ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 01:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، سىزنىڭ تەۋسىيە قىلغان كىتابلىرىڭىزنىڭ 50% (تەخمىنەن) ئوقۇپ بېقىپتىكەنمەن، ياكى ئۇچرىشىپ بېقىپتىكەنمەن. چۈشىنىپ ئوقۇدۇممۇ ياكى چۈشەنمەيمۇ، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇدۇممۇ ياكى تەسەۋۋۇرمۇ بىلمەيمەن، لېكىن ماڭا مەلۇم نەرسىلەرنىڭ تەسىر قىلغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ مەلۇم نەرسىلەر توغرىلىق كۆز قاراشلىرىمنىڭ توغرىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. مىسال ئۈچۈن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى. دېگەن كىتابىنى ئوقۇش جەريانىمنى سۆزلەپ باقاي...

بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى ئايلارغا ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن بىلەن بىرگە چۈشىنىش، ھەزىم قىلىش تەس دەپ قارالغانلىقى مېنىڭچە ناھايىتى توغرا...
ئاتام بىراقلا 6 پارچە كىتاب سېتىۋالدى، بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئەڭ قىزىققىنىم چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ بۇ ئىككى پارچە كىتابى بولدى. بۇ يازغۇچى توغرىسىدا ئاڭلىغىنىم كۆپ لېكىن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىم ئاز ئىدى. قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. مۇختار شاخانوف بىلەن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ دېئالوگى شەكلىدە يېزىلغان بۇ كىتاب مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى... ئوقۇپ تۈگەتكەنتىم، ئاتام نېمىنى ھېس قىلدىڭ؟ دېدى، مەن ئۇلارنىڭ بالىلىق سەرگۈزەستىلىرىنى ھېس قىلدىم، يۇرتى،مەدەنىيىتىنى، تىلىنى .... قاتارلىقلار توغرىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ھەم ئۇلارنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. دېدىم... ئاتام، قايتا ئوقۇ، تولۇق چۈشەنمەپسەن دېدى. مەن دەسلەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدىم، كىتاب مەزمونى شۇلا دەپ.. كېيىن ئاتامنىڭ سۆزلىرى تەسىر قىلدىمۇ ياكى چوڭقۇر مەنىلارغا قىزىقتىممۇ يەنە بىر ئوقۇدۇم. راست... يەنە بىر ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم ئوخشىمىدى. مەن مەدەنىيەت، مەۋجۇدلۇق، يۇرت مۇھەببىتى، تىلغا بولغان مۇھەببەت... ئەركىنلىك... قاتارلىق نۇرغۇن نۇرغۇن بىلىم ۋە ئىككى ئەدىبنىڭ يوقۇرقىلارغا بولغان چۈشەنچىسى، قارىشى توغرىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. بەلكىم ئېرىشكىنىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇ... يەنە بىر قېتىم ئوقۇدۇم، مەن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان مەزمونلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم. بۇ كىتابنى شۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلدىم دەپ قارىدىم... ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈننى ئىككى قېتىم ئوقۇپتىمەن، لېيىغان بۇلاقنى ئۈچ قېتىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۈچ قېتىم... ئىشقىلىپ مېنىڭ بىر كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ قايتىلاردىغان ئادىتىم بار...(مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن) مېنىڭچە كىتاب ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانسا ياخشى. بىر ئوقۇپ بولغان كىتابنى قايتا ئوقۇش، ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان دوستى بىلەن قايتا ئۇچراشقانغا ئوخشايدۇ....

گەپنى بەك سوزىۋەتتىم... لېكىن ئۇيغۇرزادە، تەۋسىيىلىك كىتابلارنى يەنىمۇ كۆپەيتسىڭىز، يەنىمۇ نۇرغۇن كىتابلارنىڭ ئىسمىنى ئىزدەپ ئوقۇش ئۈچۈن بىلىۋالساق... كىتابنى كۆپ ئوقۇيمەن، لېكىن تولىسى رومان، پوۋسىت، يەنە ئوبزور، ياكى ئۆزلۈك ۋە كىملىك، تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ دېگەنگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىتابلار، يەنە بىرسى داستانلار، شېئىرىي كىتابلار(ئۆزۈم شېئىرىيەتكىمۇ ھەۋەس قىلىپ قويىمەن) ئىلمىي ماقالىلەرنى راست ئاز ئوقۇپتىمەن، بەلكىم بۇ توغرىسىدىكى نەشىردىن چىققان كىتابلار ئازدۇ... يەنە ئاتام ئۇزۇن ساقلىغان ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر، فارابىي پەلسەپە سېستىمىسى، ئەتەبەتۇل ھەقايىق، رابىيە سەئىدى .... ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئۆيدە بۇنداق "كىگىز" كىتابلار كۆپ بولغاچقا بۇ خىلدىكى كىتابلار بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ ياكى ئوقۇپ تۇرىمەن، 80-يىللارنىڭ ژۇرناللىرى، مەسلەن دۇنيا ئەدەبىياتى، تارىم، شىنجاڭ مەدەنىيىتى، بۇلاق قاتارلىق ژۇرناللارنى ئۆيدە بار ھەممە سانىنى ئوقۇپ بولدۇم. (بەزى سانلىرىنى تاپالماي ئوقۇپ تۈگىتەلمىگەن ھېكايىلىرىم ھېلىغىچە ئېسىمدە) دىنىي كىتابلارنى ئوقۇيمەن... ئىشقىلىپ بالىلارنى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئائىلە تەربىيىسى بىلەن ،مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.  چۈنكى ئاتام ماڭا ئويۇنچۇقتىن كۆپرەك كىتاب ئېلىپ بېرەتتى. ئاللاھ خالىسا مېنىڭمۇ ئوغلۇمغا ئاتاپ قويغان كىتابلىرىم كۆپ...

نېمىلەرنى دەپ كەتتىم... ئۇيغۇرزادە ، مېنىڭ بۇنچە كۆپ سۆزلىشىمدىكى مەقسەت، سىزنىڭ مېنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىمنى ياكى ئوقۇغان ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا بېرىدىغان كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىڭىزنى ئاڭلاپ باقماقچى... ئەگەر ۋاقتىڭىز چىقسا...

ئۇيغۇرزادە دەپ ئاتاۋەردىم تور بولغاندىكىن...لېكىن توغرا چۈشىنەرسىز... مۇنبەر، مۇنازىرە سورىنىدا ئاكا، ئۇكام، دېگەندەك سۆزلەرنى سۆرەپ يۈرۈشنى خالاپ كەتمەيمەن....

يەنە نۇرغۇن سۆزلەر، يازىدىغان جۈملىلەر، ئويلىغان ئويلار بار ئىدى، لېكىن باشقا يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار... مېنىڭ نۇرغۇن تەكلىپلەرگە پىكرىم، قوشىدىغىنىم ۋە تەسىراتىم بار ئىدى، باشقا ئىنكاس يازارمەن...
خەير... مەن بۇ تېمىنىڭ يەنىمۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن....

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 01:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15. پىكىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ئىككى يىلدا بىر پىكىر يېڭىلاپ قالتىس بىلىنىپ كەتكەن بىلمىلىرىمىزدىن بىر قېتىم گۇمانلىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛

     زامانىمىزدىكى كىرزىسلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىراۋاتقىنى بىز ھازىرغىچە تەھلىل قىلغان نۇرغۇن ئامىللاردىن باشقا يەنە پىكىر دوگمالىقى، تونۇش خاتالىقى ۋە ئەبجەق بىلىملەرگە ئالدىنىش مەىسلىسىدۇر. شۇڭا پىكىر قۇۋۋىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش،  بىلىشنىڭ ھەر خىل يوللىرىنى ئىگىلەشنىڭ كويىغا كىرىش، جۈملىدىن شەخس نۇقتىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ توغرا دەپ قارىۋالغان بەزى تونۇشلىرىدىن گۇمانلىنىپ تۇرۇش (يادرولۇق ئەقىدىمىز ۋە ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە بولغان ئىشەنچ بۇنىڭدىن مۇستەسنا)-- خەلقىمىزنى ئاقىللارچە، جۈملىدىن كونكرېت يوسۇندا سۆيگىنىمىزگە باراۋەردۇر. بۇ ئىشىنى ساپالىق كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ۋە ئىلىم تەتقىقاتىدا مۇھاكىمەگە قويۇش لازىم دەپ ئويلايمەن. مەن بۇ ئابستراكىت گەپنى باشقىچە قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرسەم، سەل ئاسان بولىدۇ.
      سىز 10 يىل بۇرۇن(2000-يىلى) ئۆزىڭىزنى خېلى بىر نەرسىلەرنى بىلىمەن دەپ ئويلايتتىڭىز، ئۆزىڭىزگە بەكلا ئشىنەتتىڭىز. ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى. 2005يىلغا كەلگەندە شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن قاراشلىرىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىڭىز.ئارىدىن يەنە بەش يىل ئۆتۈپ 2010-يىلغا كەلگەندە، سىز 2005-يىلدىكى ئاشۇ  قاراشلىڭىزىنىڭ تولىسدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتىڭىز. سىز ھازىر شۇ تاپتىمۇ  ئۆزىڭىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىڭىزنى مۇتلەق توغرا دەپ قارىۋالىسىز. ئەپسۇس، يەنە 10 يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى بايقايسىز. ئۇنداقتا بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: بىز نېمشىقا 2010-يىلى بىلىپ بولۇشقا تېگىشىك ئاددىي بىر پاكىتلارنى 2020-يىللارغا ، 2030-يىللارغا ياكى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخرىغا مىراس قالدۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەككەن؟ نېمىشقا مېنىڭ قايسى تونۇشلىرىمىدا مەسىلە كۆرۈلۈۋاتىدۇ دەپ ئويلىمايمىز؟
     خاتا تونۇش، ئەبجەق بىلىم ۋە پىكىر دوگمالىقى قورشاۋىدا لەيلەپ يۈرگەن ئادەملەرمىز. بۇنداق بولۇشىدا تۈرلۈك ئامىللار بار. بۇنى بىز تۆۋەندىكى نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز:
     بىرىنچى، بىز ئېرىشكەن بىلىم ياكى تونۇش ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە شارائىت تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا پىكىر قىلشىمىزدا مەسىلە كۆرۈلۈپ خاتا، بىر تەرەپلىمە تونۇشلارغا يول قويۇپ تۇرىمىز. مەسىلەن، دىنىي كىتابتىن باشقا نەرىسىنى ئوقۇپ باقىمغان بىر  موللا پەننىي بىلىملەرنى پۈتۈنلەي زەھەرلىك دەپ قارايدۇ. بىزنىڭ ئابدۇقادىر داموللا، تەۋپىق قاتارلىق سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز مانا مۇشۇنداق خاتا تونۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.
        يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئازراق ھوقۇقىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان بىرەيلەن ھوقۇقتىن باشقىسى بىكار دەيدۇ؛ ئازراق پۇل تېپىپ ئۆزىنى ئوڭشىىغان بىرەيلەن پۇلدىن باشقىسى بىكار دەيدۇ؛ شېئرگە قالتىس ئىشتياق باغىلغان ۋە ئۇنىڭ قىممتىنى چۈشەنگەن بىرەيلەن شېئىر دۇنيانى قۇتقۇزىدۇ دەپ ئويلايدۇ(مەسىلەن ئەدۇنىس). قايسى مەۋقەدە تۇرسا ئادەم ئۆزىنىڭ تونۇشىنى ئەڭ توغرا دەپ قارىۋالىدۇ. لېكىن، بىز مانا مۇشۇنداق جاھىللىق قىلۋاتقان ۋاقتىمىزدا، بىلشىكە تېگىشلىك ناھايىتى ئاددىي ھەقىقەتلەرنى نەزەردىن ساقىت  قىلۋاتقان، ئەخمەقلىق قىلىۋاتقان بولىمىز.
       شۇڭا كاللىمىزىنىڭ ھەر ۋاقىت زىندانغا ئايلىنىش مۇمكىنىچلىكى، ھەر ۋاقىت خاتا تونۇش قورشاۋىدا تۇرۇشىمىزىنىڭ مۇمكىنىچلىكى ھەققىدە ئويلىنىش، بىلىملرىمىزدىن گۇمانلىنىپ تۇرۇش ئۇيغۇرنى ئاقىلاللارچە، كونكرېت يوسۇندا سۆيىدىغىنىمىزنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.  ھازىر  خىلمۇ-خىل نۇقتىدىن پىكىر قىلىپ بېيىغان تۈرلۈك  بىلىش شەكىللرى، تەپەككۇرىمىزغا سىىلكىنىش ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك نەزەريىۋي مودىللار---جۈملىدىن "ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقى" قاتارلىق پىكىر ئەندىزىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ ھال  تونۇشلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش، يېڭى پىكىرلەرگە قۇلاق سېلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.
      ئىككىنىچى، بىلىم ھوقۇققا بېقىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بىر جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھوقۇق  مۇناسىۋىتى ھەر قاچان ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىلىم ئشىلەپچىقىرىدۇ.
         بۇنى مۇنداق ئاددىي مىسال بىلەن تونۇشتۇرسام تېخىىمۇ چۈشىنشىلىك بولىدۇ. پۇشكىن، دوستويېۋېسكىي، تولستوي قاتارلىق گىگانت ئەدبىلەر قەلەم تەۋرەتكەن18-، 19-ئەسىر روس ئەدەبياتىدا ئاجايىپ پارلاق نەتجىلەر بارلىقققا كەلدى(ھازىرمۇ شۇ چاغدىكى روس ئەدەبياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئورنى بار)، ئۇ چاغدا سوتسيالىستىك رېئالىزمىدىن ئىبارەت ھوقۇق ۋە ئىدېولوگىيە ئۈچۈن خىزمەت  قىلىدىغان ئەدەبىيات ئېقىمى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ھەم مەۋجۇت بولۇشىنىڭمۇ زۆرۈرىييتى يوق ئىدى. ئەمما، ئۆكتەبىر ئېنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەنە شۇنداق بىر ساختا ئۈندۈرمە پەيدا بولۇپ روس ئەدەبياتىنى قاتتىق بۇلغىدى.  فادېيىۋ، گوركى قاتارلىق بىر تالاي جانباقتى ئەدبىلەر ھوقۇقنىڭ مەدىكالىرىغا ئايلىنىپ ئاشۇ ساختا قاراشلارنى خەلققە تېڭىشنىڭ كويىغا كىردى ۋە ئاخىرىدا مەغلۇپ بولدى. سوتسىيالىستىك رېئالىزىمدىن ئىبارەت خاتا بىلىش شەكلى سوۋېت مىقياسىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئەدەبياتىدا مەغلۇپ بولدى. لېكىن ئۇنىڭ ساختىلىقىنى بىلىپ بولغۇچە مىليونىلغان ئادەملەرنىڭ ئەقلى بۇلغاندى، تەپەككۇرى زەخمىلەندى.
         دېمەك، بۇ نۇقتىىدىن قارىغاندا، ھوقۇق دەستىگاھى ھامان بىزنىڭ تەپەككۇرىمزىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان بىلمىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدۇ. چرىكلىك مەدەنىيىتى ۋە شوئار مەدەنيىتى يىلتىز تارتىپ  كەتكەن مۇھىتتا تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق مۇھىتتا ئۆزىمىزگە قالتىس بىلىنىپ كەتكەن خاتا تونۇشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ، بىر ئاقىل ئۇيغۇر مىللەتكە تۆھپە قوشىمەن دەيدىكەن، ھېچنىمە قىلالمىسا ئۆزىنىڭ خاتا تونۇشلىرىدىن گۇمانلىنىپ تۇرسۇن. لېكىن، قانداق گۇمانلىنىمىز؟ بىر دەمدىن كېيىن مۇھاكىمە قىلىمىز.
    بىزنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك ئىلىم پېشۋايىمىز ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قالتىس بىر پىكىر ئىگىسى. ئۇنىڭ تۆھپىسى بەك زور. ئۇ بولمىسا غەيرەتجان ئوسمانلار، ئەسئەت سۇلايمانلار، ئابدۇقادىر جالالىدىنلار چىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى.  بەزىلەر ھەتتا 10 ئەسىرگىچە ئۇيغۇردىن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمنىدەك بىرسى چىقمايدۇ دەپمۇ قويىدۇ(مۇشۇنداق بىمەنە گەپلەردىن نومۇس قىلشىمىز كېرەك، ئابدۇشۈكۈر مەمتمىنىىڭ نۇرغۇن بىلمىلىرى ھېلتىنىلا---ھازىرقى دۇنيادا كونىرىغان، ۋاقتى ئۆتكەن بىلملەردۇر. بۇنداق ھۆكۈم ئۇيغۇرنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتىگە  ، كېينكىلەرگە  قىلىنغان مەسخىرە).
         ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن قالتىس تالانتلىق، تىرشچان بىر ئادەم  بولۇشىغا قارىماي  بەزى  نۇقئىنەزەرلىرىدە  ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە "بىز ھەر ۋاقىت خاتا تونۇش قورشاۋىدا لەيلەيمىز" دېگەن قارشىمىزغا پاكىت تەمىنلىگەن.
        مەسىلەن، ئۇ "ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى" نىڭ 386-بېتىدە نەقىل ئېلىپ، "ماركىسزىم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە  باب كېلىدىغان ھەقىقەتتىن ئىبارەت" دەپ يازىدۇ. بۇ زات نېمشىقا مۇشۇ جۈملىلەرنى يېزىۋاتقان ۋە ئوقۇرمەنگە تېڭىۋاتقان چېغىدا سەل ئويلاشمىغان بولغىيىدى؟ ئۇنداقتا ئۇ  سەئۇدىي ئەرەبىستانغىمۇ ماس كېلىدىغان ھەقىقەتمۇ؟
            كىتاب 97-يىل چىققان، ستاتا مەنبەلىرىگە قارىساق ئاپتورنىڭ 91-يىلى چىققان كىتابلاردىن پايدىلانغىلى چىقىپ تۇرىدۇ، دېمەك ئاپتور بۇ كىتابنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، تازا ئەقلى توشقان ۋاقتىدا يازغان. ئەمدى بىز سوئال قويايلى: راستنىلا ماركىسىزىم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە باپ كېلدىغان ھەقىىقەتمۇ؟    ئۇستاز ئا.مەمتىمىن ئاشۇ گەپلەرنى يېزىۋاتقان چېغىدا شەرقىي ياۋروپا دىكى  چېخ، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئاشۇ خىل ئىدولوگىيە مەس كەلمەي غۇلاپ چۈشكىنىنى بىلمەمتى؟ بىلىتى، ئەمما، ئۆزى بىر ئۆمۈر تەسىرىگە ئۇچرىغان فېيرباخ پەلسەپىسى ۋە شۇنىڭ تۇغۇندىسى بولغان ماركىسىزم ئۇنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا،  ئۇ ئىلمىي بولۇشنى تەكىتلەيدىغان بىر ئىلىم ئىگىسى بولۇشىغا قارىماي ئەنە شۇنداق ۋاقتى ئۆتكەن قاراشنى بىزگە قارىغۇلارچە سىڭدۈرۈشنىڭ كويىغا كىرگەن.      
         بۇنداق قاملاشمىغان گەپلەر ئۇ كىتابتا خېلى بار. يەنە مەسىلەن. ئاشۇ كىتابنىڭ 108-بېتىدە ئاپتور ئەسلى ئىسلام دىنىدا ئۈچ ناماز  پەرزتى، ئەمما مۇھەممەت پەيغەمبەر ئۇنى  بەش ناماز قىلۋالغان دەپ يازىدۇ. بىز بۇنداق قاراشلارغا نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىمىز. يەنە ئۇ زەلىلى دېگەن شائىرنى، موللا مۇسا سايرامى دېگەن تارىخچىنى، ئاماننساخان دېگەن مۇقامچى ئانىمزىنى پەيلاسوپ دەپ قارىغاندەك زورمۇ-زور پەلسەپە تارىخىغا كىرگۈزىدۇ(كىتابنىڭ 298، 337، 318-بەتلىرىگە قاراڭ).
       يەنە داڭلىق تلشۇناس خەمىت تۆمۈر ۋە تارىخچى ئەنۋەر بايتور بىرلشىپ چاغاتايچىدىن ئۆرىگەن  "مۇزىكانتىلار رىسالىسى"(مۆجىزى) نىڭ مۇقەددىمىسدە،ئىككى تەرجىمان ئاپتورنىڭ ئاللاھقا سېغىنىپ باشلىغان جۈملىلىرىنى تەھىلىل قىلىپ كېلىپ، بۇنداق يۈزلىشنىنىڭ فېودال جەمئەىيتنىڭ چىرىك تەسىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە  مۆجىزىگە ئۆزىنىڭ بىمەنە قاراشلىرىنى تاڭىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىزگە ئەپسۇسلانماقتىن باشقا ئامال يوق.
            ئەمسىە مەن بۇ يەردە  نېمە دېمەكچى؟ بىز ھەر ۋاقىت خاتا تونۇش قورشاۋىدا لەيلەيمىز. تۇرۇۋتقان مەۋجۇت شارائتىمىز، ئىدئولوگىيلىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە  ھوقۇق بىزنىڭ ئەبجەق، ساختا، خاتا تونۇشلىرىمىزنىڭ مەنبەسى.شۇڭا بىزدە ئۆزىمىز مۇتلەق توغرا دەپ قاىۋالغان قاراشلاردىن پات-پات گۇمانلىنىپ تۇرىدىغان باتۇرلۇق بولۇشى كېرەك. بۇمۇ مىللەتنى ئاقىلالارچە، كونكېرت يوسۇندا سۆيگىنىمزىنىڭ ئپادىسى. ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرىدىن گۇمانلىنىپ تۇرايلى ۋە ئەلئارا پىكىر ئسلاھاتى ئېلىپ بارايلى(مەكتەپ مائارىپىدا ئامال يوق).
         شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىش كېرەككى، بىزدە   جىقراق ئادەم ئىش قىلۋاتقان ئەدەبيەتشۇناسلىق ساھەسىدە پىكىر يېڭىلاش تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. يىگىرمە يىل بۇرۇن يېڭى شېئىرىيەت ۋەكىللىرى شوئارۋازلىق ۋابادەك يامرىغان ئۇيغۇر شېىريىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشۇپ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمزىغا بىر جەڭ ئېلان قىلغانىدى. ئەمدى ئەدەبياتنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەردە ئەبجەق بىلمىلەرگە(مەسىلەن رېئالزمنى ئەدەبيات تەتقىقاتىدىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلۋېلىش)، ھوقۇقنىڭ سايسىگە ئايلانغان بىلملەرگە جەڭ ئېلان قىلدىغان ۋاقىت كەلدى.
         بىر نېمىلەرنى بىلىمىز، لېكىن ھېچقانداق نەرسىنى تولۇق چۈشەنمەيمىز. بىر نېملەرنى يازىمىز،ئەمما قېقىنۇسنىڭكىدەك ھېچقانداق ئېلمىي پرىنسپقا چۈشمەيدىغان بىر نەرسە بولۇپ چىقىدۇ.  خەقتىن ئىديەلەرنى ئارىيەت ئالىمىز، ئەمما ستاتا مەنبەسىنى قەستەن بەرمەيمىز، نەتىجىدە ئوغرىغا ئايلىنىمىز. ھەتتا، ئەڭ ئېچىنىشلىقى، بىزدە تەتقىقاتتىكى ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەم بولغان ستاتا ۋە ئىزاھات قائىدىسمۇ قېلىپلاشمىدى. ھەتتا ستاتا بىلەن ئىزاھاتنىڭ پەرقى بارلقىنىمۇ  بىلمەيمىز.
       ماركىسزمنى چالا-پۇچۇق بىلىمىز. ئەمما،ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان مېچىل فوكو باشقىلچىقىدىكى كېيىنكى قۇرۇلمچىلىق پىكىر يولى، لېوتارد باشقىچلىقىدىكى كېيىنكى مودرنىزملىق پىكىر يولى   قاتارلىق باشقا ئونغا يېقىن بىلىش شەكىلللرىنى بىلمەيمىز. بۇنداق تەتقىقتاتچىلارنىڭ، بۇنداق ئالمىلارنىڭ ھالىغا ۋاي. تېخى بىلسەك ئشىلىتىپ، ئاجىز كەلگەن يەردە "غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىىىسى" دەپ قالپاق كەيدۈۈشكە ئاران تۇرىمىز. ئەمما شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئىسلام پەلسەپسىنى ئۆگنىشمىزمۇ چاغلىق.
       شۇنى دېيىش كېرەككى،   بىز بۇ يەردە دەۋاتقان خىلمۇ-خىل پىكىري رامكىلار دۇنيانى كۆزىتىش ۋە بىلشتىكى ھەر خىل قورال،خالاس. ھېچيەردە زەھەرلىك ئەمەس. بىزنىڭ قوبۇل قىلمايدىغىنىمىز ئۇلارنىڭ ئېچۋېتىشنى مۇراجئەت قىلىدىغان ئدولوگىيىسى ۋە قىمەت قاراشلىرى. ئەمما ئىنسىانىيەتكە ئورتاق بولغان بىلىش ئۇسۇللرىنى ئۆگنىشمىز، ئۆزىمىزنىڭ بىر خىللا تونۇشىنى ھەممىگە ھۆكۈم قىلشىنىڭ ۋاستىسى قىلۋالماسىلىقىمىز لازىم.  بىر خىل پىكىري  رامكا بىر خىللا رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئەمما يەنە بىر رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. ئۇستاز ئابدۈشۈكۈر مەمتىمىن تەسرىگە ئۇچرىغان ماركسىزم بۇنى ئىسپاتلىدى.
        مۇنبەرلەردە، مەتبۇئاتلاردا  ۋە ئۆزىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىدا   پىكىر يېڭىلاش تەخىرسىز ۋەزىپە ھەم بۇ ئۇيغۇرنى ئاقىللارچە، كونكرېت يوسۇندا سۆيۈشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.
       ختابىمىز شۇكى، يادرولۇق ئەقدىمىزدە، ئېتىقادىمىزدا، قىممەت قارشىمىزدە چىڭ تۇرايلى. بۇلار بىزنىڭ روھىمىزنىڭ تۆۋرۈكلىرىدۇر.   ئەمما، ئوبيېكتىپ دۇنيانى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش يولىدا خاتا تونۇشلىرىمزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىمىزگە قالىتس بىلىنىپ كەتكەن بىلىملىرىمىزدىن گۇمانلىنىپ تۇرايلى(مېنىڭ بۇ ئىنكاستا ئۇستاز  ئابۇشۈكۈر مەمتىمىننىڭ خاتا كەتكەن يېرىنى تىلغا ئېلىشىم ئۇنى ئىنكار قىلىش، ئەيبلەش ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق يېتۈك بىلىم ئىگىسىنىڭمۇ خاتا تونۇشلاردىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى مۇنبەرداشلارنىڭ  ئېسىگە سېلىش ئارقىلىق ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن بىلىم ئىگىلىرىگە بىر سىگنال بېرىش).

           پىكىر ئالماشتۇرايلى ،ئەسەبلەرچە ئۆگىنەيلى. ئۆزىمىز بىلمىگەن نەرسىلەرنى تىللاشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئاۋۋال چۈشىنەيلى. ئەڭ مۇھىمى، ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ماۋۇ مەزلۇم مىلللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرايلى. بۇمۇ ئۆز نۆۋتىدە خەلقىمىزگە بولغان مۇھەببتىمىزنى كوكرېتلاشتۇرغانلىقتۇر.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 06:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەرنىڭ 87-قەۋەتتىكى، مەشئەلنىڭ 91-قەۋەتتىكى ئىنكاسىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم. كەۋسەرنى ئەمدى 20 گە، مەشئەلنى ئەمدى 17 گە كىرگەن بالىكەن دەپ ئاڭلىدىم. يەنە بۇ مۇنبەردىكى تالانت ئىگىلىرىدىن مۇبارەك، مەلەكلەرمۇ ئەمدىلا تېخى 20 دىن ھالقىىپتۇ. يەنە ئۇيغۇر شېئىريىتىدە  ناۋال ئسىمىلىك بىر چولپان قىز پارلىدى(يازغۇچىلار تورىدىن شېئىرلىرىنى كۆرەلەيسىز). ئۇمۇ ئەمدى 20دىن ئاشقان بىر تەۋادار قىزكەن! ئەقىدەنىڭ كۈچى نەقەدەر زور -ھە!
       مۇشۇنداق ئەقىدە-ئېتىقادلىق بالىلار بىزنىڭ ئۈمىدلىرىمىز! مۇشۇنداق زېھىنى بۇلغانمىغان  بالىلار بۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ، يوشۇرۇن ئېنېرگيىسىنىڭ بەزىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق بىچارە ئەمەسلىكىنى ماڭا ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇشۇنداق بالىلارنىڭ  يازمىلىرىنى ئوقۇپ ئۈمىدلىنىمەن، ھاردۇقۇم چىقىدۇ.
    كۆز تەگمىسۇن، ئەقلى بولغانمىغان ئىنى-سىىڭللىرىم! سىلەردەك بالىلار بىلەن بۇ مۇنبەردە ئۇچرىشىش مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ. ھەم سىلەردەك بالىلارنىڭ بۇ يەردە بولۇشى ئەلكۈيى مۇنبرىنىڭ بەختى. ئۈمىدۋار ھەقىقەتەن تەلەيلىككەن.
    ئۆزىمىزنى قازايلى، ئىمكانىيەتلەرنى قازايلى؛ ئىنى-سىڭللىرىمىز ئارىسىدىن تالانت ئىگىلرىنى قېزىپ ، بايقاپ ياردەم قىلايلى! بۇمۇ بۇ قەۋمنى كونكرېت يوسۇندا سۆيگىنىمىزدۇر.
     مەن بۇ يەردە ئۈن-تىنىسز قاتتىق تىرىشىۋاتقان بارلىق ئەقىدىلىك ئىنى-سىڭىللىرىمغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە مۇنداق بىر نۇقتىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
    سىز ئېنېرگىيە يىغىۋاتقان چاغدا باشقىلار سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ، لېكىن ئاشۇ ئېنېرگىيە پارتلىغاندا بولسا ئۇلار ئۇنىڭ كۈچىدىن ھەيران قالىدۇ. ئەقىدە، مۇھەببەت باغلىغان ئىشڭىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 12:34:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋال ھەقىقەتەنمۇ بەك تالانتلىق، يازغۇچىلار تورىنىڭ ئادرېسىنى دەپ بېرىڭلارچۇ، مەنمۇ كىرىپ باقاي.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 12:37:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر  مۇھەممەدئېمىننى تەنقىدلىيەلىگىنىڭىز سۆيۈندۈردى.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7974
يازما
117
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
3968
تىزىملاتقان
2010-12-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 13:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېمىلار ئۈزۈلمىسە مۈنبەردىن

ئەجداتلىرىم تۇتقان قەلەم، ئۈندەر مېنى ئالغا ھەردەم.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 13:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋالنىڭ يېقىنقى "قەشقەر" دېگەن قالتىس شېئرىنىڭ يازغۇچىلار تورىدىكى ئۇلىنىشى:

http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic. ... amp;amp;TopicID=563

بۇ قىزنىڭ يەنە "سۈنئىي كۆل بويىدا"، "ئاپا، ئاپا، دېرىزە نېشمىقا يىغلايدۇ؟ "قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئوقۇپ مېنىڭ ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتكەن.
    ئۇيغۇر شېرىيىتدە شېئىرلىرىنى ئوقۇسام ۋۇجۇدۇم تىترەپ كېتىدىغان بىر قانچە شائىر بار. ئۇلار ئادىل تۇنياز، قاينامى ۋە ناۋال قاتارلىق(ۋە باشقا) شائىرلاردۇر. ناۋال ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئاننا ئاخماتوۋاسى بولۇپ قالغۇسى.
       لېكىن، نۇرغۇن تالانتلىق ئىنى-سىڭللىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا مۇشۇ قىزغا كۆز تەگمىسە دەيمەن! كىچىكلا قىز تۇرۇپ نەدىن كەلگەن پىكىر دەپ ھەيران بولىمەن.
    ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىكى پاكىز ئەقىدە ۋە شېئىرغا تۇشلۇق قەلب!
   ئازابى ساختا شائىر ، تېگىدىن بۇزۇق شائىر ھەر قانچە ماھارەتلىك بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆزى تۈگەشتۈرىدۇ.

مېنىڭ ئادىل تۇنيازغا بەرگەن تۆۋەندىكى باھايىمغا ۋە ئۇنىڭدا دېيلگەن شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك قەلب ھەققىدكى قاراشلارغا سىڭلىمىز ناۋالنىڭ ئەمەلىيىتى  بىر  پاكىت تەمىنلەيدۇ.
/viewthread.php?tid=5764

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 13:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز، شېئىرنى قول ئەمەس، روھ يازىدۇ.

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
4424
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2195
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 15:05:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماركىسىزىم پەلسەپەسى ئاساسىدا ئېيتىلغان ئېلاھ توغۇرسىدىكى پاراڭلارنى ئىلاھ بار دەپ قارايدىغان پەلسەپەگە سەپ تەبىر بەرسەك توغرا بولماسمىكىن.
قېلىپ بىر ئەمەس.
خۇددى ئەركىن شېئىر يازىدىغان شائىرنى نىمىدەپ يازغىنىڭ رەمەل بەھرىدە ئەمەس دەپ تىللىغىلى بولمىغاندەك .

ئەمما سىزدىكى ئىلگىرلەشتىن سۈيۈندۈم.ھە نىمە بولسا ۋاپات بولغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان ئادەمگە بولسىمۇ تەنقىت بېرىشكە جۈرئەت قىلالىدىڭىز.ئالدىنقى كۈنىدىكى بىر ئىنكاسىڭىزدا يەنە بىر ئۇستازىڭىزغىمۇ تەكلىپ بېرىپتىكەنسىز.
شۇنداق ئىش.
ئۇستازىدىن ئوقۇغۇچىسى ئېشىپ كىتەلمىسە،نەدىن كەلگەن تەرەققىيات؟نەدىن كەلگەن زامان چاقىنى پېرقىرىتىۋاتقان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ؟ئوقۇغۇچىدا سۈيۈملۈك ئۇستازىدىن ئېشىپ كىتىشكە جاسارىتى بولىشى كېرەك،شۇنداقلا ئۇستازمۇ ھەم شۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلسا كېرەك.

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 19:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈنەرۋەننىڭ ھۈنەردە ساختىلىق قىلىشى ، ئەمەلدارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ نەپسىگە چوغ تارتىشى ، خەلىقنىڭ مەنپەئىتى ئۈستىگە ئۆز مەنپەتىنى ئۈستۈن كۆرىشى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپكە بىرىلمەسلىكى ، ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشىپ ئوقۇماسلىقى ... ئىشقىلىپ ھەرقانداق بىر كەسىپ ئېگىسىنىڭ ئۆز كەسپىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، بىپەرۋالىق قىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن ئۆز خەلقىگە يامانلىق قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ . دېمەك ئېغىزدا ئۇنداق سۆيىمەن ، مۇنداق سۆيىمەن دەپ ۋەدە قەسەم قىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئۆزى خەلىقنى سۆيمەسلىتۇر ...
بۇ ئىنكاسلار ھەقىقەتەن جانلىق ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ. ئەلۋەتتە، بىز پەقەت ئۆز مەسئولىيىتىمىز دائىرىسىدىكى خىزمىتىمىزنى قېتىر-قېنىپ جاندىل بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى بېغىشلاپ قىلساق مانا بۇنىڭ ئۆزىمۇ مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئىپادىسىدۇر.
چۈنكى، بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۆتمۈشتە شۇنچىلىك ئەمگەكچان، باتۇر، قەيسەر مىللەر ئىدى. بىز مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدىغان ئىشلاردىن ساقلانغان ئاساستا ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىنى ھەر ۋاقىت يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك.
بىز قانداقتۇر ئەتراپىمىزدىكىلەرگە يامان تەسىر بەرمەي (ئۇيغۇر دېگەن يانچۇقچى، ئۇيغۇر دېگەن جىدەلخور، ئۇيغۇر دېگەن....) ئەكسىچە، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئۇيغۇر دېگەن ئۆم مىللەت، ئۇيغۇر دېگەن ئىناقلىقنى سۆيىدىغان مىللەت دېگەندەك ناملارنى نامايەن قىلالىساق ئاندىن ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيگەن بولىمىز ھەم ئۇنى ئۆز ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلىيەلىگەن بولىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش