| سايرام بازارلىق يېڭباغ مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلار مەكتىۋىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ پەرزەنىت تەربىيسىگە ئەھمىيەت بىرەيلى (لىكسىيە سۆزلىەۈچى:تۇرغۇن مامۇت) ھەرقانداق بىر ئاتا- ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ساغلام ،ئەقىللىق ،ئىقدىدارلىق چوڭ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ .لېكىن ئۆيدىكى ھىساۋات تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دىگەندەك كۆپ ھاللاردا ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ .ھازىر بالىلاردا كۆرۈلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاتا- ئانىلارنى گاڭگىرتىپ ،قانداق تەدبىر بەلگىلەشنى بىلەلمەسلىكمۇ ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ.تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا %80 ئاتا- ئانىلار بالىنى قانداق قىلغاندا ياخشى تەربىلىگۈلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ ،بەزىلەر ئۇرۇش تىللاشتەك تەن جازاسىنى تەربىلەشنىڭ ئۇسۇلى قىلۋالغاچقا ئاتا- ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسۈتىۋاتىدۇ . مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى ،ئۆزۈمنىڭ پەرزەنت تەربىلەشتىكى تەجىربەمنى يەكۈنلىگەن ۋاقتىمدا شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى : پەرزەنت تەربىيسىدە ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتكە كۆرسۈتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ،ئاتا- ئانا پەرزەنت يۈزى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىنى تەربىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ،پەرزەنتىگە كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك . ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە توغرا بولغان ئائىلە تەربىيسى بىلىمىنى بېرىش ئۈچۈن چوقۇم كەسپلەشكەن ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بويىچە تەربىلىنىش كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن : 1. ئاتا- ئانا بولغۇچى ئاۋال ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك .چۈنكى ئىدىيە ھەركەتكە قوماندانلىق قىلدۇ .ئىدىيە ئۆزگەرمىسە سىرتقى ئامىل قانچە كۈچلۈك بولىشىدىن قەتتى نەزەر ئۈنىمى يۇقۇرى بولمايدۇ. 2.ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك . كەسپلەشكەن ئائىلە تەربىيىسى بىلىمى دىسە نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بۇ پەننى بىز ئۈگەنمىگەن دىيىشى مۈمكىن ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ،ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى تەربىلەشكە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن . ئەمىلىيەتتە پەرزەنت تەربىلەشتە ھەممە ئاتا- ئانا ئوخشاش بىر پەللىدە تۇرۇۋاتىمىز ھەمىمىمىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ھىسىياتى ۋە تەجىربىمىزگە ئاساسەن پەرزەنت تەربىلەۋاتىمىز .گەرچە بۇ ئۇسۇلىرىمىز ئىلمىي بولمىسىمۇ ئەگەر بىز بۇ خىل ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئازراق كۈچ سەرپ قىلساقلا پەرزەنت تەربىيىسىدە بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز 3..ئاتا- ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى بالىلارنىڭ يامان ئادەت يېتىلدۈرىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قېلىنىۋاتقاندەك بۇ خىل پاكىتنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك . 4..ئاتا- ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولىشى بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرىشىگە تەسىر كۆرسۈتىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك 5..پەرزەنت تەربىيسىدىكى مەسۇليىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆز مەسۇليىتىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك . 6. پەرزەنت تەربىيىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا قارىتا چۈشەنچىنى ئايدىڭلاشتۈرۈش كېرەك ئائىلە تەربىيىسى بارلىق تەربىيەنىڭ ئاساسىي بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نىشانىمىز بالىلىرىمىزنى ئالدى بىلەن ئادەم قىلىپ تەربىلىشىمىز ،ئاندىن تالانت ئىگىسى قىلىپ تەربىلىشىمىز بەكمۇ زۆرۇر .ئادەم قىلىپ تەربىلەش ۋەزىپىسىنى ئاتا- ئانىلار ،تالانت ئىگىسى قىلىپ تەربىلەش مەسىلىسىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك مەسۇليەت مانا مۇشۇنداق ئېنىق ئايرىلغاندىلا ئاندىن پەرزەنتىمىزنى ئەتراپلىق تەربىلەش نىشانىغا يېتەلەيمىز يىغىنچاقلىغاندا ئاتا- ئانىلارنىڭ كەسپلەشكەن ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بويىچە تەربىلىنىش : بىرىنچىسى شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجى،ئىككىنچىدىن بىر ئائىلىنىڭ ئناقلىقىنىڭ ئېھتىياجى ئۇچىنچىدىن مەكتەپنىڭ ئېھتىياجى.شۇڭا ئاتا- ئانىلارنى كەسپلەشكەن ئائىلە تەربىيىسى بىلىملىرى بىلەن تەربىلىنىش بەكمۇ زورۇر بۇ مەن سىز ۋە باشقىلار كۆڭۈل بولمىسە بولمايدىغان مۇھىم تېما . ئائىلە تەربىيىسىدە يېڭىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ جەھەتتە تەربىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرەيلى
|
|