| يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە
مىرەخمەت مامۇت
ۋاقىت چۆلىدە ئۈزىۋاتقان ھايات ئارزۇ مەشئىلىگە ئوت ياققاندا ئۆلگەن ئۆلمىگەن جانلار ئۆزىنىڭ مۇساپىسىنى تاپالماي ئاھ ئۇرغاندا سېنىڭ سايەڭ مېنىڭ سايەمنى ئىزدەپ ئازاپنىڭ خاتىمىسىگە كىرىش سۆز يازغاندا ئازاپقا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇيغۇ ھەسرەتلىرىڭنى خاتىرلىمەك بولۇپ قولىنى ساڭا سۇنىدۇ يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە .
|
|