گۈلەننىڭ ئۈچ يۈزلۈك زىيالى ۋە باسۇرۇپ قويۇلغان ئېتوت ھەققىدكى ئىنكاسى ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلدى. ئولتۇرۇپ كەتتىم ئورنۇمدا، بەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتىمەن. ئاشۇ ئادەملەر شۇنداق ھالەتتە، بىزنىڭ كۆرىدىغان كۈنىمىز بار تېخى. مەن بىر مەشھۇر شائىرنىڭ مۇقامغا قىزىل تېكىستىنى يېزىپ بەرگىنىنى كۆردۈم. مۇقام قىلىپ ئېيتىلىدىغان ئۇ تېكىستنى كۆرۈپ ئارقامغا ئۈچۇپ كەتمىدىم، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم. ئۇ شائىرنى مىللەت خېلى چوڭ بىلەتتى.
"ئىت ناخشىىسى" دېگەن شېئىردىكى كاللامغا ئورناپ كەتكەن مۇنۇ مىسرالارنى ئەسلىدىم:
كەچكۈزىدىكى دەرەختۇر يۈرەك،
ياپراقلىرى تۆكۈلۈۋاتقان.
......
ئىتمەن كوچىدىكى،
سېىنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭەكلىرىڭ ئۈچۈن،
غاجىلاپ يۈرگەن تاشلاندۇق سۆڭەكلەرنى.
شېئىر ئاپتورىغا ئامانىلىق يار بولسۇن! ئۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ ميتىنىڭ ئۇستىخانلىرى قەبرە يول قۇرۇلۇشىغا ئۇدۇل كېلىپ كۆچۈرۈلدىغانلىقىنى نەچچە يىل بۇرۇن پەرەز قىلغاندەكلا يېزىپتىكەن (پاكىت ئۈچۈن يازغۇچىلار تورىدىكى ئەلايى يوللىغان"ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى" دېگەن تېمىغا قارالسۇن). ئۇلىنشى:
http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic. ... amp;amp;TopicID=309
ئاكادېميىدىكى ئاشۇ پروفېسسور گۇيلار خەلقىگە يۈز كېلەلمەيدۇ.ئۇلار ساختىپەز مىللەتچى، شوئارۋاز. بۇنداق لەتىپلەر ئېچىلىشى كېرەك.
لېكىن، ئۈمىدسىزلەنمەيلى قېرىنداشلار. ئازبلىنىپ بولۇپ يەنە ئالدىمىزغا قارساق، بارا-بارا يۈرەكلىرىمىز ئازاپ ئىچىدە تاۋلانغان بەردەم يۈرەكلەرگە ئايلىنىدۇ. ئاشۇ ئازابلار ھاياتىمىزنىڭ مەنەلىرىدۇر. بىرلىكتە ئازابلىنايلى، ئازابلىنىشنى ئۆگىنەيلى.
20 يىللىق تەسەۋۋۇر پىلانىنى ئىقتىساد، مەدەنيەت ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايدىغانلار مەرھەمەت.
مەن ئەمدى ئۆزۈم ئەڭ مۇھىم دەپ دەپ قارىغان نۇقتامدا چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمەگە كىرىمەن. قالغىنىنى مۇنبەرداشلار بېيتىدۇ.