14. كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى، كىتابقا تۇتقان پوزىتسيىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش؛ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلرىمىزنى قوللاش ھەم ئۇلارغا تەلەپ قويۇش؛
بۇلتۇر قۇمۇل شەھىرىگە مەلۇم بىرزۆرۆر مۇناسىۋەت ئىشى بىلەن بارغىنىمىزدا ساھىپخان ئائىلىنىڭ مىھمماندوسلۇقىدىن باشقا كىتاپقا تۇتقان ئالاھىدە پوزىتسىيەسى مەندە ئالاھىدە تەسىر قوزغىدى ھەم ئۇزۇندىن بۇيان ئەتراپىمدىكى كىتاپ ئوقۇمايدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە نىسبەتەن ئاچچىق ئېچىنىشلىرىمنىڭ ئورنىغا كاللامغا بىر ئويغۇنۇش،ئەقىل سالدى.ئۇياقنىڭ ئۈيىدە گەرچە بىرەر ھەپتىدەك تۇرۇپ قالغان بولساقمۇ،ساھىپخاننىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىن تارتىپ خەلقئارا ۋەزىيەتكىچە،داڭلىق يازغۇچى شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالىدىن تارتىپ ھەر بىر ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەھلىللەرگىچە توختىماي سۆزلەپ بېرىشى بىزگە يەتتە كۈننى يەتتە سائەتتەك تېز بىلىندۈرگەن ئىدى.ئۇياقنىڭ بۇنداق بىلىملىكلىگى،سۆزمەنلىكى ئەلۋەتتە كىتاپنى كۆپ ئوقۇغانلىقنىڭ مەھسولى ئىدى.ساھىپخاننىڭ دىيىشىچە ئۇياق مۇشۇ بىر يىلدا ئۆزى ئۈچۈن ھەم باشقىلارغا سوۋغاتلىق ئۈچۈن 5000يۇئەنلىكتەك كىتاپ سېتىۋاپتۇ.(ئۇياق داڭلىق دوختۇر.ئەلۋەتتە ،بىر ئايلىق مۇئاشى ۋە مۇكاپاتىلا بۇ چىقىمغا يىتەرلىك.) بىز قايتىدىغان كۈنى ساھىپخانلار ئائىلە بويىچە بىزنى پويىز ئىستانىسىغا ئۇزۇتۇپ چىقتى.قوللىرىدا بىزگە بىر مۇنچە يوللۇق ،يوللۇقلار ئىچىدە بىر يۈرۈش قۇمۇل پاسونىدا رەشىلىيە قىلىپ ئىشلەنگەن ياستۇق،يوتقان تېشىدىن باشقا بىر دالاي كىتاپلار.................. كىتاپخۇمارلىقىم سەۋەبىدىن پويىزغا چىقىپلا بۇ كىتاپلارنى بىرياندىن تەكشۈرۈپ ئۈلگۈردۇم،كىتاپلارنىڭ بىرىنچى بېتىگە ئايرىم -ئايرىم
ئىسىملىرىمىزنى يېزىپ سوۋغاتلىق سۈپىتىدە ساھىپخاننىڭ ئىمزاسى ،يىل،ئاي،كۈن ۋاقىتلىرى يىزىلغان ئىدى.شۇ چاغ بەك ھاياجانلاندىم،ئەسلى كىتاپ دىگەننى مىھماندارچىلىقلاردىمۇ ئۆز ئارا سوۋغا قىلىشسا بىر چىرايلىق بولىدىكەنغۇ مانا.
يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئەتراپىمدىكى دوسلۇرۇمنىڭ،تۇققانلىرىمنىڭ خاتىرلىنىشكە تىگىشلىك كۈنلىرىدە كىتاپ سوۋغا قىلىشنى ئادىتىمگە ئايلاندۇردۇم.تۇغۇلغان كۈندىن باشقا نۇرغۇن پۇل بىلەن يوقلاپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن ئەنئەنىلەرنى بۇزۇپ كىتاپ بىلەن يوقلىسىڭىز تېىخمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن .ھەم بۇ ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە كىتاپ مەدىنىيىتى تاقىتىشنىڭ ياخشى بىر پۇرسىتى ئىكەن.مەسىلەن:يېڭى تۇققان دوستىڭىزنى بالىلارنى قانداق تەربىيلەش توغرىسىدىكى كىتاپ بىلەن قوشۇمچە قىلىپ تۇغۇلغۇچىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىن تارتىپ يەتتە ياشقا توشقىچە بولغان ئىشلارنى خاتىرلەيدىغان ،سۈرەتلىرىنى چاپلايدىغان مەزموندىكى كىتاپنى(بۇ توغرۇلۇق بەك ياخشى كىتاپلار باركەن ھازىر ) سوۋغا قىلسىڭىز،ئاغرىپ ياتاقتا يېتىپ قالغان دوستىڭىز ئۈچۈن ،ئۈزىنى قانداق كۈتۈش،قانداق ئاسراش توغرىسىدىكى كىتاپلارنى،توي خاتىرە كۈنى بولغان دوسلار ئۈچۈن بەخىتلىك ئائىلىنى قانداق قۇرۇپ چىققىلى ،پەرزەنتلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى تەربىيلەپ چىققىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كىتاپلارنى،دوسلۇرىڭىزنىڭ بالىلىرى ئالى مەكـتەپكە ياكى سىرتقا ئوقۇشقا ماڭغاندا لوغەت كىتاپلار ياكى بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ياخشى ھىكايە رومانلارنى سوۋغا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.ئىشقىلىپ نۇقۇل پۇل قۇيۇپلا يوقلايدىغان نۇرغۇن يوقلاشلارنىڭ ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلار بىلەن يوقلايدىغان ئادەتنى كېڭەيتەلىسەك بۇنىڭ مىللىتىمىزگە بېرىدىغان بىھىساپ پايدىسىنى پۇلغا سۇندۇرغىلى بولمايدۇ ،ئەلۋەتتە.
ياخشى كىتاپ ،ياخشى بىر مەكتەپ.ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە كىتاپنىڭ ئادەم تەربىيلەش رولىغا سەل قارالغانلىقتىن كىتاپ ئوقۇش پائالىيىتى ئوموميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنالمايۋاتىدۇ.بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئىزدىنىشىم:باشقا مىللەتلەر ئىجاد قىلغان نۇرغۇن بايراملارنى تۇيۇپ-تۇيمايلا شۇنداق ئاسان ئۆزلەشتۇرۇپ قوبۇل قىلىۋاتىمىز .ئاتىلار بايرىمى،ئانىلار بايرىمى ،ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى،مىننەتدارلىق بايرىمى ................دىگەندەك.ئەمما ئۆزىمىزمۇ نىمىشقا مىللىتىمىزگە پايدىلىق بىر قىسىم بايراملارنى ئىجاد قىلمايمىز ھەم ئەمىلىلەشتۇرمەيمىز.
ئەگەر شۇنداق بىر پۇرسەت يارالسا ،بىزمۇ ئىلتىماس قىلىپ ،مەلۇم بىر ئەھمىيەتلىك كۈننى تاللاپ ئۇيغۇرلاردا< كىتاپ سوۋغا قىلىش بايرىمى> نى ئەمىللەشتۈرسەك،بۇ كۈنى ئۇيغۇرچە كىتاپخانىلاردا تولۇپ كەتكەن ئادەملەر قايناق بازاردەك ئاۋات بوپ كەتسە،بالىلارنىڭ قوللىرىدا ھەر خىل كىتاپلار،يۈزلىرىدە شادلىق كۈلكىسى...........بۇ بايرامدىن نەچچە كۈن بورۇن ئۇيغۇرچە نەشىرياتلار ئالدىراش بوپ كەتسە، توم-توم كىتاپلارنى بېسىپ ئۈلگۈرتەلمەي قالمايلى دەپ كىتاپ سوۋغا قىلىش بايرىمى كۈنىگە،يەنە داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزمۇ كىچىلىرى ئۇخلىماي رومانلىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى يېزىپ كەتسە ،بۇ يىلقى بايرامغا ئۈلگۈرتۈپ بازارغا سالىمەن،ئىمزاسىنى نەق مەيداندىن سېتىۋالغۇچىلارغا ئۆزەم قۇيۇپ بېرىمەن دەپ...................
ۋاي توۋا ،ئاخىرقى قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا بىر خىل ھۇزۇرلىنىپ كەتتىما ،ئۆزەمنى راستلا شۇنداق قايناق كىتاپ بازىرىدا ئالدىراش كىتاپ سېتىۋېلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ [s:2]
