2011-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى
كىتاب ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە يېزىۋېتىپ بىردىنلا قىزققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 2011-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى يوللاپ قويۇش ئېسىمگە كەلدى. بۇ كىىتابلار ئەتراپىمزدىن تېپىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىدا چىققان قانۇنلۇق كىتابلاردۇر. بەزىلىرى شىنىخۇا كىتابخانسىدا بولمىسا، خۇسۇسىي كىتابخانىلاردا ياكى كۇتۈپخانىلاردا تېپىلىدۇ.
كىتاب ئوقۇشتىمۇ پىلان بولۇشى كېرەك. ئەمما، ھەر كىمنىڭ قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ھەممە ئادەم ئوقۇشقا تېگىشلىك ،بىزگە ئەقىل ئۆگىتىدىغان، ئادىمىيلىك تەربىيىسى ياكى ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدىغان كىتابلاردۇر.بەزى كىتابلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئۆزىمىزنى تونۇش مەىسلىسىدە بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
كىتابلارنى تاللاشىتىكى مېتودىم مۇنداق

1) قانۇنلۇق چىققان بولۇش؛ (2) كۆپنىچە ئاكتىپ ئوقۇرمەن داڭلىق رومانلىرىمزىنى ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغىنى ئۈچۈن، ھەم ئەدبىلرىمىز ئارىسىدا مېنىڭكىنى تىزماپتۇ دەپ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدا چىققان ، ھايات ئۇيغۇر ئاپتور يازغان ئەسەرلىرىنى تىزماسلىق(ئەمما دۇنياۋىي كلاسسىك رومانلارنى تىزىش)؛ئەمما، بىر قىسىم تارىخي شەخسلەرنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاپتورى ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تىزىش؛ (3) تەپەككۇر قوزىتالايدىغان، ئەقىل ئاتا قىلىدىغان، كونا بىلىملەرنى يېڭىلايدىغان، بەختلىك ياشىشمىزغا ياردەم بېرلەيدىغان بولۇش؛(4) مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇش ئۆمۈرلۈك ھەم زۆرۈر ئىش بولغاچقا، ئۇ كىتابلارنى بۇ يەردە باشقا كىتاب بىلەن تىزىپ يۈرمەسلىك؛ (5) ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگنىپ شۇنىڭغا باراۋەر سەۋىيىگە يەتكەن قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇش؛) 6) تەلەپنى يۇقىرىراق قويۇپ، ئايدا تۆت پارچىدىن (ھەپتىدە بىر كىتاب ) كىتاب توغرا كېلىش؛ (7) 2011-يىلنى 2015يىلغىچە بولغان تۇنجى تۆت يىللىق ئىلمىي تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇپ ئېنېرگىيە تولۇقلاش يىلى قىلىش؛ (8) زېركىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئايدا ئۆزىمىزنى تونۇتىدىغان بىر كىتاب، تەپەككۇر كۈچايتىدىغان بىر كىتاب، ئېستېتىك بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدىغان بىر كىتاب ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن يەنە بىر كىتابنى گۇرۇپپلاپ ئوقۇش؛
بەزىلەر جىقكەن دەپ قالسا ئۆزى ئازايتىپ ئېيىغا ئىككىدىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ھازىرقى ئوقۇرمەن كىرزىسى بىزدە بەك ئېغىر بولغاچقا، ئايدا كەم دېگەندە ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇمىساق بولمايدۇ. شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، بۇ پەقەت مېنڭ تەكىلىپ لايھەرىم. باشقىلارنىڭ 12 ئايلىق كىتاپ پىلانى باشقىچە بولسا تۈزۈپ باقسا بولىدۇ. بەك سەۋىيەلىك كىتاب ئوقۇيدىغانلار بولسا ۋە ياكى بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغانلار بولسا باشقا كىتابلارغا مۇراجىئەت قلىپ ئۆز ئالدىغا تىزىملىك تۈزسە بولىدۇ. لېكىن، كىتابنى 2011-يىلدىن باشلاپ پىلانلىق ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈەيلى. يەنەدەيمەنكى، پىلانلىق ئادەم پلانسىز ئادەمدىن بەكرەك يىراققا ئۇزايدۇ.
كىتابخانلارنىڭ ئوقۇشىقا ئاسان كىرىشۋېلىشى ئۈچۈن تەسراق كىتابلار ئاخرقى ئايغا تىزىلدى، ئوقۇش ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيىغا بىردىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق كىتابى تەۋسىيە قىلىندى.
گۇرۇپپلاپ چېتىپ ئوقۇش لايېھەسى: 2011-يىللىق كىتاب ئوقۇش پىلانى(قانۇنلۇق چىققان كىتابلار)
يانۋاردا
1. ياخشلار باغچىسى؛ 2 .مەمەت ئاۋاق(قايتا ئوقۇيلى)؛ 3. ئىنىسانىيەت جەمئيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر؛ 4. قەلب خەرىتىسى.
فېۋرالدا
1. شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ؛ (2) ئۆكسۈش(كەرىمە نادىر)؛ 3. غەربنىڭ تەپەككۇرى؛ 4. مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم؟
مارتتا
1. مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ تەرجىمھالى؛2 مېنىڭ ئېتىم قىزىل ؛3. ئوشو پەلسەپىسى؛ 4. تەپەكۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش؛
ئاپرېلدا
1. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى؛ 2. يۈز يىل غېربلىق؛ 3. مۇتەپپەككۇرلار ساداسى؛ 4. قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ؛
مايدا
1. ھىدايەت گۈلزارى(بىرىنچى قىسىم)؛ 2. ئاننا كارېنا؛ .3. مەدەنيەتلەر توقۇنۇشى؛ 4. ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى؛
ئيۇندا
1. ھىدايەت گۈلزارى(2-قىسىم) 2. تىرىلىش؛ 3. سىياسىنىڭ رەزىللىكى؛ 4. سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز؛