| قارغا بېغىشلاپ
كۆزۈم سېنى كۆرۈشتىن قورقىدۇ چېچىم ساڭا قونۇشتىن . لېۋىم سېنى سۆيۈشتىن قورقىدۇ مەڭزىم ساڭا يېپىنىشتىن . پۇتۇم سېنىڭ مىجىشلىرىڭدە ئېزىلگەن قولۇم مۇزلاشلىرىڭدا تىترىگەن ...
ئاقلىقىڭدىن گۇمان قىلىمەن پاكلىقىمغا ئوخشىتىپ سېنى . دېكابىردا قارايمەن يولۇڭغا خىيال قىلىپ چۈشلىرىمدەك تۆكۈلىشىڭنى .
سىزىمەن تۇپراقنىڭ مەڭزىگە چېچەكلىگەن غۇلاچلىرىڭنى . كېچىلەردىن چىقىمەن ئاستا سېغىنىپ خۇشبۇي ھىدىڭنى . 2014-يىلى 10-دېكابىر ئۆز ئىجادىيتىم
|
|