ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6054
يازما
255
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7369
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 09:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قەدەملىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن!
تېمىڭىزنى ھەم بارلىق ئىنكاسلارنى كورۇپ چىقتىم ناھايتىمۇ ياخشى ئىنكاسلار چۇشۇپتۇ مەنمۇ شۇنداق ھىسياتتا!بۇ يەردە مەن  ئۇيغۇرنى سويۇشنىڭ مۇھىملىغىنى مۇساپىر بولمىغانلار بەك چۇشۇنىپ كەتمەمدىكىن دەپ قارايمەن،خۇددى يوقۇردىكى تورداشلار ئېيتقاندەك چوڭ كىچىك ھەممەيلەنگگە كۇلۇمسىرەپ سالام بىېىپ ئەھۋال سوراشتىن قىزلىرىمىز ۋە ئوغۇللىرىمىز باشقا مىللەتنىڭ كىشىلىرى بىلەن تويلاشمايدىغان بولغۇچە...! سىزنىڭ 17 تۇردىكى كونكىرىتلىمىڭىزنى ئازراق كېڭەيتىپ قوياي؛خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرنى قوللىساق ،ئۆزىمىزدىن ھالقىپ كەتتى دەپ بىر بىرىمىزنى كولىمىساق،چۇنكى   ئۇيغۇرلىرىمىز شۇنچە يوقۇرى قاتلاملاردا ئىشلىگىنى بىلەن بۇيرىغى ئوتمەيدىكەن .  ئۇ ئەمدىلا تاللانسا ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سوزلەيدىغانلاردىن يامىنىنى كورسىتىدىغانلار كوپ بىزدە....
باشقا جەھاتلەردە مەنمۇ باشقىلار بىلەن بىردەك پىكىردە!تېمىڭىزغا رەھمەت.

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 10:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
       بۇ تېمىنى ۋە بارلىق ئىنكاسلارنى كۆرۈپ مۇنبەرداشلارنىڭ  بىلىمىنىڭ يۇقۇرلىقىدىن پەخىرلەندىم . ياخشى مۇلاھىزە ۋە تەھلىللەر داۋاملىشىۋېتىپتۇ .  شەيئىلەر ھامان زىددىيەت ئىچىدە تەرەقىي قىلىدۇ ، تەرەقىيات ھامان زىددىيەتلىك بولىدۇ . بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت . تېمىدىكى ھەر  بىر نوقتىمۇ شۇ ئاساستا  ئاخىرى مۇكەممەللىشىدۇ ، جاۋاپقا ئېرىشىدۇ . يۇقىردا تەكىتلىنىپ بولغان نوقتىلاردا توختالغۇم يوق ، تەكىتلەيدىغىنىم ؛  ئۆزىمىزنىڭ ماركىلىرىغۇمۇ دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەرسە كېرەكمۇ سېتىۋالايلى .   بەدەل تۆلىسەكمۇ  يىراقراق يەردىكى سودا سارايلىرىدىن ياكى بازارلاردىن ئۆزىمىنىڭ ماركىلىرىنى قوللىغاچ ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىنىمۇ قوللاپ قويايلى . بەزىدە ئۇچۇرتۇپ قالىمىز  ئۇيغۇر سودا قىلىۋاتقان يەردە قاراپ تۇرۇپ  <باشقىنىڭ> كىنى ئالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجوت .بىز ئۆزىمىزنى كۈچەيتەيلى ،ئەتىراپىمىزغا دىققەت قىلىپ قاراپ باقايلى ،مەنغۇ مۇشۇ كۈنلەردە شۇنداقراق بىرەر  ئىشنى كۆرۈپ قالسام يېنىغا بېرىپلا تونىمىساممۇ  ،ئامال بار ئۆزىمىزنىڭكىلەر تەرەپكە قايىل قىلىپ ئەپ كىلىدىغان بوپ قالدىم . مەنمۇ شۇنداق قىلسام، سىزمۇ قىلسىڭىز  ،تاما -تاما كۆل بولۇر دىگەندەك نەتىجە ھامان چىقىدۇ . نەتىجە ئۇزۇنراقتا چىقسىمۇ ، سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلىبە .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
7844
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
307
تىزىملاتقان
2010-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:23:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكىلار - ھەدىلەر ياخشىمۇ سىزلەر؟
يۇقىرىدا ئىيتىلغىنىدەك ئۇيغۇرنى سۆيگىنىمىز ئۆزىمىزنى سۆيگىنىمىز!
    مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئازراق كۆز-قاراشلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي :
1.ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز ياكى دوستلىرىمىز توي قىلغاندا ياڭى بىرەر خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزگەن چاغدا ئۇلارغا كىتاپ سوۋغا قىلىشنى ئادەت قىلىشىمىز لازىم .
2.مىللىي كارخانىلارنى باشقىلار ئالدىدا كۆپرەك تەشۋىق قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك .

UID
1934
يازما
389
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:42:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاجايىپ ئېسىل پىكىرلەر، كۆڭۈلگە ياقىدىغان تەھلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلىۋېتىپتۇ، مۇشۇنداق ئېسىل بايان، چوڭقۇر تەھلىللەر يېزىلغان تېما _ ھەقىقىي نادىر تېما.



    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
    ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۇشبۇ تېمىسى ۋە ئىنكاسلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق، مىللەت سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېنىق كۆرگەندەك، ئۇلار بىلەن يۈزتۇرانە پاراڭلاشقاندەك بولۇپ قالدىم. مىللەتنى سۆيۈشنى ئاجايىپ دەبدەبە بىلەن شۇئار تەرىقىسىدە تەشەببۇس قىلىشتىن، ئۆزلۈكىمىزدىن سۆيۈشكە ئۆتكىنىمىزنىڭ(ياكى ھېس قىلغىنىمىزنىڭ)ئۆزىلا بىزدىكى ئاڭ، بىزدىكى ئۆزلۈكنىڭ ئويغانغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. مىللەت ئۈچۈن، توغرىراقى ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدۇق؟ نېمە ئىش قىلماقچى؟... دېگەنلەرنى ئويلاشنىڭ ئۆزىلا بىزدىكى ئەڭ توغرا بولغان كۆز قاراش.
   مىللەت سۆيۈشنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر نەچچە مىسال:
   1. ئىقتىساد بولۇش. ئىقتىساد بولغاندا داۋاملىق بىلىم ئالغىلى، پەرزەنتلىرىمىزنى ياكى ئەتراپىمىزدىكى بىلىمگە تەشنا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى داۋاملىق ئوقۇتقىلى بولىدۇ. شۇڭا پۇل تاپايلى، ئۆزىمىزگە ماس كەلگەن ياكى ماس كەلمىگەن دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن، ھالال پۇل تېپىشنىڭ يولى بولسىلا، پۇل تاپايلى. ئۆيىمىزنىڭ توك يوللىرى ياكى تۇرۇبا يوللىرى بۇزۇلۇپ قالسا، شۇ ھامانلا كالدىرلايدىغان «ئۇستا»لارنى تېپىپ كېلىپ، ئۆزىمىز شۇلارنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپ، ئىش قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز قىلايلى. شۇلار تۇتقان ئامبۇر، بولقا... دېگەنلەرنى سىز بىلەن مەنمۇ تۇتالايمىز. شۇلارغا بەرگەن پۇلنى يانچۇققا سېلىپ، يېنىمىزنى چىڭدايلى.
   2. ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي قائىدە-يوسۇن، ئەدەپ-ئەخلاقلىرىدىن چەتنىمەيلى، «باشقا»لارنىڭ ئالدىدا ئۆزلۈكىمىزنى، مىللىي خاسلىقىمىزنى ساقلايلى. ئەر سانالغان قېرىنداشلىرىمىز خانىم-قىزلىرىمىزغا ئىگە بولايلى، شۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرايلى. خانىم-قىزلىرىمىزمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى دۇنيا ئىكەنلىكىنى، «مېھمان» سانالغان بىزلەرنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن «قايتىپ»، ھېساب-كىتاب قىلىنىدىغىنىمىزنى، مۇشۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە «باشقا»لارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمايلى.
   3. ئاپتۇبۇس ياكى باشقا ئاممىۋىي سورۇنلاردا «باشقا»لارغا ياخشى تەسىر بېرەيلى. مەسىلەن، ئاپتۇبۇستا قېرىلار، بالا كۆتەرگەن ياكى ھامىلىدارلارنى كۆرگەندە، مىللەت ئايرىماستىن شۇلارغا غەمخورلۇق قىلايلى. شۇنداق قىلغاندىلا، بىزنىڭ مىللەتچى مىللەت ئەمەس، بەلكى، قائىدە-يوسۇنلۇق، ئەخلاقلىق مىللەت ئىكەنلىكىمىز باشقىلارغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
   4. توختىماستىن ئۆگىنەيلى. ھازىرقى جەمئىيەتتە بىلىمسىزلەر ھامان چېنىپ قالىدۇ.
   5. ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تەشۋىق قىلايلى. ناچار سۈرەت ياكى كۆرۈنۈشلىرىمىزنى تور دۇنياسىدا ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، مۇشۇ ئاشكارىلاشنىڭ پايدا-زىيىنىنى ئوبدان دەڭسەيلى. بۇنىڭ ئەمەلىي مىسالى : 2008-يىلى تورلاردا يېيىلىپ، ئاخىرىغا بارغاندا خەنزۇ بەتلىرىدە كۆرۈش رېكورتى ياراتقان «ئانىسىنى خارلىغان ئايال» كۆرۈنۈش.
...
   بۇ تېمىدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق توختالغان ئىدىم، شۇڭا قالدۇرۇپ قويدۇم./viewthread ... mp;amp;page=2#27256
   ئەسلىدە تېخىمۇ تەپسىلىي يازغۇم بارئىدى، ئۆيدە مېھمان بار بولغانلىقتىن، كاللامغا دەماللىققا كەلگىنى بويىچە يېزىپ تۇردۇم، پىكىرلىرىم چۇۋالچاق بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،
مەن بۇ تېما ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇپ شۇنداق سۆيۇندۇم ،،،دېگەنلىرىمىز قەتئى بىر لوزۇنكا ياكى شۇئار بوپ قالمىسۇن ،،ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ ھەر تۇرلۇك ئۇسۇلى،،،،ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ  ئەمەلى ھەركىتىگە ئايلانسۇن،،،،دېگەنلىرىمىزنى ئەمىلىيەتتە نامايەن قىلايلى ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

دائىملىق ئەزا

بۇ سەپەردەمەن ئى

UID
1930
يازما
595
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
19803
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 12:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 19قەۋەتتىكىuyghurzade يوللىغان 2010-12-13 01:52 غا قارتىلغان  :
  ختابىمىز شۇكى، بىزگە خەلقىنى ئابستراكىت يوسۇندا سۆيىدىغان ئادەم لازىم ئەمەس!
.......
كۆپ گەپ قىلىشنى راۋا كۆرمىدىم،مېنىڭمۇ دەيدىغىنىم: بىزگە خەلقىنى ئابستراكىت يوسۇندا سۆيىدىغان ئادەم لازىم ئەمەس!

تەپەككۇرنى قىلىمەن كومپاس،ئەمەلىيەت ماڭا بىر جەڭگاھ. ئېتىقادىم قوللايدۇ مېنى،ئۆزلۈكۈمگە سالغاچ ئارامگاھ... ئۇيغۇربەگ يۈكسەلمەكتە... http://www.uyghurbeg.net

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
840
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
34797
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم،كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!!
كۆڭلۈم تۇيغانتى،كېلىشىڭىز بىلەنلا ئەلكۈيىدە"بوران"چىقىدىغانلىقىنى...[s:2]
بۇ قېتىم "ئۇيغۇر"ئۈچۈن ياشاۋاتقان يۈرىكىڭىزدىكى "بوران"دىن ئەلكۈيىگە ئېلىپ كەپسىز.ئالدىنقى نۆۋەت سىزنىڭ ئەلكۈيىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزدا مەن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئالدى-كەينى ئون كۈن ئۆپچۆرىسىدە تورغا چىقالمىغانتىم. كېيىن كىرسەم سىز چىقىپ كېتىپتىكەنسىز. قىزىقىش بىلەن سىزنىڭ قالدۇرغان ئىنكاس،پىكىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىدىنلا ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن ھەقىقى يۈرىكى تىپچەكلەيدىغانلار ھاياجانلانغۇسى....
قارىسام تېمىڭىزنى يانداشقان ھالدا ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-قاراش ۋە ئىپادىلىرىنى قالدۇرۇپ ئۆتۈپتۇ. سىز قالدۇرغان ھەممە نۇقتا ئەلۋەتتە ھەممىمىز پىكىر قىلىشقا،ئويلىنىشقا،سىلكىنىشكە تېگىشلىك بولغان مەسىلىلەر ئىكەن.بۇنى ھەممەيلەننىڭ پىكىر-ئىنكاسلىرى شۇنداقلا تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن قەلبىمىزدە قوزغالغان ھاياجانلىق شۇنداقلا سىلكىلىنىشلىك تۇيغۇلاردىن بىلىۋالغىلى بولۇدۇ. يەنە ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ھەممە نۇقتىدا بىر-بىرلەپ پىكىر تەھلىل ئېلىپ بېرىۋىتىپسىز. شۇ قاتاردا مېنىڭمۇ ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغۇم كەلدى.(مەن كونكىرىت نۇقتىلاردا تۇرۇپ پىكىر قاتتىم خالاس)
1.مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنى ئۆزىمىزنىڭكىلەردىن سېتىۋالساق_بۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ ئېيتقاندا كۆپىنچىلىرىمىزدە راستىنلا ئۆزىمىزنىڭكى نەرسىلىرى ناچار دىگەن خاھىش بەكلا ئېغىر.مەنمۇ شۇنداق قارايمەنكى بىز داڭلاپ كۆككە كۆتۈرۈپ كەتكەن "باشقىلار"نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇنچىلا ئېسىل سۈپەتلىك بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. بىر نۇقتىنى ئويلاپ قويايلىكىن بەلكىم بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىشلىگۈچىلەر بىزگە ئوخشاش ئۆز پۇشتىلىرىنىڭ قوللىماسلىقى سەۋەبىدىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان تاپالماي سېلىنما مەبلىغىگە قارىتا ئالغىنى تايىنلىق بولۇپ تېخىمۇ ئارقىغا داجىپ كېتىشى شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈمىد قىلغان قىممەت باھالىق ساپ تەركىبلەرنىڭ ئورنىغا ئەرزانراق بولغان سۈپىتى تۆۋەنرەك تەركىبلەرنى قېتىپ قېلىشى مۇمكىن.ئەكسىنچە بىر قېتىمدا نامىنى چىقىرىۋالغان ئۆزگە مەھسۇلاتلار بولسا 'بىر ياخشى مەڭگۈ ياخشى"دىگەن ئاجىز ئىدىيەرىمىزنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ بىز ئىشەنىچسىز دەپ قارىغان ئاشۇ  ئۆزىمىزنىڭكىلەر ئېقتىساد سەۋەبى بىلەن قوشۇشقا مەجبۇر بولغان ساختا تەركىبلەرنى ئېقتىسادلىق تۇرۇپمۇ قوشۇپ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋىرىشى مۇمكىن. ئىمكان بولسىلا بىز ئۆزىمىزنى قوللاپ بېرەيلى!!
2.ئىجتىمائىي ئىنكاس قالدۇرۇش ئېقتىدارىمىزنى ساقلاپ قېلىش_ئىنكاس قايتۇرۇش دىگەنلىك ھەرگىز كۈنلۈكتە نۇقۇل ھالەتتە ئۇيغۇرىمىزنىڭ ناچار تەرەپلىرىدىن ئاھ،زار ئېيتىپ قاخشاش،يىغلاش،سۆكۈش..بۇ ئارقىلىق ھاياتلىق كۈچى يېڭىدىن ئۇرغۇۋاتقان،يېتىلىۋاتقان مايسىلارغا نىسبەتەن "مېنىڭ بۇ مىللىتىم نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتكە ھامىلدار مىللەت؟؟"دەپ شانلىق تارىخ،شانلىق مەدىنىيەت،ئېتىقاد دىگەنلەرنى بىلىشكە قىزىقماي ئەكسىنچە ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا "يىغلاڭغۇ،كۈچسىز ئۇيغۇر"ئىكەنلىكىدىن نۇمۇس قىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويۇش دىگەنلىك ئەمەس. مىڭ سۆزلىگىنىمزىدىن بىر قېتىملىق ئەمىلىي ئىش -ھەركىتىمىزنىڭ ئۆزى بىزنىڭ قايتۇرغان ئىجتىماىي ئىنكاسىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. مەسىلەن كوچىدا مەس ھالەتتە دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنى،كالتە،بەدىنىڭ يېرىمى ئوچۇق بولغان كىيىم كىيىۋالغان قىزلارنى كۆرۈپ يېنىدىن "بەز يىگەن مۈشۈكتەك"كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىپ ئۆتۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە ھەممە مىللەتنىڭ مەدىنىيەت نۇرلىرىنى تارقاتقۇچى تور ۋە ياكى قانداقتۇر مۇنازىرە سورۇنلىرىدا ۋايساپ،تىللاپ يىغلاپ دىگەندەك ئىنكاس قايتۇرساق ئۇ ھەرگىزمۇ بىزگە يۈكلەنگەن ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا كىرمەيدۇ.ئاشۇنداق غەزىپىڭىزنى قوزغايدىغان ئىشلارنى كۆرگەندە جاننى سۆيۈندۈرۈپ ئۇلارنى كۈچلۈك نەپرەتلىك قاراشنىڭ زەنجىرىگە باغلاپ تۇرۇپ سىلكىنىش ئورىسىغا ئىتتىرەلىگەندىلا مانا بۇ سىزدىكى ھەقىقى ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇيغۇرۇمنى سۆيۈش ئۈچۈن بىر قەدەم باسقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىدا گەپ قىلماي"تاڭگا چىشلىۋالغان"دەك ئۆتۈپ كېتىپ مۇشۇ توردا ئاھ-ۋاھلاپ يازما يېزىپ باشقىلارنىڭ"ئاھ،،ئۇيغۇرنى سۆيگەن يۈرەك..ياشاڭ..ھەممە سىزدەك بولسىچۇ.."دىگەندەك ئىنكاسلىرىغا مەس بولۇپ تەمەننا ئىلكىدە غادىيىپ پۇرقۇرىتىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇرغانلارنىمۇ كۆپ كۆرگەنمەن.ماڭىمۇ ماۋۇ گەپ بەك ياقتى:بىزگە ئۇيغۇرنى ئابىستىراكىت سۆيۈدىغان ئادەم لازىم ئەمەس.
3.يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛
يېنىمىزدىلا سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بار.بىز ئۈچۈن ئەسلىدە "ئۇيغۇر"ئېتى بار"ئۇيغۇر "قېنى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا سۆيۈملۈك . بىراق بۇ خىل سۆيۈنۈش ۋە سۆيۈملۈك ھېس قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئوخشىمايدۇ. سۆيۈش سۆزىنى بىز پەقەت كىتابىي ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملار بىلەن چۈشۈنۈۋالساق بولمايدۇ. سۆيۈشنىڭ ئەڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى بىزنىڭ كىچىككىنە ئىش-ئىزلىرىمىزدا،گەپ-سۆزلىرىمىزدە ئىپادىلىنىپ تۇرۇدۇ. مەسىلەن ئاپپاق ساقاللىق مويسىپىتلارنى كۆرگەندىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىزدىن چوڭ بولغان كىشىلەرنى كۆرگەندە قولىڭىزنى كۆسىڭىزگە قويغان ھالدا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"دەپ جاراڭلىق ھالدا سالام قىلىش،ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەرنى كۆرگەندە ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىش..قاتارلىقلارنىڭ  ئۆزىمۇ ئۇيغۇردىكى ئەدەب-ئەخلاق ئەنئەنىسىنى جۇلالاندۇرۇپ ئۇيغۇرنى سۆيۈشنىڭ بىر ئىپادىسى. قىسقىسى ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا گەرچە بىر ھويلىدا بىر قورۇدا ياتقاب بولسىڭىزمۇ"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا،ئاپا"دەپ سالام قىلىشمۇ سۆيۈشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.بۇ خىل سۆيۈشتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتىن ،سۆيۈنۈشتىن تىپچەكلەيدۇ،كىچىكلەر بولسا تەلىم-تەربىيە ئالىدۇ. ھەممە نۇقتىدا كوچا-كويدا ئاممىۋى سورۇندا ئۆزىمىزدىكى بارچە گۈزەل خىسلەتنى جۇلالاندۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىزدىكى ئېسىل ئەخلاق مەدىنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى. سىز بىر ھەركىتىڭىز بىلەن شۇ ئاددى نۇقتىدا تۇرۇپ "ئۇيغۇر"نىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەب-ئەخلاق نۇقتىسىغىچە دىققەت قىلدىڭىز دىگەن گەپ ئۇيغۇرنى سۆيدىڭىز دىگەن گەپ.ماڭا مۇنداق بىر ئىش شۇنداق تەسىر قىلغان. مەلۇم بىر تويغا بېرىپ كېلىۋىتىپ تار كوچىدىن چىقىۋاتقاندا ئالدىمدىلا كېتىپ بارغان كىيىنىشلىرى ناھايىتىمۇ ئۆزگىچە ئېسىل بولغان ئىككى ئايالنىڭ (بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان)كوچا دوقمۇشىدا ئولتۇرغان ئىككى ئاقساقالنىڭ ئالدىغا بارغاندا مەن كۈتمىگەن ھالدا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"دەپ بېشىنى ئىگىپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ يېرىم ئىگىلىپ تۇرۇپ  سالام قىلىشى. راست گەپ قىلسام ئۇلارنىڭ زامانغا لايىق ياسىنىۋالغان تۇرقىدىن ئۇنچىلىك ئەدەب-قائىدەنى بىلىشى ناتايىن دەپ ساددىلارچە خىيال قىپتىكەنمەن.ئۇ ئىككىسىنىڭ كەينىدىن ياشانغان مويسىپىتلارمۇ،مەنمۇ قايىللىق ۋە پەخىرلىنىش بىلەن قاراپ قالغان ئىدىم.مانا قاراڭ،تاشقى قىياپەت قالدۇرغان تەسىر ئاشۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەدەب ئۆلچىمىمىزگە تۇتقان مۇئامىلە تۈپەيلى قايتىدىن ئوڭشالدى.مانا بۇنىڭ ئ؟زىمۇ ئەتراپىمىزدىلا سۆيۈلۈشكە سۆيۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداقلا گەپ-سۆزنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ۋەزنىنى بىلدۈرۈپ تۇرمامدۇ؟؟
داۋامىنى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللايمەن. بىر ماتىرىيال يوللايدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى..

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        3-نۇقتىنى شەرھلەشتىن بۇرۇن مۇنداق بىر قانچە ئىش ھەققىدە ئەسكەرتمە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
         بىرى، بۇ يەردە ھېچكىم ھېچكىمگە قېلىپ، چەك بېكىتىپ بېرىۋاتقىنى يوق؛ بەلكى، بىز بۇ يەردە ئەمەلىي ھەرىكەت مۇمكىنىچلىكىنى، بىر ئىشتا قىلغىلى بولدىغان ئىمكانيەتنى مۇھاكىمەگە قويۇۋاتىمىز.  ھايات دېگەندە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەل قىلىدىغان مىزانىمىز، پرىنسىلىپرىمىز  ۋە خاس ئۇسۇللىرىمىز بولۇشى كېرەك. پرىنسپسىز، مىزانسىز ئادەم،  ھەممە ئادەمگە ياخشى بولىمەن دەيدىغان ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس. شۇڭا بۇنداق تېمىلاردا بىزنى ياقتۇرمايدىغان، قاراشلىرىمىزغا سوغۇق كۆزدە قارايدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى ئىنتايىن تەبئىي ئەھۋال. بىز ھەر نېمە بولسا مېنى ھەممە ئادەم ياخشىكەن دېسە، دېگەن ئوينىڭ بىر ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشمىز  لازىم. باشقىلارنىڭ بىزنى ياقتۇرماسلىق ھوقۇقى بولغىنىدەك بىرنىڭمۇ ئۇلارغا مىيغىمىزدا كۈلۈپ قويۇش ھوقۇقىمىز بار. قىممەت قاراش توقۇنۇشقاندا، بۇنداق ھادىسەدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
         ئىككىنچى، مەھزۇن قېرىندشىمىز بەكمۇ ئورۇنلۇق بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئەسلى مېنىڭ ئۇنىمۇ باشتىكى نۇقتىلار قاتارىغا تىزغۇم بار ئىدى. بىراق، "ئايدىكى ئىت" تېمىسىدا ئۆزىنى تونۇش ، ئەقىدە ۋە باشقا يانداشما نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ بولغىنىم ئۈچۈن ۋە باشقا ئوبيكېتىپ بىر سەۋەبنى ئويلىىشپ بۇ نۇقتىنى بۇ يەرگە تىزمىدىم.ئەقىللىق تورداشلار ئۆزى چۈشىنىەر ۋە شۇ تېمىغا كىرىپ ھېس قىلىۋالار.يەنە كېلىپ مەن دەپ بولغان گەپنى قايتا چايناشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.
       ئۈچىنىچى، ئۆزىدىن ياتلىشىش شۇنچىلىك دەھشەتلىككى ۋە بىزدە ئەشەددىي يامرىغان شۇنداق بىر ھادىسىكى، ئەسلى كىملىكىدىن، يىلتىزىدىن ياتلاشقان ئادەملەر  ئۆزىنى قەتئىي تونۇماس بولۇپ قالىدۇ ۋە ھەتتا بىراۋ ئۇنىڭغا  ئەسلى ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بېرىۋاتسا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئىنتايىن بىمەنە ۋە يېقىمىسىز ئىشتەك بىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەملەر ئەمەليەتچىلىك تەلەپ قىلدىغان بۇنداق تېمىنى سوغۇق نەزەردە كۆزىتىدۇ ۋە ئەھىمىيەتىسىز ھېس قىلىدۇ. ئەمما، مەن نەچچە ئون يىل ئويلىنىپ، كەچۈرمشىلەردىن ساۋاق ئالدىم. چوڭ بىلگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاغزىمىزدىكى بىر شوئار ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. مىللەت ھەقىقىدىكى نۇرغۇن ساماۋي ئارزۇلارنىڭ  بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ۋە ئۆزۈمدىن "ئەتراپىمىزدىكى ئىمكانىيەتلەردىن لايىقىدا پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالشىمىز مۇمكىن" دەپ سورىدىم. بۇ ئەمەليەتچانلىق تەلەپ قىلدىغان سوئال ئىدى. بۇ تېما ئەنە شۇنداق ئوي ۋە تۈرتكەنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى. بەزى نۇقتىلار تاكى ئىنچكە يېشىلمىگىچە  بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز نېمە دېمەكچى بولغانلىقمنى ۋە باشقا نۇقتىلارنى قويۇپ نېمىشقا شۇ نۇقتىلارنى مۇھاكىمەگە قويغانلىقمنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن. ئالدرىمىساق ئۇمۇ يېشىلىپ قالار.
    تۆتىنىچى، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلدىغان  تېمىلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار بەلكىم "ئۇيغۇرزادە نېمانداق ئاددىي تېما يېزىپ قالغاندۇ؟" دەپ ھەيران بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىزدىنشىچان ياشلارنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كۈچ، بىلىم، سەۋىيە كېتىدىغان تېمىلارنىمۇ  يوللايمەن. ئەمما، ھازىر ئەمەس. ئاستىراق كېلەي. كېيىنچە "بۈيۈك مۇتەپپەكۇرلارنىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرىش: ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن گىگانتىلار"، "ئېنگلىز تىلى ۋە خاسلىق"، "يازما ئەدەبياتىمىز پىكىر يېڭىلاشقا مۇھتاج"، "ئەدەبىيات نەزەريىسى ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە غەربتە نېمە يېڭى گەپ؟" دېگەن تېمىلارنى يوللايمەن(كېيىنكى ئىككى تېما ئەھۋالغا قاراپ بېقىپ، يا يازغۇچىلار تورىدا يا ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىنىدۇ). شۇڭا كەسپلەر توغرۇلۇق  يېڭى گەپ ئىزدەپ كىرگەن قېرىنداشلاردىن بۇ ئاددىي تېمىدا ئەپۇ سورايمەن.
      يەنە بىرسى، يېقىندا يېڭىدىن قۇرۇلغان يازغۇچىلار تورى بەك ياخشىلىنىپ كەتتى. نۇرغۇن ئوقۇرمەن كۆرۈشنى، پىكىرلشىىشنى خالايدىغان داڭلىق ئەدىبلەر شۇ مۇنبەردە بار. ئەسەر يوللاپ ياكى كىرىپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزئارا قوللايلى. بولسا، ئەلكۈيى تورى ئۇ مۇنبەر بىلەن دوستلۇق ئورنتىىپ، ئەدبىلەرنى بۇ مۇنبەرگىمۇ جەلپ قىلىپ ئەكرىشىنىڭ يولىنى قىلسا.
   يېڭى ئېچىلغان يازغۇچىلار تورىنى تەشۋىق قىلىپ قويايلى، زىيارەت قىلايلى. نۇرغۇن ياىشى تېما بار. ئۇلىنىشى مانا:
http://www.xjzjxh.com/bbs/Index.aspx

4. يېنىمزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛
ئىككى سائەتتىن كېيىن يوللىنىدۇ.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
5382
يازما
46
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1336
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 15:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8. ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش؛
بۇنى داۋاملىق تولۇقلاش كېرەك.
ھەر زامان ھەر ماكاندا ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىزدىكى ئىشسىزلىقمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. مەسىلەن: مەلۇم ئىدارىگە ئىش بىجەرگىلى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە سۆزلىسە ھەم خەنزۇچە يازسا، ئۇ يەرگە يەنە ئۇيغۇر خادىمنى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ!؟
ئىمزانى ئۇيغۇرچە قويايلى!
قارشى تەرەپ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈنجى گېپىمىز ئۇيغۇرچە بولۇشى كېرەك. بەزى ئۇيغۇرلار خەنزۇچىنى تۈزۈك بىلمىسىمۇ، تىلىنى تەتۈر چايناپ، قىينىلىپ تۇرۇپ مەقسىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھازىرغىچە ئىدىيەرىمدىن ئۆتمەيدىغىنى،  خەقنىڭ تىل بىلمەسلىك ئازابىنى نېمە ئۈچۈن بىز تارتقۇدەكمىز!؟

ئىشتاپ خىزمەت ئۇچۇرلىرى تورى www.ishtap.com/

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 17:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ يوقۇرىدا تەكىتلەنگەن نۇقتىلارنى دېگۈم يوق. پەقەت بۇ ھەقتىكى ئۆز پىكرىمنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقماقچى!

مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنە شۇنداقمۇ بىر نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزگىلا ئەمەس، ئۆز قەۋمىڭىزنىڭ ئەزاسى بىر پارچىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە شۇ قەۋىمنىڭ باشقىلار نەزىرىدىكى بىر ۋەكىلىسىز، شۇڭا باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىڭىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تونىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئوغرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى قىلمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئوغرى مىللەت دەپ ئاتالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىشنى توغرا تاپتىم.

يەنە بىرى ئۆزىڭىزنىڭ تارىخىنى بىلىش، يەنى ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەردار بولۇشمۇ سىزنىڭ بىر مىللەت سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى سىز تارىخنى بىلسىڭىز بۈگۈنگە باھا بېرەلەيسىز، ئۆتمۈشكە يۈزلىنەلەيسىز.(بۇ كىمنىڭ گېپى بولغىيدى ئەمدى.)

قالغانلىرىنى يەنە باشقا ئىنكاس سۈپىتىدە باشقا يوللايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش