ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 00:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 25قەۋەتتىكىatikam1 يوللىغان 2010-12-13 11:47 غا قارتىلغان  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،
مەن بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ شۇنداق سۆيۇندۇم ،،،دېگەنلىرىمىز قەتئى بىر لوزۇنكا ياكى شۇئار بوپ قالمىسۇن ،،ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ ھەر تۇرلۇك ئۇسۇلى،،،،ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ  ئەمەلى ھەركىتىگە ئايلانسۇن،،،،دېگەنلىرىمىزنى ئەمىلىيەتتە نامايەن قىلايلى ،،،،
سىزگە سەمىمىي بىر دانە تەكلىپ:
تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قويسىڭىز.
مەسلەن، يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا  
32 سۆز ، 4 جۈملە بار ئىكەن.
ئەمما ، سىزنىڭ قويغان پەش سانىڭىز 17 ئىكەن.

"ئانا تىل- يېزىقىمىزنى قوغداشنىڭ ئۆزىمۇ " مىللەت سۆيۈش" كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ.

رەھمەت.

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 01:13:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      دېمىسمۇ ھەر ساھەدە ئۆزھال دېگەن ئىشلار بەك ئېغىر. بۇ كەچۈرمىشلىرىڭىزنى دېگىنىڭىز بەك ئوبدان بوپتۇ. بەك جىق زىيان تارتىپىسز، ئۆزھال. بۇنداق ئشىلارغا مېنىڭمۇ بەك ئىچىم پۇشىدۇ. بۇنداق ناكەس گۇيلار   ئىشەنچ  جامەئەتچىلىكى قۇرۇش پىلانىمىزىنىڭ كۈشەندىلىرى. چاۋسىنى چىتقا يېيىپ تۇرۇش كېرەك.
     بۇنداق ئىنكاسلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ . بۇ تېمىمۇ دەل مانا مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىلەن بېيىيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئىنكاس يېزىۋېتىپ ۋە ئوقۇۋېتىپ ئۆزىمىزمۇ ئويلىنىمىز. مانا بۇ ئىلگىرىلەش دېگەنلىكتۇر. بارلىق پىكىر قىلىۋاتقان، تېمىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن يورۇتۇۋاتقان دوستلارغا رەھمەت!
        ھە-راست،دېھقان قېرىندىشىم، سىز "ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش" ھەققىدىكى ئىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپىسز. بۇنىڭ ئۈچۈن كۇرس ئېچىش، بىر يەردىن تەستىق ئېلىش ھاجەت ئەمەس. ئۆيدە، باغچىلاردا ۋە نە ئۇدۇل تېپىلسا شۇ يەردە ئۇيغۇرتىلىنى ئوقۇيالمايدىغان، يازالمايدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان بىر-ئىككى بالىغا(ھەممىمىزنىڭ تۇغقانلىرى ئارسىدا بۇنداق بالىلار تېپىلىشى مۇمكىن)  ۋە خالايدىغان كىشىگە ئۆگەتسەك، بۇ بىر قالتىس ئىش ئەمەسمۇ؟ ئىشنى پرىنىسپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇرەككەپلەشتۈرمىسەك، ھەم ئىنكاسنى ئويلشىپ يازساق. قانداق دېدىم؟ مەن ھېچيەردە چوقۇم يىغىىپ دەرس ئۆتەيلى دېمىدىم، ھەم بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس.  
       ھەر ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ قىلىشنىڭ ئامالى بولىدۇ. شۇنىڭ كويىغا كىرسەك.

      تورداشلار نىڭ ئىنكاسلىرى بۇ تېمىنى ئوبدانلا تولۇقلاپتۇ. دېمەك،  گەپلەر قېرىنداشلىرىمىزغا ناھايىتى چۈشىنشلىك. شۇڭا باشقىلارغا پىكىر قىلىش پۇرسىتىنى كۆپرەك بېرىش ئۈچۈن، ئەمدى شۇ نۇقتىلارنىڭ يېشىمىنى بىر قەدەر قىسقا بايانلار بىلەن مۇھاكىمە قىلىمىز.
قېنى، ئويلىنىۋاتقانلار مەرھەمەت!

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
7515
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
517
تىزىملاتقان
2010-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 01:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىماندق ياخشى تىما ياخشى ئىنكاسلار بۇ   ما يۈرۈكۈم دىر دىر قىلىپ تىتىرەپ ،دەريا سۈيىدەك ئۆركەشلەشكە باشلىدى................................ما ئۇيغۇر مىللىتمىنىزنى سۈيۈشنىڭ  قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى  چەتئەلدە ياشاۋاتقان  بىزدەك مۇساپىر بالىلار بەكراق ھېس قىلىدىكەنمىز !!!
مەن مۇشۇ چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۋاتقىلى تېخى 1 يىل بولماي تۇرۇپ ئاتا-ئانامغا، ئائىلەمگە ،قان قېرېنداشلىرىمغا،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمغا ،دوس-ئاغىنىلىرىمگە ،گۈزەل شىنجاڭ دىيارىغا،ئۇيغۇر مىللىتىمنى كۈندە،ھەر ۋاقىت كۈرۈپ تۇرۇشقا  زار-زار  بۇلىۋاتىمەن،خۇداغا مىڭ شۈكرى ھېلىمۇ ياخشى ما ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىسىر دۆلىتىگە كىپ قاپتىمەن. ئەگەر باشقىلاردەك ئاي-يىللاپ ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتمايدىغان دۆلەتلەردە ياشاپ قالغان بولسام نىمە بۇپ كېتەرمەن.....مەكتەپكە ماڭسام بۇ ئەرەپلەر بىزنى بىر قاراپلام جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ قالىدۇ،لىكىن بزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئاساسەن بىلمەيدۇ،كۆپرەپ ئەرەپ بىز ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرسە( سىنىي،سىنىي) ___  جۇڭگولۇق دىگەن گەپ ،  دەپ چۇقان -سۆرە قىلىشپ كېتىدۇ،بەزىلىرى مەسخىرە قىلىدۇ ،چۈنكى بەزى ئەرەبلەر جۇڭگولۇققا ئۆچ ،لىكىن بەزى ئەرەبلەر بىزنى كۆرسە ناھايتى قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ،بىزدىن سەن مۇسۇلمانمۇ دەپ سورايدۇ،بىز  ھەئە  بىز ئۇيغۇر ،ئەلۋەتتە مۇسۇلمان دەپ جاۋاپ بەرسەك قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ سالام سورىشىپ كېتىدۇ....
      دوسلار  بۇ ئۇيغۇرنى سۈيۈش دىگەن چوڭ ئۇقۇم ،ھەركىمنىڭ ئۇيغۇرنى سۈيۈشى ئۆزگۈچۈ بۇلىدۇ ،بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى سۈيۈشىمىز كۈندۈلۈك ئىش-ھەركەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ!!
لىكىن دوسلار بىز ئاۋال ئۇيغۇر لارنى سۈيەيلى دىگەن شۇئارنى ئۈنلۈك توۋلاشتىن بۇرۇن ئۆزۈمىزنى سۈيۈشنى بىلەيلى.بىز ئۆزۈمىزنى،ئاتا-ئانىمىزنى،قان-قېرىنداشلىرىمىزنى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنى بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر مىللىتىنى سۈيۈشتىن گەپ ئاچالايمىز.
      يۇقۇردا ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋارلىرىنى ئېلىشنى سۆزلەپ ئۈتۈپتۇ،توغرا سىز ئۇيغۇر تاۋارلىرىنىڭ قانداق بۇلىشىنى بىر يەرگە قارىپ قۇيۇپ ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ ھەرگىزمۇ ما نەرسە ئالسام ساختا چىقتى،ما نەرسە باشقا مىللەتنىڭكىگە قارىغاندا قىممەتكەن سۈپۈتى ناچاركەن دەپ ئالماي قويماڭ ،چۈنكى كۈندۈلۈك تۇرمىشىڭىزدا ئۇيغۇرلار نىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلسىڭز ئاشۇ ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىشىغا،ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيەگە يىتىشىگە ،بېيىشىغا ،ھەركەتچان دۇكاندىن،يايمىچىلىقتىن مۇقىم دۇكانغا  ،كىچىك دۇكاندىن تەرەقىي قىلىپ چوڭ دۇكانغا ،چوڭ دۇكاندىن تاللا بازىرىغا .....ئاستا- ئاستا  يېزا ئاتلىغان شەھەر ئاتلىغان ،ھەتتا دۆلەت ئاتلىغان زەنجىرسىمان دۇكان،تاللا بازىرى ،كان-كارخانا قۇرۇپ چىقالايدۇ ،مىللى كان-كارخانلارنى خەلقىئاراغا بازارغا تۇنىتالايدۇ.....ئويلاپ بېقىڭ سىز ۋە بىز نىڭ ئۆزلۈكسىز قوللاپ بېرىشىمىزدە مۇشۇنداق مىللىي كارخانىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە قانچىلىك ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىشسزلىق مەسلىسى ھەل بۇلۇدۇ؟ سىز بىز ئاشۇ لارنى قوللاپ تەرەققىي قىلىشىغا قۇلىمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلساق ئۇلارمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باياشات كۈنلەرگە مۇيەسسەر بولسا ئۇلامۇ سەبىي پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ ئۇلارنى ياخش ئۇقۇتۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلۇپ مىللەتكە تۆھپە قۇشۇشقا ماددى جەھەتتىن شارايىت يارتىپ بەرسە نىمانداق ياخشى ھە!!!مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرنى سۆيگەنلىك!!!!
دوسلار بولسا مۇشۇنداق ئۇيغۇرنى سۈيۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن پەيتتە ماۋۇ ئانا تىلىمىزنىمۇ قەدىرلىسەك،چىن قەلبىمىزدىن سۆيسەك:   تىل دىگەن بىر مىللەتنى،شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى،مەدىنيىتىنى،دىننىي ئىتقادىنى ساقلاپ تۇرغۇچى،تەرەقىي قىلدۇرغۇچى باشقىلارغا تۇنۇتقۇچى قورالدۇر ،ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆيگەندىلا ئاندىن ماۋۇ ئۇيغۇرنى سۈيەلەيمىز.شۇڭلاشقا  ئىمكان بار ماۋۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ،ۋە بىز ئادەتلىنىپ كەتكەن تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىغان خەنزۇچە دىسە ئۆلچەملىك خەنزۇچە ئەمەس ،يابىر ئۇيغۇرچە ئەمەس ئەبجەش ئاتالغۇلارنى ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇدا دىيىشكە تىرىشساق. (پەمىدۇرنى شۇخۇلا ؛ قىزىلمۇچنى لازا؛پالەكنى بوسەي............دەۋاتقان، سۆزلەپ كەلسەك بەك جىق بۇنداق ئاتالغۇلار  شۇڭا بۇ مەسلىگە دىققەت قىلساق.ما ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلار مۇشۇ كۈنلەردە بىر كىمگە گەپ قىلسا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كېتىپ بېرىپلام كالدىر-كۇلدۇر خەنزۇچە گەپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋاتقان بۇلۇپمۇ ما مەندەك مىنكاۋخەن بالىلاردا بەك ئېغىر  مەنغۇ بەك بەلام دىققەت قىلدىغان بۇپ كەتتىم.
   ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈگەن بالىلارنىڭ  كۆپۈنچىسى تەرەقىي قىلغان شەھەرلەردە قېپقېلىپ ئۆزىنىڭ  ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى شۇ يەردە جارى قىلدۇرۇشقا ،پارلاق كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشقا بەكراق ئىنتىلدىغان بۇپ كەتتى.ئويلاپ كۈرۈڭ ئاۋۇ يېزا قىشلاقلارغا سىز بىز  ،جاپا مۇشەققەتتىن قورقۇپ،مۇئاشنى ئاز كۆرۈپ بارمىساق ئۇ يەرگە كىم بارىدۇ؟ ئۇ يەرنىڭ مائارىپى ،يېزا-ئېگىلىى ،چارۋىچىلىقى ،ئورمانچىلىقى ،دېھقانچىلىقى ،مىللىي كارخانلىرى قانداق تەرەقىي قىلىدۇ؟قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋىي ئىشلەپ چىقىرىشتىن ماشىنچىلىققا،زامانىۋىلىشىشقا  تەرەقىي قىلىدۇ؟ شۇڭلاشقا دوسلار ماۋۇ يېزا قىشلاقلارنى يىراق كۆرمەي ،جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي،مۇئاشنى ئاز كۆرمەي ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇ يېزا قىشلاقلاردا جارى قىلدۇرۇپ ،شۇ جاپاكەش دېھقانلىرىمىزنى جاپا مۇشەققەتتىن قۇتقۇزايلى!!!
   يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كېلىپ ئىش ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە قۇلىمىزدىن كىلىشىمىزچە ياردەم قىلايلى،قويمىچى شىركەتلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى. يىتىم  يىسىرلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ قۇيايلى، قەھرىتان سوغوق بولغان قىش كۈنلىرىدە پات-پات بالا چاقىسى يوق موماي ،بوۋايلارنى يوخلاپ قۇيايلى،ئۇلارغا ئۇتۇن كەسلەپ بىرەيلى،پۇل يىغىش قىلىپ كۆمۈر ئەكىرىپ بىرەيلى.ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ھېچنىمىگە داخىل بۇلالمايدۇ، سىز بىزنىڭ 1 ئاي چەككەن تاماكىمىزنىڭ ،رېستۇراندا خەجلىۋاتقان بىر جوزا تاماقنىڭ پۇلىنى چىقىرىپ قويساق بەزىلەر بۇ دۇنيادا نەچچە كۈن بولسىمۇ ئۇزۇنراق ياشىشى مۈمكىن دوسلار.
  ماۋۇ ئېتېرنىىت تورىمۇ بەك تەرەقىي قىلدى  شۇڭلاشقا مۇشۇ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان دوسلار يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بىردىغان ،كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈت يۇلتىزلىرى  بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمىز ئۈچۈن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسلەرنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگۈنۈش توغرىسىدا ،ئمتاھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش،قانداق تاقابىل تۇرۇش،قانداق تاھتىتكا قوللۇنۇش ،بۇندىن كىينكى تەرەقىياتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ،ھازىر جەمىيەت قانداق كەسىپ ئىگىلىرىگە بەكراق مۇھتاج،قانداق كەسىپنىڭ تەرەقىي قىلىش ئىستىخپالى پارلاق،جەمىيەتتە يەنە قانداق بوشلۇقلار بىزنىڭ تولدۇرۇشىمىزغا مۇھتاج........دىگەندەك بىر قاتار مەسلە توغرىسىدا پات-پات ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرسا  مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى قىزغىن سۆيگەنلىك!!!
مىللي كارخانىلار مەلۇم مەھسۇلاتلارنى كەشىپ قىلىپ بازارغا سالغان بولسا ،توردا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ بېرەيلى،چۈنى بىز ئۇيغۇرلار بەكلام ئاز،خەنزۇ كان-كارخانىلار ،شىركەتلەر ،زاۋۇتلار نىمشقا تىز تەرەقىي قىلىدۇ ،نىمىشقا ئۇلار تىز بېيىيدۇ بىلەمسىز؟چۈنى ئۇلار سان جەھەتتىن سىزدىن ئۈستۈن،ئۇلارنىڭ ھەر ساھەدىكى تاۋارلارنى مىڭ ئادەمنىڭ ئارىسىدا بىرسى ئىستىمال قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى بېسىلىپ قالمايدۇ،ئەكىسچە تېخىمۇ تەرەقىي قىلىدۇ،تېخى بىزلەرمۇ ئۇلارغا ياردەم بىرىپ ،ئۇلارنى قوللاپ ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنى ئالىمىز، ئەلۋەتتە بەزى مىللىتىمىزنىڭ تاۋارلىرى ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ تاۋارلىرىدەك سۈپۈتلىك ،پۇختا ،جىڭ چىقمايدۇ،چۈنكى كۆپۈنچە مىللىي تاۋارلار ئىچىردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ بىرىدۇ خالاس.خوجايىنلار تاۋارغا كىتىدىغان تەنەرقىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ پايدىنى  بەكرق كۆزلەيدۇ. لىكىن ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس،شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك!!!
   يۇقۇردا دوسلار دىگەندك  بىر-بىرىمىزنى چاقىرتىشىپ ئولتۇرغاندا ئۆز-ئارا ياخشى كىتابلانى ھەدىيە قىلىشايلى،ھازىر ئۇيغۇر بالىلارغا بىزنىڭ تارىخىمىزغا ئائىت ئەينەن ۋەقەلىكى بار تارىخىي كىتابلارنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتمەيدۇ،شۇڭلاشقا دوسلار كىمنىڭ قۇلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتابلار بولسا ،ئىمكانىيەت بولسا ئاز-ئازدىن ماۋۇ ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان داستېرخانغا تۆكسەك،ئىمكانىيەت بولمىسا ئاشۇ كىتابلارنى ئىشەنچىلىك بولغان دوسلارغا ئەۋەتىپ بەرسەك ئۇلار كومپىيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئۇسۇلدا ما مۇنبەرگە يوللىسا  ئاڭلاپ باقمىغان ،كۈرۈپ باقمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانسا دىگەن ئۈمۈتە مەن،چۈنى مەن خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇغاشقا ئۇيغۇر مىللىتىگە ئائىت تارىخى رومان ئەسەرلەرنى ئەنە شۇ دوسلاردىن ،كىتاپخانلاردىن ،كۆپىنچىسىنى مانا مۇشۇ مۇنبەرلار يۈزىدىن تېپىپ ئۇقۇپ پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمەن.مەن ئۈزۈمنى بەزىبىر ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلاردىن جىقراق ئۇيغۇرچە تارىخى رومانلار ئۇقۇدۇم دەيمەن...شۇڭا مۇشۇ ئىشنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەك!!
    بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ تاپتا سىز ۋە بىزنىڭ ياردىمىمىزنى ،قوللىشىمىزنى،ھەمكارلىشىشىمىزنى تەقەزالىق بىلەن كۈتمەكتە شۇڭا ئاشۇنداق يۇلى بار پۇلى يوق،پۇلى بار يۇلى يوق دوسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتساق  ئۆز-ئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزسەك دەيمەن،ھازىر نۇرغۇن دوسلار مەلۇم سودا تۈر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئەتراپلىق پىلانلاپ،لەھىيەنىمۇ ئوتۇرغا قۇيۇپ بولغان بولسىمۇ  ئىختىساد مەسلىسى،تېخنىك مەسلىسى قاتارلىق بۇ ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز باشقا ئېلىپ چىقالماي يۈرمەكتە ،سىز بىز مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا قۇلىمىزدىن كىلىشىمىزچە ياردەم قىلايلى ۋە شۇنداقلا ھەمكارلىق ئورنۇتايلى،ما مەن ئۇيغۇر دىگەن قېرىنداشلارمۇ بەزى سودا ياكى مۇيىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلۇپ ئۆزىمىز قىلىشقا كۆزىمىز يەتمىسە  قورسىقىمىزدا سېستىۋەتمەي باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قۇيايلى ئۇنداق ئۆزىڭىز قىلالماي يا باشقىلارغا پۇرسەتنى ئۈتۈنۈپ بەرمەيدىغان ئىشلارنى قىلمايلى ،باشقىلار بولسىمۇ تەرەقىي قىلسۇن سىز بىز گە ھامىنى پايدىسى بار...
    دوسلار ما ئەيدىز دىگەن نىجىس كېسەل شىنجاڭ دىيارىدا يامراپ كېتىپ بارىدۇ ،شۇڭلاشقا دوس بۇرادىرىمىزلىرىمىزگە ياخشى تەربىيە قىلايلى ئۇلارنى يامان يولدىن تۇسايلى ،ما ئۆزىنىڭ خۇتۇنلىرىنى ئۆيدە تاشلاپ قۇيۇپ نەدىكى كەلسە كەلمەس مەينەت جەيغا باردىغان دوسلىرىمىز بولسا قاتتىق تەربىيە ئىشلەيلى،كېسەل دىگەن ئاشۇنداق مەينەت يەردىن يۇقۇدۇ.مۇشۇنداڭ ئۇقماي يولدىن ئېزىپ قالغان سىڭىلچاقلرىمىز بولسا ،ئۇلارنى كەمسىتمەي غەمخورلۇق قىلغان ھالدا ئۇلارغا ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى يامان ئەيشى-ئىشرەت يولىدىن تۇسايلى،ئۇلارغا چىقىش يولىنى كۆرسۈتۈپ قۇيايلى دوسلار.....
    بۇرۇن كىنولاردا كۈرۈتتۇق ئاق تاماكا چەككەننى ،ھازىر بولسا كوچا-كويلاردا ئەتراپىمىزدا .ھەتتا بىر سورۇندىى جوزىلاردا كۈرىۋاتىمىز ،بەزىلىرى تۇمۇرى قېتىپ قېلىپ ئۈلۈپ كىتىپبارغان،بەزىلىرى بىر قېتىملىق خۇمارىنى بېسىسش ئۈچۈن خۇتۇن باللىرىنى ئۇرۇپ ،ئاتا-ئانىسىنى قاخشىتىۋاتقان ھەتتا شۇ بىر بولاق ئاق تاماكا ئۈچۈن ئادەم بۇلىغان يا ئوغۇرلۇق يولىغا مېڭىپ قالغان،گاھىدا تېخى ئادەم ئۆتۈرۈپ تۇرمىدا يېتىپ قالغان،،،،،مۇشۇنداق ئىشلارنى كۈرۈپ تۇرغان ۋىجدانسىز خوجايىنلار ھارخىل ۋاستە ئارقىلىق سەبىي بالىلارنى ئاق تاماكىغا خۇمار قىلىپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بېيىش قورالى قىلغان.....دوسلار بىزمۇ بىر ئويغۇنايلى ئۇيغۇرلانى سۈيۈمىز دەيدىكەنمىز مانامۇشۇنداق ناچار يولاردا ماڭغان دوسلارغا تەربىيە قىلايلى،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلارنى نەدە كۆرسەك شۇ يەردە ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشچە يوقىتايلى!!!
    بۈگۈن مۇشىنچىلىك يازاي  ئاخىرىنى كىيىن يەنە يازامەن دوسلار.  ئاخىرىدا دوسلارنىڭ مىنى  چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،گەپ سۆزلەرنى تازا قاملاشتۇرالماي قالدىم ،ئىملا خاتالىقى جىقراق بۇلىشى مۇمىن  مەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئۆلچەملىك يېزىشقا تېخىمۇ تىرىشىمەن!!!

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 04:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنى سۈيۈش ئۈچۈن ئاۋال ئىنسان ئۆز قەدىر قىممىتىنى قىلىشى . ئۆز ئۆزىنى سۈيۈشى كىرەك . مىللەتنى شۇئار بىلەن ئەمەس ئەمەلى ھەركىتى بىلەن سۈيۈش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئاۋال ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتى تولۇق ھىس قىلىش بىلەن بىرگە جەميەتتىكى ئورنىنى تىپىشى كىرەك . شۇنداق بولغاندا ئادەم يالغۇز ئۆزىنلا ئەمەس جەميەتنى . ئىنساننى . ئىنسانىيەتنى سۈيەلەيدۇ . تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ . مەندەك ئۆزھالى بىلەن بۇلىدىغانلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئاۋارىچىلىغى بىلەن بىلەنلا ياشايدۇ . ئۆزىنى قانداق سۈيۈشنى بىلمىگەن ئادەم ئۆزگىنى سۈيۈشنى قانداق بىلىدۇ ؟ ( ئۆتكەندە بىر تويغا كىتىۋاتسام بىر ياش ئۇيغۇر بالا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سومكسىنى بۇلاش ئۈچۈن تارتىپ ئىغىز بۇرنىنى ئۇرۇپ قان قىلىۋىتىپتۇ . مەن ئايالى بولسىمۇ كوچىدا شۇنداق ئۇرامدۇ دەپ ئالدىغا بىرىپ نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن دىيىشىمگە قىز ئوغىرى دەپ توۋلىۋىدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاچتى مەن بىر توپ ئادەم بۇلۇپ ئارقىسىدىن قوغلىدۇق . كىتاپخاننىڭ يىنىغا كەلگەندە تۇتۇلدى . ئارلىقتا بىرەر يۇز ئادەم ئۇنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ ھۇشىدىن كەتكۇزىۋەتتى . يەنە بىر توپ يىگىتلەر قىزنى ئىككىنچى دوختۇرخانغا ئاپىرىپ ياتاققا ئاپتۇ . قىز ھامىلدار بۇلۇپ جىق قان چىقىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن جىددى ياتاققا ئالمىسا ئۈلۈپ قالار ئىكەن كىين ئاڭلىسام ھىلىقى يىگىت ھۇشىغا كەلگىچە باللار ساقلاپ تۇرۇپ يەنە ئۇرۇپ پۇت قولىنى سۇندۇرۋەتكەندىن كىين كوچىغا ئىتنىڭ ئۈلۈگىنى تاشلىغاندەك تاشلاپ كىتىپتۇ ) ھازىر بىزدىكى ئاپەت خارەكتىرلىك كېسەل بىلىمسىزلىك . روھى نامراتلىق ۋە تەپەككۇر نامراتلىغى . كىتاپ ئوقۇماسلىق . ئۆز كەسپىدە چۇڭقۇر ئىزدەنمەسلىك قاتارلىق بىر تالاي مەسىللەر بار . كىتاپ بىزگە نىمە ئۈگىتىدۇ . ئەدلى ئادالەتنى قانداق . ياقىلاشنى . ياراتقان ئىگىسىنى قانداق تونۇشنى . ھەق ناھەققە بولغان توغرا ۋە ئىلمى كۆز قاراشنى . ئۆزىگە خاس مەيدان بىلەن مەۋقەنى . پىكىر قىلىش يولىنى . خەق دەپسەندە قىلىپ تاشلىۋەتكەن كۆز قاراشقا بارىكاللا ئىيتشىنى ئەمەس مەلۇم ئىش ۋە ھادىسلەرگە ئۆز ئالدىغا باھا بىرىش ھەم ھۈكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى بىرىدۇ . بىز بىلىمنىڭ بىزگە نەپ بىرىدىغانلىغغا ئىشىنىمىز . لىكىن ھىچكىم بۇ ھەقتە چىڭراق ئويلىنىپ كىتاپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ « مۈشكۇل » جاپاغا چىدىمايدۇ . ھەممە ئادەم ئۈلۈپ كىتىدىغانلىغىنى بىلىدۇ لىكىن ئەھمىيەتلىك ياشاش ئارقىلىق ئەھمىيەتلىك ئۈلۈم يولىنى تاللاشنى خالىمايدۇ . ھەممىزدە ئەقىل بار لىكىن شۇ ئەقىلنىڭ نەگە كىتىۋاتقانلىغى ۋە نەلەردە ئىسراپ بۇلىۋاتقانلىغى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ . شۇڭا بىزدە ئەگەشمە ئىدىيە كۆپ . ئەگەشمە پىكىر كۆپ . ئەگەشمە ھىسيات ۋە ئەگەشمە بىلىم كۆپ ( روزى سايىت يازغان دىھقان بولماق تەس دىگەن شېئر بىلەن تەڭ بىزدە ئاتالمىش تەس دىگەن ئەگەشمە پىكىر ئىقىمى ھەممە يەردە يامراپ ئۇنى قىلماق تەس . بۇنى قىلماق تەس . ئۇ بولماق تەس بۇ بولماق تەس دىگەن پىكىر دۇنيادا ھىچكىم قىلىپ باقمىغان گەپتەك تۇيۇلۇپ كەتتى . يەنە بىرى نۇرغۇن باللار تور لاھىيەلەش ئۇستىسى بۇلۇپ يىتىشتى لىكىن بىرسى بىلەن بىرسىنىڭ پەرقى يوق . سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغانلار بىلەن تىببى ئۈنۋىرسىتتىدا ئوقۇغانلارنىڭ پىكىردە پەرقى بولمىغانغا ئوخشاشلا پەقەت خەنزۇچە تور بەتنى تەرجىمە قىلىپلا چاپلاش ھەممىسىگە ئورتاق ئەگەشمە بىلىم بۇلۇپ قالدى . ئۈزى تور بەت يازالايدىغان . بۇ ھەقتە بەكرەك ئىزدەنگەن باللار بەك ئاز . سەنئەت ساھەسىدە تەنبۇرچىغا نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن پەللە . راۋاپچىغا داۋۈت ئاۋۈت پەللە . بارلىق موزىكانىتقا ھىكىم ھەسەن پەللە  ئۇلاردىن ھالقىش كىرەك . دۇنياۋى سەنئەت ئىقىمغا تەۋە  ئىجادلارنى قىلىش كىرەك  . ھەتتا ئۇلاردىن ھالقىش دىگە ئىدىيە بىلەن تەنبۇرنى چىڭراق چىكىش كىرەك )  شۇڭا بىز پەقەت تار دائىرىدە قاپسىلىپ قىلىپ دۇنياۋىلىشش دىگەن ئۆلچەمدىن تولىمۇ يىراقتىمىز . تىرىشىش ۋە پىكىر دىگەن يالغۇز يازغۇچى شائىر قىلىدىغان نەرسە ئەمەس . شۇڭلاشقا بىزدە ھىچ بولمىسا ئۆزىمىزنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىدىغان روھ بولسا ئىدى ئۇگەنگەن بىلىمنى ئىقتىزادى قىممەت يارىتالايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ مۈستەھكەملەشكە شارائىت بار ئىدى .  ھەر يىلى بىزدە ئالى مەكتەپ پۇتتۇردىغان ئوقۇغۇچىلار مىڭلاپ مىڭلاپ خىزمەتكە چۇشىدۇ . لىكىن ئۇلار بىر ئورۇنغا پۇتنى تىقىپلا كاستىيۇم بىلەن گىلاستۇك تاقاپ ئولتۇرۇشقا بارغىدەك شارائىت ھازىرلانسا بولدى ئۇنىڭ مۇرادىغا يەتكىنى شۇ . تۆت يىل ئالى مەكتەپتە دەرستىن زىرىكىپ تور سىمى ئۇلاغلىق ئىشخانغا ئورۇنلاشقان بىر ئىنساننىڭ يەنە ئۇگىنىش قىلىشنىڭ . تىرىشىشنىڭ . بىلىمىنى مۇكەممەلەشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ تالاي ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيى پەقەت خىزمەت تىپىش ئۈچۇنلا تۇرسا خىزمەتكە چىقتى بولدى ئۇنىڭ تىرىششىنىڭ ھاجىتى يوق . ئارتۇق بىلىم باشقا بالا . شۇڭا ئۈگىنىشنىڭ ئورنى يوق . ئىش مۇشۇ ھالەتتە ماڭسا جەميەتتە كۈيۈنۈش ئەمەس شەھەر گادايلىرى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ . قولدىن باشقا ئىش كەلمىگەن ئىكەن ئۆزىگە ئوخشاش بىر نەچچە نامرات بىلەن ئۆلپەت بۇلۇپ نامراتلىق پەلسەپسىىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىش بىلەن بىرگە ھاياتىدا، نەتىجە قازانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسنى تىللاپ سۈكۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئازاپلىق كۇڭلىگە مەھلەم ئىزدەپ ياشىغىنى ياشىغان بوپ قىلىۋىرىدۇ . ھىلىمۇ ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىسمەنلىرى خىزمەتنى تاشلاپ يالغۇز ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياشلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بۇلىۋاتىدۇ . ئۆزىنى جەميەتنىڭ قاڭالتىر چەمبىرىگىدىن ئاجىرىتىپ خىزمەتسىزمۇ جىننى بىقىۋاتىدۇ . مەن ئەركىن ھاشىمدەك شەخسلەرنىڭ مۇۋاپىقيىتىدىن بەكرەك ئۇنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ( مەندىن سىز نىمىشقا خىزمەت قىلسىز دەپ سورىسڭىز مەن سىزگە مەن چىقىپ كەتسەم بىر كىشىلىك سەنئەت ئۆمەك قۇرالمايمەن شۇڭا مەن تىخىمۇ كۆپ ئادەملەر بار بولغان بىر سەنئەت جەميىتىگە مۇھتاج دەپ جاۋاپ بىرىمەن ) بولمىسا ئۇمۇ بۇگۇنكى كۈندە ئىسىسغلىق پۇلىنى بەرمەپتۇ . مىنىڭ مائاشىم قاچان ئۆسەر دەپ كوتىلداپ نۇرغۇن ۋاختىنى ئىسراپ قىلىپ يۇرەر ئىدى . مەن ھەر يىللىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆرسەم ئىنسانغا ياراشقان تىرىشچانلىقنىڭ مىۋىسىنى كۆرگەندەك بۇلۇپ خۇشال بۇلىمەن . ئىگىزگە سەكرىگۇچىلەر . يىنىك ئاتلىتكا ئوينايدىغانلارنىڭ كارامەتلىرى ئەقلىمنى لال قىلىدۇ . نۇرمال ئادەم قىلالمايدىغان ھەركەتلەرنى ئۇلار قىلالايدۇ نىمىشقا ؟ ئۇلار تىرىشىدۇ . كىچە كۈندۇز شۇ ئىشنىڭ پىيىدە بۇلىدۇ . شۇڭا ئۇلار قىتئە قىتئەلەردىن كىلىپ بىزنى ھاڭ تاڭ قالدۇرۇپ كىتىدۇ  .

كەچ بوپ كەتتى ئەتە يازاي

UID
4424
يازما
65
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2195
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 09:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى تەخمىنەن مۇنداق بولسەك بولار  دەپ ئويلايمەن.
تۇغۇلۇپ 20 ياشقىچە:باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دىگەندەك بولۇپ جەمىيەتتە ھېچقانداق ئورنى يوق.
20-30ياش:جەمىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان.ئاساسى قاتلام دەپ قويىمىزمۇ.
30-40ياش:گەرچە جەمىيەتتە ئەڭ چوڭ ھوقوق شۇلارنىڭ بولمىسىمۇ،جەمىيەتنىڭ كىيىنكى يۈلىنشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلار.
40-60ياش:ھەممىدىن چوڭ ھوقوق مۇشۇلاردا.دىگىنىنى قىلىدۇ،قىلغىنى قىلغان ئەتكىنى ئەتكەن.

دىمەك
1960 -1970قىچە بولغانلارنىڭ(40-50 ياش) ھازىرقى جەمىيەتتىكى رولى ئەڭ چوڭ.
بۇنىڭغا جۇڭگو تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى قوشساق:مۇشۇ ياشتىكىلەر ئاساسەن مەدىنيەت زور ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغانلار.

مەسئۇلىيەتنى بىرەرسىگە ئارتىپ قۇتلىشىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.
شۇنداقتىمۇ،شۇلارنى قېرىتىپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتسەك،1970 تىن كىيىنكىلەر جەمىيەتتە ئاساسلىق رول ئالىدىغان بولغاندا،كۈنلىرىمىز ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ.

1960 دىگەننى 1970 كە ئۆزگەرتىش تەكلىبى بېرىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 11:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4. ئىلمىي، سوغۇققان يوسۇندا ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئۆزىمىزنى تەنقدنى كۈچەيتىش
     بۇ ئەمەلىيەتتە مىللەتنى كونكرېت يوسۇندا سۆيگىنىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. سەۋەب شۇكى، ئۆزىمىزىنى زىيادە پەس كۆرۈۋېرىپ، يېتىمچىلىك ھېس قىلىۋېرىپ ياخشى گەپتىن باشقىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. بۇ ئەھۋال يۈز تۇرانە ئالاقىدە، سورۇنلاردا يالغان گەپ، خۇشامەت شەكلىدە ئەكىس ئېتىدۇ. مەتبۇئاتلاردىمۇ يەنە شۇ جايىنى تاپمىغان ماختاش.
        ئەمدى مەدھىيە مارامچىلىقى مۇنبەرلەرگە كۆچتى. ئەلكۈيى مۇنبىرى (قالغان مۇنبەرلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن خەۋىرىم يوق) ھازىر بۇ جەھەتتە خېلى ئىلگىرىلەپ ، ئەزالار ئورۇنلۇق تەنقىد بولسىلا ئاڭلايدىغان بولدى. باشقا تەنقىدلەر بىلەن بىر قاتاردا  مېنىڭ ئەقىدسىزلىك، پاخال يازما، زىيادە رومانتىكىلىق، شېئىرنى ۋاشاڭ قىلىش، مۇنبەردە قىز مارىلاش ھەققىدىكى تەنقىدلىرىمگە مۇنبەردىكىلەرمۇ كۆنۈپ قالدى (ھەم مەنمۇ مۇنبەرداشلارنىڭ تەنقىدنى سىلىقراق قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلدىم ۋە بۇ قېتىم شۇنداق قىلشىقا تىرشتىم).
       ئەمما، مېنىڭ مېھرىمنى تارتىپ تۇرغان يەنە بىر مۇنبەردە -- يازغۇچىلار تورى مۇنبىرىدە يېڭى ئېېچىلغاچىقىمۇ ، ئىشقىلىپ، ھازىرچە بىر خىل سۈنئيىلىك، خەقنىڭ چىرايىغا قاراش خاھىشى ۋە  مەدھىيە مارامچىلىقى ئېغىر. بەلكىم بۇ يۈزلىنىش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ مۇنبەردە ئوڭشىلىپ قالار. خوش-خوشچىلىقنى، مەدھىيە مارامچىلىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ئەينەك بولۇشىمىز، بىر-بىرىمىزگە بولمىغان  يەرلىرىمىزنى كۆرستىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئۆزگەرمىسە، تەنقىد بولمىسا، بىر جەمئىيەت كىشلىرى ---خۇسۇسەن مۇنبەر ۋە مۇنبەرداشلار ئىلگىرى باسمايدۇ. بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن ئەينەك. قۇرۇق مەدھىيە بىزنى ئالغا باستۇرمايدۇ، ساغلام تەنقىد مۇھىتى-- بىر ساغلام جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن بىر ياخشى مەتبۇئاتنىڭ، بىر  ياخشى مۇنبەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى.
      مۇشۇلارنى ئويلىغان ۋاقتىمىدا، ئەينى ۋاقىتتكى ئۇيغۇر ئەدەبياتىدا مېنى رام قىلغان قايناق تەنقىد مۇھىتىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تېيپىجان ئېليوفنى تەنقىدلىشى، يالقۇن روزىنىڭ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "خاسيىەتلىك قار" پوۋېسىتىنى تەنقىدلىشى، مۇھەممەت پولاتنىڭ سەيپۇل يۈسۇپنى تەنقىدلىشى؛ يەنە مۇنازىلەردىن قۇربان بارات بىلەن ئەخمەتجان ئوسمان ئوتتۇرىسدا "تۈگىمەس ناخشا" نى چۆرىدەپ بولغان مۇنازىرە؛  ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابلىكىم خېۋىر(بۇ ئادەم چۈشەنمەي تەنقىد قىلغان ئابدۇقادىر جالالالىدىننى)، تاھىر ھاموت، بەرقى قاتارلىق تۆت ئەدىب ئوتتۇرىسدا "ئەدەبيات ۋە مەۋجۇدىيەت" تېمىسىنى ياقىلاپ بولغان مۇنازىرەلەر؛ كىرىمجان ئابدۇرېھىم بىلەن يالقۇن روزى، مەمتىلې قادىر بىلەن ئابدۇۋەلى كېرەم ئوتتۇرىسىدىكى "ئىنسان خاراكتىېرى قېلىپقا چۈشەمدۇ؟" تېمسىدىكى مۇنازىرەلەر تامامەن زۆرۈر ۋە يوللۇق ئىشلار ئىدى؛ ھەم  شۇ ۋاقىتتىكى قايناق ئەدەبيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە زور تۆھپە قوشقانىدى. شۇڭا ھازىرغىچە مېنى سېغىندۇرىدۇ. ئەمدىى بىزنىڭ يازما ئەدەبياتىمىزدىكى ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرگە ۋە تەيپۇنەم ئۆلچەملىرىگە تەنقىدي قاراپ چىقىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى( بۇنىڭ مۇھاكىمە ئاساسىنى 15-تارماقتا قويىمەن).
        مۇنبەرلەرگە چىققان ئىجتىمائىي تەنقىدلەردىن "ئارمان شېركىتىگە ئوچۇق خەت" (تەنقدىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ ئارمان شېركىتى ھاراقنى پوكەيلەرگە تىزماس بولدى ۋە ئىخلاسنڭ مەھسۇلاتلىرىنى قويدى)، "تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى قاپاقباشلارغا"(ئاپتورى ئېسىمدە يوق)، "تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى ۋە ھېيىتلىق پروگرامما(ئوبروز)"، "ئەرتۈرككە تەنقىد: جىنسيەت ۋە ئەدەبيات"(گۈلەن)، "دىلنار ئابدۇللاغا تەكلىپ"، "كۈنىسىرى سارغىيۋاتقان تورلىرىمىز"(يۈكسەل) دېگەندەك ياخشى تېمىلار مېنى قاتتىق سۆيۈندۈردى.  بۇنداق تەنقىدلەر بىر جەمئىيەتكە تامامەن كېرەك. بۇنداق تەنقىدلەر ئىلمىيلىكى بولسىلا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك.
  ئەمما، تەنقىد بولۇش دېگەنلىك بىر ئادەمنى ئاغىزىمىزغا كەلگەنچە، ئاساسسىز تەنقىدلەش دېگەنلىك ئەمەس. تەنقىد چوقۇم پاكىتلىق، ئىلمىي بولۇشى،  مۇھاكىمە ئاساسى تاپشۇرۇلۇشى، بىر تەنقىدتە بەك جىق ئادەمنى مىكرو ئىنكلاسلاردا تەنقىدلەشتىن ساقلشنىمىز لازىم. بۇ قارشى تەرەپنى قايىل قىلالمايدۇ. مەسىلەن، يېقىنىدا بىر مۇنبەردە "باھادىرنامە" نى 15 بەت ئوقۇغان بىر قېىرىندىشىمىز بۇ روماننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ئاپتورغا قاتتىق ئۇۋال قىلدى. مەن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. ئەمما، باشقىلار تېما يازغۇچىىغا تەنقىدي پىكىر بېرىپ ئىنكاسلار خېلى بىر يەرگە بارغاندا ئۇ تېمىنى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئىپادە بىلدۈرمىدىم. يەنە بىرەيلەن بىر مۇنبەردە بىر ئائىلىنىڭ  فامىلىسىگە ھاقارەت قىلىدىغان بىر "تەنقىد"نى، كىچىكىكىنە يازمىدا 20-30 ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھا بەرگەن بىر يازمىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. بىز بۇنداق تەنقدىنى قارشى ئالمايمىز. شۆھرەتلىك يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر راست دەيدۇ: "تەنقىد ئوبيېكتىغا تەسىر قىلالمىغان تەنقىدچى مەغلۇبىيەتچىدۇر". تالانتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق ئاكىمۇ مۇنۇ مېغىزلىق قارىشى بىلەن بۇ پىكىرگە ياندىشىدۇ: "تەنقىدچى تەنقىد ئوبيېكتىغا مېھىرىنى بېرىشى كېرەك"(بۇ گەپ ماڭا قالتىس تەسىر قىلدى). يەنە مۇھىمى، تەنقىدچى ئۆزى شۇ ساھەدە ھېچىنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ قالايمىقان بىلجىرلىماسلىقى كېرەك.
       ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تەنقىد قىلىش مەسىلىسگە كەلسەك، مېنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى ۋە رېتىسپىم بار. ئەمما، ئۆزۈمنى بازارغا سالغاندەك بولماسلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمايمەن. قىسىقىسى، بىر ئادەم پات-پات ئۆزىنى ئۆزى سوراققا تارتىپ تۇرۇشى كېرەك، ئۇنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ قاملاشمىغان يەرلىرى ھەققىدە ئويلىندىغان ۋاقتى بولۇشى كېرەك. ئۆتكۈر پىكىر ئىگىلىرىنىڭ تەنقىدي ماقالىلىرىنى ئوقۇش، پىكرىگە قۇلاق سېلىش، چوڭقۇر، ئىلمىي، سېىستمىلىق يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرۇشمۇ ياخشى ئۇسۇل. چۈنكى، بىز ئاشۇ پىكىرلەردىن ھۇزۇرلنىۋاتقان چېغىمىزدا، ئاڭىسىز ھالەتتە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتقان، نادانلىقىمىزنى يوشۇرۇن مەسخىرە قىلىۋاتقان بولىمىز.
        ئۇنىڭدىن باشقا ، جەمئىيەتتە روھنى ئۆلتۈرىدىغان شەكىلسىز نەرسىلەر بولىدۇ. بىز شۇنداق نەرسىلەرنى چوڭقۇر پىكىر قىلىش، ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىپ تۇرۇش، ئادەتلەنگەن تۇرمۇش شەكلىدىن گۇمانلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بايقىيالايمىز. بۇ كۈنلەردە ئەنە شۇنداق روھ ئۆلتۈرىدىغان، ئەمما ئۆزىمىز سەزمەيدىغان  ئامىللارنىڭ تەسىرىدە زېھىنىمىز بولغنىۋاتىدۇ، تەپەككۇرىمىز زەخمىلىنىۋاتىدۇ، قەلبىمىز قاراڭغۇلشىۋاتىدۇ، تۇيغۇلىرىمىز ئۆلۈۋاتىدۇ، ۋجدانىمىزنى ئىت يەپ كېتىۋاتىدۇ. بولۇۋاتقان ئشىلار بىزگە مۇنداق زۆرۈرىيەتنى ھېس قىلدۇرماقتا: "ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت!"
          ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمسىەك بىزنى باشقىلار ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭا،  بىزگە ئىلمىي بولغان تەنقىد كېرەك؛ ئۆزىمىزنى تەنقىدلىشىمىز تېخىمۇ كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ  مەسئۇليەتچان بولۇشنىڭ ، مىللەتنى كونكرېت يوسۇندا سۆيۈشنىڭ ئاددىي بىر ئۇسۇلى.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 12:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇرنى سۆيۈشنى سۈيئىستىمال قىلىش ھەققىدە توختىلاي
مەن ھازىر ھەيۋەتلىك گالىستۇك تاقىغان "ئالىملار"نىڭ بۈيۈك خەلقىم، ئۇلۇغ مىللتىم، دېگەن گەپلەنى ئاڭلىسام سوغۇق كۈلۈپ قويىمەن. بىر قىسىملار ئەمەلىيەتتە مىللىي ھىسسىياتنى شوتا قىلىۋاتىدۇ. ئۆزى ياقتۇرمىغان كىشىگە، شەيئىگە، ھادىسىگە مىللەت ياخشى كۆرمەيدۇ، دەپ خۇپسەنلىك قىلىپ ئاۋامنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ.
ماڭا بىرقىسىم ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ زىيالىلارنىڭ، يەنىمۇ ئىنچىكىلىسەم مەن بىلىدىغان بىر قىسىم يازغۇچى ۋە پروفېسسورلارنىڭ ئۇيغۇرنى سۆيۈشلىرى يالغاندەكلا تۇيىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىلا سۆيىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە
1. ئۇلارغا يازغانلىرىدىكى ياكى سۆزلىگەنلىرىدىكى نوقساننى كۆرسەتسەڭ ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. مەن دەرسنى تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ ئۆتىدىغان، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىپ، شۇنى دەرس ئۆتكەنگە ھىساپ دەيدىغان بىر ئۇلۇغنىڭ قىلغىنىنى كۆزۈمگە سىغدۇرالمىغىنىم ئۈچۈن، تاس قالغان ئوقۇش پۈتكۈزەلمىگىنى. يەنە بىر ئۇلۇغ كىشى كىتابىدا گۇمانىزىم، كىلاسسىزىم، قامۇسچىلىق ھەركىتى دېگەندەك .ئاتالغۇلارنى خاتا قوللانغانىكەن، مەن شۇ ھەقتە تۈزەتمە بېرىپ قويسام، ھازىرغىچە مېنى يامانلايدۇ.
2. ئۇيغۇرنى ساختالىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ.
مەلۇم بىر زات، نەۋايىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نەۋايى ئەسەرلىرىدە خەنچە سۆزلەرنىڭ جىقلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ۋە ناۋايى شىئېرلىرىدىن بۇددىزىم ئىزلىرىنى تاپماقچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىكى ھازىرقى خەنچە گەپلەر ناۋايى دەۋرىدىمۇ بولۇشى كېرەكمىش، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىسپاتى خەنچە سۆزنىڭ كۆپلۈكىمىش...
3. ئۆزى قىلالمىغان ئىشنى، ئۆزى ياقتۇرمىغان نەرسىنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا پىنينىدە ساۋادى چىققان بىر قىسىم پرافېسسورلارنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى پىنيىنغا ئۆزگەرتىش تەرەپتارى بولۇۋېلىپ بۇنى مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە "قوش تىل" مائارىپىغا باغلاپ ئالدامچىلىق قىلىشى مىسال بولالايدۇ.
4. ئۈچ يۈزلىمىچىلىك قىلىدۇ
بىر قىسىم تەتقىقاتچى پروفېسسورلار ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتقا ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ دېگەندەك داڭقان پۇتى گەپنى ھاياجان بىلەن قىلسا خەنچە مەتبۇئاتقا ئۇيغۇلار جوڭخۇا مىللىتى بولغاچقا ئۇلۇغ، قالاق بولغاچقا نامرات دەيدۇ. چەتئەل مەتبۇئاتىغا ئۇيغۇرلار ئۆتمۇشكە باققاندا ئۇلۇغ دەيدۇ، يىغىپ كەلگەندە "ئۇلۇغ" دېگەن سۆزنى دائىم تەكرارلايدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەممىنى ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسلى مەن ئۇلۇغ دېگۈسى بار. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇلۇغ دېگىنى ئەمەلىيەتتە مەن ئۇلۇغ دېگىنى.
5. ئۇنۋان ئۈچۈن، پۇل ئۈچۈن ساختا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە كېرەكسىز ئادەم تەربىيەلەيدۇ.
چۈنكى ئۇلارغا ئەڭ موھىمى مائاشى. مەن ئۇيغۇر ئاسپىرانت يېتەكچىلىرىنىڭ تەلەپنى مەسئۇلىيەتسىزلەچە تۆۋەنلىتىپ بىر تۈركۈم ساپاسىز كىشىلەرگە دېپلۇم تارقىتىۋاتقانلىقى، كىتاپ يېزىش، ئۇنۋان زۆرۈرىيىتى بىلەن يالغان مەلۇمات يوللاپ سىياسەتنىڭ خاتا بەلگىلنىشىگە دەستەك بولۇۋاتقانلىقىنى...
6. ئەخلەت كىتاب نەشىر قىلدۇرىدۇ ۋە ئېسىل كىتابلارنى چەكلەيدۇ.
شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر بار. ئۇلار خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ يىلىغا ئىككى ئۈچ پارچىدىن ئەخلەت كىتاب چىقىرىدۇ...مەلۇم كىشى ئۆز كىتابىنىڭ سېتىلماي قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇنداق بەلگىلىمە چىقارغۇزغانكى، شۇ ساھەدە ئۇنىڭ تەستىقىسىز شۇ ساھەگە ئائىت كىتاب چىقمايدۇ، باشقىلار شۇ ساھەگە ئائىت ماقالە يازماقچى بولسا چوقۇم شۇ كىشى تەرجىمە قىلغان كىتابتىن پايدىلىنىشى كېرەك...
بۇلارنىڭ ئورتاق باھانىسى شۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەت ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن دەپ ئاغزىدىن شالۋاقلىرى توختىمايدۇ. بۇ ھەقتە ئابلىكىم كەلكۈن بىر ئىتوت يازغانىكەن، ئۇنىڭدا لەغمەنگە ئامراق ئالىم ئۇيغۇرنى لەغمەن مىللىتى دەيمىش، پولۇغا ئۆچ تەتتىقاتچى پولۇ ياتنىڭ دەپ ئىسپاتلايمىش، سۇغا ئۆچ پروفېسسور سۇ ئىچىش مىللەتنى زەيىپلەشتۈردۇ دەيمىش...ئاڭلىسام شۇ مىللەتسۆيەر زىيالىلار بۇ ئىتوتنى باستۇرۇپ قويۇپتۇمىش.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 13:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزرە
كەچۈرۈڭلار، مەن تېمىدىن چەتنەپ گەپ قىلىپ قويۇپتىمەن. دېمىسىمۇ بولىغان گەپەر دېيىلىپ كېتىپتۇ. بولۇپتۇ، باشلىغاندىن كېيىن ئاخىرىنىمۇ دەۋىتەي.
7. تارىيىۋاتقان "ئۇلۇغلۇق" چەمبىرى
يالقۇن روزى ئاۋۋال ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە سانائىتى ھەققىدە ماقالە يازدى، كېيىن ئارتۇشقا ئاتالمىش "ياغما روھى" غا كۆچتى، ئاخىرىدا "قەدىمكى يۇرت ئاغۇ ۋە ئاغۇلۇقلار" دېگەن كىتابنى چىقاردى. چۈنكى يالقۇن روزى ئەپەندى ئارتۇچنىڭ ئاغۇ كەنتىدىن ئىكەن. بۇ ئۈچ باسقۇچلۇق تەرەققىيات نەگە كېتىۋاتىدۇ، مەن ئۇلۇغ دېگەننى ئىسپاتلاشقىمۇ؟
مەن بۇنى بىر يالقۇن روزىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا دېمدىم. بۇنداق كىتاب يېزىش ھازىر ئەۋج ئېلىپ قالدى. بۇمۇ مىللەتنى سۆيۈشنى سۈيئىستىمال قىلىشقا كىرىدۇ. مەن پەقەت مۇشۇ خىل كىتاب يازىدىغانلارنى بىر ئويلۇنۇپ باقسا دەيمەن. يالقۇن روزىنىڭ توھپىسىنى ئىنكار قىلىۋاتقىنىم يوق. گۇمانىمنى دەپ باقتىم، مەقسەد بۇ ئىشنىڭ ھادىسىگە ئايلىنىپ ئەۋج ئېلىم كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇيغۇر زادىنىڭ تېتىملىق مۇلاھىزىلىرىنى ۋە باشقا دوستلارنىڭ دىلكەش بايانلىرىنى سۆيۈنۈپ ئوقۇۋاتىمەن. تەپەككۇرۇڭلار ھارمىغاي.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 13:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى يېزىپتۇ. مەنمۇ قايسى كۈنى بىر ئىلىم ساختپىزىنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم. ئۇ ئىنتايىن مەسئۇليەتسىز بىر ئىلىم ھايانكىشى ئىدى.
بۇنداق ئشىلارغا گەپ قىلماي بولمايدۇ.

ماۋۇ ئىنكاس يەنە تەستىقلانغاندىن كېيىن كۆرۈنەمدۇ، بىر قاراپ باقاي. بايا ھەپسىگە ئوخشاپ قاپتىكەن ماۋۇ يەر.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 13:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن، يالقۇن روزىنىڭ ئابدۇشۇكۈر مەمتىمىن ۋە ئەسئەت سۇلايمان ئەسەرلىرىنى چىقىرىش، دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئەدەبىيات دەرسىلىكىىنىىڭ تېكىستلىرىنى تاللاش، مەۋجۇت مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش  قاتارلىق جەھەتلەردە ئشىلىگەن خىزمەتلىرى بار. لېكىن، بۇ دېگەنلىكىم ئۇنىڭ يازغان ھەممە نەرسىىسىگە قوشۇلىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
        دېمەكچى، ماۋۇ تېمىنىڭ يەنە گۇرۇھۋازلىققا تۇتۇرۇق بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.
       ئىلىم ساختپەزلىكى ھەققىدە سىز بىلىدىغان پاكىتلار بولسا قويۇڭ. بىلىپ قالايلى.
رەھمەت سىزگە!

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش