كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 1

ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خىزمەتلەردە ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئەخلاقى تەربىيەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ، تەلىم–تەربىيە ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
    مەمەت ئابلىز ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ئەخلاق–پەزىلىتى ، مول بىلىمى ، مۇلايىم پوزىتسىيسى ئارقىلىق مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ياخشى ئوبراز تىكلىدى ؛ باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشلاردا ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە كۆرسەتتى ؛ مەكتەپنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ھەم يېتەكچى ، ھەم ئەمەلىيەتچى بولدى ؛ ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چۆكۈشنى دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇردى؛ ئوقۇتۇش ، بىخەتەرلىك ، تازىلىق ، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدە ۋاقىت ، ئورۇن ۋە بۆلەكلەر بويىچە مەسئولىيەتنى سۈرۈشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،مەسئولىيەتنى ئېنىق ئەمەلىيلەشتۈردى.   مەمەت ئابلىز مەكتەپنىڭ ۋە پۈتۈن يېزىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇپ ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئارخپ ماتېرىياللىرىنى تەلەپكە لايىق ئىشلەپ ، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋېلىشىقا ياخشى يېتەكچىلىك قىلغاندىن باشقا ، مەكتەپ بىلەن يېزىلىق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ، كەنت كومىتېتىنىڭ ئالاقىسىنى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتتى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى» نى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ، رەھبەرلەرنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» گە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى . ئۇ ، مەكتەپتىكى ھەرقايسى بۆلۈم ئىشخانا ، سىنىپلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، «ئىككى ئاساسەن» نى يولغا قويۇش ، مۇستەھكەملەش ، ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ قاتلام سۈرۈشتۈرۇپ ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملىدى ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى . ئۇ ، مەكتەپنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بەردى. ئالاقىدار ئورۇن ۋە رەھبەرلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن قىزغىن قوللىشى ، مەمەت ئابلىزنىڭ كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىزچىل تىرىشىشى ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . يېزىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدىكى تەجىرىبە ۋە نەتىجىلىرى ناھىيە ، ۋىلايەت ، ئاپتونوم رايون بويىچە ياخشى باھالارغا ئېرىشتى ؛ ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى بۇلتۇر 5–ئايدا مەكتەپنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەكشۈرگەندە «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇندىن باشقا ، مەمەت ئابلىز ئاساسىي مائارىپ بىلەن كەسپىي –تېخنىكا مائارىپىنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇشنى ئېگىزيەر يېزىسنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى سۈپتىدە چىڭ تۇتۇپ ، يېزىنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كەسپلەردىن ياغاچچىلىق ، تامچىلىق ، تىككۈچىلىك ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ، كەشتىچىلىك قاتارلىق 6 خىل كەسپ تۈرى بويىچە مەكتەپتە ھەر يىلى 40 دىن 50 گىچە ئوقۇغۇچىنى ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، يېزىنىڭ كەسپىي–تېخنىكا مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.    ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك مەمەت ئابلىز مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە ئاساسەن، كۆپ قېتىم ناھىيە ، يېزا ۋە مەكتەپ تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى››، ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› دېگەندەك ھەرخىل ناملاردا مۇكاپاتلاندى ۋە تەقدىرلەندى . ئۇ ، مەسئۇل بولغان مەكتەپمۇ بىر قېتىم قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە «ئۆسمۇر بالىلارنىڭ ئۆز–ئارا ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەش پائالىيىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ»، 14 قېتىم ناھىيە ، يېزا بويىچە «پارتىيە قۇرۇلۇشدىكى ئىلغار مەكتەپ»، «يېشىللاشقان مەكتەپ»، «شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىشتىكى ئىلغار مەكتەپ »، «تىنچ –ئامان مەكتەپ »، ‹‹ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى››، ‹‹ئىككى ئاساسەن ئارخپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› قاتارلىق نۇرغۇن شان – شەرەپلەرگە ئېرىشىپ تەقدىرلەندى .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-13 12:04:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئېسىل گەپ ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مىللىي مائارپىمىز تولىمۇ كىشى تونىغىسىز كىرسقا دۇچ كەلمەكتە ... بۇمۇ دەل ھوقۇق ۋە پۇل پەرەسلىك كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم نادان باشقۇرغۇچى خادىملىرىمىزنىڭ تۆھپىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇشنى چۈشەنمەيدىغان ، تەربىيەلەش دېگەن نېمە ؟ ئوقۇتقۇچى روھى ( ئۇستاز روھى ) بۇ ئۇقۇم پەقەتلا بىر قېتىم ئاڭلىۋالغان ، يۈرىكى ئېيچىشمايدىغان بىر قىسىم نادانلىرىمىزنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن سەبىي ئۈمۈدۋار كەلگۈسى ئۈمۈدلىرىمىز جەمئىيەتكە ئېچبىر نىمىنى چۈشەنمىگەن ھالدا قەدەم قويىۋاتىدۇ ... بۇ جەمئىيەت قانداق جەمئىيەت ؟ ... بىز شۇنداقلا تۈگۈشۈپ كىتەرمىزمۇ ؟ ... مائارىپىز شۇنداق بىر ئۇچۇم پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ نومۇسسىز ئالقانلىرىدا قاچانغىچە چەيلىنەر ... ھەقىقىي ئۇستاز روھىغا مۇناسىپ بولغان ئوت يۈرەكلىرىمىز قاچانمۇ ئەركىن نەپەسلەر بىلەن كەلەۈسى ئۈمۈدلىرىمىزگە ھەقىقىي جان تەسەددۇق يورۇق ھەقىقەت دۇردانىلىرى ئارقىلىق يۇرۇغلۇق ھاسىل قىلار ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش