ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 17:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە بېگانەنىڭ  13–قەۋەتتىىكى تەسرىلىك ئىنكاسىنى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى:
مەن ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاپامدىن چوڭ ياشلىق ئاياللارنى تونۇمىساممۇ كۈلۈمسىرەپ ئەھۋال سورايمەن .يەسلىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ بۇرنىللىرنى ئېيتىپ قويۇشنى خوشاللىق دەپ بىلمەن.
مىنىڭ سۆيۈشۈم ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللاردىن تەركىپ تاپقان.


     يۇقىرىقى ئاددىي، ئەمما تەسىرلىك ئىنكاستا ئىىشارە قىلىنغاندەك، بۇ بۆلەكتە كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق ئايرىم شەرھلىنىدىغان مۇنداق ئىككى نۇقتا بار. بىرى يېنمىزدىكى ئادەملەرنى سۆيۈش،كىچىك ئىشلاردىن باشلاش؛ يەنە بىرى ھەركەتلىرىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى ئويلىنىش.
       يېېنىمزدىكى ئادەملەرنى سۆيۈش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاش  ھەققىدە مېنىڭ مۇنداق ئىككى كەچۈرمىشىم بار. بىرى، بىر ئوسمىچى قىز ھەققىدىكى ئەسلىمە. يەنە بىرى يولدىشى ۋە بالسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ قازان نېنى سېتىپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان خېجاسەنلىك بىر مسكىىن ئايال بىلەن ئۇچرىشىىش خاترىسى.
     2008-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا چۈشتىن كېيىن ئىككىلەر ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى مەشرەپ رىستورانىغا بىر يىگىت ئولتۇرۇشىغا ماڭدىم.  كېتىۋېتىپ بۇلاقبېشى كوچىسى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈشنى ئۇچراتتىم. ئالدىغا نەچچە باغلام ئوسما تىزغان، ياغلىق چەگكەن  ئون نەچچە ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزى ئوسما ئالىدىغان ئادەم بولمىغاچقىمۇ،ئەيتاۋۇر، بىر كىتابنى تىزىغا قويۇۋېلىپ كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. قىزنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقان تۇرقى ئىنتايىن ئەستايدىل ئىدى. تەسرلەندىم، تۇرۇپلا قىزنىڭ ئوسىملىرىنى سېتىۋېلىش خىيالىمغا كەلدى. لېكىن مەن رېستورانىغا كېتىۋاتقان بولغاچقا بۇ ئوسمىلارنى نەگە قويۇشنى بىلمەيتتىم. يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرغىنى ئاۋۇ كىتاب بىلەن قىزنىڭ يېنىدىكى ئازغىنا روزىغارى بولغان نەچچە باغلام ئوسىمىنىڭ سلېشتۇرما ھالەتتە كۆزگە تاشلىنىشى بولدى.
        قىزدىن ئەھۋال سورىدىم، جەنۇپتىكى بىر ۋىلايەتتىن چىقىپتۇ، ئاپىسى ئۆيىدىكەن، دادىسى ھارۋا سۆرەپ مېۋە ساتىدىكەن. يېنىمنى ئاختۇرسام ، پۈتۈن پۇل بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ يۈەن پارچە پۇل چىقتى. ئۇنىڭغا نەچچە باغلام ئوسما ئالدىم. قىز قولۇمدىكى پۇلنى ئېلىپ رەھمەت دېدى ۋە ئوسىمىلارنى خالتىغا سېلىپ بەردى. مەن قىزغا ياخشى ئوقۇشنى تاپىلاپ ماڭدىم. ئەمما، بۇ ئوسمىلارنى مەن ئشىلەتمەيتتىم. قانداق قىلىش كېرەك؟ قىزغا قايتۇرۇپ بەرسەم غۇرۇرىغا تەگكەندەك ئىش بولۇشىدىن ئەنسىرىدىم(ئەختەم ئۆمەرنىڭ "بىلەيچى بولۋاي" ھېكايىسدە شۇنداقرق كۆرۈنۈش بار). ئاخىرى، رېستورانغا ئوسما كۆتۈرۈپ كىرىشنىڭ بىئەپ ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوسمىلارنى نېرىراقتىكى بىر لەڭپۇڭچى ئايالغا بېرىۋەتتىم.
     مەن نېمشىقا ئالدىنقى قېتىم "ئايدىكى ئىت"تېمىسدا ئادىل تۇنيازنىڭ "ئوسىمچى قىزغا " دېگەن شېئىرىنى ئالاھدە تىلغا ئالىمەن؟ تەسراتىم شۇنداق چوڭقۇر. مانا ئوسىمىچى قىزنىڭ  كۆرۈنۈشى قاتتىق تەسىر قىلىشتىن خېلى  بۇرۇن مەن شائىرنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىن ئەنە شۇ شئېرنى ئوقۇغانىدىم. شائىردىمۇ بۇ ھەقتە ئەمەلىي كەچۈرمىش بولۇشى مۇمكىن (بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شائىرنىڭ "شېئىر مەدەنيىلىشىش جەريانىدا يوقاتقان تۇيغۇلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ" دېگەن گېپى نەقەدەر توغرا-ھە!). بۇ  قېتىم مېنىڭ قىلغىنىم كىچىك ئىش بولسىمۇ، شۇ كۈنى ئاشۇ قىزنىڭ تۇرقى پات پات ئېسىمگە كېلىۋېلىپ سورۇندا خاتىرجەم ئولتۇرالمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ كەچۈرمىش يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ بەكرەك قەدىرلەشنى ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشنى ماڭا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ  ئۆگەتتى.
2009  -يىلى، ئاۋغۇستنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى گۈلۈمسۈيى گىلەمخانسغا ئايالىم ۋە ئىنىم بىلەن كىردىم. ھايال ئۆتمەي بېشغا ئاق رومال ئاتقان، يىغىدىن كۆزى قىزارغان بىر ئايال "قازان نېنى ئالامسىلەر" دەپ دۇكانغا كىرىپ كەلدى. مەن تۇرۇپلا قالدىم. بۇ بىزنىڭ يېڭى تاماق يەپ تۇرغان ۋاقتىمىز بولغاچقا،  قازان نېنى ئېلىش خىيالىمىزمۇ يوق ئىدى. دۇكاندار ئۇ ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ بىر ئشىنى پەملىگەندەك بولدى-دە، ئايالدىن ئىككى قاتلىملىق قازان ناننى  ئالدى.  قارسىام، ئايالنىڭ قولىدىكى لىگەندە يەنە يەتتە- سەككىز قازان نېنى تۇرۇپتۇ. مەن  ئايالىمغا ئۇ نانلارنىڭ ھەممىنى سېتىۋېلىشنى ئشارە قىلدىم. ئاندىن ھېلىقى ئايالدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدۇم.
         ئايال گېپىمنى ئاڭلاپلا قار-يامغۇر تۆكۈلۈپ كەتتى . ئەسلى ئېرى بىلەن بالىسى قالايمىقانچىلىقتا يوقۇلۇپ كېتىپتۇ، ئايال ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ دېرىكىنى ئالالماپتۇ. يوقاپ كەتكەن ئېرى كۈندىلىكىنى كۈندە تېپىپ يەيدىغان باققال ئىكەن. ئەمدى ئايال تۇرمۇشتا قيىنلىۋېتىپتۇ. ئۆزى خېجاسەنلىككەن. تۇرمۇشىنى كۈندە قازان نېنى سېىتپ قامداۋېتىپتۇ.
ئايالغا سەل تەخىر قىلشىنى تاپىلاپ، ئىنىمنى چەتكە تارتتىم-دە، دەرھال ئىككى كىلو قوي گۆشى ئەكىرىشنى ئېيتتىم. ئىنىم گۆشنى ئېلىپ ھايال ئۆتىمەي گىلەم دۇكىنىغا كېرىپ كەلدى. ئايال گۆشنى ھەشقاللا بىلەن ئېلىپ "رەھمەت، دۆلەتلىرىنى زىيادە قىلسۇن! مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا!" دەپ يىغلاپ خوشلاشتى. بۇرنۇم ئېچىشىتى. مەن بۇ ئىشتا ئۇ ئايالغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياردەم قىلالمىغانلىقىمغا ھازىرمۇ ئۆكۈنىمەن. ئۇ كۈنى ئايالىم بىلەن ئىنىمىڭ كۆڭلىمۇ شۇنداق يېرىم بولدى.  ئارىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتتى. ئۇ ئايالنىڭ تۇرقى ھېلىھەم ئېسىمدىن كەتمەيدۇ. بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، بىردىنلا 2002يىلى يازغان "ھەسرەتداشلىرىمغا " ناملىق شېئرىمدىكى مۇنۇ مىسرالار يادىمغا كەلدى:
تۇرسا پاجىئە ھەر يان دېۋەيلەپ،
ھەسرەتلەرگە بولۇپ ئەۋرىشكە.
ئېھ، مۇمكىنمۇ بولدى كۆرمەي دەپ،
ئازابلارنى ئۇنتۇپ كېتىشكە؟
      مېنىڭ قىلغنىم يوقىلاڭلا بىر ئىش. بۇنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەرزىمەس ئشىلرىمنى داۋراڭ قىلىش نيتىم ئەسلا يوق. مەن مۇنبەرلەردە نى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن تەسىرلىك نى ئشىلىرىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. ئاشۇ دىتاللار ماڭا كونكرېت ئۇيغۇرنى سۆيۈش ھەققىدە مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ: يېنىمزدىكى ئادەملەرنى سۆيۈشىمىز كېرەككەن، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈركەن. مۇنۇ گەپ بەك توغرا ئىكەن: ئادەم بۇ دۇنيادا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئۈچۈن ياشايدۇ(مەن بۇنى نوقۇل قىز-ئوغۇل مۇھەببىتى دەپ چۈشەنمەيمەن).
       ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، يېقىندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم چولپانلار ئولتۇرۇشىدا ياسىن جېكسوننىڭ يېنىدا تاماكا چەككەن ھالەتتە مۇنبەر ئېكرانىدا كۆرۈنۈپ قالدى. مەن ئاپلا دېدىم. دېگەندەك، كېيىن جىمى  شىكايەتنىڭ ئۇچى باشقىلار بىر يەردە قېلىپ ئابدۇللاغا قارىتلدى.
       يەنە بىر ئىش بار: مېنىڭ ئىنىم ئۆزى چوڭ كۆرگەن بىر كىشىدىن ھازىر قالتىس ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى سەۋەبى، مەن يوق كۈنلەردە ئۇ كىشى بىزنىڭ ئۆيگە كىتاب سورىغىلى بېرىپتۇ ۋە  ئارىلقتا تاماكىدىن بىرنى چېكىۋېتىپ،  شۇ قولى بىلەن تاھارەتسزلا كىتاب ئىشكابىمدىكى ئېنگىلزچە-ئەرەپچە سېلشىتۇرما قۇرئاننى قولىغا ئاپتۇ. ئىنىم بۇنداق ئشىلاردا بەك چىڭ بولغاچقا، بۇ ئىش بەك قاتتىق تەسىر قىلىپتۇ.ئالدىدا گەپ قىلماپتۇ-يۇ، كەيندىن ئىچىدە مىڭنى تىللاپتۇ. ئىنىم "شۇنداق چوڭ بىلگەن زىيالى تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟" دەپ ماڭا دەردىنى تۆكتى. مەن ئىنمغا بۇ ئىشنى پرىسنىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ كەتمەسلىكىنى، بۇنىڭ بىر قىسمەنلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇكىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا نەسھىەت قىلدىم. لېكىن، ئىنىمنىڭ شۇ ئشىتىن كېيىن ئۇ كىشىدىن رايى قالدى. ئەمەلىيەتتە ھېلىقى كىشى قەتئىي ناچار زىيالى ئەمەس ئىدى. مەنمۇ شۇڭا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە بۇ ئىشنى سالمىدىم.
          ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۇزۇن مۇددەت دوستلۇق ئورناتقان بىر داڭدار زىيالىىنىڭ ھەرىكىتىمۇ كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلماي قالمىدى. ئۇ داڭدار زىيالى 2008-يىلى يازدا بىر ئشىتا بىر شىركەتكە ۋاستىچى بولۇپ مەن بىلەن سۆزلەشتى. شېركەت ئۇ كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ قويدى. ھالقىلىق پەيتتە ئۇ زىيالى" مەن بولغاندىكىن توختام تۈزمىساڭلارمۇ بولىدۇ" دەپ قالدى. ھە دېدىم. كېيىن، مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. يوغان گەپ قىلغان شىركەت خوجايىنىنىڭ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن يېلى چىقتى. بۇ چاغدا مەن چوڭ ئۈمىد باغلىغان ھېلىقى زىيالى بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇ زىيالىنى بەك پەزىلەتلىك دەپ ئشىەنگەن، ئۇنى ئارىدا بارغۇ دەپ توختام تۈزمىگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭغا ئەقىدەم بار، ئشىنىمەن. ئەمما، مېنىڭ بىر يېرىم يىل ۋاقتىم ۋە زېھنىم مۇشۇ ئىشنى قايتىدىن يۈرۈشتۈرىمەن دەپ زايە كەتتى.  ئۇ كىشى بىر شىركەتكە پېچكا بولۇۋاتقىنىنى تۇيمىغاندەك قىلاتتى ، كېيىن بۇ ئىش توغرۇلۇق سوراپمۇ قويمىدى. مەنمۇ يۈزىگە سالمىدىم. خۇداغا شۈكۈر، ئاخىرى ئەمگىكىم بىكار كەتمىدى. يېقىندا بۇنىڭ مېۋسسىنى كۆرىمەن. ئەمما، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ۋە كېيىنكى بەزى كەچۈرمشىلىرىم، ساۋاقلىرىم  بىلەن قوشۇلۇپ ماڭا مۇنداق بىر نۇقتىنى ھېس قىلدۇردى:
         قېرىنداشلىرىمىز ئارسىدا سۆيگۈنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز ھەرىكتىمىزنىڭ قانداق كۈتمىگەن ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنمۇ ئويلشىشىمىز كېرەككەن.
بىلمىدىم، باشقىلارنىڭ بۇ نۇقتىلار ھەققىدە قانداق ئويلىغان يەرلىرى باركىن؟

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 17:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بەرگىيە. سىزنىڭ كېيىن تولۇقلاپ، نەچچە تۈرگە بۆلۈپ يازغان ئىنكاسىڭىز بۇ تېمىغا شۇنداق ھۆسىن قېتىپتۇ. ئىنكاسىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.
مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ئىقتىدارلىق بالىلار بىلەن مۇنبەرداش بولۇشنىڭ ئۆزى بىر شەرەپ.
ئىنكاس ئارقىلىق بۇ تېمىنى بېيتىۋاتقان باشقا بارلىق دوستلارغىمۇ تەشەككۈر.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
277
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9239
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 18:14:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم`~!
كەمىنە كەتمەننى ياخشى تۇتقان بىلەن قەلەمنى ياخشى تۇتالمايمەن.شۇنداق بولسىمۇ ئويلىغانلىرىمنى تومتاق بولسىمۇ دەپ ئۆتەي.
بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ يەرئۈستى ۋە يەرئاستى بايلىقى شۇنداق كۆپ تۇرۇقلۇق ،شۇ بايلىقلاردىن ئۆزىمىز ئۈنۈملىك پايدىلانماي ئىچكىردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا سىتىپ بىرىپ ،كىيىن پىشىقلانغاندىن كىيىن قىممەت باھادا شىتىۋىلىپ ئىشلىتىمىز.بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزدا شۇنداق زاۋۇتلارنى سىتىۋىلىشقا قۇدرىتى يىتىدىغانلار يوقمىدۇ؟ بىزدىكى ئىشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ يەرگە ئىشلەتسە بۇلاتتىغۇ! كارخانىلىرىمىز ئىچكىردىن مەسۇلاتلارنى ئىلىپ چىقىپلا شىنجاڭدا ئوراپ قاچىلاپ ئۇيغۇرچە ماركا چاپلاپلا ئۇيغۇر مەسۇلاتى ھەپ سىتىۋاتىدۇ.ئۇلار نىمىشقا ئۆز رايۇنىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىشقا تىرىشمايدۇ،ياكى ئۇرنۇپ باقمايدۇ؟ ئۇيغۇر كارخانىلىرى نىمىشقا ئۆزئارالا رىقابەت قىلىپ بىربىرىنى يىقىتىشنى ئويلەيدۇ؟نىمىشقا بىربىرىنى قوللىمايدۇ؟

مەن مۇنداق بىر خىيالغا كەلگەن ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى قوللايدىغان ھەم ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنى سۈيۈندۈرىدىغان "ئۇيغۇر مەسۇلاتلىرى تاللا بازىرى" قۇرۇشنى ئويلاشقان . بۇنداق بولغان دۇككان ئىچىگە پەقەتلا ئۇيغۇر كارخانىرىمىزدا ئىشلەنگەن مەسۇلاتلارلا سىلىش ،تۈكىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭكىنىمۇ سالماي ساپ ھالەتتە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش. دۇككان ئىچىدىكى خىزمەتكارلارمۇ مىللىچە كىيىنىپ مۇلازىمەت قىلىش،دۇككان تاملىرىنى بىزىگەندە ،تامنى ئاق ھالەتتە قىلىپ .ئۇيغۇرلارنىڭ تامار ماركىللىرىنى چاپلاش ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللاپ ،ئۇيغۇر نەدىر تورلىرىنىڭ ئادرىسىنىمۇ چاپلاش.ئەگەردە مىنىڭ شارائىتىم ۋە ئىقدىسادىم يار بەرگەن بولسا شۇنداق قىلغان بۇلاتتىم.ئوقۇغان كەسپىممۇ جايىنى تاپقان بۇلاتتى.لىكىن باشقا شارائىتى ياربەرگەن قىرىداشلارنىڭ قىلىپ كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يەنە بەزى تورداشلارنىڭ يىلدا ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان 5 ئۇيغۇر كىشىگە ئۇيغۇرچە ئۈگۈتىش دەپتۇ.مەنمۇ بىرمەزگىل شۇنداق قىلىمەن دەپ يۈرۈپ باشقىچە ئويغا كىلىپ قالغان .يەنى 2008-يىلنىڭ ئاخىرى مەن ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلدە ئۇيغۇرتىلىنى قۇتقۇزۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتلار مەن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى كورۇسلارنى ئالاقىلىشىپ ئۇلارسىن ھەر يەكشەنبە كۈنلىرى سىنىپ ئارىيەتكە ئىلىپ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئۇرىشىش پۇرسىتى يوق ئۇيغۇر باللارنى ھەقسىز تەربىلىمەكچى بولغان.بۇنىڭغا تىل تەربىلەش مەركەزلىرى يۇقۇرنىڭ تەستىقىنى ئالسىڭىز بىزدە چاتاق يوق دىدى.مەن مائارىپ نازاتىتىگە نەچچە قىتىم قاتراپ نۇرغۇن كىشىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ئۇزاق بىر جەرياندا ئاچاي دىگەندە مەلۇم بىر ئۇيغۇر رەھبىرىمىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇراپ ئاچالماي قالغان .شۇنىڭ بىلەن بۇئىستكىمدىن يەنىلا ۋازكەچمەي. ئۆزۈم مەملەغ چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ئۆگۈتۈش پىلاستىكىسىدىن 1000نى كۆپەيتىپ ھەقسىز تەربىلەش نىشانىم بولغان كىشىلەرگە ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تاقىتىپ يۇردۈم.بىرمەزگىلدىن كىيىن ساقچىلار تەرپىدىن قانۇنسىز نەشىر بۇلۇم تارقاتقان دەپ تۇتۇلۇپ ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ياردىمىدە ئىككى كۈندىن كىيىن يىنىپ چىققانتىم ۋە بۇنىڭدىن كىيىن قانۇنلۇق ھالدا داۋاملاشتۇردىغانغا شۇنداق شارائىت يارتىپمۇ  بەرگەن بولغانتى.لىكىن "7.5" تۈپۈيلى توختىپ قالدى مەنمۇ يۇرتۇمغا يىنىپ كىلىپ كەتمەننى قۇلۇمغا ئالغان بىلەن ئۇ ئىشلارمۇ جايىدا قالغان بولدى. تورداشلارنىڭ ئۇز رايۇنلىرىدا ئاشۇنداق ھەقسىز كۇرۇسلارنى ئىچىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھازىر ھۆكىمەت كەك قويمايدۇ.سىز پەقەت شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ۋەدە بىرىپ بىرپارچە خەت يىزىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ.
گەپلىرىپ تومتاق چىىپ قالدى .ئەيىپكە بۇيرىماڭلا! دېھقان ئەمەسمۇ ھې ھې ھې

UID
4954
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1886
تىزىملاتقان
2010-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 19:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. بىزدە شۇنداق نەرسە بولسلا، مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش؛
قايسى بىر يىلى ئاغىىنەمنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ھىندىستان داھىسى گەندىنىڭ < ھەمكارلاشماسلىق ھەركىتى >نى ماڭا بىر دوستۇم ئوقۇپ بەرگىنى ئېسىمدە . كېيىن كىتاپنى ئۇنىڭدىن ئارىيەت ئېلىشنى ئويلاشتىميۇ ، ئەمما كېيىن ئۇنتۇپتىمەن. شۇ ئەسەردە سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىڭىز سۆزلەنگەن .... ئېسىل ئەسەرتى ئۇ . مەن ئۇنى توردىن تولا ئىزدەپ تاپالمىدىم ياكى قايتا ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ بولالمىدىم ....
ئۆزىمىزنىڭ نەرسىلىرىگە ئاشىق بىقارامەن . ئەمما سىز ئاشىق بولغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىكەن . قارشى تەرەپ يىپ ئاتلاپ قويىدىكەن ھەتتا ئىشتىنىغا سىيىپمۇ قويىدىكەن . ئۆزىمىزنىڭكىكەن دەپ چىش پاستىسى سېتىۋالسام پاستىسى ئالدىدىن ئەمەس ، ئەكسىچە كەينىدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ . ئاياق كىيمەكچى بولۇپ 288 سومغا < ئەلىشىر > ماركىلىق ئاياق سېتىۋالدىم . بىر ھەپتىدىن كېيىنلا تىكىشىدىن كېتىپ قېلىپ80 يېرىگە ياماق سېلىشقا مەجبۇر بولدۇم . كۆمۈر بازىرىغا بېرىپ كۆمۈر ئالدىم ، <ۋاي چاپچالنىڭ كۆمۈرى > دەپ داڭلاپ ساتقان كۆمۈر ئەكسىچە پىلىچىنىڭ ئۈستى دامى ( چوڭ چوڭ كۆمۈر پارچىسىنى دېمەكچىمەن)ئاستى زا ( كۆمۈر ئۇۋىندىسى) چىقىپ قالدى . ئوتىدىن ئىسى تولا ....ئامال يوق قانداق قىلىمەن ئەمدى ؟؟ ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم مىسۋاك ياكى ئامۋاينىڭ 36 سوملۇق چىش پاستىسى، كىيىۋاتقىنىم كاڭنەي ياكى لاۋرېنتو . ئىسسىنىۋاتقىنىم توك پار ياكى ھارارەتلىك پار .كىشمىش ، گۈلە قاقلار ئىچىدىن كەتكەن ، قۇرۇتلار لۆمىلدەپ چىقىۋاتقان ...كۆينەك ، كاستىيۇم -بۇرۇلكىلارنى پەقەت بىر قېتىم كىيەلىدىم ، يۇيۇپ قايتا كىيسەم سۈپىتى مانا مەن دەپلا .... ئارماننىمۇ، ئامىنەنىمۇ يىدىم ، ئىچتىم . ئەمما ماڭا ياقمىدى ، ئۇ ئاشقازىنىمنى قاينىتىپ ، مەيدەمنى ئېچىشتۇرىۋەتتى...شاكىلات ، ساڭزا ، پىرەنىكلەر يېشى 40 تىن ئاشقان ئادەمگە تازا ماس كەلمەيدىكەن . يىمىدىم . لېكىن قوناق مايلىرىنىڭ سۈپىتى بارغانچە ياخشى ھازىر سەل قىممەت بولسىمۇ. ئۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىنىمغا 4-5 يىل بولدى . چاچ پاراشۇك ، سوپۇن پوپۇنلارنىڭ سۈپىتى يەنىلا مېنىڭ ئۆلچىمىمدىن يىراق .ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىغا كەلسەك، ماركىسى بىزنىڭ ئىچىدىكىسى يەنىلا شۇلارنىڭ . ئالساڭ ئالمىساڭ ئىككى سەككىز ئون ئالتە . خوشال بولىدىغان يېرىم شۇكى ، مەھسۇلاتلىرىمىز كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ ، بىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتىدۇ . ھەر ھالدا ئۇنىڭغا ئاشىقلىقىم يەنىلا بىكارغا كەتمەس دەپ ئويلايمەن .
2. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاش؛سوئال :ئىجدىمائىي ئىنكاس دېگەن نىمە ؟ ئۇنى ئاكتىپ ، ئىجابىي ئىنكاس دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ ؟ ئىنكاس قايتۇرۇپ تولا بۇرنۇمغا يەپ كەتتىم . " بىلىمى " ھەددىدىن زىيادىلەر مۇنبەردە مېنىڭ تازا " ئەدىپىمنى" بەردى . شۇڭا < باھادىرنامە> نى ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ مۇنبەرگە كىرمىدىم . سىز دەۋاتقان ئىجدىمائىي ئىنكاس بەلكىم مۇنبەردىن سىرتقى ھادىسىلەرگىمۇ قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن .
3. يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛ئادەملەرگە ۋە قېرىنداشلىرىمغا ھەر دائىم كۆيىنىمەن . ئەمما گەپنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشۇم ئاستىىراق .ھەركىتىمنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلنىپ تۇرىمەنۇ ، لېكىن كېچىككەن بولىمەن . ئىشلار 80 % ئويلىغىنىمدەك چىقىدۇ مېنىڭ .
4. ئىلمىي، سوغۇققان يوسۇندا ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئۆزىمىزنى تەنقدنى كۈچەيتىش؛بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن . ئەمما ئۆزەمنى تولا تەنقىت قىلىۋەرسەم باشقىلار مېنى راستىنلا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى . دەرھەقىقەت، مەن ئۆزەم تونىمايدىغان ياكى تونىساممۇ بېرىش كېلىش قىلىشمايدىغان كىشىلەرگە يەنىلا ئېھتىياتچان بولدۇم .
5. ئۆزىمىزدە بار نۇقسانلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويماسلىق ۋە شوئارۋاز مىللەتچى بولماسلىق؛بۇ مەسىلىگە نىمە دەرمەن ئەمدى . مەن تار مىللەتچىلىككە ئەزەلدىن قارشى تۇرىمەن.
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم ، ۋاختىم توشۇپ قاپتۇ .سز ئويلاپ تاپقان <ئۇيغۇرنى سۆيۈشنىڭ كونكىرت 20 تۈرلۈك ئۇسۇلى>نىڭ قالغان 15 تۈرى بىلەن كېيىن يەنە بىر بىرلەپ ئۇچرىشىپ چىقىمەن .ھەم خۇلاسىلەيمەن ، يۇقۇرقىلار مۇقەددىمە ئورنىدا بېرىلدى .

يۇرتىمىزنىڭ  قىزىل  گۈللىرى، شېھىتلارنىڭ  تۆككەن قانلىرى.

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
595
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19803
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لېكىن،ئۇيغۇرزادە سىزنى تونۇپ قالدىم.
-----------
يېقىندىن بىرى نېمىشقىكىن بىرخىل ئىزتىراشلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.قىلىۋاتقان ئىشىم بىلەن ئاچچىق رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق مېنىڭ دىلىمنى ئەزمەكتە ئىدى،تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئىشەنچىمنى قايتىدىن رۇسلاپ بەردىڭىز.رەھمەت سىزگە!

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئەتراپىمدا ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلار بەك كۆپ.مەن داۋاملىق ئەتراپىمدىكى كشلەرنىڭ ئىددىيىسگە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئۆگنىشكە يىتەكلەيمەن،ۋە ئۈندەيمەن.مىنىڭ  خىزمەتداشلىرىم  كۆپىنچىسى بالىلىرنى خەنزۇچىغا  بەرگەن ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ.

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3- يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ؛ ھەركىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش ؛
    مەن بۇ نوقتىغا _  ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەھكاملىرى ۋە دەلىللىرىنى كەلتۈرۈپ توختىلاي ؛   ئىسلام دىنى ھەقىقەتەن تۈرلۈك تۈمەن  ، رەڭگەرەڭ ، ھۆسنى ۋە پۇرىقى دىلنى لال قىلىدىغان ھەدىس ، گۈل - چېچەكلىرىگە تولغانكى ئۇنىڭدا يەنى يېتىم - يېسىر ، ئىگە -چاقىسىزلارنىڭ بېشىنى سىلاش ، مۇساپىرغا ، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ماددى ، مەنىۋىي جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىش ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىش قاتارلىق ئوقۇپ  ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئەمەل قىلىدىغان ، كىشىنى مەنىۋىي كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان .   <  كىمىكى بىر ئەمانى 40 قەدەم يۆلەپ ماڭسا ، ئۇنىڭغا جەننەت تىگىشلىك بولىدۇ > [ ياخشىلار باغچىسى دىن ] دىگەن ھەدىسنىڭ ئۆزىلا  ئاقساق - چولاق ، مېيىپ -ئاجىزلارغا  يار- يۆلەك بولۇپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ دارىلئېتام ، دارىلئاجىزىنلارنى  ئېچىپ ، ئۇلارنى تەربىيەلەشنىڭ نەقەدەر ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .  گۈزەل ئەخلاقى بىلەن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز بولغان پەيغەمبىرىمىز : <  مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن > دەپ باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن . پەيغەمبىرىمىز يەنە : < مېنى ئاراڭلاردىكى  ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار ، چۈنكى سىلەرگە شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن رىزىق بېرىلىدۇ > دېگەن كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ، كىشىنى ئەخلاقىي يۈكسەكلىككە  يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ .  ئەمما ھازىرچۇ ؟! بۇ تېمىدىكى مانا بۇ نوقتا نىمە سەۋەپتىن ئوتتۇرغا چىقىپ قالدى ؟! جەمىيەتتە بۇ نوقتىغا قانچىلىك ئېتىۋار بېرىلىۋاتىدۇ ؟!  ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان  بولساق ، شۇ ئېسىل تەرغىباتلارنىڭ  ئېتىبارسىز قېلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسوسلىنىمىز . مېيىپلىقنى پۇل تىلەشكە دەستەك قىلىپ ياكى ئىگىلىرىنىڭ پول تېپىش ۋاستىسى بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاجىز مەجروھلارنىڭ قەھرىتان قىش ، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا توپا - تۇمانغا مېلەنگەن ھالىتى يۈرىگىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ . < قۇرئان كەرىم>دىكى  < يېتىمنى خارلىما > دېگەن ئەمىر رەببانىيغا ئاۋاز قوشۇپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىيالىدۇق ؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن قانچە يىراقلىغانسېرى ھەممىدىن  چېكىنىشكە يۈز تۇتىۋاتىمىز ، نىھايەت ، ئەقىل كۆزى بىلەن ئىدراك قىلغۇچىلار ئۈچۈن چاقناپ تۇرغان تاڭ نۇرىدەك روشەن تۇيىلىدىغان ھەدىس مەنالىرىنى زالالەت تۇمانلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلەر ئاڭقىرالماي قالىدۇ - دە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىدىن قۇرۇق قالىدۇ .
          ئىسلام دىنى بارلىق قېرىنداشلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ .   ياخشى ئىشنى چوڭ كىچىك دەپ ئايرىمايمىز  .سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگۈدەك پۇل مېلىڭىز بولمىسا ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھەجەتلىرىدىن چىقىڭ . ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز باشقىلارغا يامان نىيەتتە بولماڭ ،  چوڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلالمىسىڭىز كىچىك ئىشلىرىنى قىلىپ  بېرىڭ ، سىز ئۇسسۇزلۇقتا قالغان بىر يولۇچىغا ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىڭىز بۇمۇ ئەڭ كاتتا ساۋاپلىق ئىش . سىزنىڭ قىلىۋاتقان كەسپىڭىز ھالاللىق بىلەن توغرا  نىيەت ، توغرا يولدا بولغان بولسىلا باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسىڭىز بۇمۇ سىزگە نىسبەتەن ياخشى ئەمەل ۋە باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭىز ھېساپلىنىدۇ . يامان يولدىن قايتىپ ياخشى يولغا مېڭىشنى نىيەت قىلغان بولسىڭىزلا ، بۇرۇنقى بارلىق يامان ئىشلىرىڭىزدىن قول ئۈزگەن بولسىڭىز بۇمۇ ياخشىلىقتىن بىشارەتتۇر . ئاللا تەۋبە  قىلغۇچىلارنىڭ نىجاتچىسىدۇر ! بارلىق ھەمدۇسانا بىر ئاللاغا خاستۇر !

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 22:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇر زادىنىڭ ئاخىرقى گىپىگە ئىككى ئىغىز گەپ قوشۇمچە قىلاي . بىز جەميەتكە مىننەتسىز مىھىر بىرىشمىز كىرەك ئىكەن . بىراق بەزىدە ئادەمنىڭ تاقتى چەكلىك بولغاچقا بەزى ئادەملەر ئادەمنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ ئادەمنى ئەخمەق قىلىدۇ .بىزنىڭ سەممىلىگىمىز . ئاق كۈڭۈللىگىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى ئەخمەق قىلىشىتىكى ۋاستىسى بۇلۇپ قالىدىكەن . شۇڭا ھەر قانداق ئىش بولسا ئۆز يولى بىلەن بولمىسا بولمايدىكەن . بىز ئىشىنىش بىلەن يەنە باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بۇلىدىغان جامائەت ئىتىراپ قىلىدىغان يازما ماتىريال توختام بىلەن ئىش قىلمىساق چاتاق ھامان چىقىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ كولدۇرلىتىدىغانمۇ ، ئادەمنىڭ دۈشمىنگە ئايلىنىپ ھەممە سىرى ئۆزىگە ئايان بولغان بىر ئۆمۇر ئەرزىيدىغان رەقىپمۇ دەل مۇشۇ ئاغىنە دىگەندىن چىقىدىكەن .  خەۋرىڭىزدە بار ئەينى يىللاردا « مەڭگۇ تاش » دەيدىغان بىر كۈتۈپخانا ئېچىلدى . مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇيۇمدە ساقلاپ كىلىۋاتقان قۇرئان كەرىم بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «تۇركى تىللار دىۋانى » نى سوۋغات سۈپىتىدە ئىلىپ باردىم . ئۇلارنىڭ ئىغىزىدىكى مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆتۇرۇش شۇئارىغا غەرىق بۇلۇپ نەچچە كۇن ئىلىشىپ قالغاندەك خۇشھال يۇرۇپ كەتتىم . كىين مەن كىتاپخانا ئاچتىم . مەڭگۇ تاش كۈتۈپخانىسى ئورۇن كۆچۈپ رۇس قۇلۇپى تەرەپكە كەتتى . ئۇ چاغدا مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر بالا كۈتۈپخانىغا باش بولغان ئىكەن . ئۇ ئىنىم بىلەن كۆرشۇپتىكەن . كىين مارالبىشلىق قەييۇم دىگەن بىر بالىنى ئەۋەتىپتۇ . مەن كىتاپنى توپ تارقىتىۋاتقان بولغاچقا 21 مىڭ سوملۇق كىتاپنى بەردىم ھەم قەييۇم دىگەن بالا ئسىمىنى يازدى . ئىنىم كىتاپنى بىللە ئىلىپ بىرىپ تىزىشىپ بەردى . بىر يىلدىن كىين كىتاپنىڭ پۇلىنى سۇرۇشتە قىلىپ بارسام ئالىم يوق دەيدۇ . نىمە بولدى دىسەم خىيانەت قىلىپ تۈرمىدە . پۇل لازىم بولسا تۈرمىگە بىرىڭ دىدى . مەن مەنسۇر ئېسىملىك كىشىنى ئىزدەپ بىرىپ بىر دەپتەر يىزىلغان كىتاپنىڭ تىزىملىگى بىلەن كىتاپ ئالغان بالىنىڭ ئىسمىنى دىسەم ئۇنداق بالىنى تونىمايمىز دەيدۇ . يامان گەپ قىلىشقا رايىم بارمىدى . ھەر خىل ۋاستە بىلەن ئالسام ئالاتتىم بىراق ياراتقان ئىگەم مىنى قاخشىتىپ ئۇنى كۆلدۇرمەس دەپ جىملا قايتىپ كەلدىم ھەم ئۇزۇمنىڭ شۇ قەدەت ئىغىر بىسىق بۇلۇپ قالغانلىغىمدىن سۇيۇندۇم . قىنى ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆتۇردىغان شۇئارى ؟ بىر ئادەم خانىۋەيران بۇلىۋاتسا چاتىغى يوق مىللەتنىڭ ساپاسىنى قانداق كۆتۇرىدۇ بۇلار ؟ باشقا ئىش بولسىغۇ مەيلى كىتاپخانا ئاچقان مەندەك بىر زىيالىنىڭ پۇلىنى بەرمەسلىك ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆتۇرۇش مۈمكىن بولسا بولدى بۇ پۇلدىنمۇ كەچتىم دىدىم ئىچىدە . ئۈچتۇرپاندا بىر ئاغىنەم بار ئىدى ئەمەتجان ئەليارى دەيدىغان . ئۇ بۇرادەرمۇ كىتاپخانا ئاچقان دىدى . مەن ئالتە مىڭ سوملۇق كىتاپنى سىلىپ بىرىپتىمەن . ئۇمۇ شۇنىڭ بىلەنلا يوقالدى . ئاغىنلەرگە دىسەم دۇكىنى بار ئىدى ئىزدەپ بارساق تاقاپتۇ دىدى بۇمۇ يوقالدى . كىين مىنىڭ ناخشا پىلاستىنكامنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر بالىغا پۇلنى بەردىم . ئۇ باستۇرۇپ . سىتىپ بۇلۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى . ئالدى ئاخىرى بۇلۇپ 30 مىڭ سوم بۇ يەردە يوقالدى . شىنجاڭدا نامى بار بىر نەچچە يازغۇچى ئاغىنەم بار ئىدى . ھە دىس ۋىجدان ھەققىدە . ئادەملەرنىڭ ۋىجدانسىز بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىغى ھەققىدە ئەسەر يازىدىغان . ئۇلارمۇ كىتاپخانا ئىچىپتۇ . باشقىىلارغۇ ماڭا ۋىجدانى ھەققىدە گەپ قىلىپ باقمىغان شۇڭا ئۇلاردا ۋىجدان بولمىغاچقا پاتاڭدىكى قەرزىنى ئۈزمىدى . ئەمدى نۆۋەت ۋىجدان ھەققىدە ئەسەر يازدىغانلاغا كەلدى . بوپتۇ بۇلارنىمۇ كۆرەي دىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېلېفۇنۇمنى ئالمىدى . لىكىن ۋىجدان ھەققىدىكى مۇخەممەسلىرى ھەممە ژۇرناللاردا ئىلان قىلىندى . ماقاللىرى قەلبىمنى زىلىزىلىگە سالدى . لىكىن قەرزى ئۆز پىتى  ئاخىرى چۇشەندىمدىكى ئادەملەردە نىمە كەم بولسا شۇنىڭ گىپىنى قىلىدىكەن . ئۇنىڭ ئارمىننى يەپ ئەسەر يازىدىكەن . مەن بۇ « ۋىجدان» لىقلارنىمۇ كۆرۈپ بولغاندىن كىين ئاغىنلەرگە تۇتۇلدۇم . شۇنداق قىلىپ ئالدى كەينى بۇلۇپ ئۈچ ئادەمدە يۇز مىڭ سوم پۇل شۇ پىتى تۇرىدۇ . ياراتقان خۇدايىم ھىچكىمنىڭ ھەققىنى ھىچكىمدە قويمايدۇ دەپ ئويلايمەن . لىكىن ئويلىسام خۇيۇم تۇتىدۇ . زەردە بۇلىمەن . ئاغزىمىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتكۇم كىلىدۇ . لىكىن ئۇزۇمنى بىسىۋالىمەن . مەن نۇرغۇن ئىشلانى قىلدىم لىكىن توختام يوق بولغاچقا مەن پۇلنى بىرىپ بولغاندىن كىين خەق كەتتى . نەچچە مىليۇن پۇلى بار بىرى ھەممە پۇل مالدا ئىدى دىسە بىر مۇنچە پۇلنى بىرىپ تۇرۇپ ئۇمۇ يوقالدى . دىمەك ئارىدا توختام تۈزۈلمىگەن . ئىككى ئۈچ ئادەم شاھىت بولمىغان . يەڭ ئىچىدە كەتكەن ئىش خۇدا ئۇلارنىڭ دىلىغا سالمىغىچە يەڭ ئىچىدە تۇرىدىكەن . دەپتەرگە يىزىپ قويغان ئىسىم دىگەنلەر ۋاختى كەلسە ئاقمايدىكەن . قانۇندا ئىقتىزادى مەسىلە ئالتە يىل ئىچىدە ھەل بولمىسا كىين ئەرىز قىلغان بىلەنمۇ ئاقمايدىكەن . شۇڭا ئالتە يىل ۋاقىتنى سوزۇش ئارقىلىق قەرىزدىن قۇتۇلۇشنى بىز بىلمىگەن بىلەن قەرىز ئىلىپ كۈنگەنلەر ۋە قايتۇرماي كۆنگەنلەر ئوبدان بىلىدىكەن . داۋامىنى يەنە يازىمەن . مىنىڭ بۇ يازغانلىرىم ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس ھەممىسى راس ئىشلار .

UID
2721
يازما
49
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1579
تىزىملاتقان
2010-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 22:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدەم مۇبارەك...

راست گەپنى قىلسام مەن ئىلگىرى مىللەتنى سۈيۈش،ئۇيغۇرنى سۈيۈش دىگەن مەسىلىنى پەقەت ئاغزاكىلا ئويلىنىپ،نۇرغۇن ئىسىل شۇئارلارنى ياساپ چىقىپتىمەنكەن ئۆزۈمچە،لىكىن ئەمىلىي بىر ھەركەت.ھەقىقىي سۈيۈش ئۈستىدە ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن،تەخمىنەن ئۈچ-تۆت يىللار بۇرۇن..شۇ ۋاقىتلاردا بىر كىشىنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلىدىم،شۇنىڭدىن باشلاپ مىللەت دىگەن نىمە؟ئۇنى قانداق سۆيىمىز دىگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىپ يىىتىپ شۇ كىشى باشلىغان يول ھەم ئىدىيە ئارقىلىق مېڭىۋېتىپتىمەن ئويلاپ باقسام..بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئەنە شۇ ھۆرمەتلىكىمنى ئەسلەپ قالدىم(ئاللاھ ئامانچىلىق بەرسۇن ئۇ كىشىگە)ھەم شۇ ۋاقىتلاردا يىققان بوتۇلكىلار يادىمغا يىتىپ قالدى .ئۇ بوتۇلكىلارغا سىڭگەن مۇھەببەت ھەم مىھىر ئاددىي ئەمەس ئىدى.
يۇقارقى پىكىرلەردىن ئۇنىڭ سىماسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالدىم .گەرچە ئۇ بولمىسىمۇ..

شۇنداق بىزگە ئەمىلىيەت كېرەك ،نەزىرىيلىك شۇئار ئەمەس.ھەممىنى كىچىك ئاددى ئەمما ھەقىقىي ئەمىلىيەتتىن باشلايلى..مەنچىمۇ يۇقارقى 20 تۈرلۈك سۈيۈش ئۇسۇلىنى ئەمىلىلەشتۈرەيلى...ئۆزىمىزدىن باشلاپ...ئۆزۈمدىن مۇنداقچە ئېيتقاندا...

مىڭ بېشى

http://bidar.blogbus.com

UID
2309
يازما
520
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
17628
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 00:26:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛
مەن بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي:
مىنىڭچە ھەر بىرىمىز ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئونۋىرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرسەك،ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە ئاندى ئائىلە ئەزالىرىمىز بولۇپمۇ پەرزەنتلەرگە بولغان پەننى ۋە ئىسلامىي تەربىيەنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تۇنۇشتۇرالايدىغان بولساق، ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزنى ئىتتىپاقلىقنىڭ، ئۆملۈكنىڭ، قابىليەتنىڭ، دىيانەتنىڭ، ئەخلاقنىڭ، مەدەنىيلىكنىڭ، قىسقىسى بارلىق ياخشى پەزىلەتنىڭ ھەقىقي سىمىۋولىغا ئايلاندۇرالىساق مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىسىگە يەتكەن بولىمىز دەپ ئويلايمەن، ھەم شۇنداق بولىشى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىمەن!

http://bidar.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش