لېكىن ئۇ زات ماڭا دەرسنى ئۇيغۇرچە ئۆتكەن، ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنى زورمۇ زور ئۇقۇتقانتى،
11. ئۇيغۇردا ... يوق
تەرجىماننىڭ قېشىغا بارسىڭىز ئۇيغۇردا ھەقىقى تەرجىمان يوق، دەيدۇ. ئېنىق بىلىدىغان بىر ياش ئەدىپنىڭ قېشىغا بارسام ھازىرلار ئۇيغۇردا ئەدەبىيات يوق، دېيىشى ئېنىق. ماتىماتىكىچى مەن ئۇيغۇردىن چىققان تۇنجى... دەيدۇ، ساناپ كەلسىڭىز مۇنداق گەپ بەك جىق بولۇپمۇ تۇنجى دېگەن سۆزنى ئۇلار مۇنۇپۇل قىلىشقا شۇنداق ئامراق.
بۇلارنىڭ گېپى قىزىق، ئۇلار ئەسلىدە ئۇيغۇردا ... بولمىغاچقا مۇشۇ ساھەنى ئاق قالمىسۇن دەپ
شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنارمىش. ئۇلار سىزگە پەقەت بىر گەپنى ديەلمەي قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار دېمەكچى ئۇيغۇردامەنلا يازغۇچى، مەنلا ئالىم، مەنلا موللا... ئۇلار يوق دېيىش ئارقىلىق بار دېسەك مەن بار دېمەكچى.
يېقىندا بىر ئۇكا دوستىمىز تېلىفوندا ھاۋايغا باردىڭىزمۇ دەپ سوراپ قالدى، مەن "ھاۋاي دېگەن پۇلى بار ساياھەتچى بارىدىغان يەر..." دەپتىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇ ئۇكىمىز بىلەن يۇقارقى سۈيئىستىماچىلىق ھەققىدە پاراڭلاشقان بولغاچ، گەپلىرىمنى ئۆزەمگە قايتتۇتۇپ بەردى. "ھاۋايغا ئوقۇغىلى بېرىپ نەتىجىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارمۇ بار...". مېنىڭ ئۇ مەنىدە دېمىگىنىم ئېنىق ئېدى. مەن ئۇ پاراڭ بولۇۋاتقاندا ھاۋايدا كىمنىڭ بارلىقى دېگەن گەپلەر خيالىمدىمۇ يوق ئېدى.
12. ئۆزى ئوقۇۋاتقان يەرنى، مەكتەپنى، تالانلىق ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەيدىغان بىردىنىبىر مۇقەددەس جاي دەپ قاراش، ئۆزى ياقتۇرمىغان كىشىلەر تەربىيەلەنگەن ئورۇننى ئىنكار قىلىش. ئىچكىرىدىكى مەكتەپنىڭ تايىنى يوقلىقى تېما بولسا ئىچكىرىدە ئۇقۇغانلارنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ. مەلۇم دۆلەتتە مائارىپنىڭ چىرىكلىكى ھەققىدە گەپ بولسا شۇ يەردە ئوقۇغاننىڭ جېنى چىقىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن مەسىلە شۇ مەكتەپنىڭ، ياكى شۇ جاي مائارىپىنىڭ  تايىنى بار يوقلۇقى ھەققىدىكى پاكىتنىڭ بولغان بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى شۇ زاتنىڭ شۇ يەردە ئوقۇغانلىقىدا. مۇشۇ قاراش ئومۇلاشقان بولغاچ ھېلىقى ئېنىمىز گېپىمنى خاتا چۈشەندى. ماڭا بىر دوكتۇر يېتەكچىسى، ...دۆلەتكە بېرىپ ئوقۇماسلىقنى، ئۇ دۆلەتنىڭ ساختا دېپلۇم بېرىدىغانلىقىنى دېگەن ئېدى، سەۋەبى ئۇ كىشىنىڭ خىزمەتدېشى، ئۇ ياقتۇرمايدىغان بىر پروفېسسور دەل ئاشۇ دۆلەتتە دۆلەتتە دوكتۇرلۇقنى ئالغان.
يۇقارقىلارنى خۇلاسىلساق ئەفىفى دېگەندەك ھەممىسى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۇلۇغلىشى توغرا، لېكىن شۇ گەپنى سەمىمىي دېمەي، باشقىلارنى چۆكۈرۈش، ئىنكار قىلىش، مىللەتنى، يۇرتنى، مەھەلىسىنى، ئوقۇغان يېرىنى، كەسپىنى ئاساسسىز ماختاش ئارقىلىق ئۆزىنى ۋاستىلىق مۇئەييەنلەشتۈرش ئالدامچىلىقتۇر.
مەن ئۇيغۇر زادىنىڭ 2020-يىلغىچە پىلان دېگەن گېپىگە بەكلا قىزىقتىم بولسا قىلىشقا تىگىشلىك بولغا، ئەمما قىلىنماي قىلىۋاتقان ئەمەلى ئىشلار توغرىسىدا تەسەۋۋۇرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق. مەن گەپتىن گەپ چىقىرىپ، يەنە خەقنىڭ گېپى بىلەن گەپ ئىسپاتلاپ، قىلىدىغانغا توخىماي گەپ ئىزدەپ دەۋېرىشتىن راستلا بەك زېرىكتىم، ماقالىنى ئىش قىلغاچ، شۇ قىلغان ئىشنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە يازاي دەيمەن. شۇڭا مۇشۇ ئىش ھەققىدە جىقراق گەپ بولۇنسا دېگەن ئۈمىتتىمەن. چۈنكى ماقالە يېزىۋەرسەممۇ يا مەسىلە ئوبىكتى ئوقۇمايدىكەن، يا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل ئورگاندىكىلەر ئوقۇمايدىكەن، شۇڭا بۇ يەردە ھەم باشقا تورلاردا گەپ قىلىۋېرىشتىن ھەقىقەتەن زېرىكتىم.
مۇستاپا كامال خىزمەتنى سۆيۈش مىللەتنى سۆيگەنلىكتۇر دېگەنىكەن. ھازىر دوستلارغا خىزمەتنى سۆي دەپ نەسىھەت قىلغۇدەك سالاھىيىتىم يوق، ئەمما قىزىقىدىغان بىر ئىشنى تېپىپ شۇنى سۆيۈپ قىلساقمىكىن دېمەكچى. چۈنكى خىزمەتلەرنى ئامالسىز قىلىۋاتقانلارغا مۇستاپا كامالنىڭ گېپى خوشياقمايدۇ.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:04:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەنگىيار، ئەفىفىي، تۇتېم قاتارلىق تېمىنى جانلاندۇرۇشقا، يېڭىدىن بېيتىشقا ھەسسە قوشقان مۇنبەرداشلارغا رەھمەتلەر بولسۇن!

بارىكاللا، گۈلەن!
    سىز ئۇيغۇرنىڭ بىلىم ئىگىلىرى يىغىلغان شۇ فاكۇلتېتىن چىققان. شاھىت بولغان ئىشلىرىڭىزمۇ كۆپ. شۇڭا بېشىدىكى گەپلەرنى ۋە بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى دېگىنىڭىز بەك ئوبدان بولدى. بىلىپ قېلىشىمىز كېرەك بۇنداق ئشىلارنى.
     سىزنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلۋاتقىنىڭىزنى ھەممىمىز بىلىمىز، گۈلەن. شۇڭا ئۇنداق ئادەملەرنىڭ سىزگە دېگەن گەپلىرىگە كۈلۈپ قويۇڭ.
   شۇنداق، جىق چارچايمىز، ئاچچىق يۇتىمىز، ئاددىي بىر گەپلەرنى ئۇقتۇرۇپ بولالماي جىلى بولىمىز. لېكىن، گۈلەن، قەتئىي قېيىدىمايلى. بەرقى تۈنۈگۈن يەنە بىر مۇنبەردە بىرسىگە مۇھىم بىر گەپنى قىلدى: "ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ قيدىمايلى". بىر مەزگىل دەم ئېلىپ باشقا ئىشلارنى قىلايلى،بىر مەزگىل چېكىنىپ تۇرساقمۇ مەيلى، ئەمما قېيىدىمايلى.
          مەنمۇ سىز دېگەن مەدەنيەت-تەرەققىيات  پىلانى ھەققىدە باش قاتۇرىۋاتىمەن. سىياسىي ۋە باشقا ئىشلاردا بىزنىڭ چامىمىز يەتمەيدۇ.  بەكرەك كۈچىمىز يېتىپ قىلالايدىغىنىمىز مەدەنىيەت ، ئائىلە مائارىپى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى (مەكتەپ مائارىپىغىمۇ بىر نېمە دېگىنىمىز بىكار) قاتارلىق ئۈچ ساھە. شۇڭا مەن قالدى نۇقتىلارنى مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىر قىلىپ بېيتىشىغا قويۇپ بېرىپ، پىكىر ئىسلاھاتى ۋە 20 يىللىق پىلانغا بەكرەك (مەركەزلىك قىلىپ مۇشۇ ئىككى نۇقتىغا)باش قاتۇرايمىكىن دەۋاتىمەن. يەنە كېلىپ، 20 ماددىنى باشتا بىشارەتلىك قىلىپ دېدىم.ئەقلى بارلار چۈشىنىدۇ. بەزى گەپلەرنى يەشمەسلىىكىم كېرەك ئىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم، چاينىغاندەك بولۇپ قالىدىكەن. تۈنۈگۈن ماڭا خەت ئەۋەتكەن بىر قانچەيلەنمۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھەققىدە بەكرەك توخىتلىشىمىنى تەۋسىيە قىلىپتۇ.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە سائەت ئويلانغاندىن كېيىن،ئىككى قېرىندىشىمغا مۇنبەر تېمىسى ھەققىدە سۇنغان مەسىلىھەتىمنىڭ ۋاقتى ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئۆچۈرۈۋەتتىم. ئەپۇ قىلىڭلار. باشقا گەپلەر بولسا ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ.

ئەمدى رەسمىي گەپكە كېلەي.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسىل سۆھبەتلەرنىڭ ئىشتىراكچىسى بۇلۇپ تۇرغىنىمغا بەكمۇ خۇشالمەن . ياراتقۇچىمىز ھەممىمىزنىڭ ئەقلىنى زىيادە قىلسۇن !

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:41:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم دېگەن نۇقتىلارغا كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزۈم تېخى يەشمىگەن تارماقلارنى بىر ئەسلىتىۋېتەي ھەم باشقىلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە قويۇپ بېرىدىغان نۇقتىلار ھەققىدە گېپىمنىڭ توچىكىسىنى دەۋېتەي.

8. ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش:
       ئۆگىتەيلى دېسەك بۇنداق بالىلار ئۆزىمىزنىڭ جەدى-جەمەتلىرى ئارسىدىلا بار. كۇرس ئېچىش ھاجەت ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلىرىغا 18 ياشقىچە ئانا تىلىنى ئۆگەتمىگەن ئادەمنىڭ كېيىن ئۆگىتۋالىمەن دېگىنى قۇرۇق گەپ. بىز خەنزۇتىلىنى، ئېگىلىز تىلىنى چوقۇم ئۆگنىشمىز كېرەك. ئەمما، بۇ دېگەنلىك ئانا تىل ئۆگەنمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئالىم ساھبجامال دۆلەت، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتېى ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك ئاكىمىز قەيسەر مىجىت،ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن،  نەچچە تىللىق شائىرلاردىن ئادىل تۇنياز  ۋە پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق نۇرغۇن ئەقىللىق،تۆھپىكار ئادەملىرىمىزمۇ 10 يېشىغىچە خەنزۇچىنى، 18 يېغشىغىچە ئېنگلىز تىلىنى بىلمەيتتى(باشلانغۇچ-ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ھەممىسى).  
          بۇ نۇقتا  مۇھىم بىر نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنى بۇ ھېكمەتلىك نۇقتىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ بىر نۇتىقىدا 2008-يىللىق نوبېل ئەدەبيات مۇكاپاتى ساھىبى خېتا مۈللېرنىڭ گېپىدىن نەقىل ئېلىىپ دېگەن مۇنۇ سۆزىدىن  كۆرۈۋالالايمىز: "بىر تىل بىر كۆز دېمەكتۇر". بۇ گەپنىڭ نېمشىقا مۇنداق بولىدىغانلىقىنى كانتتىن كېيىنكى ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپ ۋېتتىگىنستان مۇنداق سۆز بىلەن باشقىچىرەك ئىپادىلىگەن: "تىلىمنىڭ چەكلىمىلىكى دېمەك دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىكى  دېمەكتۇر"(مۇشۇ  كىشىنىڭ تىل ، رېئاللىق، لوگىكا ھەققىدىكى پەلسەپ سېسىتىمىسى ماڭا تەسىر قىلدى، يېقىندا تونۇشتۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن)  .
          ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى،  ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىشى ياخشى ئىش. ئەمما، ئانا تىل ئۆگەتمىسەك، بالىلىرىمىزغا ئۆزىمىز بىر قوللۇق زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز.ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، "خەنزۇچە بىلىش ھەممىنى ھەل قىلۋاتىدۇ دېيىلسە، تۇڭگانلاردىن راڭپىزا ساتدىغانلار چىقمىغان بولاتتى".    ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن خەنزۇچىنى 10 نەچچە يېشىمغىچە بىلمەيتتىم، ئېنگلىزچىنى 20نەچچە يېېشىمغىچە بىلمەيتتىم. ھازىر ئېنگىلىز تىلىدا  ماقالىلەرنى يازىمەن(لازىم بولسا توردا يوللاپ بەرسەم بولىدۇ)، دوكلاتلارنى بېرىمەن.شۇنداق  بىر نۇقتىدا تەسراتىم چوڭقۇر:  ئانا تىل ئاساسىنى پۇختلىمغان ھەم توختماي تىل ئۆگەنمىگەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەپەككۇرى تورمۇزلىنىپ قالدىكەن.
           زىددىيەت چىقىدۇ كۆرۈلگەندە، بالىلارغا چەت ئەل تىلى ئۆگىتىش بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنىڭ پەيت- ۋاقىتنى مۇنداق تەڭشىسەكمۇ بولىدۇ. بىرى، بىر يەردىن زورلۇق كۈچى بولمىسا، بالىغا تۆت ياشقىچە ياكى بەش ياشقىچە ھېچقانداق تىل ئۆگەتمەسلىك ۋە ئۇيغۇر تىلىنى زېركمەي ئۆگىىتپ،ئويۇنغا ۋە مېھىرگە قاندۇرۇپ، بەش يېشىدا يەسلىگە بېرىش(مەن نۇرغۇنلارغا ئوخشاش 7 يېشىمدا مەكتەپكە كىرگەن، يەسلى ئوقۇمىغان، ساۋادىم يەتتە يېشىمدا چىققان)، يەنە بىرى بالا ئالللىبۇرۇن خەنزۇتىلىغا كۆنۈپ بولغان ، خەنزۇ تىلىنى راۋان سۆزلەشنى ئۆگەنگەن بولسا، 10 يېشىدىن باشلاپ پىلانلىق ھالدا  بېسىپ ئانا تىل ئۆگىتىش. مېنىڭچە ئامال بولسىلا بىرىىنچى يول ئەڭ مۇۋاپىق. ئىكىنچى يول سەل جاپالىقراق.
          بالىلىرىمىز ئانا تىل ئۆگەنسۇن! ئۆگەنگەنلەر باشقىلارغا ھەقىسز ، خالس ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتسۇن! بۇنداق بالىلار يېنىمىزدىلا، تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىلا بار.دوستۇم، سىز ھېلىھەم بۇ ئىشنى جىددي ئويلىماي مىللەتكە قانداق ياردەم قىلىشنىڭ چوڭ پىلانىنى سوقۇۋاتامسىز؟ ئۇنداق "ئۇيغۇر ئاكيۇ" بولماڭ، قېرىندىشىم!
        قېنى، ئەمسىە، ھەممىمىز يېڭى يىلغىچە كىتابخانلارغا ئېلىپبە ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرەيلى!  ئېلىپبەلەر سېتىلىپ تۈگىمىسۇن بىكار.

9. قىزلار نازاكىتىنى، كىيىۋاتقان كيىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرىدىغان سالاپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ، ئەقىدىسنى كۈچەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش؛ قارشى جىنستىكىلەرنى ئەيمەندۈرەلەيدىغان قىز-ئوغۇللارنى كۆپەيتىش؛ لالما ئوغۇل-قىزلارنى يىتىم قالدۇرۇش.

       ئەيمەندۈرەلەيدىغان قىزلار چىقسا ئوغۇللار ئىتتىك ئوڭشىلىدۇ. تەنتاۋىنىڭ "دۇنيانى تۈزەشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا" دېيىشى بىكار ئەمەس. شۇنىڭغا ئوخشاش قىزلىرىمىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدىغان ئوغۇللار، ئەيمەندۈرەلەيدىغان ئوغۇللار  جىقراق بولسا قىزلار تەبئىي ئۆزىنى تۈزەيدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۈستېشىنى پۈفلەپ، كيىم قىرلاپ ساختا سالاپەت پەيدا قىلىشقا تىرىشىدىغان ئوغۇللار دېگەنلىك ئەمەس. بىر پايتىمە داخۇڭگە، بىر خوزنەك بالا ئۆزى بىلەن تەڭ نەچچىلىگەن لالما قىزلارنى يېتىشتۈرىدۇ.
ئوغۇللار، ئەرلەر، تۈزىلەيلى.
قىزلار، ئوغۇللارنى ئەيمەندۈرگۈدەك بولالاش ئۈچۈن سىلەر قانداق قىلشىڭلار كېرەك؟

10. ھەر قايسى ساھەلەردە سامان بىلەن  داننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش؛ دانلارنى قەدىرلەش، سامانلارغا تۈكۈرۈپ قويۇش؛
           دان بىلەن ساماننى ئايرىماسلىق-- ھازىرقى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنداق مىللەتنىڭ يا قەھرىمانىغا ھۆرمىتى يوق، يا ئەخلەتلەرگە، چۈپرەندىلەرگە نەپرىتى يوق.بۇنداق بىر قەۋمنىڭ ھالىغا ۋاي!

11. مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىرقى تور ئاپىتىنىڭ ، يازما ئاپىتىنىڭ، پاخاللىق، تەكرارلىق، ئىجادسىزلىقنىڭ، پىلانسىزلىقنىڭ  ئالدىنى ئىېلىش؛

       ئۇلىنىشقا كىرسەم سەپرايىم ئۆرلەيدۇ. مۇنبەرلەر قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى.ئەمما، ئەخلەت تورلار، خاسلىقى يوق مۇنبەرلەر نېمانداق جىق؟ ئويۇن مۇنبەرلىرى نېمانچە جىق؟ ئۇيغۇرلاردا ئەسىلىدە نېمەت بولۇشقا تېگىشلىك تورلار ھازىر ئاپەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق كالۋالىققا يىغلايمەن. "ماتېماتىكا بلوگى" قاتارلىق خاسلىقى بار تور ۋە بلوگ قۇرۇۋاتقانلارغا رەھمەت دەيمەن. نېمىشقا بىزدە خاس "پەلسەپە تورى"، "پىسخولوگىيە تورى"، "ئىقتىسادشۇناسلىق تورى"، "ئىنسانشۇناسلىق تورى"، "جەمئىەيشۇناسلىق تورى" (يېقىندا ئەتىرگۈل بلوگى مۇشۇ ئىشنى قېلىۋېىتپتۇ، سۆيۈندۈم) يوق؟ نېمشىقا بۇ زامانىۋي پەنلەر بىزدە يوق؟(پەلسەپىدىن باشقا  ئسىمى ئاتالغان ئاۋۇ  پەنلەر زامانىۋي پەنلەر دېيىلىدۇ).  بۇ بىزنىڭ ئەقلىمىزگە قويۇلغان سوئال بەلگىسى ئەمەسمۇ؟ مانا،  ئايفونغىمۇ ئېرىشتۇق.ئەمما،كاللىمىزغا يېڭى ئوي، يېڭى پىكىر كەلمەيۋاتىدۇ. جىق مۇنبەرلەر ۋە تورلار تۇيۇق يولدا. ئەخلەت سۈپىىتدە ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن جاپالىق ئشىلەۋاتقان بېكەت باشلىقلىرى، سىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.
      بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەلكۈيى، ئانا تۇپراق، يازغۇچىلار تورى، نورۇز تورى، مىسرانىم (يېقىندىن بېرى ياخشىلىنىش بار) تورى بىر قەدەر ياخشى ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ. مەغرۇرلانماي تىرىشسا.  يولدىن چىقماي قىلغىلى بولدىغان ئىش جىق. گەپ كاللا ئىشلىتىشتە.
   يەنە بىرى،  مۇنبەرداشلار، ئۆزىمىزنىڭ مۇنبەرلىرىنى ئۆزىمىز ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن قوللايلى.

12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى  قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛
       مۇنۇ گەپ راست:  تالانت ئىگىلىرى دەرسخانىدا يېتىلمىگەن، ئەكسىچە نۇرغۇن تالانتلىقلار  شۇ يەردە تۇنجۇقۇپ قالغان.مېنىڭ ئۆز تەجىربەمدىن ۋە باشقىلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھېس قىلغان بىر ئۆگنىش تەجرىبەم بار.  ئۇنى ئامرېىكا پىسخولوگىيە جەمئىيتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىسى، مەشھۇر پىسخولوگ كارل روجېرس دەپ بوپتىكەن:" ئىنساننى ھەرىكەتكە ئۈندەيدىغان بىرلا خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگنىشتۇر". بۇ گەپتە ئالەمچە ھېكمەت بار. ئەمەليىتىمىزدىن ئۆتكۈزسەك.      
      مەن مەكتەپ مائارىپىدىن قەتئىي ئۈمىد كۈتمەيمەن. ئۇ مەن ئۈچۈن قوشۇمچە مائارىپ، روھىيىتمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە تەسىر قىلدىغىنى  يەنىلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش.
    ئۇيغۇرلارغا قالغان چەكلىك يول-- ئەقلىنى تاپقاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆگىنىش. تەجەللى شۇنداق قىلغان، ئۇيغۇرى شۇنداق قىلغان، ئەخمەتجان ئوسمان شۇنداق قىلغان.
        ئۇنىڭدىن باشقا، مەدەنيەتنى، ئۆرپ ئادەتنىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ ئۆگىنىش كېرەككەن. سىز مېيىتنىڭ ئېڭكىنى چاتالامسىز؟ قىرائەت قىلالامىسز؟ سىمۋوللىرىمىزنى بىلەمسىز؟ قەھرىمانلارىمىزنى بلەمسىز؟ دۇئا قىلامسىز؟
مەدەنيەت، ئۆرپ ئادەتنى ئۆگىنەيلى. بۇ گەپنى تېخمۇ ئوبرازلىق قىلىپ، "قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى" دېگەن كىتابتىن ئوقۇغان مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئىپادە قىلىش مۇمكىن:
          ئىنساننى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن ئانسىدىن باشقا تۆت ئانىسى بار. بۇلار---ۋەتىنى، تىلى، ئەنئەنسى ۋە تارىخى.
         مەشھۇر تارىخچى ئارنولد توينىبىنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ماۋۇ مەشھۇر گېپى ئېسىمزىدە بولسۇن:"تارىخ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىلىم. تارىخ بىلىملىرى بىزگە قەيەردە يوشۇرۇن خادا مارجان تاشلىرى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دېڭىز خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىزدە شۇ تارىخ بىلمىلىرىنى ئشىلتىشكە جۈرئەت،جىگەر بولسا، بىلىم كۈچكە، قۇتقۇزغۇچ يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ."
            مەن ھازىر دۇنيا تارىخىنىمۇ، جۇڭگو تارىخنىمۇ، شەرق-غەرب ئىديە تارىخلىرىنى قايتىدىن ئۆگنىۋاتىمەن.

13. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھاراق-تاماكا بىلەن مۇمكىنقەدەر بالدۇر خوشلىشىش؛
مىللەت ئۈچۈن ھېچئىش قىلىپ بېرەلمسىڭىز، بەدەننى بولسىمۇ چېنقتۇرۇڭ. بىزگە تالانتلىق يازغۇچى ھۆسيىن تاشنىڭ راك بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشى بىر ساۋاق بولسۇن. سالامەتلىك دېگەن ئىنقىلاپنىڭ دەسمايسىى ئىكەن. بالىلرىمىزنى چىرايلىق قاتارغا قېتىپ، تۈزۈك بىر مۇسۇلمان بالىسى بولۇپ قېرىشقا نېسىپ بولسۇن دېسەك،  ھازىردىن باشلاپ بەدەن چېنقتۇرايلى. بۇ ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ تەن ساپاسىغا تۆھپە قوشقانلىق ئىكەن.
14. كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى، كىتابقا تۇتقان پوزىتسيىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش؛ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلرىمىزنى قوللاش ھەم ئۇلارغا تەلەپ قويۇش؛
بۇ نۇقتىدا دەيدىغان گەپ بار. ئاخىرىدا يازىمەن.
15. پىكىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ئىككى يىلدا بىر پىكىر يېڭىلاپ قالتىس بىلىنىپ كەتكەن بىلمىلىرىمىزدىن بىر قېتىم گۇمانلىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛

بۇ مەن مۇھىم دەپ قارايدىغان تېما، ئاخىرىدا يازىمەن.

16. باشقا يۇرتتا ياخشى ياشاشقا كۈچىمىز يەتمىسە، پېشىمىزنى قېقىپ كەتمەستىن ئۆز يۇرتىمىزنى مەھكەم ساقلاش، قېيدىماسلىق؛
    بۇنى ساماۋي چۈشلەردىن ئويغىنىپ ، ۋەتەنگە قايتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان تالاي قېرىنداشلار ياخشى چۈشىنىدۇ. يۇرتىنى سۆيۈپ، قوغداپ، ئەخلەتكە ئايلانماي ياشاۋاتقانلارغا رەھمەتلەر بولسۇن! ئابۇقادىر جالالدىىننىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ۋەتەن ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىنى ئاڭلايلى.
         ئوقۇغىلى چىقايلى،ئەمما قۇرۇقتىن قۇرۇق چەت ئەل چۈشى كۆرمەيلى. ئۆز يۇرتىدا ياخشى ياشالمايۋاتقانلارغا چەت ئەلدە بىر نەرسىنى سوۋۇتۇپ قويغىنى يوق. بۇ --بىر ئالدامچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن دۇنيا. ئۇخلماي چۈش كۆرمەيلى.

17. ئىدارىلەردىكى، ئىشخانىلەردىكى رولىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ئىشلەش ۋە ‹ بۇ خىزمىتىم ئارقىلىق نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ › دەپ ئويلىنىش؛

بۇ مىللەتنى سۆيۈشىتىكى ئەڭ ئاددىي، ئەڭ بېۋاستە ئۇسۇل.شۇڭا جىق گەپنى دېمەيمەن.

18.ياخشلار ئارا، كەسپداشلار ئارا، قەلبداشلار ئارا  ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن ئىجىتمائىي تور پەيدا قىلىش؛

     ھەمكارلىقى يوق مىللەت ئەزالىرىدا  ھچقانداق ئىش پۈتمەيدىكەن. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقمايدىكەن، مۇناسىۋەتلىك كىشلەر ۋە كەسپداشلار  ئارا تور پەيدا قىلىپ، ئىمكانىيەت ئىچىدە يول تېپىپ ئىش قىلىش كېرەككەن.لېكىن، بىزنىڭ پروفېسسورلىرىمىز ھازىر بىر-بىرىدىن ئۇچۇرنىمۇ قىزغىنىدۇ.

19. قەھرىمانلىرىمىزنى، ياخشلارنى (مەسىلەن،ئابدۇقادىر داموللا ۋە   گۈلزار مۇكاپاتى تەسىسس قىلغان مامۇتجان قاتارلىق) ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش؛ ئابدۇقادىر داموللانى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ئەھەت مەزىن قاتارلىقلارنى ئۇنتۇماسلىق؛
بۇ  يەشكۈدەكمۇ گەپ ئەمەسكەن. قىسقارتاي.

20. ئەڭ مۇھىمى؛ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات نىشانىغا ماس ھالدا ئۇيغۇرنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان 20 يىللىق ئىلمىي تەرەققىيات سېخمىسىنى ۋە  پىلانىنى تۈزۈش  ھەم  1960-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش.

ئالدرىماي يازىمەن.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش