ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 20:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ كىيىم -كىچىكىنى سىلىپ تېتىقسىز بىيىپ كەتكەن بىر دوستىمىز بار ...
بىر كۈنى قاتار چايدا سودا توغۇرلۇق پاراڭ چىقىپ قىلىپ ،قازاقلارغا مال سېتىشقا ئامراقلىقى ،ئۇيغۇرلار بىر نىمە سېتىۋالغىلى كىرسە شۇنداق بىزارلىق ۋە ھارغىنلىق ھالىتىدە بولدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى .توۋا دەپ تىخى ياقامنى چىشلىمەستىن بۇرۇن مەن ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغان بىرنى -ئۇزۇن بىرنى قىسقا تەتەن-پەتەن  كىيىنىدىغان دوستىمىز "نىمىشقا شۇنداق ؟"
دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئەدىپىنى بەردى.بىراق بۇ پۇل ئۇنىڭ مىللەتكە بولغان قارىشىنى شۇنداق ئۆزگەرتىۋىتىپتۇكى "بىز قازاقلارغا يىتەلمەيمىز "دەپ شۇنداق زىتىمغا تەگدى .
نەچچە قىتىملىق ئايەملىكنى شۇ دۇككاندىن ئالدىم. ھەرقېتىمدا ئۇيغۇر خىرىدارلارغا بولغان مۇئامىلسىنى ،ۋە قازاق مىللىتىگە بولغان مەدىھيىسىنى يۈزىگە سىلىپ تۇردۇم.

بىز كەسىپدارلارنى قوللىغان بىلەن بىزنى خۇش كۆرمەيدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا مەڭىدەيمەن.

ئۆزىڭنى بىل ،ئۆزگىنى قوي

UID
3600
يازما
108
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
3359
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 21:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە مائارىپىنى يۈكسەلدۈرش ...
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتتۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولىشى مۇمكىن . ئائىلەمائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئويلايدۇ ، بىراق يىتەرلىك بىلىم سەۋىيەسى ، تەجرىبىسى ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ، دەرىسلىك ماتىرياللىرى كەمچىل بولغاچ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قېلىۋاتىدۇ ... شۇڭا مائارىپ ساھەسىدىكى سەرخىللار بىلەن مۇشۇ ھەقتە بەلگىلىك ئىقتىدارى بارلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئائىلە مائارىپى ھەققىدە ئوقۇتۇش پىروگراممىسى تۈزۈش ، دەرىسلىك ماتىرياللىرى تۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ باقسا بولاتتى .نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ، ئىلىكتىرونلۇق كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلسىمۇ مەيلى...  ئېغىزدا ئۇنداق قىلىش ، مۇنداق قىلىش ھەققىدە نەزىريە سۆزلىگەندىن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەننىڭ ئەۋزەللىكىنى يۇقۇردا بىرقانچە تورداشلارتىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ ...

UID
2053
يازما
85
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2786
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 22:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى نەچچە كۈننىڭ ياقى كۈزىتىپ كېلىۋاتىمەن . مۇنبەردىكى ئۇستازلارنىڭ چوڭقۇر مەناغا ئىگە تېتىملىق ئىنكاسلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدىم ، مۇنازىرە ناھايىتى ياخشى داۋام ئەتمەكتە ، ھەم تېخىمۇ رەڭدارلاشقۇسى .
      تېمىغا قايتىپ كېلىپ مەنمۇ ئىككى قوۋۇز گەپ قىلاي .
    سۆيۈش - كەڭ ، تولىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئۇقۇم ، مېنىڭچە ئۇ قەدىرلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مۇشۇ قارىشىم بويىچە بولغاندا مىللەتنى قەدىرلەش - مىللەتنى سۆيگەنلىكنىڭ كونكىرت ئىپادىسى .
ھەر بىرىمىز مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقا ئەزالار تەرىپىدىن قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك دەپ قارىساقمۇ لېكىن بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش سەل تەمەخورلۇق تۈسىنى ئېلىپ قالغاچقا ، ئارزۇيىمىزنى ئىچىمىزدىلا ساقلاشقا مەجبۇرمىز ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
    مېنىڭچە قايسىدۇر بىرى ئېيتقان ‹‹ سەن ئاۋال ئۆزەڭنى قەدىرلەشنى بىل ، باشقىلار سېنى قانداق قەدىرلەشنى سەندىن  ئۆگىنىدۇ ›› دىگەن ھېكمەتنى مىزان قىلىپ ياشىساق دەپ ئويلايمەن .

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 22:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر زادە تىلغا ئالغان كىتابلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپتىمەن: ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە،  ئىسلام پەلسەپە تارىخى، بالدۇر ئويغانغان ئادەم، ئىسلامنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرى، ئاتىلار ۋە بالىلار، تارىخىي رەشىدىي، ھالاكەت، جىنايەت ۋە جازادىن 135 بەت ئوقۇپ، كىتاب يوق ئاخىرىنى ئوقۇيالمىغان، ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن، ياخشىلارنىڭ باغچىسى، مەمەت ئاۋاق، شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ، غەربنىڭ تەپەككۇرى، مەن ھەقىقەتنى قانداق بايقىدىم، مۇھەممەد ئەلەيىھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى، ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، يۈز يىل غېرىبلىق، ھىدايەت گۈلزارى-ئىككى قىسىم، ئاننا كارىنېنا ) ئاران بىر نەچچە باب ئوقۇدۇم تېخى، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى، ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى (كىچىك نۇسخىسىنى ) ، تىرىلىش -ئىككى توم، ئىسلام قىسقىچە تارىخى، ھەدىستىن ئۈنچە مارجانلار... قاتارلىقلار...

جىنايەت ۋە جازانىمۇ تاپالمايۋاتىمەن، تولۇق ئوقۇۋەتسەم بولاتتى...

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
356
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11417
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 22:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە تورداشلار نامىدىن  ئۇشبۇ تېمىغا ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن ئىشتىراھ قىلغان بارلىق تەپەككۇر ئېگىلىرىگە  تەشەككۈر ئېيتىمەن.
ئورتاق ئارزۇيىمىز:
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنە مەزكۇر تېمىغا ئوخشاش مەنىۋىيتىمىزنى بېيىتىدىغان ئەسەرلىرىڭلارنى  ۋە شۇ ئەسەرلەرگە توختاۋىسز ئەجىر قىلشىڭلارغا چوڭقۇر تىلەكداشمىز.

ئۇلۇغ ئاللاھ، رىياسىز ئىلمىڭلارنى زىيادا قىلغاي.

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 23:01:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇرزادەنىڭ كىتابلارنى تىزىشتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە تەپەككۇر قاتلىمىغا دىققەت قىلغىنىغا قايىل بولدۇم، بۇنداق تىزىش مەنچە ھەممىگە باپ بولۇشنى بەكرەك كۆزدە تۇتقان.
مەن دوستىمىزنىڭ بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش دېگەن تەشەببۇسىغا ئەڭ تەخىرسىز قوللىغۇچى. ئۆتكەندە ئىزدىنىشتە ئەفىفىي ۋە كۆكيال قېرىندىشىمىز ئوقۇغان كىتابلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى يېزىشقا باشلاپ بەك ئەھمىيەتلىك ئىشنى باشلىغان ئېىدى. مەنچە بىرلىكتە ئوقۇش ئەڭ موھىم، شەيخ سەئىدى ئۈچ نەرسىنىڭ ئاساسى بوش دەپتىكەن، بىرى قانۇنى يوق دۆلەت، يەنە بىرى مۇنازىرىسىز ئىلىم، ئۈچىنچىسى، تىجارەتسىز بايلىق. كىتاب ئوقۇشنى تەپەككۇرنى بېيىتىش ئۈچۈن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنسەك مۇنازىرىسىز مەقسىدىمىزگە تولۇق يېتەلمەي قالىمىز. بىرلىكتە كىتاب ئوقۇشنى مەن كىتابنى مۇنازىرىلىك ئوقۇش دەپ چۈشەندىم. ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتە بىزدە ئەڭ كەم ۋە ئەڭ تەخىرسىز يېتىلىشى كېرەك بولغان روھ ھەمكارلىق، مۇنازىرىدۇر.

فاخرۇ ئىسىملىك توردىشىمىز ئېيتقاندەك ئائىلە مائارىپىمىز ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەندىزىگە، دەرسلىككە، ئىددىيەگە مۇھتاج. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرزادىنىڭ مۆرىتىدە ئەتراپلىق توختىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەگەر بۇ ھەقتە تەييار لايىھەلىرى بولغان دوستلار بىلەن ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 00:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ئۇيغۇرزادە تىزغان يۇقارقى كىتابلاردىن باشقا تەۋسىيلىك كىتابلارنى كۆرۈپ باقماقچى بولساhttp://www.meripet.org/ غا كىرىپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. بۇ توردا كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش ھەققىدە تەپسىلى تەلەپ ۋە شۇ تەلەپلەر بويىچە يېزىلغان كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىگە بېرىلىدغان مۇكاپات ھەققىدە ئۇچۇر بار.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ھاجەتمەن

UID
6636
يازما
32
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1053
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 20:04:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەتىگەن ئىشقا كىلىپ تۇرۇشۇمغا بىر يېقىنىمدىن كەلگەن تېلىفۇننى ئالدىم . سالام - سائەتتىن كىيىنلا  يېقىنىم ، "ۋاي ئۇيغۇرزادە قايتىپ كەپتۇ ، دەرھال ئەلكۈيىگە كىرىڭ  " دېدى. شۇ ھامان كومپىيۇتىرنى ئاچتىم . بىر بەلەن ئېچىلۋاتقان بۇ تور ئۈچىنچى بەتكە كىلىپلا ئېچىلماي قويدى. تىت - تىتلىق ، جىدىديلىقتا مۇنبەر ئارلايدىغان يېقىنلىرىمغا نەچچە تېلىفۇن قىلىپ كەتتىم تور ئېچىلمىغانسىرى. ئاخىرى ئېچىلدى. يا ئاللا  ئەلكۈيى مۇنبىرى، ئۇيغۇرزادە نىمانچە مېھىرلىك سىلەر دەيمەن ، سىلەرنى راسلا قىزغىنىپ تۇرۇپ سۆيىدىكەنمەن مەن. تور ئېچىلسىلا تېلىفۇن قىلىشىمىز دىيىشكەن يېقىنلىرىمغا گەپمۇ قىلماي بۇ سۈيۈملۈك تېمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ئىشتىن چۈشكىلى نەۋاق  ، ئەمما  ھاياجىنىمنى باسالماي بۇ يەردە تاقا - تۇققا گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. پىكىرلىرىمنى ئەتىگىچە ئالدىرماي يازمەن ، ئاۋال بۇ بەتتىن ئورۇن تۇتىۋېلىپ ئاندىن پىكىرىمنى قاتناشتۇرمەن.
ئۇيغۇرزادە قايتىپ كەپسىز ، ئەمدى كىتىپ قالماڭ ئالدىراپ ، سىزدىن سورايدىغان جىق گەپلەر بار تېخى . تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئىنسان ھاجەتمەن بولغاچقىلا ياخشلىق قىلىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

مەڭگۈ ئۆزەڭنى يو

UID
1988
يازما
99
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
3506
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 22:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر پىكىرى بىلەن مۇنبەرگە .ئەقىل- ئىدراك ئۇرۇقىنى چاچقان ئۇيغۇرزادقا ئالدى بىلەن تەشككۈر ئېيتىمەن، كۈندىن –كۈنگە سارغىيىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر تور بېتىدە مۇشۇنداق ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان،پىكىر قىلىشقا يېتەكلەيدىغان ئاكتىپ تېمىلارنىڭ كۆپرەك چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز، بىراق سۆيۈش ئۇسۇلى ھەققىدە بەلكىم باش قاتۇرۇپ چوڭقۇر ئويلاپ باقمىغاندىمىز.بۇ ھەقىقەتەن ھەممەيلەن ئورتاق باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىش.
مەن بۈگۈن ئۇيغۇرزادنىڭ ئۆزىمىزنى سۆيۈشتىكى 20 خىل ئۇسۇلدا كۆرسىتىلگەن 3-مەزمۇن ھەققىدە ئازراق سۆز قىستۇرۇشنى توغرا تاپتىم.
يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛
ئىلگىرى مۈنبەردە مەن << مۇئەللىم مەن ئوقۇشتن ۋاز كەچتىم!>> تېمىسىدا ھىكايە يازغان ئىدىم. ھىكايەمدە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن قانداقتۇر ئوقۇتقۇچىنى سۆكۈش ئەمەس بەلكى،ئەرلەردىن ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەن  قىز-ئاياللارغا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇلارنى ئاسراشنى ، قولىدىغان كېلىدىغان ئىشلار بىلەن ئۇلاردىن نەپ ئۈندۈرۈش كويىدا بولماسلىقىنى ،نەپسانىيەتسىز، شەخسىيەتسىز ھالدا ئاچا سىڭىللىرىدىن ياردىمىنى ئايىماسلىقنى، كىچىكىننە ياردىمى ئۇچۈن ئۇلارنى گۇناھ يولىغا، ئەخلاقسىزلىق كوچىسىغا باشلاپ كىرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش ئىدى.
ئىنكاسقا ئىنكاس يېزىنى ياقتۇرۇپ كەتمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھىكايىگە بېرىلگەن ئىنكاسلارغا سۈكۈت قىلدىم. كېيىن ئۇيغۇرزادنىڭ بۇ تېمىسنى ئوقۇپ ئىچىمدىكى بۇ ئوي –خىياللار يەنىمۇ كۈچەيدى،  ھاياتلىقتا تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن بىر –بىرىمىزنىڭ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بېرىشقا  مەجبۇرمىز. بىر كۈنلەردە ساقچىنىڭ، بىر كۈنلەردە ئوقۇتقۇچنىڭ، بىر كۈنلەردە دوختۇرنىڭ، بىر كۈنلەردە ئادۋۇكاتنىڭ، بىر كۈنلەردە پۇلدارلارنىڭ... دىگەندەك.
ئەگەر  ھەممىمىز ئوز ئورنىمىزدا ئالدىمىزغا ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ھىچبىر تەمەسىز ھالدا ياردەم قىلالىساق ئىدۇق، كۆڭۈلدىن كۆڭۈللەرگە يول تۇتىشىپ ، بۇ يوللار تېخىمۇ زەنجىرسىمان كېڭىيىپ، يوللىرىمىز ھازىرقىدىن راۋان، ئەخلاقىمىز ھازىرقىدىن پاكىز بولار ئىدى.
ئۇيغۇرزاد ئېيتقاندەك:<<ھەركىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىنى ئويلىنىپ تۇرۇش>>ىمىز كېرەك. قارىماققا ناھايىتى ئاددى بىلىندىغان بۇ سۆز مېنى چوڭقۇر ئوي-پىكرلەرگە سۆرەپ كىردى، ئويلىماي قىلغان ئىش ھەركىتمىز بىر بولسا يامانلىق بىر بولسا ياخشىلىق كەلتۈرىدۇ.
بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەن قىز ئاياللىرىمىزدا بۇ سۆزنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر، ھاجەتمەن بولۇپ سارغىيىپ تۇرغان شۇ قىزلار ياكى ئاياللارنى ھاياسىزلىق، ئەخلاقسىزلىققا باشلاشتىن بۇرۇن شۇنى ئۇنۇتماڭ: بىر كۈنلەردە سىزنىڭ ھەدە سىڭلىڭىز ياكى قىزىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بېرىپ قېلىشى مۈمكىن.

ئويلىغانلىرىم ناھايىتى جىق ئىدى، ۋاقىت يار بەرمەي قويدى داۋامىنى داۋاملىق يوللاپ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

نۇر چېچىشنى بىلمىسەڭ مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ ياشايسەن!

UID
4470
يازما
185
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3245
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-4
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-16 23:00:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن دېسە.تولىمۇ ئەپسۇس. ماڭا 8-،16-17- پىكىرلەر بەك يارىدى،كېيىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاسلارنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ چىقاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش